wisal stuido
جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى


جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى


دولان تەرجىمىسى
 

جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى ئوخشىمىغان ئىككى ئۇقۇم. «جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى » جۇڭگودا يۈزبەرگەن پەقەت مائارىپ جەھەتىىكى مەسىلىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق « مائارىپنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى » پەقەت مائارىپ جەھەتتىكى مەسىلىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگودىكى مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىنى كۆرسىتىدۇ.

1، « چىئەنشۆسېن سۇئالى » ئالىي مەكتەپكە ئەمەس بەلكى جەمئىيەتكە قارىتىلغان سۇئال.
جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپىدا زادى نېمە مەسىلە چىقتى؟ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاراتقۇلار ۋە كۈندىلىك مۇھاكىمىدە، مائارىپ ناھايىتى ئاسانلا تەنقىدكە ئۇچراپ،غەلىتە ئەھۋالنى پەيدا قىلدى، بىرتەرەپتە كۆپچىلىك ساپا مائارىپىنى تەكىتلىسە،يەنەبىر تەرەپتە ساپا مائارىپى ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ؛ بىرتەرەپتە يۈكنى ئازايتىش توغرىسىدا سۆزلىگىلى نەچچىيىل بولدى، ھەتتا مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ ھۆججەت تارقاتتى، بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ئازايدىمۇ؟

2009-يىلى شاڭخەي شەھرى ئۈچ يىلدا بىر ئۆتكۈزىلدېغان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش تۈر سېنىقى( PISA ) غا قاتنىشىپ، نەتىجىسى دۇنيادا 1-بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتنى ھەيران قالدۇردى. بۇ سىناقنى شاڭخەي ئۆزى ئېلىپ بارماستىن بەلكى باشقىلار شاڭخەيگە كىلىپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، سىناق ئوبىكتى ئەڭ ناچار مەكتەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىيۈزلىك سىناق بولغان. بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ مائارىپىنىڭ ياخشىلىقىنى تەرپلەيمىز، بىراق ئوباما ئامېرىكىدا جۇڭگونىڭ مائارىپى ياخشى دەپتۇدەك، ئۇنداقتانېمە ئۈچۈن چوڭ پەرق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز تەربىيلىگەن كىشىلەر دۆلەت ئىچىدە ئۆزرولىنى جارىي قىلدۇرالمايدۇ-يۇ، چەتئەلگە بارسا تىز تەرەققىي قىلىدۇ؟

ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ غەربىي-جەنۇپ ئونىۋېرستېتىدا ئوقۇغان بولسىمۇ، نوبىل مۇكاپاتىنى ئامېرىكىدا ئوقۇپ ئالغان. ئۇلار گەرچە ئاساسىنى بىزدە پۇختىلىغان بولسىمۇ، نېمەئۈچۈن ئاسپرانت باسقۇچىدا ياكى خىزمەت باسقۇچىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟بۇنى ئالىي مەكتەپتىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ كەمىنە ئالىي مەكتەپكە مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپقويماقچى ئەمەس، بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى ئالىي مەكتەپتىكى مەسىلە ئەمەس.

« بىزنىڭ مەكتەپلەر نېمە ئۈچۈن داڭلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرەلمەيدۇ؟ » مانابۇ ھەممىمىزگەتونۇش بولغان « چىئەن شۆسېن سۇئالى ». « چىئەن شۆسېن سۇئالى » ئالىي مەكتەپكەئەمەس بەلكى جەمئىيەتكە قارىتىلغان، چىئەن ئەپەندى شاڭخەي قاتناش ئونىۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن بولۇپ، ھاياتىدا ئاساسەن قاتناش ئونىۋېرستېتىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمىغان.ئۇنى ناھايىتى بەختلىك دېيىشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناساۋېتىياخشى بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئىشلار ئورنىغا كېرەلىگەن، ئەگەر1950-يىللار بولغان بولسا ھەرگىز مۈمكىن بولمايتى، دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن،دۆلەت ئۇنىڭغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەن. « 3 يىللىق تەبىئى ئاپەت » ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى » مەزگىلىدە، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان، بىراق ئاشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى قىزىل قوغدىغۇچىلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسە، بەزىسىنى خىزمەت قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇمقىلغان. مائارىپ ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، جەمئىيەت ئوقۇغۇچىلارغا تەرەققىي قىلىش بوشلىقى ھازىرلاپ بەرمىسە يەنىلا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالمايدۇ. جۇڭگودىكى مەسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپتە ئەمەس بەلكى جەمئىيەتتە.

2،مائارىپنىڭ چىقىش يولى مۇۋاپىق تەقسىملەشتە
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئىمتىھان بىلەن تەقدىرنى بەلگۈلەپ قويارمىش، كۆپرەك ئىمتىھان ئالسا ئاندىن ئادىل بولارمىش. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىنگلىزتىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھاننى ئۈزلۈكسىز ئېلىۋاتىدۇ، ياخشى بولدىمۇ؟ يەنىلا ياخشى ئەمەس. ياخشىراق تەكشۈرۈپ بېقىلدىمۇ-يوق، ئالايلۇق ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا قانچە ئادەم ئۆز رولىنى نورمالنى جارىي قىلدۇردى، قانچە ئادەم نۇرمالنىجارىي قىلدۇرالمىدى؟ بەزىلەر ھامان ئۆز رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالمىدىم دەپقارايدۇ، ئالايلۇق سەن 5 قېتىم ئىمتىھان بەردىم دېسەڭ، ئۇ نېمە ئۈچۈن 6-قېتىم بەرمەيسەن دەيدۇ، سەن ئالدىنقى 5 قېتىمدا رولۇمنى ياخشى جارىي قىلدۇرالمىدىم دەيسەن. ھەر قانداق بىر تۈزۈمدە نوقسان بولىدۇ، ئىمتىھان دېگەن چەكلىمىلىككە ئىگە،مەسىلە ئىمتىھاندا ئەمەس. ئوبېيكتىپ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا، ئىمتىھان ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، بىراق ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز رولىنى نۇرمالنى جارىي قىلدۇرۇشقاكاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ-يوق؟ ئاچقۇچلىق مەسىلە ئىمتىھان ئۇسۇلىدا ئەمەس، ئەگەرئەسلىدە بۇ مەسىلە ئاقىلانىلىق بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا ئىدى، بۇخىل مەسىللەرساقلانمىغان بولاتتى.

ئەگەرجەمئىيەت ساغلام بولسا، سەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماي، بېل گايتىستەك ئوقۇشتىن توختاپ ئۆز ئالدىڭغا ئىگىلىك تىكلىسەڭ بولىدۇ، بۇيەردە شۇنى سوراپ باقسام ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ ئىگىلىك تىكلىسە سىزقوللامسىز؟ ئەگەر ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئېرادىسى بۇيىچە ئوقۇغۇچىنى ئۈگۈنىشكەمەجبۇرلىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ. نۆۋەتتە شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى جەمئىيەت ھەلقىلالمىسا، ئەجىبا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تايىنىپ ھەلقىلغىلى بۇلارمۇ؟ جەمئىيەتتەئادىللىقىنى بەرپا قىلىشتا مەكتەپكە، مائارىپقا ۋەياكى ئىدىيەگە ئەمەس بەلكىھۆكۈمەتكە تايىنىش كېرەك.

« دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان پىرۈگېراممىسى »غا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كېرىش نىسبىتى %30 بولىدىكەن، « 12-بەش يىللىق پىلان » دا %30دىن كۆپرەك بولىدىكەن. يەنى 2020-يىلغا بارغاندا نەزىرىيە جەھەتتە 30-%35 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە كېرىپ، باشقىلار ئالىي مەكتەپكە كېرەلمەي، خىزمەت يوق ياكى ئىشسىز قالىدۇ دېگەن گەپ. ئەگەر %60 كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ چىقىش يولى بولمىسا، جەمئىيەتتەقانداق ئەھۋال كىلىپ چىقار؟ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىمۇ ھەممە ئادەم ئالىي مەكتەپتەئوقۇمايدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن بورۇن، قېپقالغان بىرقىسىم كىشىلەر تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغاچقا، ئالىي مەكتەپكە كېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئانچە چوڭ بېسىمغائۇچرىمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى بالىلارئوقۇشنى خالىماي بىۋاستە خىزمەت قىلىدۇ، بەزىلەر زاۋۇتقا كېرىدۇ، بەزىلەر ئەركىنكەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەكتەپكە كېرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپتەئاخىرغىچە ئوقۇمايدۇ، بەزىسى ئوقۇشنى ياقتۇرمىسا ياكى ئوقۇشنى قېيىن دەپ قارىسا،ئالىي مەكتەپتىن چېكىنىپ خىزمەت قىلىدۇ. بىزگە ئوخشاش ئۆز قابىلىيىتى ۋە ئائىلەشارايىتى بىلەن ھىساپلاشماي چۇقۇم ئالىي مەكتەپتە ياكى داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغانئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
نۆۋەتتەچىقىش يولى بارغانسېرى تارىيېپ كەتكەچكە، پەقەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقاتايېنىۋاتىدۇ. يېزىلىق بالىلار پەقەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسىلا شەھەرلىك بولۇپ،شەھەردە چىقىش يولى تاپالايدۇ، بولمىسا مەڭگۈ دېھقان ئىشلەمچى ئاتىلىپ، شەھەردە ھەرقانچە ئۇزۇن ئىشلىسىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنماي، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى دېھقان ئىشلەمچى بولۇشى مۈمكىن.

شەھەرلىك بالىلار تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، چۈنكى ھازىر ھەممەئىشتا ئوقۇش تارىخىغا قارايدىغان زاماندا ياشاۋاتىمىز. ئالدىنقى يىلى بىزنىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا قەدىمقى كىتاپلارنى رەتلەشكە خادىم ئالدى، كادىرلارباشقارمىسى تولۇق كۇرس ئوقۇغاننى ئالىمىز دېدى، مەن تولۇق كۇرس ئوقۇغاننى قانداق قىلىمىز، ئوتتۇرا تېخنىكۇم بولسىمۇ بولىدۇ دېدىم، كېيىن بىر قەدەم چىكىنىپ مەخسۇس كۇرستا ئوقۇغانلارنى ئالىلى دېدىم. ئەجىبا كونا كىتاپلارنى رەتلەشكە دوكتۇر بولساياخشى بولامدېكىنە؟ نۇرغۇن يىللار ئىلگېرى مەدەنىيەت سەۋېيىسى بولمىسىمۇ، كوناكىتاپلارنى ياخشى رەتلەپ چىققان ئىكەن، ئالىي مەكتەپ دىپلومى بولمىسا، ھېچ ئىشقىلغىلى بولمايۋاتىدۇ، بىزنىڭ كۇتۇپخانىدا ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدىغان بىر يىگىت بار ئىدى، ئالىي مەكتەپ دىپلومى بولمىغاچقا رەسمىيلىشەلمىدى.

نۆۋەتتە بىرەر كىشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن، بۇنىڭ بىردىنبىر يولى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ كۆپ بولغاچقا، چۇقۇم داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇش كېرەك،يەنى 211 ۋە 985 غا كېرگەن مەكتەپتە ئوقۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇندا ھەربىر پۇقرانىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگۈلەنگەن، بۇنداق ئەھۋالدا مائارىپنى ئاددىي ھالدىكى ھوقۇق ياكى شەخسنىڭ چىقىش يولى قىلىۋالماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇيول بەكمۇچەكلىك بولغاچقا، 2020-يىلغا بارغاندا پەقەت %30 كۆپرەك كىشىگە نىسىپ بولىدۇ. ئەگەر جەمئىيەتتىكى ياشلار مۇۋاپپىق تەقسىملەنگەن بولسا، %30 كۆپرەكلەر ئالىي مەكتەپكە كېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياكى داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى بېكىتسە، ئالىي مەكتەپكىمۇ بېسىم بولمايتى.بۇنداق ئەھۋالدا سەن ھەرخىل ئىمتىھان ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىڭغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلساڭمۇ، ياكى مەملىكەت بۇيىچە بىرتۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلساڭمۇ، مەسىلىنى مەڭگۈ ھەلقىلالمايسەن.
ياشلارنىڭ چىقىش يولىنى ھەل قىلىش ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىشى. ئەگەر جەمئىيەت بۇئالدىنقى شەرتنى ياخشى ھەلقىلالىسا، ياشلار ئوخشىمىغان باسقۇچتا ئوخشىمىغان چىقىش يولى تاپالىسا، ئاندىن ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ياخشى سۈپەتلىك رىقابىتىگەكاپالەتلىك قىلغىلى، ھەرخىل ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ رولىنى ياخشى جارىيقىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنداقلا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارنىقابىلىيەتلىك قىلىپ تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى. جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مەكتەپكە ئىتتىرىپ قويۇش ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك، جامائەت پىكرىگەنىسبەتەن ئازدۇرۇش، ئائىلە باشلىقىغا نىسبەتەن زۈرۈر بولمىغان يۈكنى ئاشۇرىۋەتكەنلىك، بالىلارغا نىسبەتەن خاراكتېرىنى بوغۇش بولۇپ، پېقىرنىڭ قارىشىچەمۇشۇلار نۆۋەتتە جۇڭگو مائارىپىدىكى ئەمىلىي مەسىلە بولسا كېرەك.

3، جەمئىيەت مائارىپقا ئارتۇقچەئارلاشماسلىقى كېرەك
ئوقۇتۇش دېگەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان سەنئەت بولغاچقا، ئادەمگە ۋە مەكتەپكە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك،دۇنيادىكى بەزى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ غەلىتە قائىدىسى بولسىمۇ، جەمئىيەت ئۇنىڭ غائارلاشمايدۇ، ئەگەر مەكتەپنىڭ ھەممە ئىشىغا جەمئىيەت ئارلىشىۋالسا، بۇنداق مەكتەپنى ياخشى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە بىزنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاريانفۈن ئىشلەتمەسلىكنى بەلگۈلىسە، دەرھال گېزىتتە ئېلان قىلىپ مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوشۇلسا، قانۇن-نىزام ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا خىلاپ بولمىسىلا مەكتەپلەر يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى بەرپا قىلسابولىدۇ.

كورېيەدە ھازىرغا قەدەر،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىدۇ، ئادەتتە تولۇقسىزغىچە داۋاملىشىدۇ،تولۇق ئوتتۇرىدا تەن جازاسى بەرمەيدۇ. ياپونىيەدە يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپتە، قىزلار بىردەك قىسقا يوپكا، ئوغۇللار قىسقا ئىشتان كېيىش بەلگۈلەنگەن، پەقەت تولۇق ئوتتۇرامەكتەپكە چىققاندىلا ئاندىن ئۇزۇن يوپكا ۋە ئىشتان كېيەلەيدۇ. كەمىنە ياپونىيەدەبالىلارنىڭ پاقالچەكلىرىنىڭ قىشتا توڭلاپ قىزىرىپ كەتكىننى كۆرگەن، بىراق بەلگۈلىمە شۇنداق بولغاچقا جەمئىيەت ئۇنىڭغا ئارلىشىۋالمىغان.

ھازىر بەزىلەر ئاسپارانتلىققا قوبۇل قىلىش يۈزتۇرانە ئىمتىھانى ئادىل ئەمەس دېيىشمەكتە، بىراق مۇئەللىمنىڭ دېگىنىھىساپمۇ ياكى سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھىساپمۇ؟ نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى مائارىپتاگەۋدىلىنىشى كېرەك دېگەن بىرتەرەپلىمە تەلەپ مەۋجۇت، بۇ ئوقۇتۇش قانۇنىيتىگەتۈپتىن ھۆرمەت قىلمىغانلىق ۋە مائارىپقا زۈرۈر بولمىغان مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەنلىك،بۇنداق بولسا جۇڭگونىڭ مائارىپىنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردا ئەخلاقنىڭ يېمىرلىشىدەك ناچار ئامىللارنىڭ يامرىشى، بولۇپمۇ بەزى ناچار جامائەت پىكرىنىڭ يامرىشى، ئازدورۇش رولىنى ئوينىماقتا. ئالايلۇق يېزىلىق بالىلارنىڭ ئائىلەقېيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالماسلىقىنى ئالساق، ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىدىكى ھەقسىز مائارىپ ئەمەس، شۇڭا يېزىلىق بالىلارنىڭ ئائىلىسىدە ھەقىقەتەن ئىقتىسادى قېيىنچىلىق بولسا ئاۋال خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، ئىقتىسادى شارائىت ياربەرگەندە ئوقۇسا بولىدۇ، ئەگەر ئىقتىدارىڭىزھەقىقەتەن ياخشى بولسا، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشنى قولغا كەلتۈرسىڭىز ياكى ئوقۇش ھەققى ئازراق بولغان پېداگۇگىكا مەكتىۋېنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

بىرچاغلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئالىي مەكتەپنىڭ قەرز ئېلىپ قورۇلىش قىلىشىنى تەنقىد قىلىشتى، ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ نامىدا يەر ئىگەللەش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىدى ئىدى، نامدا ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن يەر ئاجراتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇ پۇرسەتتە تۇرالغۇ سېلىش ئۈچۈن يەرگە ئىگە بولدى. فۇدەن ئونىۋېرستېتىدا جىاڭ ۋەن دېگەن مەكتەپ رايۇنى بار،3000 مو كۈلەمنى ئىگەللەيدىغان كونا ئايرودروم بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت چۇقۇم فۇدەن ئونىۋېرستېتىغا بېرىمىز دېگەن، ھايال ئۆتمەي ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئىگەللەپ « داڭلىق مەكتەپ بىلەن خوشنا بولىسىز، ئوقۇمۇشلۇقلار مەركەزلەشكەن رايون » دەپ ئېلانچاپلاپ، ئۆي باھاسىنى قىزىتىۋەتتى. پۇل قەرز ئېلىش دېگەن باشلىقنىڭ تەدبىرى، بانكىدىن غايەت زور سوممىلىق قەرز ئالالماسلىقتىن ئەنسىرەپ « ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن قەرز ئالىمىز » دېگەن چىرايلىق قالپاقنى كېيگۈزىدۇ، باھانىسى « ئالىي مەكتەپ قەرزئېلىپ قورۇلىش قىلىپ، ئوقۇش ھەققى ئېلىپ قايتۇرىدۇ »، پەقەت بولمىغاندا ھۆكۈمەت كىپىل بولىدۇ. ئەينى چاغدا گېزىتلەر جىلىن ئونىۋېرستېتىنىڭ 4 مىليارد يۈەن قەرزئالغانلىقىنى تىللاپ پوسكايتىۋەتتى، كەمىنە بىر پارچە ئوبزور يېزىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇئىشنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى، بۇ قەرز ئىشىدا خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىش، خىزمەتتەمەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىش ئەھۋالى بارمۇ، بار بولسابىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەۋسىيە قىلدىم. ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار بولمىسا،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى قېيىن، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت ئۈستىگەئالمىسا كېم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ ئەگەر راستىنلا قەرز ئالغان بولسا ئوقۇش ھەققى ئېلىپقايتۇرغىلى بولارمۇ؟ ئوقۇش ھەققىنىڭ دۆلەت بېكىتكەن ئۆلچىمى تۇرسا خالىغانچەئۆستۈرگېلى بولمايدۇ-دە، بۇ قەرزنى ھەقىقەتەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئالىيمەكتەپ مەكتەپ قورۇش ئۈچۈن قەرز ئالماقچى بولسا، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بانكاقوشۇلمىسا قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟ نېمە ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئالىي مەكتەپكە دۆڭگەپ قويىدۇ؟

ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى ئالساق،ئاتالمىش ئىلىم چىرىكلىكى ھوقۇق، پۇل ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىغا تايىنىپ ئۆزىگەئىلمىي نەتىجە، ئىلمىي مەرتىۋە ۋە ئىلمىي ئابرۇيغا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكىئاسپىرانتلار باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى كۆچۈرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي ئۇنۋان ئۈچۈنباشقىلارنىڭ ماقالىسىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرنى ئۆزگەرتىپلا ئىشلىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارئىلىم چىرىكلىكى ئەمەس. ئىلىم چىرىكلىكى دېگەن مۇنداق بولىدۇ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى چاڭ ۋاڭيى تۇتۇلغاندىن كېيىن پېقىر بىر ماقالە يازغان،چاڭ ۋاڭيى بېيجىڭ ئونىۋېرستېتى تارىخ كەسپىنىڭ ماگىستىرى، ئۇ دۆلەت ئاكسىيەنازارەتچىلىك كومتىتىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، ئىككى يىل ئىچىدە غەربىي-جەنۇپ مالىيە-ئىقتىساد ئونىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد دوكتۇرلۇق ئۇنۋاننى ئالغان، ئۆزى بېيجىڭدابولسىمۇ ئىلمىي ئۇنۋاننى غەربىي-جەنۇپتىن ئېلىپ، تارىخ كەسپىنى ئىقتىساد ئىلمىگەئۆزگەرتكەن، مانا بۇنى ھەقىقى ئىلىم چىرىكلىكى دەيمىز. نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان بولسىمۇ، بىراق بەزىسىنىڭ ئۆز كەسپى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى.يوقۇرىدا قەيت قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلمىشى، ئىلىم چىرىكلىكى ئەمەس بەلكى ئىلىمدىكى ناتوغرا كەيپىيات بولۇپ، بۇنى تۈزەتكىلى بولىدۇ ھەمدەھوقۇق-پۇل سودىسى بىلەن پەرقى بار، بەلكى بەزى قىلمىشنى تۈزۈلمە كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار قانچە ماقالە ئېلان قىلىش ۋە چۈقۈم نوپۇزلۇق ژورنالدا ئېلان قىلىش دېگەن بەلگۈلىمە بار، جۇڭگودا قانچىلىك نوپۇزلۇق ۋە نوقتىلىق ژورنال بار؟ ھەممىسىگە پەقەت ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنى باسسىمۇيېتىشمەيدۇ، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ مەكتەپتىمۇ؟ پەقەت مەكتەپكەتايىنىپلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ-دە.

4، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوخشاش بىرباشلىنىش نوقتىسىغا مۇھتاج
مەكتەپتىكى ئادىللىق ھۆكۈمەتكەتايىنىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىدۇ، بالا ئوقۇش يېشىغا يەتسە،ئائىلە باشلىقى ياكى ۋەسىيسى چۈقۈم مەكتەپكە بېرىدۇ، ھۆكۈمەت دېگەن مەجبۇرلاش ۋاستىسىگە ئىگە بولغاچقا بالىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك، ئالايلۇق بالىنىڭ ئائىلىسى مەكتەپتىن يېراق بولسا، قاتناش شارايىتى ياكى ياتاق ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىكى بورۇنلا 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مارىپىنى ئېلانقىلغان، پېقىر دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشىكېرەك دەپ قارايمەن، مەسىلەن قانچە ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشى، ئاشخاناقايسى ئۆلچەمگە يېتىشى دېگەندەك. ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە ئوخشاش، يېزا مەكتەپلىرى بىلەن شەھەر مەكتەپلىرىنىڭ پەرقى بولماسلىقى، ئاساسى ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇشىكېرەك.

بىز دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكىمەكتەپ قورۇپ چىقىمىز دەيدېكەنمىز، بۇ قورۇق ئارزۇ بوپقالمىسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بەرپا قىلالىساق ئاندىن ئەمەلگەئاشىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىمىز دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا بولسا،مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلە بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتا ئۆزىگەتايىناتتى.

ھەرقانداق بىر ئالىي مەكتەپ خەلقنىڭساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئائىلە تەربىيەسى دەپ قارايدۇ، پېقىرنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان بەلگۈلىمە، قائىدىلەر ئېتىقادنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىگە چېتىشلىق بولىدۇ، ئەڭ ئاچقۇچلىقى كىچىكىدە سېڭدۈرگەن ئادەتلەرمۇھىم رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن ئائىلىدە نېمە ئۈچۈن تەربېيىدە مەسىلە چىقىدۇ؟بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى ئائىلە باشلىقىمۇ ياخشى تەربېيىگە ئىگە بولمىغانلىقى، گۈزەل ئەخلاقنى خىزمەت قورالى ۋە ۋاستە قىلىۋالغانلىقىدا.

باشلانغۇچ ۋە يەسلى مائارىپى. ئەگەرمەجبۇرىيەت مائارىپى يۇقورى-تۆۋەن ئوخشاش بولسا ئىدى، ئائىلە تەربىيەسىدىكى بەزى مەسىلىنى تۈزەتكىلى بولاتتى. نۆۋەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەكشى بولىمىغاچقا،مەكتەپلەرنىڭ مۇ ئوقۇتۇش سۈپىتى تەكشى بولمىغانلىقتىن، كىشىلەر داڭلىق مەكتەپلەرنى قوغلىشىۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشى مائارىپتا مۆجىزە يارىتىش ئەمەس،كەمىنە قەلەم ئىگىسى شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى نېمە ئۈچۈن بەزى رەھبەرلەر ھەمىشە داڭلىق مەكتەپلەرگە قاتراپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەر ياكى نامرات رايونلاردىكى مەكتەپلەرگەبارمايدىغاندۇ؟ يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيتىگە ماسكەلمىگەندەرىجىدىن تاشقىرى مەكتەپ قورۇپ چىقىدىغاندۇ؟ ئەگەر بىر دۆلەت ئاساسىي مائارىپنى باشلامچى قىلمىسا ياكى ھۆكۈمەت مائارىپ بايلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرمىسا ۋەياكى بالىلاركىچىكىدىن باشلاپ ياخشى مائارىپ تەربىيىسىگە ئېرىشەلمىسە، بۇندىن كېيىن دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقى ۋە تەرەققىياتىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

بۇلار جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسىياكى مائارىپنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالغا يۈزلىنىشتە، مائارىپ ئۆزمەسئۇلىيىتىدىن باش تارتماسلىقى لازىم، ئەگەر پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭىل بۆلمىسە،ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ئومۇمىيۇزلىك ھەل قىلالمايدۇ، پەقەت يەككە ھالدىكى جۇڭگومائارىپىنى ياخشىلاش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.
http://www.21ccom.net/articles/zgyj/ggzhc/article_2013112195721.html

مەنبە: باغداش مۇنبىرى


 

كۆرۈلۈشى: 1629 \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-01
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: