wisal stuido
خىتاينىڭ دۆلەتنى ماختاپ نان يەدىغان تەشۋىقاتچى قوشۇنى ئاشكارلاندى


 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ماختىتىش شەرمەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى
 

«50 سېنت پارتىيەسى» گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسى، سەزگۈر سىياسىي مۇنازىلەر جەريانىدا ھۆكۈمەتنى ماختاپ مەدھىيەلەش ئارقىلىق كۈنتەرتىپتىكى قىززىق تېمىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھۆكۈمەتنى ماڭتايدىغان ئۇچۇرلارغا پۇل بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «50 سېنت پارتىيەسى» گۇرۇپپىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يىلىغا 448 مىليون ئۇچۇر ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەر بىر تال ئۇچۇر ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 50 سېنت ھەق تۆلەيدىكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى خەلقنىڭ دىققىتىنى يامان خەۋەرلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىشتىن توسۇش ۋە سەزگۈر سىياسىي مۇنازىلەر جەريانىدا ھۆكۈمەتنى ماختاپ مەدھىيەلەش ئارقىلىق كۈنتەرتىپتىكى قىززىق تېمىنى ئۆزگەرتىش ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئادەتتىكى پۇقرادەك ھەرىكەت قىلىدىغان بۇ ئالاھىدە گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان مەمۇرلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

تەتقىقاتچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىسىملىرى، ئادرىسلىرى ۋە فوتوسۈرەتلىرىنىمۇ قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بىراق شۇنداقتىمۇ ھازىرچە ئاشكارىلىماسلىق قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئاكادېمىك ئالىم گاررى كىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداقتۇر بىرەر ھەربىي ھۇجۇمدىنمۇ بەكرەك، زامانىۋى تۇرمۇشنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تەھدىت ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئۇسى ئۇيغۇرچە بۆلىمى تورى


 

كۆرۈلۈشى: 1505 \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: