wisal stuido
خىتاينىڭ شاللاق دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ «ئاشنىدارچىلىق» سانلىق مەلۇماتلىرى


دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ «ئاشنىدارچىلىق» سانلىق مەلۇماتلىرى
 

ئۈندىدار سۇپىسى ئۇچۇرلىرى خىتايدىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئاشنا تۇتۇشىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن توققۇز تۈر بويىچە چىمپىيون سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
 

1. ئاشنىسىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ مەمۇر:
جىياڭسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى شۈ چىياۋنىڭ جەمئىي 146 ئاشىنىسى بارلىقى ئاشكارىلاندى.
 

2. ئاشنىلىرىنىڭ ساپاسى ئەڭ يۇقىرى مەمۇر:
چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ زۇڭخەي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلاردا چىرايلىق ھەم توي قىلمىغان ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە سىتۇدېنت قىزدىن 17 نى باققان.
 

3. ئىلمىي تەتقىقاتى ئىنتايىن چوڭقۇر مەمۇر:
خەينەن ئۆلكىلىك توقۇمىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چىڭشەننىڭ جىنسىي تۇرمۇشى خاتىرىلەنگەن كۈندىلىك خاتىرىسى 95 كە يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 236 پارچە يېزىلغان.
 

4. ئاشنىلىرىنىڭ يېشى ھەممىدىن كىچىك مەمۇر:
سىچۈەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرىنىڭ ۋالىيسى لى يۈشۇنىڭ 20 ئاشنىسى يېشى 16 ياشتىن 18 ياشقىچە.
 

5. باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى مەمۇر:
ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچىڭ شەھىرىنىڭ سېكرىتاتى ياڭ فېڭ ئۆز بىلىمىگە تايىنىپ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالدا 77 ئاشىنىسى باشقۇرۇپ كەلگەن.
 

6. ئاشنىسىغا ۋەھشىي پۇل خەجلەپ بېرىدىغان مەمۇر:
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى شاجىن بانكىسىنىڭ باشلىقى دېڭ باۋجۈنىڭ پەقەت بەشىنچى توقىلى شىياۋچىڭ ئۆزى 800 كۈندە 18 مىليون 400 مىڭ يۈەن خەجلىگەن بولۇپ، تەخمىنەن ھەركۈنلۈك خىراجىتى 23 مىڭ يۈەن، ھەرسائەتلىك خىراجىتى مىڭ يۈەنگە توختىغان.
 

7. ئاشنىلىرى ئىنتايىن ئىتتىپاق مەمۇر:
فۇجىيەن ئۆلكىسى جۇنىڭ ناھىيىسى پارتكوم سېكرىتارى لىن لۇڭفىي 22 ئاشنىسى ئۈچۈن گۈزەللەر يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئەڭ گۈزەل نازىنىن مۇكاپاتى ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن تەسىس قىلغان.
 

8. ماسلىشىشچانلىق مۇكاپاتى ساھىبى:
خەينەن ئۆلكىسى لىنگاۋ شەھىرى شەھەر باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى دىڭ شەنخۇڭنىڭ ئالتە ئاشنىسىدىن ئالتە بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئىشقا پەقەتلا ئىشەنمىگەن.
 

9. ئىنتايىن غەيرەتلىك مەمۇر:
خۇنەن ئۆلكىسى خەۋەرلىشىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زىڭ گوخۇا بەش ئاشنىسىغا 60 ياشقا كىرگىچە، ھەر ھەپتىدە ھەربىرەيلەن بىلەن بولغان جىنسىي ئالاقىسىنىڭ ئۈچ قېتىمدىن كەم بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەن.
مەنبە: ئۇندىدار سەھىپىلىرى


 

كۆرۈلۈشى: 1571 \ يوللانغان چېسلا: 2016-03-29
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: