سوقراتنىڭ قايىل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن.... (تەبلىغ مىتودلىرى)


سوقراتنىڭ قايىل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن


مۇتەپەككۇرلار كىشىلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىكىدىن قايىل بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ چوڭ بىر پەن ۋە ئالاھىدە چوڭ سەنئەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى «ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئىنىستتوتى»نىڭ قۇرغۇچىسى دېئىل كارنىك « كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟» ناملىق ئەسىرىنىڭ «سوقراتنىڭ قايىل قىلىش ئۇسۇلى» دېگەن بابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش مۇمكىن بولغان بەزى ماھارەتلەردىن مەھرۇم ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرۈشكە ئورۇنمىغان بۇ ماھارەتنىڭ تىگىدە كىشىلەرنى سىللىقلىق بىلەن ئۆز رەيىگە كۆندۈرۈشنىڭ سىرلىرى ياتماقتا. دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ سوقرات بۇ ماۋزۇدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

بىرىنچىسى: كىشىلەرنىڭ خاتالىقىغا ئۇلارنى «خاتالاشتىڭىز» دېمەستىن تۈزىتىش بېرىش.
بىراۋ سىزنىڭ يۈزڭىزگە «خاتالاشتىڭىز» دېسە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ياخشى بولمايدۇ، چوقۇم راھەتسىز بولىسىز، بۇ سۆز سىزگە ئۇرۇلغان مۇشتىنمۇ قاتتىق تېگىدۇ. بۇ ئومۇمىي ئىنسان تەبىئىتى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، سىز قارشى تەرەپكە «سىز خاتالاشتىڭىز» دېگەن سۆزنى ئوچۇقلا ئېيتقىنىڭىزدا ئۇنىڭدىن نېمىنى كۈتمەكچىسىز؟ تەبىئىيكى، ئۇنىڭدىن ئىجابىي قوبۇلنى ئالالمايسىز. چۈنكى مۇنداق سۆز ئۇنىڭ تۈكىنى تەتۈرگە ئۆرۈپ قويىدۇ ۋە ئۇنى خاتالىقتا چىڭ تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. يەنە سىز بىراۋغا «بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى قەتئى قىلماسلىقىڭىز لازىم. چۈنكى مۇنداق دېيىش «سىزدىن مەن ئەقىللىقمەن، سىز بىلمىگەن نەرسىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن» دېگەنلىك بولۇپ، قارشى تەرەپنى راھەتسىز قىلىدىغان سەلبى ئۇسلۇبتۇر. ئىش بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجرالار چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى سىز كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشىنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتەلمەيسىز، پەقەت چىرايلىق قايىل قىلىش ئۇسۇلى بىلەنلا ئۆزگەرتەلەيسىز. ئىنسان شۇنداق مەۋجۇداتكى، ئۆزىدىكى ھەر قانداق بىر ئادەت ياكى كەمچىلىكنى بەزىدە ئۆزلىكىدىن ئۆزگەرتىپ كېتەلەيدۇ. ئەمما ئىنسان باشقىلار تەرىپىدىن خاتالاشتۇرۇلغاندا ياكى «سىز خاتالىشىۋاتىسىز» دېيىلگەندە، ئۇنىڭ ئۆز كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرۇش كۈچى بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە تېخىمۇ مەھكەم تۇرىۋالىدۇ. شۇڭا پەيلاسوپلاردىن بىرى ئوغلىغا:« باشقىلاردىن كۆپ ھېكمەتلىك بول، بىراق ئۆزۈڭنىڭ ھېكمەتلىك ئىكەنلىكىڭنى باشقىلارغا ئېيتما» دېگەن ئىكەن.

ئىككىنچىسى: قارشى تەرەپنىڭ خاتا پىكرىگە چىرايلىق ئۇسلۇب بىلەن تۈزىتىش بېرىش.
بىراۋ سىزگە خاتا بىر پىكىرنى ئېيتسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئېيتماڭ. بەلكى «ياخشى، ئۇنداقتا مېنىڭمۇ بىر پىكرىم بار، بەلكى خاتالاشقان بولىشىم مۇمكىن، قېنى ئېيتىپ باقاي، خاتا بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىز، چۈنكى مەن كۆپرەك خاتالىشىپ قالىمەن» دەپ سۆز باشلاڭ. مۇنداق قىلىش بىر سېھىر بولۇپ، ئۇنىڭ سېھىر كۈچى بىلەن قارشى تەرىپىڭىزدىكى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىردىنلا ئۆزىڭىزگە قارىتىۋالالايسىز. نەتىجىدە، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يۈزىنى قىزارتماستىنلا تونۇپ يېتىپ، سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنى ۋە باشقىچە پىكرىڭىزنى ئۆزلىكىدىن قايىللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرىقى جۈملىدىكى «مەن كۆپرەك خاتالىشىپ قالىمەن» دېگەن سۆز ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلىنى خۇددى چىراقتەك پارلىتىشقا ۋە ئۇنى قايىل قىلىشقا يېتەرلىك. ئەكسىچە، «سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا ئەمەس» ياكى «مەن توغرىسىنى ئېيتىپ بېرەي» دېگەنگە ئوخشىغان ئىبارىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ سەلبى سۆزلەر بولۇپ، ئىجابىي نەتىجە بېرىشتىن ئەلۋەتتە يىراقتۇر. چۈنكى مۇنداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپ سىزنىڭ توغرا پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ.

ئۈچىنچىسى: خاتالىقنى دادىل ئېتىراپ قىلىش.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھامان قارشى تەرەپتىكىسى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، سىزگە بولغان كۆز قاراشلار سەلبىيلىكتىن ئىجابىيلىققا دەرھال ئۆزگىرىدۇ-دە، قارشى تەرەپ سىزنى تەقدىرلىغۇسى كېلىدۇ ۋە سىزگە قايىل بولىدۇ. بەلكى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ خاتالاشقان تەرەپلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىپ تاشلايدۇ. چۈنكى « ئۆزخاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش پەزىلەتتۇر» دەيدىغان ھېكمەت بار. سىز خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەنسىز، بارلىق مۇنازىرىلەر، تالاش-تارتىشلار ئۆزلىكىدىن توختاپ قالغان ۋە سىزگە قارشى بىلەنگەن چىشلار ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى ئادەم بالىسى چوقۇم خاتالىشىدۇ. مەسىلە خاتالىشىشتا ئەمەس، بەلكى خاتالىقنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا. خاتالىق ئېتىراپ قىلىنغان ئىكەن، مەسىلە ھەل بولدى دېگەنلىك.»
مەنبە: ئۇندىدار سەھىپىلىرى



كۆرۈلۈشى: 2555 \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-26
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ئىخلاسمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28
ۋىسال ئاكا بۇلار سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28
ئەسلىدە تەبلىغ مىتودلىرى مۇشۇنداق بۇلۇش كېرەك ئىدى. بىزنىڭ بەزى بۇرادەرلىرىمىز ئۆزىنى خۇددى جەڭ مەيدانىدا ئويلاپ قالامدىكىن، توردا مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئىنكاس يېزىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ. ۋىسال بۇرادەر بۇ ئەسەرگە تەبلىغ مىتودلىرى دەپ بەكمۇ جايىدا ماۋزۇ قويۇپتۇ. بولسا مۇشۇنداق مەزمۇنلاردا كۆپرەك ئەسەر ئېلان قىلىنىپ تۇرسا. ئاللاھ ۋىسالىڭلارغا يەتكۈزسۇن. ئامىن
يازغۇچى: كۆزئەينەكسىز \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28
ھەقىقەتەن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز كۆپىنچە ‹مۇسۇلمانلىق غورۇرى› ئۈستۈن كېلىپ ،مۇسۇلمانچە بولمىغان يولدا كىشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ.نەچچە يىل بۇرۇن بۇھەقتە بىر ئىش ماڭا ھەقىقەتەن تەسىر قىلغان ئىدى،تەخمىنەن 3-4يىل بۇرۇن مىسرانىم تورىدا بىرى ئۈرۈمچىدە نېمە بولدى دېگەندەك بىر تېما يېزىپ ،كۈزىتىشىمچە نەچچە يىل بېرى ئۈرۈمچىدە ئورۇنىدىغانلار كۆپيىپ كەتتى،مەن ناماز ئوقۇغۇغانلارنى ھۆرمەتلەيمەن،بىراق بىزنىڭ ئەتلىسىمىز ،گۈزەللىك ئاندىقەي ماندىقەي دەپ ئويلىغانلىرىنى يېزىپتىكەن،ئاستىدا ھەممىسى تىللاشلار،مۇناپىققا ھەتتا كاپىرغا چىقىرىش،تىللاشلار ،پەرھىزلىكىنى تىلغا ئالسىمۇ سېسىق گەپلەرگە ئارىسىدا دەلىل برمەي تىللاپ ئىنكاسقا توشقۇزۋېتىپتىكەن،ئۇ بالىمۇ ئۇنى بۇنى دېيىشىپ تېخىمۇ پىكرىدە چىڭ تۇرۇپتۇ،شۇ چاغدا بىر قىز قېرىندىشىمىز ئالدىرماي بىر مۇبىر ئايەت بويىچە،بىرمۇبىر ئىنكاس بويىچە ئايال كىشنىڭ كىيىنىش ئۆلچەملىرىنى ،پەرھىزلىكنى سىلىق سىپايە چۈشەندۈرۈپ،ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شەخسى قاراشلىرنى نىقاب ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ پىكىرىنى ،ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن ھېلىقى بالىمۇ نەچچە رەھمەت ئېيتىپ ئېيتقىنىغا تۆۋۋە قىلىپ ھەقنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.ئەمەليەتتە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بولۇپمۇ شىمالدىن كەلگەن قېرىنداشلار نىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن مۇھىت جەھەتتە دىننى تەرەپلەر كەمچىل ،شۇڭلاشقا ھەم ھەقنى تونۇشقىمۇ پۇرسەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن،شەخسەن مەنمۇ تولۇق ئورتا چىققۇچە جۈمەگە كىرىپ باقمىغان،ھەتتا لېچەكلىك خانىملارنى كۆرۈپ باقمىغان(ئەمما قەلبىمدە خېلىلا ئىمانىم بار ئىدى )،ئەمما اللاغا شۈكۈركى ئوقۇغىنىم كۆپەيگەنسىرى ھەقنى تونۇشقا نىسىپ بولدى،مېنىڭچە بەزى قېرىنداشلارنى ئاۋال تاغۇت،دېموكرات دەپ تىللاشتىن بۇرۇن ئاۋال ئىسلامدىكى ھاكىميەت چۈشەنچىسىنى چۈشەندۈرەيلى،ئىسلامدا ھاكىميەكە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەي خەقنى سەن ئىسلاغا قارشى بولدۇڭ ،ئۇنى تاشلا دىننى ھاكىميەتكە كېلىمىزدېسە كاللىسىغا خەقنىڭ تەشۋىقاتى بويىچە دېكتاتور،ئۆلتۈرىدىغان،ساۋاتسىز ئىلىمسىز ،ئىلىم-پەنگە قارشى بىرئۇقۇم كېلىدۇ ،قېنى تېخى ھېچكىم ھاكىميەتتە ئەمەس چېغىمىزدا ھەقنى چىرايلىق چۈشەندۈرەيلى.
يازغۇچى: ئادالەت بار يەردە زىدىيەت بولمايدۇ \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

مەن ۋىسالنى خېلىدىن بېرى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئادەتتە خېلى ئېغىر، نازۇك مەسىلىلەرنى قورقماي ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەن ئاپلا، ئەمدى قاتتىق زىدىيەت، جىدەل-ماجىرا كىلىپ چىقىدىغان بولدى، دەپ ئەندىشە قىلىپ قالىمەن. قارىسام ۋىسال شۇنچىلىك پاراسەت، ئۇستىلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مەسىلىنى ھەممە تەرەپ قايىل بولىدىغان شەكىلدە ھەل قىلىپ، مەسىلىنى ئاياقلاشتۇرىۋالىدۇ. ھەقىقەتەن ئىلىملىك بولۇش ۋە ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈشمۇ بىر قابىليەت ئىكەن. مەن ۋىسال ئەپەندىنىڭ تەپەككۈر قۇۋۋىتىگە بەكمۇ ھەيران قالدىم. تەپەككۈر ئېڭى بەك كۈچۈك ئىكەن. تەشۋىقات ساھالىرىمىزدە مۇشۇنداق ھەم ئىلىمى بار، ھەم قەلەم قۇۋۋىتى بار، ھەم تەپەككۈر ئېڭى كۈچلۈك، ھەمدە دىنىي ۋە زىيالىي ساھەلىرىدىن ئوبدان خەۋىرى بار قېرىنداشلار كۆپرەك بولسا نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

ئەستەغفىرۇللاھ.. مېنىڭ ھېچقانداق تۈزۈك تالانت، قابىلىيىتىم يوق. ئارتۇقچىلىقىدىن كەمچىلىكى كۆپ بىر ئاجىز بەندىمەن. پەقەت ئىلىمگە ھەۋەس قىلدىغان، بىلگەنلىرىمنى ھېچكىمنىڭ تاپا-تەنىسدىن قورقماي، پەقەت اللە رىزالىقىدىن كۈچ ئېلىپ سۆزلەيدىغان تەرىپىم بار. ھەقنى دوست خاپا بولۇپ قالامدىكىن، دۇشمەن زۇلۇم قىلامدىكىن دەپ ئەندىشە قىلماي دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىمەن. ھېچكىم بىلەن پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىم بولمىغاچقا. يەڭ ئاستىدىن سودىلاشمىغاچقا، بەلكىم بۇ مېنىڭ ھەقنى ھەق دەپ دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقاندۇ. يەنە بىر جەھەتتە ھەقنى سۆزلىگەندە زەربە بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت ئەمەس، چۈشەندۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىم، ئىسلامنىڭ بۇنچىلىك كۆپ دۈشمەنلىرىنىڭ ئىچىدە بىر دۈشمەن يەنە كۆپەيتىلۋالماسلىقنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن يازغان سۆزلىرىمگە ئالاھىيدە دىققەت قىلىمەن. اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن ئۆز ۋاقتىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تەبلىغ جامائەتىگە ئارىلىشىپ ئۇلاردىن خېلى جىق ئۇسلۇپ كۆرگەن ئىدىم. كېيىن باشقا دۆلەتلەردە ئىسلامنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كېيىن تەبلىغ جامائىتىنىڭ بەزى ئېتىقادىي خاتالىقلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى ياشاش ۋە چۈشەندۈرۈشتىكى ئەخلاقىي پەزىلىتى، يۇمشاق خۇي-مۇلايىملىقى ماڭا ئۆز ۋاقتىدا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەنمىكىن، ھازىرقى تەبلىغ خىزمىتىمدە شۇلارنىڭ مىتودىنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىمەن. ئۆزەم ئېتىقادىي جەھەتتە سەلەفىي سالىھين ئېتىقادىدا ۋە سەلەفىي مۇسۇلمانلار بىلەن كۆپ ئارىلاشساممۇ، يەنىلا تۈركىيەدە تەبلىغ جامائىتى بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بەزىدە ۋاقىت تاپسام ئۇلارنىڭ 3 كۈنلۈك، ھەپتىلىك تەبلىغ سەپەرلىرىگە قاتنىشىپ، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسىنى، ئىسلامغا قايىل قىلىش مىتودىنى، مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزە ئۇسلۇبلىرىنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزەمنىڭ ۋىسالدىكى خىزمىتىدە تەدبىقلاشقا تىرىشىۋاتىمەن.

يازغۇچى: مىراس \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28
بارىكاللاھ ۋىسال ئاكا. سىزدىكى ھەم سەلەفىيلەردەك دادىل، كەسكىن، ھەم سوپىلاردەك يۇمشاق، تەمكىن ئۇسلۇبنىڭ سىرىنى ئەمدى بىلىۋالدۇق. ئاللاھ خىزمەتلىرىڭىزنى مىللىتىمىزگە بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن. ئامىن
يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28
ۋىسال ئاكىمىز توغرا دەيدۇ. لەغمەننىمۇ ئۇستا ئاشپەزنىڭ قولىدا يىسە تەملىك بولغاندەك، دىننىي خىزمەتنىمۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى ئۇسلۇبىغا چۈشۈرۈپ قىلسا پايدىسى بۇلىدۇ. ھازىر دىنىمىز بەزىبىر چالا موللىچاقلارنىڭ سەۋەبىدىن خاتا چۈشۈنۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ. بەزىلىرى ھەممە ئىشقا قارشى تۇرۇپ بەك قاتتىق تۇرۇۋېلىپ، بەزىلىرى ھەممە ئىشقا ماقۇل دەپ بەك يۇمشاق تۇرۇۋېلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. شۇڭا دىنىي خىزمەت قىلىۋاتقان بۇرادەرلەر مۇشۇ تەبلىغ مىتودىنى، كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئۇسۇل، قائىدىلىرىدىن مەخسۇس دەرس كۆرسە ياخشى بۇلاتتى.
يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28
ۋىسال بۇرادەر ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپسىز. ئاللاھ رازى بولسۇن، ئاللاھ ۋىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. ئامىن
يازغۇچى: سەلەفىي سالىھىن \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

ۋىسال ئاكا مەن شۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم. سىلى قانداق قىلىپ ئىككى زىت قۇتۇب بولغان سەلەفىيلەر بىلەن سوپىلار ئارىسىغا بۇنچىلىك سىڭىپ كىتەلىدىڭىز؟  ھەر ئىككى جامائەتنىڭ سىلىنىڭ پىكىرلىرىڭىزگە بولغان مۇئامىلىسى قانداق بولدى؟ ئاڭلىسام ھەم سوپىلاردىن، ھەم سەلەفىيلەردىن ئۆيلىنىپسىز. قانداقسىگە بۇ ئىككى جامائەتنى ئۆيلىنەلەيدىغان دەرىجىدە بۇنچىلىك ئۆزىڭىزگە قايىل قىلالىدىڭىز؟  بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسلا بوپتىكەن. اللە ئەجرلىرىنى بەرسۇن. امين

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

مەن ئەمەلىي جەھەتتە ياشاش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىم. بىز سەلەفىيلەرنىڭ ھازىر كەتكۈزۈپ قويىۋاتقان تەرەپلىرىمىزنىڭ بىرسى كاپىر، تاغۇت ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئادەتتىكى نادان خەلققە تۇتقان پوزىتسىيەمىزنى تەڭشىيەلمەيۋاتىمىز. بۇنىڭدا كۆپلىگەن ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن بىرگە بىن بازنىڭ، ئەلبانىينىڭ كۆپ خاتالىقى بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ. ئەسلىدە تاغۇت ھۆكۈمەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان سەلەفىي ھەرىكەتنى، بىن باز ۋە ئەلبانىي پەقەت سوپىلار بىلەن، نادان خەلقلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان بىر سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئەلبانىينىڭ ھەدىس ئىلمىگە ھۆرمەت قىلساقمۇ، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئۇسلۇبىغا ئالدىراپ ئەگەشمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى. سەلەفىي ھەرىكەت ئەسلىدىكى مىنھەجىي بويىچە ئاۋۋال كاپىر ، تاغۇت ھۆكۈمەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، ئاندىن نادان، جاھىل، ئاۋام خەلق بىلەن، سوپىلار بىلەن ھەپىلەشكەن بولسا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بۇلاتتى. ئەمما سەئۇدىينىڭ ساراي موللىلىرى ۋە ئەلبانىي گويا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ، ئۇستاز مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھابنىڭ پۈتۈن ھاياتى پەقەت سوپىلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەندەكلا كۆرسىتپ، سەلەفىي ھەرىكەتنى كاپىر، تاغۇت، مۇشرىك ھۆكۈمەتلەرگە قارشى ئەسلى مىنھەجىدىن ئازدۇرىۋەتتى. مەن چېچەنىستان جىھادىدا سەلەفىي خەتتاب بىلەن سوپى شامىل باسايىۋنىڭ بىر-بىرى بىلەن شۇنداق چىقىشىپ ئۆتۈپ، جىھادقا ھېچقانداق ئىچكى زىدىيەت ئارىلاشتۇرماستىن مۇۋاپىقىيەت بىلەن رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، جىھادقا قاتناشقان تۈرك مۇجاھىيدلاردىن بۇ ھەقتە سۇئال سورىغىنىمدا شۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى: «ئەلبانىينىڭ سەلەفىيلىكى چېچەنىستاندا ئىشلىمەيدۇ. ئەلبانىي ئىئوردانىيەنىڭ تاغۇت پادىشاھى مەلىك ھۇسەيىننىڭ جىنازە نامىزىنى ئوقۇپ ۋە تاغۇتنى ماختايدىغان سۆزلەرنى قىلغاندىن بېرى، ئىئوردانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان خەتتاب سەلەفىيلەرگە بۇ توغرىلىق ناھايىتى تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، سەلەفىيلەرنى قايىل قىلدى. ھازىر چېچەنىستاندا سەلەفىي بولسۇن، سوپى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ پەقەت بىرلا دۈشمىنى بار، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا كاپىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تاغۇت غالچىلىرى». ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

... مەن بۇ سۆزدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەن ئىدىم ۋە خەتتابنىڭ سەلەفىيلەر بىلەن سوپىلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى قانداق بىتەرەپ قىلغانلىقىغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىپ، جىھادقا قاتناشقان تۈرك مۇسۇلمانلاردىن ۋە چېچەنىستان جىھادى ھەققىدە چىققان كىتاب، ئەسەر، ماتېرىياللاردىن ئىزدەندىم. ئۆزەممۇ تۈركىيەدە سوپىلار ۋە سەلەفىيلەر بىلەن بولغان كۈندىلىك ھاياتىمدىكى مۇناسىۋەتلىرىمدە خەتتابنىڭ مىتودلىرىنى تەدبىقلاپ سىناپ باقتىم. نەتىجىدە خېلىلا مۇۋاپىقىيەت قازاندىم. بۇجەرياندا بېشىمدىن ئۆتكەن بەزى سەزگۈرەشتىلىرىمنى مىساللار بىلەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتسەم:
1) بىر قېتىم سەلەفىي ئەخىيلەر بىلەن مەسجىد ئىزدەپ قالدۇق. چۈنكى سەلەفىيلەر يېڭى مەسجىدلەرنىڭ دەھرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن خەلقنى بىخوتلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەرەزلىك ياسالغان، ئۇيەردە اللەنىڭ ئايەتلىرى ئەمەس، دىيانەت (خىيانەت) ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قەغەزگە يېزىپ بەرگەن خۇتبىسى ئوقۇلىدۇ، مەسجىدنىڭ تېمىغا ۋە ھويلىسىغا دەھرى جۇمھۇرىيەتنىڭ قىزىل بايرىقىنى ئېسىۋالىدۇ، ھەمدە مەسجىدلەر بانكىلارنىڭ پۇللىرى بىلەن، ئۆسۈم بىلەن سىلىنغان، دەپ جۇمھۇرىيەتتىن كېيىن سېلىنغان مەسجىدلەردە ناماز ئوقىمايتتى. قارىسام ئىش مەسجىد تاپالمىدۇق، نامازنى ئۆيگە بارغاندا جەم قىلىپ ئوقۇيلىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن: «ناماز ۋاقىت بىلەن پەرز قىلىنغان. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ياسىغان مەسجىدكە بارمىساق، ئوسمانىيە ئىسلام خەلىپىلىگى دەۋرىدە ياسالغان جامە، مەسجىدلەرگە بارايلى. ئوسمانىيە ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ مەسجىدلەرنى ئىخلاس بىلەن، سەمىمىي نىيەت بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى خەلىققە خۇتبە قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، شەرىئەتنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك بانكا ئارىلاشمىغان ھالال پۇل، ھالال ماللار بىلەن ياسىغانلىقىغا ھېچكىمنىڭ ئېتىرازى يوققۇ دەيمەن» دېدىم. ھەممىسى ھەئە دەپ بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەسىلىنى زىخمۇ كۆيمەيدىغان، ياغمۇ كۆيمەيدىغان قىلىپ ھەل قىلىپ، نامازنى جەمگە تاشلاپ قويماي، اللەنىڭ پەرز قىلغىنى بويىچە ۋاقتىدا ئوقىۋالدۇق. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

2) باشقا بىر كۈنى جامىدە سەلەفىي قېرىندىشىمىز بىلەن تاھارەت ئېلىۋاتقىنىمىزدا، پايپاققا مەسىھ قىلدى. بۇنى كۆرگەن سەل نېرىدىكى بىر سوپى ئەجەبلىنىپ: سەن قايسى مەزھەبتە؟ دەپ سورىدى. سەلەفىي بۇرادىرىمىز: مېنىڭ مەزھەبىم يوق، مەن سەلەفىي، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى سوپى: ھە، مەن تېخى سېنى مۇسۇلمانمىكىن دەپ قاپتىمەن، دەپ كېتىپ قالدى. مەن سەلەفىي بۇرادەرگە: «ئەخىي! پۇتنى يۇيۇش پەرز، مەسىھ قىلىش سۈننەت. سەن بىر مۇستەھەبنى دەپ بىر مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدۇڭ. ئەسلىدە ئۇ سوپىنىڭ سەندىن سۇئال سورىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا: مەن دىققەت قىلماي قاپتىمەن دەپ، پەرىزدە كۆرسەتكەن بويىچە پۇتىڭنى چىرايلىق يۇيۇپ، سوپى بۇرادەرگە: ئەسلەتكىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت دەپ كۆڭلىنى ياساپ، ئاندىن سىللىق بىر شەكىلدە ھەقنى چۈشەندۈرسەڭ، بەلكى ئۇنىڭ مۇسۇلماننى كاپىر دەپ چۈشۈنۈپ قالغان ئىدىيىسىنى تۈزۈتىشىگە، ھىدايىتىگە ۋەسىلە بولۇپ قالاتتىڭ.» دىسەم، توغرا، ئەسلىدە شۇنداق قىلىشىم كېرەكتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن نامازدىن كېيىن ئاتايىتەن ئۇ سوپىنىڭ مەسجىدتىن چىقىشىنى ساقلاپ تۇرۇپ، چىققاندىن كېيىن: «مۇسۇلمان قېرىندىشىم بىرئاز بۇرۇن تاھارەتخانىدا كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويدۇق، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا جامىنىڭ چايخانىسىدا سىزنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ، كەچۈرۈم سورىۋالساق» دېدىم. سوپى باشتا ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى، كېيىن ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدنىڭ چايخانىسىدا بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق. ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق دۇشمىنى بولغان ئامېرىكىنى، ئىسرائىلىيەنى تىللىدۇق. ئارىدا مەن ئۆزەمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىمنى، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ سوپى بۇرادەر ھە، شۇنداقمۇ، دەپ تېخىمۇ زەڭ قويۇپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلاشقا باشلىدى. مۇشۇنداق قىلىپ ھېچقانداق ئىختىلابلىق مەسىلىلەرنى ئاچماي، بىللە كۈلۈپ، بىللە غەزەبلىنىپ، بىللە دۇئا قىلىپ دىگەندەك خېلى پاراڭلاشتۇق. ئۇ سوپى بۇرادەر بىزنىڭ سەمىمىيەتىمىزگە ئىشىنىپ، بىزنى ئۆزىگە خېلى يېقىن ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ كىشىنى كاپىر قىلمايدىغانلىقى، سۈننەت ئىكەنلىكىنى سۆزنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئۆتتۈم. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى تېلېفۇندىن كۆرسەتتۇق. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

... سوپى بۇرادەر بىزنىڭ بىلەن بولغان سەمىمىي سۆھبەتنىڭ تەسىرىدىن قىلچە ئىتىراز قىلمىدى. قارىسام سوپى بۇرادەر بىزنىڭ سەمىمىيتىمىزدىن تەسىرلىنىپ، خېلى گەپ يەيدىغاندەك بىر پوزىتسىيەدە تۇرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەزھەبسىزلەرنىڭ كاپىر ئەمەسلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ، ساھابىلارنىڭ، تابىئىنلارنىڭ، ھەتتا بىز مەزھەب ئىمامى دەۋالغان تۆت چوڭ ئىمامنىڭمۇ ھېچقانداق مەزھەبى يوقلىقىنى، يۇقىرىدا قېرىندىشىمىز مەن سەلەفىي دىگەندە، ئەسلىدە مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مەزھىبىدە، دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتۇق. سوپى بۇرادەر بۇنىڭغا بىرئاز ھەيران قالغان بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەك شىددەت بىلەن، نەپرەتلىك پوزىتسىيەدە بولۇنمىدى. ھەتتا قىزىقىپ تېخىمۇ جىق سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدى. بىز ئىشنى تەۋھىيدتىن باشلىساق تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمىزدىن بىلگەچكە، سوپى بۇرادەر بىلەن فىقىھ تالاش-تارتىشىغا كىرمەي، سۆھبەتنىڭ ماۋزۇسىنى ئۇستىلىق بىلەن تەۋھىيدكە يۆتكەپ، تەۋھىيد ھەققىدە تەبلىغ قىلدۇق. نەتىجىدە باشتا بىزنى پايپاققا مەسىھ قىلدى دەپ كاپىر چىقارغان سوپى بۇرادەر ئەمدى بىزنى سىلەرنى ماڭا اللە ئۇچراشتۇردى دەپ، يېقىندىن كۆرۈشۈپ تۇرايلى، سىلەر ئىلىم ئەھلى ئىكەنسىلەر، چايخانىدا قۇرۇق ئولتۇرۇپ قالدۇق، مېنىڭ شۇ تەرەپتە ئىنىمنىڭ كاۋاپ دۇكىنى بار، بىزنىڭ ئادىياماننىڭ جىگەر كاۋىپى مەشھۇر دەپ ئۇنىغىنىمىزغا ئۇنىماي بىزنى ئاشخانىسىغا باشلاپ بېرىپ كاۋاپ بىلەن مېھمان قىلدى. ھازىر مازارغا، ماشايىخقا تاۋاپ قىلىشنى تاشلاپ، ئىنىسى بىلەن ئىككىسى بىر چىرايلىق ئەھلى تەۋھىيد مۇسۇلمانلىرى بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

3)  بىر رامىزاندا ئۆيىمدە ئىپتار بەرمەكچى بولدۇم. خانىم ئۇ ۋاقىتلاردا ئېغىر ئاياق ئىدى. مەن ئىپتار بېرىمەن دەپ خانىمنى ئايرىم-ئايرىم ئاۋارە قىلغاندىن سەلەفىي ئەخىيلەر بىلەن سوپى بۇرادەرلەرنى بىللە چاقىرىشنى ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن خەۋەر بېرىپ تەييارلىق قىلدىم. ئىپتارغا ئىككى سائەت قالغاندا بىر سەلەفىي ئەخىي تېلېفۇن قىلىپتۇ. پاراڭ ئارىسىدا گۆشنى نەدىن ئالىدىغانلىقىمنى سوراپ قالدى. شۇ ۋاقىتتا سەلەفىيلەرنىڭ دېموكىراتىيەنى كۇپىر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قاسساپلار سايلامدا دېموكىراتىيەگە ئاۋاز بېرىدۇ، شۇڭا ئىمانىدا شەك بار، ھەتتا كۆپىنچە قاسساپلار بەش ۋاقىت نامازمۇ ئوقىمايدۇ دەپ، مەھەللە، كوچا قاسساپخانىلاردىن ئېلىنغان گۆشلەرنى يىمەيدىغانلىقى، 4-5 سەلەفىي ئائىلە ئورتاقلىشىپ يوغان كالا سېتىۋىلىپ ئۆزلىرى بوغۇزلاپ گۆشلەرنى بۆلىشىدىغانلىقى ئىسىمگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىراشچىلىقتا خانىمغا سورىسام، سەلەفىي مۇسۇلمانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بوغۇزلىغان گۆشنىڭ ئاللىقاچان تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. گۆشسىز تاماق قىلىۋەرسۇن دىسەم، سوپى بۇرادەرلەرگە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، كوچا قاسساپخانىسىدىن ئالغان گۆشنى ئىشلىتىۋېرەي دىسەم، سەلەفىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىخلاسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغۇم كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاتايىتەن بىلىق بازىرىغا بېرىپ بىلىق ئەكەلدىم. ئىپتارغا بىر سائەت قالغاندا ئەكەلگەن بېلىقنى خانىممۇ شۇنداق ئوخشىتىپ پىشۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن اللە تەييار ئۆزى بوغۇزلاپ بەرگەن بىلىق زىياپىتى بىلەن ھەم سوپى بۇرادەرلەرنى، ھەم سەلەفىي ئەخىيلەرنى رازى قىلىپ دۇئاسىنى ئېلىپ ئۇزۇتىۋالدىم. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

4) ئامېرىكا ئېراقنى ئىشغال قىلىۋالغىنىدا، ئامېرىكا ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ ئېراق مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلغان تۈركىيەلىك سەلەفىي مۇسۇلمانلاردىن ئىنتايىن نارازى بولغان شەرەپسىز ئامېرىكا تۈركىيەنى قالايمىقان قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بومبا پارتلىتىپ گۇناھنى سەلەفىيلەرگە ئارتىپ قويدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئەردوغان ئامېرىكىدىن تېخى يېڭى ئىجازەت ئېلىپ ئەمدى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرغان ۋاقىتلار. شۇنىڭ بىلەن ئەردوغاننىڭ ساقچىلىرى نەدە سەلەفىي كۆرسە تۇت - تۇت بولۇپ كەتتى. ئۆزىنى مەن سەلەفىي دىگەنلا كىشى ئەتىسى ئۆزىنى ئەردوغاننىڭ تۈرمىسىدە كۆردى. قارىسام بىزنىڭ ھېچقانداق ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي، يۇۋاش يۈرىدىغان ئەخىيلەرنىڭ بىر قانچىسى ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كاستىيۇم كىيىۋاپتۇ. مەن ھەيران قىلىپ: نېمە بولدى، بۇ نېمە ھالىڭلار؟ ساقالنى چۈشۈرۈپ بەئەينى ئاخلاپ قويغان ياڭيۇغا ئوخشاپ قاپسىلەر، دىسەم، ۋاي سورىما، رەجەپ تاغۇت ئەردوغاننىڭ ساقچىلىرى ھازىر مەن سەلەفىي دىگەننى ئارامىدا قويمايۋاتىدۇ. تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنىڭدىن باشقا ئامال تاپالمىدۇق، اللە بىزنى كەچۈرسۇن، دەيدۇ. مەن ئەتىسى سوپىلارنىڭ ئۇزۇن چاپىنىنى كېيىپ، بېشىمغا سەللىنى يوغان ئوراپ، ئۇزۇن تەسۋىينى قولۇمدا تۇتۇپ يېنىغا بارسام، ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ قالدى. نېمىشقا سوپىلاردەك كېيىنىۋالدىڭ؟ بەئەينى تەرىقەتچى مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قاپسەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن: «سەن ئاۋۋال ئۆزەڭ بىر ئەينەككە قاراپ باققىنە، كىمگە ئوخشاپ قالغىنىڭنى كۆرىسەن. يۈزىڭدە ساقال يوق، ئۇچاڭدا ئامېرىكىنىڭ كاستىيۇمى، بوينىڭدا ئامېرىكىنىڭ تاسمىسى گالىستۇك، ئاستىڭدا كوت (نۇزەيكۇ) ئىشتان، بەئەينى ياۋرۇپا كاپىرلىرىغا ئوخشاپ قاپسەن. ساڭا قارىغاندا مەن بەكرەك مۇسۇلمانغا ئوخشايمەن. يۈزۈمدە رەسۇل اللەنىڭ سۈننىتى  ساقال، ئۇستۈمدە ئەجدادلىرىمىز كېيگەن ئۇزۇن تون، بېشىمدا ئەجدادىمنىڭ سەللىسى بار. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭمۇ ئۇزۇن يەكتەك ۋە سەللە كېيگەنلىكىنى ئىنكارغۇ قىلالمايسەن. يەنە كىلىپ ئەردوغاننىڭ ساقچىلىرى ھېچقاچان سوپىلارغا ئېسىلىۋالمىدى ۋە ئېسىلىۋالمايدۇ. مادامىكى تەدبىر ئۈچۈن دەيسەن، ئۇنداقتا ئامېرىكا كاپىرلىرىغا ئوخشىغاندىن سوپى مۇسۇلمانلارغا ئوخشىساڭ، ھەم ساقال چۈشۈرۈپ ئازابلىنىپ يۈرمەيسەن، ھەم دەھرىلەردەك كېيىنىپ كۈلكىدە قالمايسەن» دېدىم. ..داۋامى<

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

.... مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ كېتىپ: راست دەيسەن، ساقالنى چۈشۈرۈپ بەك ۋىجدان ئازابى تارتىپ كەتتىم. ماڭا بىر سوپىلارنىڭ كىيىمىنى تېپىپ بەرگىن، ئەتىلا كېيىۋالاي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر مەزگىل ئەردوغاننىڭ سەلەفىي مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىش شامىلى ئۆتۈپ كەتكىچىلىك سوپىلارنىڭ كىيىمىنى كېيىپ يۈردى. كىيىممۇ ئۆزىگە بەك يارىشىپ كەتتى. بىر كۈنى چاقچاق قىلىپ: «ماۋۇ ئۇستۇڭدىكى سوپىلارنىڭ كىيىمىگە ھەجەپ يېپىشىۋالدىڭ. بەئەينى مازار تاۋاپ قىلىپ، شەيخىنىڭ قولىنى سۆيىدىغان مۇشرىك سوپىلارغا ئوخشاپ قاپسەن» دىسەم، «كىم مازار تاۋاپ قىلدىكەن؟ بىر كىشى سوپىنىڭ كىيىمىنى كېيىپ قويسىلا سوپى بولۇپ قالمايدۇ. مەن تەۋھىيد ئېتىقادىمدىن قىلچىمۇ ۋاز كەچمىدىم» دەپ جاۋاپ بەردى. يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىر كۈنى ئىستانبۇل دېڭىزىدا كىمىدە كېتىپ بارساق، بىر قانچە سوپى جامائەت كىمىگە چىقىپ بىزنىڭ سەل نېرىمىزدا ئولتۇردى. بىزنىڭ سەلەفىي ئەخىي ماڭا: «مەن بۇرۇن بۇ سوپىلارنى كۆرسەم كۆزۈمگە مۇشرىك كۆرىنەتتى. ئۆتكەنكى شامالدا بىر مەزگىل سوپىلارنىڭ كىيىملىرىنى كېيىپ يۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇنچىلىك يىرگىنىشلىك كىشىلەر ئەمەسلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. كىيىملىرىمۇ شۇنداق راھەت، ئازادە، ئەۋرەتنى پۈتۈنلەي مۇكەممەل يېپىپ تۇرىدىكەن، ئاپتوۋۇز، مىنۇبۇسلاردا نامەھرەم ئاياللار ئالدىراپ يېنىڭدا ئولتۇرۋالمايدىكەن، يەنە كېلىپ ئادەم ئۆزىنى ئۇ كىيىملەرنىڭ ئىچىدە ئەجدادىمىزدەك ھەيۋەتلىك ھېس قىلىدىكەن» دەيدۇ. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

5) سوپى ئايالىم بىلەن يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلار. بىر يەكشەنبە كۈنى ئانىسىنىڭ ئۆيىنى پەتىلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كۈنى بويتاق ۋاقتىمدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدىكى كىتابلىرىمنى ئاغىنە بالىلار يەشىككە قاچىلاپ ئەكىلىپ قويىپتىكەن. كىتابلارنى ئۆزەم يالغۇز ئۆيىمىزنىڭ كىتاب ئىشكاپىغا تىزىپ قويۇپ، ئاخشىمى ئايالىمنى ئالغىلى قېيىن ئانامنىڭ ئۆيىگە كەتتىم. ئەتىسى ئىشتىن كەلسەم، پۈتۈن كىتابلارنى بىزنىڭ سوپى خانىم كىتاب ئىشكاپىدىن ئېلىپ يەرگە تاشلىۋىتىپتۇ. مەن نېمە بولدى؟ دىسەم، ماۋۇ ۋاھابىي كاپىرلارنىڭ كىتابلىرىنى ئەخلەتكە تاشلىۋىتىڭ. بۇنداق ۋاھابىي كاپىرلارنىڭ كىتابلىرى ئۆيدە تۇرسا، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دەيدۇ. ئۇنىڭ ۋاھابىي كاپىرلارنىڭ كىتابى دىگىنى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ كىتابلىرى، ئۇستاز مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھابنىڭ بىر قانچە ئەقائىد كىتابى، سەئىد قۇتۇبنىڭ فى زىلال قۇرئان تەپسىرى، مەۋدۇدىينىڭ بىر قانچە كىتابى ئىدى. مەن: بۇلارنىڭغۇ ۋاھابىي دەيسەن، ماۋۇ مەۋدۇدىينىڭ كىتابىنى نېمىشقا تاشلايسەن، مەۋدۇدىي سەلەفىي ئەمەس، ساڭا ئوخشاش ھەنەفىي مەزھەبىدە، دىسەم، مەۋدۇدىي دارۇل ھەرىبچى ئىكەن، شەيخىمىز شۇنداق دىگەن، دەيدۇ. يەردە چېچىلىپ ياتقان كىتابلارنى كۆرۈپ ئاچچىقىم غۇژژىدە كەلدى. خوتۇن كىشى دىگەننىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا دەپ بىكارغا دىمەپتىكەن دەپ راسا بىر ئۇراي دەپ تۇرىۋېتىپ، يەنە ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم. پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «دىن نەسىھەتتۇر» دىگەن ھەدىسىنى ئەسلەپ، ئالدى بىلەن چىرايلىق نەسىھەت قىلاي، ئەگەر يەنىلا كاجلىق قىلىپ شەيخىم مۇنداق دىگەن دەپ تۇرۋالسا، ئاندىن ساڭا شەيخىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش پەرىزمۇ ياكى ئېرىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش پەرىزمۇ؟ دەپ تازا ئەدىبىنى بېرەي، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن: ئەتىگەندىن بېرى كىتاب تاشلاپ، ئۆيىمىزنى پەرىشتە كىرىدىغان ھالغا كەلتۈرىمەن دەپ خېلى چارچاپمۇ قالغانسەن. بۇ ھارغۇن ھالىڭ بىلەن تاماق ئەتكىن دەپ سېنى ئاۋارە قىلماي، كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەيلى. دىسەم، ماقۇل دەپ خوشال بولۇپ كەتتى. ياخشى بىر رېستۇراندا كەچلىك تاماق يېگەندىن كېيىن، تېخى ۋاقىت بالدۇر ئىكەن، خالىساڭ دېڭىز بويىغا بېرىپ ئايلىنىپ كىلەيلى، دىسەم، ۋاي ماقۇل دەپ شۇنداق خوشال بولۇپ ئالدىمغا چۈشۈپ ماڭدى. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

... دېڭىز بويىدا گۇلچى قىزلار گۇل سېتىپ تۇرۇپتىكەن، پۇلىنى قىممەت كۆرمەي بىر تۇتام گۇل ئېلىپ بەرسەم، خوشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا تاس قالدى. شۇنداق قىلىپ كۆڭلىنى خوشال، كەيپىنى چاغ قىلىپ ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكىرىپ شۇنى دېدىم: سەنمۇ يىللاردىن بېرى مەدرىسىدە ئوقىغان، قۇرئاننى پۈتۈنلەي يادقا ئېلىپ بولغان بىر ئىلىم ئەھلى قىزسەن. ئەمدى سەندىن شۇنى سوراپ باقاي: بىر كىشى قانداق قىلسا دىندىن چىقىپ كاپىر بولىدۇ؟ دىسەم، ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام دىسە، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن: سەن ئىبنى تەيمىيەنى، مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھابنى، سەيىد قۇتۇبنى كاپىر دېدىڭ. ھالبۇكى مەن ئۇلارنى مۇسۇلمان، ھەتتا ئۈممەتنىڭ مۆتىۋەر ئۇستاز، ئۆلىمالىرى دەپ بىلىمەن. سەن بۇ كىتابلىرىنى يەرگە تاشلىۋەتكەن ئۆلىمالار نېمىشقا كاپىر؟ قايسى ھالالنى ھارام دەپتۇ، ماڭا دەپ بېرەمسەن، بەلكىم مەن خاتا بىلىدىغانمەن، ماڭا ياردەمچى بولغىن، دىسەم، ماقۇل، ئەمما ھازىر ئىسىمدە يوق، شەيخىمىز شۇنداق دىگەن ئىدى، مەن شەيخىمىزدىن سوراپ جاۋاب بېرەي دەيدۇ. مەن: ساڭا بىر ھەپتە مۆھلەت بېرەي. بىر ھەپتىگىچە بۇ كىتابلار مۇشۇنداق يەردە قالسۇن، دېدىم. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق دەيدۇ: شەيخىمدىن سورىدۇم. ئىبنى تەيمىييە اللە ئاسماندا دەيدىكەن، اللەقا ماكان ئىسناد قىلغانلىقى ئۈچۈن كاپىر دەيدىكەنمىز، دەيدۇ. مەن: شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا سەندىن شۇنى سوراپ باقاي، پەيغەمبىرىمىز مىراجتا نەگە چىقتى؟ دىسەم، ئاسمانغا چىقتى، دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبىرىمىز ئاسمانغا نېمە دەپ چىقتى؟ دەپ سورىسام، اللە بىلەن كۆرۈشكىلى، دەپ جاۋاب بېرىپ بولۇپ ئۆزىنىڭ جاۋابىدىن ئۆزى ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدى. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

مەن: ئۆزەڭنىڭ جاۋابىڭدىن ئۆزەڭ قورقما. اللەنىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكىگە قۇرئاندىمۇ دەلىللەر بار. اللە شۇنداق دەيدۇ:
أأمنتم من في السماء أن يخسف بكم الأرض فإذا هي تمور﴿١٦﴾ أم أمنتم من في السماء أن يرسل عليكم حاصبا ۖ فستعلمون كيف نذير﴿١٧﴾ 
ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟ (16) ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر(17) - مۈلك سۈرىسى 16-17-ئايەتلەر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام باشقا بىر ھەدىسىدە شۇنداق دەيدۇ: اللە كىچىنىڭ ئۈچتىن بېرىدە بىرىنچى قات ئاسمانغا چۈشۈپ، ماڭا دۇئا قىلغان بەندىلىرىمنىڭ دۇئاسىنى قۇبۇل قىلمەن، دەيدۇ. - بۇخارىي. مانا يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە جانابىي اللە ئۆزىنى مەن ئاسماندا دەپ تەرىپلىگەن، ئۇنداقتا بىزمۇ شۇنداق ئىمان ئېيتىشىمىز كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ، دىسەم، ئەلۋەتتە شۇنداق، دەپ جاۋاب بەردى. مەن يەنە پەقەت ئىبنى تەيمىييەلا ئەمەس، پۈتۈن ساھابىلەر، تابىئىنلار، ھەتتا تۆت مەزھەب ئىماملىرىمۇ مۇشۇنداق ئېتىقاد قىلىدۇ. اللەقا ماكان ئىسناد قىلىنمايدۇ دەپ پەقەت ئىمام ماتۇرىدىي دەيدۇ. بۇ ماتۇرىدىينىڭ شەخسىي كۆزقارىشى، ئىتىبار قىلىنمايدۇ، دېدىم. قارىسام خانىم ئايەت-ھەدىسلەردىن خېلىلا يۇمشاۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ: «سېنىڭمۇ دىنىي ئېلىمىڭ بار بولغاندىن كېيىن باشقىلاردىن سوراپ ئاۋارە بولغىچە، ئىبنى تەيمىيەنىڭ كىتابلىرىنى ئۆزەڭلا ئوقۇپ نەدە خاتالىشىپتۇ، تېپىپ چىقمامسەن. مەن ئوقۇپ تاپالمىدىم، بەلكىم سەن تاپارسەن، كۈندۈزلىرى ۋاقتىڭمۇ بار » دېدىم. ماقۇل، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىبنى تەيمىيەنىڭ خاتالىقىنى تېپىش ئۈچۈن، ئىبنى تەيمىيەنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا چۈشۈپ كەتتى. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قارىسام، پۈتۈن كىتابلارنى پاكىز سۈرتۈپ، كىتاب ئىشكاۋىغا چىرايلىق تىزىپ قويۇپتۇ. مەن: كىتابلارنى تىزىپ قويۇپسەنغۇ، ۋاھابىي كاپىرلارنىڭ كىتابى بار دەپ، ئۆيىمىزگە پەرىشتە كىرمەي تۇرمىسۇن يەنە، دىسەم، ئادەمنى خىجىل قىلماڭە، دەپ قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى...

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-28

خۇلاسە: ئۆزەمنىڭ تۈركىيەدىكى دىنىي جامائەتلەرگە ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا ئۇچراشقان بۇنىڭدەك ئىشلارنى سۆزلەپ كەلسەم يەنە نۇرغۇن ۋەقەلىكلەرنى مىسال كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن. مېنىڭ پۈتۈن بۇ سەزگۇرەشتىلىرىمدىن چىقارغان خۇلاسەم: دىنىمىزنى تەبلىغ قىلغاندا سەمىمىي ۋە مۇلايىم بولغاندا، باشقىلارنى كەمسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەتلا اللە رىزالىقى ئۈچۈن ھىدايىتىگە ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن نىيەت قىلغاندا، ھەرقانچە زىت قۇتۇبلۇق ئىنسانلار بولسىمۇ، سىزنىڭ چىرايلىق ئەخلاقىڭىزدىن، سەمىمىي، مۇلايىم، خۇشخۇي مۇئامىلىڭىزدىن چوقۇم تەسىرلىنىدىكەن.

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-29
ۋىسال ئاكا يەنە ئاجايىپ ئىسىل يېزىۋىتىپسىزغۇ. نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. اللە ئىلمىڭىزنى ئۈممىتىمىزگە خەيرلىك قىلسۇن. امين
يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-29

ۋىسال بۇرادەر ئالامەت يېزىۋىتىپلا جۇما. ئىلىملىرى ۋە قەلەملىرىگە ھەيران قالدىم. مۇشۇندا كاۋاپما كۆيمەيدىغان، زىقخما كۆيمەيدىغان ئىشنى قىلالىغان بولساق خېلى جىق ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپ كىتەتتى. خەير سىېلىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتاڭلىغا رەھمەت. بىزنىڭ ئۇيغۇردا زادى تالانت بار، شۇ كۇمۇلۇپ قالغاننىڭلا يېرى بار. خۇدا سىلىگە ئۆزى ئەجر بەرگەي. ئامىن

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-29

ۋىسال ئاكا ئىنتايىن مەزمۇنلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىپسىز. اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. مېنىڭ سىلىدىن شۇنى سوراپ باققۇم بار. مۇشۇ قايىل قىلىش مەسىلىسىدە سەلەفىيلەر بىلەن سوپىلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسىنى ئاسان قايىل قىلغىلى بۇلىدىكەن؟

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-29

مېنىڭ كۈزۈتۈشۈمچە سەلەفىيلەرنى سوپىلارغا قارىغاندا ئاسان قايىل قىلغىلى بۇلىدىكەن. چۈنكى سەلەفىيلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئارىغا ۋاسىتە قويماي ئۇدۇل قۇبۇل قىلغاچقا، ئايەت ۋە سەھىھ سۈننەتتىن دەلىل كەلتۈرەلىسىڭىزلا، سەلەفىيلەرنى ئاسان قايىل قىلغىلى بۇلىدىكەن. ئەمما سوپىلار ئۆزى بىلەن قۇرئان ۋە سۈننەت ئارىسىغا ۋاسىتە قويىۋالغاچقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئايەت ۋە ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرسىڭىزمۇ، «شەيخىم بۇ ئايەت، ھەدىسلەرنى بىلمەي قالامتى» دەپ جاھىللىق قىلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا سوپىلارنى قايىل قىلىشتا ئايەت-ھەدىسنىڭ يېنىغا بىرئاز ئىجتىمائىي يېقىن مۇناسىۋەت قوشۇشقا توغرا كىلىدۇ. سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزگە ئىشىنىپ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق مىھرىڭىزدىن تەسىرلەنسە، ئاندىن سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىققان ئايەت-ھەدىسلەردىن تەسىرلىنىدۇ.

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-29

«سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزگە ئىشىنىپ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق مىھرىڭىزدىن تەسىرلەنسە، ئاندىن سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىققان ئايەت-ھەدىسلەردىن تەسىرلىنىدۇ.» ماۋۇ سۆزنى بەكمۇ جايىدا سۆزلىدىلە ۋىسال ئاكا. ھازىر بىزنىڭ بۇرادەرلەرنىڭ دەۋەت-تەبلىغ خىزمەتلىرىدە كەتكۈزۈپ قويىۋاتقان ئەجەللىك ئاجىزلىق تەرىپى دەل مۇشۇ.

يازغۇچى: رىسالەئىي نۇر سەۋداسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-30

مەن ۋىسال ئەپەندىنىڭ قايىل قىلىش ماھارىتىگە بەك ھەيران قالدىم. دۇكان ئاچقان بولسا سودىسى بەك يۈرۈشۈپ كېتەتتى. خېرىدار دىگەننى قايىل قىلىپ خېلى-خېلى سودىلارنى پۈتتۈرىۋىتەتتى. ئادەم قايىل قىلىشمۇ تىجارەتتە بىر قابىلىيەت.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-30

ئۇكام ۋىسالنى دۇكانغا ئوخشىتىۋالدىڭىز، بوپتۇ كۆڭلىڭىز. سەئىد نۇرسىنىڭ بىر سۆزى بار ئىكەن: بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچىسى خاپا ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. نېمە بولدى؟ دەپ سورىسا، پالانچى يەردە دىنىي تەبلىغ قىلغانتىم، ئەمما ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىماي مېنى قوغلىۋەتتى، ئەمدى ئىككىنچى ئۇيەرگە بارمايمەن، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئىد نۇرسى ئۇنىڭغا: سەن دۇكىنىڭدا خېرىدارغا مال ساتقاندا قانداق ساتىسەن؟ خېرىدار مېلىڭنى ياقتۇرۇشى ۋە ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈلۈپ خۇش مۇئامىلە قىلىسەن، بىر مېلىڭنى ياقتۇرمىسا، يەنە بىر مېلىڭنى كۆرسىتىسەن، خېرىدار تەكرار-تەكرار سورىسىمۇ زېرىكمەي، تېرىكمەي چۈشەندۇرىسەن، ئەگەر خېرىدار مال ئالمىسا، قايسى مالغا ئېھتىياجى بارلىقىنى سوراپ، ئەتە ئۇمالنى دۇكانغا سالىسەن، ۋە خېرىدارنى مەمنۇن قىلىپ، مېلىڭنى ساتىسەن. شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىسا، بازاردا دۇكان ئاچىدىغان ئوقۇغۇچىسى: ھەئە شۇنداق، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇنداقتا اللەنىڭ تىجارىتىنى سېنىڭ تىجارىتىڭدىن تېخىمۇ ئاسان ۋە قەدىرسىز دەپ ئويلامسەن؟ اللەنىڭ كىتابى قۇرئاننى مىللەتنىڭ ياقتۇرىشىغا، قۇبۇل قىلىشغا ۋە ئېلىشىغا قايىل قىلىش سېنىڭ مېلىڭنى ئېلىشىقا قايىل قىلىشىڭدىنمۇ ئەھمىيەتسىزمۇ؟ ئەگەر بۇگۈن سېنىڭ مېلىڭنى يەنى ناماز ئايىتىنى ئالمىغان بولسا، ئەتە روزا ئايىتى بىلەن تەكرار ئالدىغا بار، ئەگەر ئۇنىمۇ ئېلىشنى خالىمىسا، ئۆگۈنلۈككە زاكات ئايىتى بىلەن ئالدىغا بار. تاكى قۇرئاندىن بىر ئايەتنى ئېلىشقا قايىل بولغانغا قەدەر زېرىكمەي، تېرىكمەي، ئاچچىقلانماي، ۋاز كەچمەي، خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئالدىغا تەكرار-تەكرار بار» دەپتۇ. گەرچە سەئىد نۇرسىنىڭ ھەممە پىكىرىگە، كۆزقاراشلىرىغا قوشۇلمىساممۇ، بۇ پىكىرى ماڭا بەك ياقىدۇ. ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەبلىغى ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولىشى كېرەك. ئەلۋەتتە شۇنىڭغىمۇ ئالاھىيدە دىققەت قىلىش كېرەك، ھەممە خېرىدارغا مال ساتىمەن دەپ دۇكانغا ھارام مالنى قويماسلىق كېرەك. نۇرچىلار سەئىد نۇرسىنىڭ بۇ نەسىھەتىنى خاتا چۈشىنىۋالغاچقا، دۇكانغا ھالال، ھارام پەرقلەندۇرمەي ھەممە مالنى قويىۋېلىپ، ھارام ئارىلاشقان تىجارەتتە بەرىكەت تاپالماي، قۇرئانغا ئەمەس، شەيتانغا خىزمەت قىلىدىغان، ئىسلامغا ئەمەس، ئامېرىكىغا خىزمەت قىلدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-30

ۋىسال ئاكا يۇقىرىدا سەلەفىي، سوپى سېلىشتۇرماسى ھەققىدە يازغانلىرىڭىزدىن شۇنى چۈشەندىم. سەلەفىيلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئىلىم كېرەككەن، سوپىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن دوستلۇق كېرەككەن.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-30

مېنىڭ سەلەفىي قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم، بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلىلەردە بەك قاتتىق تۇرىۋالىدىغان يېرىمىز بار. بەزىدە قاتتىق نەرسىنى بەزىلەر مىخ قىلىپ ئاسان تامغا قېقىۋالىدۇ، قالپاق كىيدۈرۈپ قويىدۇ. ئېتىقادىمىزدا، تەۋھىيدنى ھۆكۈمران قىلىش ئەقىدىمىزدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ھەرگىز تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە قۇرئان ۋە سۈننەت روخسەت قىلغان دائىرىدە ئەتراپقا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. بىز سەلەفىيلەرنىڭ ئاساسىي ئاجىزلىقىمىز بەك قاتتىق تۇرۇۋېلىپ، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ بىزنى ئاسانلا مىخ قېلىپ بىر يەرگە قېقىۋېلىپ قالپاق كىيىگۈزۈپ قويۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىمىز بولىۋاتىدۇ. بىرئاز سىللىق سوپۇن بولۇشنىمۇ ئويلىشىپ باقساق، يەنى ئاسان قولغا چىقمايدىغان، ئاسان قولدا تۇرمايدىغان، ئاسان تۇتقىلى بولمايدىغان، ئاسان بىر يەرگە قويۇپ قويغىلى بولمايدىغان. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن جامائەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىيدلىكى بار. ئېتىقادىنى ياقتۇرمىساقمۇ، بەزى ئەمەللىرىنى ماقۇل كۆرمىسەكمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ساھادىكى بەزى مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزىمىزنىڭ تەۋھىيدىي پائالىيەتلىرىمىزدە تەدبىقلىساق بولىدۇ. مەسىلەن: سوپىلاردىن سەمىمىي جامائەتلىشىشنى، سۇلايمانچىلاردىن ئادەم تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنى، تەبلىغ جامائىتىدىن يۇمشاقلىق بىلەن ئادەم تەسىرلەندۈرۈپ قايىل قىلىشنى، پارتىيەچىلەردىن ئىجتىمائىي دىپلوماسىيەنى (جەمئىيەتشۇناسلىقنى)، نۇرچىلاردىن قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى، تالانتلىق كىشىلەرنى قانداق بايقاش ۋە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى جامائەتكە قانداق يېقىنلاشتۇرۇشنى، ئى ھا ھا IHHغا ئوخشاش ۋەخپىلەردىن خەلقتىن ئىقتىسادىي ياردەمنى قانداق ئىلىش، كىشىلەرنى ماددىي ياردەم بېرىشكە قانداق رازى قىلىش قاتارلىق ئۇسلۇبلارنى ئۈگەنسەك، بۇ ئىسلام ئېتىقادىدا ھارام بولمايدۇ، سەلەفىي سالىھىين ئەقىدىسىگە زىت كەلمەيدۇ، دەل ئەكىسچە تەۋھىيدنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھۆكۈمران بۇلۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ.

يازغۇچى: ئۇيغۇر \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

ۋىسال بۇرادەرنىڭ بۇ ئىنكاسىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

ۋىسال ئاكا سىلىنىڭ بېشىڭىزدىن كەچۈرگەن تەبلىغ سەزگۈرەشتىلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. بۇنچىلىك زېرەكلىك ھەم ئىلىم بىلەن بېرىلگەن جاۋابلارنى مەن بۇرۇن ھېچقانداق يەردە كۆرمىگەن. بۇرادەرلەر بىلەن ئوقۇپ ھەيران قالدۇق. بولسا بىر قانچە سەزگۈرەشتىلىرىڭىزنى يەنە يازغان بولسىڭىز بوپتىكەن. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي. ئامين.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

مۇھاجىر ئىنىم ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت. ھازىر «تۈركىيە ساياھەت خاتىرىلىرى»، «تۈركىيە زىيارەت ئەسلىمىلىرى» دىگەن مەزمۇندا ماقالە، ئەسەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلنىۋاتىدۇ. قارىسام ھەممىسى دىگۇدەك تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋەياكى ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئىكەن. ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تۈركىيەنىڭ دىنىي مۇھىيتىغا، دىنىي ھاياتىغا، دىنىي مائارىپىغا نىسبەتەن كۈزۈتۈش، تەتقىقات، ئەسلىمە ئەسەرلىرى ئاساسەن يوق ئىكەن. شۇڭا ئۆزەمنىڭ ئەسلىمىلىرىمنى چۆرىدىگەن ھالدا «تۈركىيەدىكى ئىسلامىي جامائەتلەر ئارىسىدىكى سەزگۈرەشتلىرىم» دەپ بىر ئەسەر يېزىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدىم. اللە نىسىپ قىلسا ئۇمۇ بولۇپ قالار ئىنشائاللاھ. ئەمدى سىز سورىغان يەنە باشقا سەزگۈرەشتىلىرىڭىزنىمۇ يازغان بولسىڭىز تەكلىپىڭىزگە ئەمدى سەلەفىي، سوفىي ئارىسىدا ئۆتكەن ئەمەس، تۈركىيە جەمئىيىتىدە ئىسلامدىن يىراق ياشاۋاتقان  كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن دىنىي تەبلىغ سەزگۈرەشتىلىرىمدىن بىر-ئىككىنى سۆزلەپ ئۆتەي:
1) بىر كۈن بىر دوستىمىزنىڭ ماشىنسىدا ئۆيگە مىھمان باشلاپ كېلىۋاتاتتىم. يوللار بەك قىستاڭچىلىق. قارىسام پۇتبول مۇسابىقىسىدىن قايتقانلار بىلەن يوللار بەك بىسىق بۇلۇپ كېتىپتۇ. ھەريەردە «ئەڭ بۈيۈك فەنەر باشقا بۈيۈك يوق» شۇئارلىرى ئەتراپنى بىر ئاپتۇ. ئاران تەسلىكتە بىزنىڭ مەھەللىگە كېلىپ، يان كوچىغا بۇرۇلساق، ئىككى - ئۈچ ياش بالا فەنەرباغچە پۇتبول كوماندىسىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ راسا ۋاقىرغىلى تۇرۇپتۇ: «ئەڭ بۈيۈك فەنەر باشقا بۈيۈك يوق!». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ماشىنىمىزنىڭ يېنىغا چاقىرىپ: سىلەر فەنەرگە ئىمان ئېيتىۋاتامسىلەر؟، دەپ سورىسام، ياق، بۇگۈن فەنەرباغچە گالاتاساراينى يېڭىۋالغان ئىدى. شۇڭا خوشاللىقىمىزدا شۇئار توۋلاۋاتىمىز، دەيدۇ. مەن: سىلەر «اللە اكبر» دېگەن نېمە گەپ بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىسام، ياق، بىلمەيمىز، دەيدۇ. مەن: «ئەڭ بۈيۈك اللە باشقا بۈيۈك يوق! دىگەنلىك بۇلىدۇ، دىسەم، ياش بالىلار بىر - بىرىگە قارىشىپ بىرئاز ئوڭايسىنىپ تۇرۇپ كېتىپ: ئاكا دىن باشقا، تەنتەربىيە باشقا. بۇ دېگەن تەنتەربىيە، بىز بۇنىڭغا اللەنى ئارىلاشتۇرمىدۇقكى؟!، دەيدۇ ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

 مەن: «سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، فەنەرباغچە پۇتبول كوماندىسى بۇگۈن اللە بەرگەن پۇت بىلەن، اللە بەرگەن قول بىلەن، اللە بەرگەن كۆز بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتمىدىمۇ؟ ئەگەر اللە ئارىلاشمىسا فەنەرباغچە بىر سىكونتمۇ ئۆرە تۇرالمايدۇ. يەنى فەنەرباغچە نەپەسلەنگەن ھاۋا اللەنىڭ، فەنەرباغچە ئىچىۋاتقان سۇ اللەنىڭ، فەنەرباغچە يەۋاتقان ئوزۇقلۇقلار، گۆشلەر، كۆكتاتلار، مىۋىلەر اللەنىڭ، ھەتتا فەنەرباغچە دەسسەپ تۇرغان زىمىنمۇ اللەنىڭ!..» بالىلارنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن يوغان ئېچىلىپ كەتتى: ئاكا بىز مۇنداق ئويلاپ باقماپتۇق، راست دەيسىز. مەن: ئۇنداقتا ئۇكىلىرىم، بۇنىڭدىن كېيىن شۇئارىمىز «ئەڭ بۈيۈك اللە باشقا بۈيۈك يوق!».. كېلىشتۇقمۇ؟، دىسەم. ماقۇل، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالىلارغا: كېلىڭلار، ماشىنىغا چىقىڭلار، ئۆيىڭلار مۇشۇ ئەتراپتا بولسا ئۆيىڭلارغا ئاپىرىپ قوياي، كەچ بولۇپ كەتتى، دېدىم.... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

2) بىر كۈنى سەلەفىي ئايالىم بىلەن دوختۇرخانىغا بارغان ئىدۇق. بىزگە بېرىلگەن نۇمۇر بويىچە نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرساق، يېرىم يالاڭغاچ كىيىنىۋالغان، چاچلىرىنى سېرىققا بويىۋالغان بىر تۈرك ئايال كىبىر بىلەن يېنىمىزغا كېلىپ خانىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. خانىمغا شۇنداق بىر باشتىن ئاياققىچە قارىۋەتكەندىن كېيىن: نەدىن كەلدىڭىز؟ تۈركچە بىلەمسىز؟ دەپ سورىدى. خانىم: مەن تۈرك، دىسە، ئاغزىنى ئېچىپ ھەيران قالدى: مەن سىزنىڭ بۇ قارا كىيىمنىڭ ئىچىدە يۈزىڭىزنى يېپىۋالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئەرەبمىكىن دەپ قاپتىمەن. بىزنىڭ تۈركلەردە مۇنداق يۈزىنى يۆگىۋالىدىغان ئادەت يوققۇ. ئاتا تۈرك بىز تۈرك ئاياللىرىغا ئەركىنلىك بەرگەن، تۈرك ئاياللىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ سايىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئەركىن، ئەڭ مەدەنىي ئاياللىرى.. دەپ سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭغا بىر جاۋاب بېرەي دەپ بولۇپ، خوتۇن كىشىگە يەنە خوتۇن كىشى جاۋاب بەرسۇن، دەپ سەلەفىي خانىمىمغا سەن جاۋاب بەرگىن دەپ ئىشارەت قىلدىم. سەلەفىي خانىم ئۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىگە دەرھال جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا: دوختۇرخانىغا كېلىپ قاپسىزغۇ؟ ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ دەپ ھال-ئەھۋال سورىدى. تۈرك ئايال: قىزىم كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى، شۇنى دوختۇرغا ئەكەلگەن ئىدىم، دېدى ۋە نېرىدا تېلېفون ئويناپ ئولتۇرغان 14-15 ياشلار ئەتراپىدىكى قىزىنى كۆرسەتتى. خانىم: نىمىدىگەن چىرايلىق قىزىڭىز بار، اللە ئاسرىسۇن. خۇددى سىزگە ئوخشاش چىرايلىق ئىكەن، دېدى. خانىمنىڭ بۇنىڭدەك مەدھىيەلىرىدىن كەيىپلەنگەن ئايال ۋاي رەھمەت دەپ قىزىنى ماختاشقا چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تەرىقىدە بىرمۇنچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئايال: سىزگە ھەجەپ ئىچىم ئىسىندى، بەك خوش سۆھبىتىڭىز باركەن، خۇددى نەچچە ئون يىلدىن بېرى تۇنۇشىدىغاندەكلا پاراڭلىشىپ كەتتۇق. سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزدىن تەسىرلەندىم. ئەگەر خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسىڭىز، سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بۇلامدۇ؟ دېدى. سەلەفىي خانىم: ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى سوراۋېرىڭ، دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈرك ئايال: گەپلىرىڭىزگە قارىسام شۇنداق بىلىملىك، ئوقىغان، مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى قىزدەك تۇرىسىز. ئەمما قارا كىيىم كېيىپ يۈزىڭىزنى يۆگىۋاپسىز. قۇرئاندا مۇشۇنداق ئۇزۇن قارا كىيىم كېيىڭلار دەپ بارمۇ؟ قۇرئاندا مۇشۇنداق يۈزۈڭلارنى يۆگىۋىلىڭلار دەپ بارمۇ؟ دەپ سورىدى. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

بۇنى ئاڭلاپ سەلەفىي خانىم كۈلۈپ كېتىپ: نېمىدىگەن ياخشى سۇئال سورىدىڭىز. اللە سىزدىن رازى بولسۇن. كاشكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار سىزدەك ھەر كېيگەن كىيىمىگە، ھەر قىلغان ئەمىلىگە قۇرئاندا بارمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام روخسەت قىلامدۇ؟ دەپ سورىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى. مەسىلەن: يولدىشىم كېيگەن كاستىيۇم قۇرئاندا بارمۇ؟ بوينىغا تاقىۋالغان گالىستۇك قۇرئاندا بارمۇ؟ ئاۋۇ بۇيىغا يېتىپ قالغان 15 ياشلىق قىزىم كېيىۋالغان قىسقا كوت (نىيۇزەيكۇ) يوپكا قۇرئاندا بارمۇ؟ ماۋۇ ئۇستىمگە كېيىۋالغان تار، نىپىز كۆينەك قۇرئاندا بارمۇ؟ دەپ سورىساق ھەقىقەتەن ياخشى بۇلاتتى، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان تۈرك ئايال خىجىل بولۇپ ئۇجۇقۇپلا كەتتى. ۋە بىر ئازدىن كېيىن: توغرا دېدىڭىز، ئەسلىدە مېنىڭ مۇماممۇ ھەجگە بېرىپ كەلگەن، بەش ناماز ئايال ئىدى. بىز جۇمھۇرىيەتنىڭ مەكتەپلىرىدە دىنىي تەربىيە ئالالماي قالدۇق. ئەگەر خالىسىڭىز دوست بولۇپ قالايلى، يېقىندىن كۆرۈشۈپ تۇرايلى، دېدى. خانىم: ماقۇل، ھەتتا بىز دوست بولمايلى، قېرىنداش بۇلايلى. سىز ماڭا ھەدە بولۇڭ، مەن سىزگە سىڭىل بولاي، دەپ قۇچاقلاپ كەتتى. سەلەفىي خانىمنىڭ بۇنچىلىك قىزغىن مۇئامىلەسىنى كۆرگەن ئۇ تۈرك ئايال نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى ۋە: ھازىرقىدەك ئىنسان ئىنساندىن قورقىدىغان، ئادەم ئادەمدىن ئۈركۈيدىغان بىر دەۋىردە سىزنىڭ بۇنچىلىك سەمىمىي مۇئامىلىڭىز ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى، دەپ كۆزىگە ياش ئالدى. ھازىر ئۇ ئايال ھەم ئۆزى، ھەم قىزى ھىجاب ئارتىپ، ئىسلامىي ياردەم پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: تەكلىماكان قىلىچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31
ماشائاللا ۋىسال ئاكا. ئىسلامنى بۇنچىلىك يېقىملىق ۋە قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرگىلى بۇلىدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم. يازغانلىرىڭىزنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ چىقتىم. ئۇلۇغ خۇدا سىلىدىن مىڭلاپ مەرتىۋە رازى بۇلاپ كەتسۇن. ئامىن
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31

بەك ئىسىل ئىلىم زىياپىتى سۇنۇۋېتىپسىز. جانابىي اللە ئىلىمىڭىزگە ۋە قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن. اللە ۋىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. امين

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-31
ئوقۇپ يىغلىۋەتتىم جۇما.. مەن ھاياتىمدا دىنىمىزنى بۇنداق تەسىرلىك ئاڭلاتقان بىر ئەسەر ئوقۇپ باقمىغان.
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: