wisal stuido
ئېتىقاد ۋە ئېتىقادسىزلىق


ئېتىقاد ۋە ئېتىقادسىزلىق


دولان تەرجىمىسى
 

2013-يىلى11-ئاينىڭ 27-كۈنى، تېڭشۈن تور مۇنبېرى قورۇلغانلېقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو ئېيتىدۇرلەركى » مۇلاھىزىسى بېيجىڭدە ئۆتكۈزىلدى. ئاتاقلىق ئالىم پروفېسسۇر يى جوڭتىئەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆتمۇشى، بۈگۈنى ۋەكەلگۈسى » دېگەن مەخسۇس تېمىدا نوتۇق سۆزلىدى، پروفېسسۇر يى جوڭتىئەن « نۆۋەتتە دۇنيادىكى توقۇنىشلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت توقۇنىشى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق توقۇنۇش غەرپ مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا بولىۋاتىدۇ، بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو چوقۇم باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىز كېرەك » دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە زامانىۋى غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەۋزەللىكنى ئىگىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مۇكەممەل دىنىي ئېتىقادى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئېتىقادنىڭ بىر مىللەتنىڭ يادرولىق قىممەت قاراشى سىستېمىسىغا ئايلانغانلىقى ئىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئېتىقاد كەمچىل بولۇپلا قالماي بەلكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېتىقادى پۈتۈنلەي پراگماتىزىم ( سۇيئىستېمالچىلىق ) قا تولغان ئىكەن. بازار ئىگىلىكىگە كېرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىدا غايەت زورئۆزگۈرىش بولسىمۇ بىراق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولغاچقا، جەمئىيەتتە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ۋە ھېچقانداق قىممەت قارىشى بولماسلىقتەك بىرقاتار مەسىلە پەيدا بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگودىكى ئۆزگېرىش مەدەنىيەت ياكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى ئۆزگېرىش بولىشى كېرەك ئىكەن. يى پروفېسسۇرنىڭ نوتۇقىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

يىجوڭتىئەن: پېقىرغا مۇشۇنداق سۆزلەش سورىنى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىڭلارغا ناھايىتى رەخمەت،نۆۋەتتە دۇنيادا كۆپ خىل مەدەنىيەت ساقلانغان بولسىمۇ بىراق پەقەت غەرپ، ئىسلام ۋەجۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت 3چوڭ مەدەنىيەت دۇنياۋېيلىققا ئىگە، جۇڭخۇامەدەنىيىتى 1-ئەۋلات مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىسلام مەدەنىيىتى 2-ئەۋلات مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، غەرپنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى 3-ئەۋلات مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

جۇڭخۇامەدەنىيىتى « ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرماقتا »
ھازىر ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بولغىنى غەرپ مەدەنىيىتى، ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقىنى جۇڭخۇامەدەنىيىتىدۇر، بۇنداق ئەھۋالدا بىز تەپەككۇر قىلىدىغان مەسىلە ئىككى؛ بىرىنچىسى باشقىلارنىڭ ئەۋزەللىكى نېمە؟ئىككىنچىسى بىزنىڭ يېتەرسىزلىكىمىز نېمە؟

دۇنياۋى 3چوڭ مەدەنىيەتكە سېلىشتۇرساق شۇ نەرسە ئېنىققى، غەرپنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئېتىقاد ئۈستىگە قورۇلغان مەدەنىيەت، ئەلۋەتتە غەرپنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى خرېستىئان مەدەنىيىتىگە تەڭ ئەمەس. بىز ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى 1-قېتىم تۈزۈلگەندە ئالاھىدە بولغان بىر ماددىنىڭ بارلىقىنى بېلىمىز، ئۇ بولسىمۇ « پارلامېنت دۆلەت دىننى بېكىتىدىغان قانۇن چىقارسا بولمايدۇ » دېگەندىن ئىبارەت، بىراق غەرپنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى خرېستىئان دىنىي مەدەنىيىتى ۋە پروتېستانت دىنىي مەدەنىيىتى ئاساسىغا قورۇلغان. ئىسلام دىنىي مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ گەپكەتمەيدۇ، بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى تەڭرىگە چوقۇنىدۇ، يەھۇدى دىنىمۇ ھەم شۇنداق. خرېستىئان دىنىي مەدەنىيىتى، ئىسلام دىنىي مەدەنىيىتى ۋە يەھۇدى دىنىي مەدەنىيىتى دۇنيادىكى بىر خۇدالىق ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتتۇر. يەھۇدىلار ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ بەندىسى دەپ قارايدۇ، يەھۇدى دىنىدىكى بۇخىل ئېتىقاد، ۋەتىندىن مەھرۇم قېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىكى بىرلىككە كەلگەن ئېتىقاد ئاخىرىدا ئۆز ۋەتەننى ۋە ئىبراي تىلىنى قايتا تېپىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەكسىچە ئۆز ۋەتىندىن مەھرۇم بولغان نۇرغۇن مىللەتلەرتارخ سەھنىسىدىن ئىزدېرەكسىز غايىپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدى دىننى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى دەيمىز. بىراق يەھۇدى دىننىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، يەھۇدىلار پەقەت ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ بەندىسى دەپ قارىغاچقا دۇنياۋى دىن بولمىقى بەسى مۇشكىل. ئىسلام دىنى بولسا ئاساسلىقى ئىككى ئۇقۇمنى تەكىتلەيدۇ، بىرى ئالاھىدە مېھرىبانلىق، يەنە بىرى ئومۇمىيۈزلىك مېھرىبانلىق. ئالاھىدە مېھرىبانلىق دېگەن ھەرقانداق بىر قەۋېمگەمېھرى-شەپقەت قىلىشنى تەكىتلىسە، ئومۇميۈزلىك مېھرىبانلىق دېگەن ئاللانىڭ بارلىق بەندىسىگە مېھرى-شەپقەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. نۆۋەتتىكى غەرپ مەدەنىيىتىدە كاتولىكدىنىي ئەقىدىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، بىراق كاتولىك دىننىڭ ئىنسانلارغا مېھرى-شەپقەتقىلىش دېگەن ئەقىدىسى كەڭ ئومۇملاشقان.

خەنزۇ مەدەنىيىتى ئېتىقادى يوق مەدەنىيەت
جۇڭخۇامەدەنىيىتى ياكى توغرىسىنى ئېيىتقاندا خەنزۇ مەدەنىيىتىدە ئېتىقاد بولمىغان، دىنىي ئەقىدە بولمىغان مەدەنىيەت. دىن دېگەن نېمە؟ دىن دېگەن مۇكەممەل بولغان دىنىي ئېتىقاد سىستېمىسى، شۇنداقلا ھەركەت مىزانى ۋە قائىدە-يوسۇن ئۆلچىمىدىن ئىبارەت،ئۇ ئىنسانلارنىڭ روھى تۆۋرىكى. ئېتىقاد دېگەن نېمە؟ ئېتىقاد دېگەن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان، مەڭگۈ تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئىشەنچى. ئالايلۇق ئىلىم-پەننىڭ مەلۇم ھەقىقىتىگە ئىشەنسىڭىز، بۇ تەبىئى قانۇنىيەت ھەرگىز ئېتىقاد ئەمەس؛ ئەخلاقنىڭ مەلۇم مىزانلىرىغا ئېشەنسىڭىز، بۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى ھەرگىز ئېتىقاد ئەمەس.

مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە بېكىتكەندە، خەنزۇ مىللىتىدە ئېتىقاد بارمۇ؟ جاۋاب شۇكى قەتئى ئېتىقاد يوق. سەۋەبى بىرىنچىدىن خەنزۇلاردا تەبىئەتتىن ھالقىغان مۇستەھكەم ئېتىقادمەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ئىنساننىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋائانا توغرىسىدىكى رىۋايەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئالەم-زېمىننى تەڭرى ئەمەس پەنگۇ ياراتتى، ئىنساننى نۈۋا ياراتتى دېگەندەك، لىكىن بولار تەڭرى ئەمەس. خەنزۇلادا ياراتقۇچى ئىلاھ قارىشى يوق بولغاچقا ئاخىر زامان قارىشىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، باقى دۇنيا چۈشەنچىسى تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئېتىقادسىزلاردۇرمىز. بىزدە ئەشەنچ قىلىدېغان نەرسە بارمۇ-يوق؟ بار ئۇ بولسىمۇ بۇتقا ئىشىنىشتۇر. بىراق مىللىتىمىزنىڭ بۇ نەرسىلەرگە ئىشىنىشى پەقەت پراگماتىزىمدىن ئىبارەت، ئالايلۇق يېزىلاردىكى بۇت تەكچىسىگە شەپقەتچى بۇتساتۋا، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئەجدانىدېگەنلەرنى تىزىۋالىدۇ، ئۇندىن باشقا « پىشقەدەم پرولېيتاريات ئىنقىلاپچىسى »دېگەنلەرنى چاپلىۋالىدۇ. كۆپخىل نەرسىگە ئېتىقاد قىلىش بولسا ئېتىقادسىزلىق، ھەممەنەرسىگە ئىشىنىش دېگەنلىك ھېچنەرسىگە ئىشەنمەسلىككە باراۋەر. بىز پراگماتىزىمغا چوقۇنىمىز، بىز چوقۇندىغان نەرسىلەر بەككۆپ، يەنە كېلىپ بۇ ئىلاھلارنىڭمۇ خىزمەت تەقسىماتى ئايرىم-ئايرىم. بۇخىل ھەركەتنى ئېتىقاد دېگىلى بولسۇنمۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىيدىلىكى شۇكى ئىلاھ بولسىمۇ بېراق دىن يوق، چوقۇنىش بولسىمۇ بېراق ئېتىقاد يوق. بۇخىل ئالاھىدىلىك غەربىي جۇ بەگلىكىدىن باشلانغان، چۈنكى غەربى جۇ بەگلىكى مەدەنىيىتىمىزدىكى « ئادەمنى ئاساس قىلىش،دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش » قا ئاساس سالغان. بۇخىل مەدەنىيەت سىستېمىسى گەرچە چۈنچۇ بەگلىكىدىن ئورۇشقاق بەگلىكى ھەمدە چىن ۋە خەن سۇلالىسىنىڭدۆلەت تۈزۇلمىسىنىڭ تۇرغۇزىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق بەزىنەرسىلەر پەقەت ئۆزگەرمىدى، مەسىلەن ئائىلە ۋە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىگى ھەمدەئەجداتقا چوقۇنىش ئۆزگەرمىدى. مۇشۇنداق سىستېمىدا بىزدە تەبىئەتتىن ھالقىغان مەڭگۈتەۋرەنمەس ئېتىقاد ھەرگىز ئاپىرىدە بولمايدۇ.

بىز نېمىگە تايىنىپ بۈگۈنگە كەلدۇق؟
ئەمەلىيەتتە بىر مىللەت ياكى بىرخىل دىن بولسۇن، پەقەت ئېتىقادلا ئۇنىڭ يادرولىق قىممەت قارىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ئالايلۇق مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك،باراۋەرلىك قاتارلىقلار، بۇنىڭغا ئىسلام دىنىدىكى مېھرىبانلىق-شەپقەت قىلىش دېگەنلەر ئۆرنەك بولالايدۇ. يادرولىق قىممەت قارىشىنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەڭرىنىڭ نامى بىلەن ئېيتىلسا، ئېتىقاد مەنىسىگە ئىگە بولىدۇ، ئېتىقاد يادرولىق قىممەت قارىشىدا كەم بولسا بولمايدۇ.

نۆۋەتتە بىز دۇچ كەلگەن مەسىلە نېمە؟ پېقىر ۋۇسى ئەپەندىنىڭ قارىشىنى قوللايمەن، خەن سۇلالىسىدىن شىنخەي ئىنقىلاۋېغىچە، بىزنىڭ يادرولىق قىممەت قارىشىمىز ئۈچ ئەركانبەش ئەھكام ئوردا بىلەن ئاۋامنىڭ ئورتاق تونۇشى بولدى، پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە سىنىپىي كۆرەش ئوردا بىلەن ئاۋامنىڭ ئورتاق تونىشى بولدى. قەدىمدىن مېنگو دەۋرىگىچە ئىقتىسادىي ئاساسىمىزدا ھېچقانچە ئۆزگېرىش بولمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كوڭزى ئەخلاقى خۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىمۇ ئىزچىل رول ئوينىدى، نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى باسقۇچىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان قىممەت قارىشى بولمىغاچقا،جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى بازار ئىگىلىكىنىڭ يادرولىق قىممەت قارىشى قىلدۇق، لىكىن بىز ھەقىقى قىممەت قارىشىنى تاپالمىدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولدى؟جۇڭگو ئىقتىسادى مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئورنى يوقۇرى كۆتۈرىلدى، بىراق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى گۇمران بولدى.ساختىلىق ئالەمنى قاپلاپ، يۇندا ياغ، زەھەرلىك كاپسۇل، زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى،زەھەرلىك مانتا، چېرىكلىك، پۇلغا چوقۇنىش، ئاۋامنى تالان-تاراج قىلىش....دېگەنلەريامراپ ئاپەتكە ئايلاندى. بۇخىل ھالەتتى « قاۋۇل-تىمەن بولساقمۇ، ھاڭۋاقتىغا ئايلاندۇق، ئىنساپ-دېيانەت بولمىغاچ، ھەر قەدەمدە باپلاندۇق » دەپ سۈرەتلەشكەبولىدۇ.
كەمىنە 5يىلدىن 8 يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 36 توملۇق « يى جوڭتىئەننىڭ جۇڭخۇا تارىخى »نى يېزىپ چىقىشقا بەلباغلىدىم، بۇ كىتاپ بىر مەسىلىگە يەنى 3600 يىلدىن بۇيان بىزنىڭ تەقدىرىمىز ۋە تاللىشىمىز توغرىسىدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىدۇ، پېقىرنىڭ يوقۇردا سۆزلىگەنلىرى ئەشۇ كىتاپنىڭ كېرىش سۆزىنىڭ بىر قىسمى، ئاۋال سىللەرنىڭ تەپەككۇرىڭلارغا سۇنغاچ تۇراي. كۆپچىلىككە رەخمەت!

بۇ يازمىنىڭ خىتايچە ئەسلى مەنبەسى: 

http://www.21ccom.net/articles/sxwh/shsc/article_2013112996199.html
 

مەنبە: باغداش مۇنبىرى



كۆرۈلۈشى: 1552 \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-24
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: