wisal stuido
خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ تەبىرى

خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ تەبىرى

خۇاڭ شەن ( مۇھەممەت ھۈسەن تەرجىمىسى )
 

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "سېھىرگەر"لەردۇر .
بولۇپمۇ يوقىرىدىن تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە ئۇلار بىردەمدىلا "نامرات" نى "باي" غا ، "قارا" نى "ئاق" قا ، "يامان" نى ياخشى"غا ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "ئارتىس" لاردۇر .
ئۇلار رول ئېلىپ پىشىپ كەتكەن بولغاچقا ، ھېلى سەھنىدە ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتسە ، سەھنىدىن چۈشۈپلا قارا بۇلۇتتەك تۇتۇلالايدۇ . يالغان ھېجىيىش دەمسىز ، چالۋاقاپ شالىنى چېچىش دەمسىز ، ئۇلار ئۈچۈن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش . ئۇلار كاللىسىدىكى "يېتۈك" پاراسەتكە تايىنىپ ، ئۆمۈرۋايەت ئاشۇنداق رول ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدار "ماتېماتىك" لاردۇر .
ئۇلار سان _ سېپىرغا تايىنىپ مەنسەپكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ، مەنسەپنىڭمۇ دەل ئاشۇ سان _ سېپىرلار ئاساسىدا باراقسانلايدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىدۇ . شۇڭا ئۇلار ھە دېسىلا سان _ سېپىرلار بىلەن ھەپىلىشىدۇ ھەمدە ئاشۇ سان_ سېپىرلاردىن مەنسىپىنى ئۆستۈرۈش ، يېنىنى توملاش (پارا ئېلىش) ئۈچۈن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىدۇ . ئۇلار چوت سوقۇشقا شۇنداق ئۇستىكى ، مەن_ مەن دېگەن ماتېماتىكتىنمۇ قېلىشمايدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "خامېلېئون" لاردۇر .
ئۇلار تۇرقى _ سىياقىنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا قاراپ كۆزنى يۇمۇپ _ ئاچقۇچە ئۆزگەرتەلەيدۇ ؛ ئاكىسى كىمنى ئالسا شۇنى دەرھاللا "يەڭگە" دېيەلەيدۇ ؛ يەكچەشمىنى كۆرگەن ھامان ھەش_ پەش دېگۈچە بىر كۆزىنى قىسىۋالالايدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "ناتىق" لاردۇر .
ئۇلار "چىن يۈرىكى" دىن ئۇرغۇپ چىققان تەسىرلىك بايانلىرى بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ، يۈرەكلەرنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ . ئەمەلى ئىشتىچۇ ؟ بۇنى "خۇداغا ئامانەت" دەپ قويسىڭىزلا بولدى . ئۇلارنىڭ پاكلىق توغرسىدىكى ئۈزۈندىلىرىدىن نەچچە توملۇق قامۇس پۈتكىلى بولىدۇ ؛ مەزمۇنىنىڭ رەڭدارلىقىنى دېمەيلا قويۇڭ ، ئەقلىڭىزنى لال قىلىدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "ئىشپىيون" لاردۇر .
ئۇلار دائىم باشقىلارغا ئورا كولاپ ، توزاق قويۇپلا يۈرۈيدۇ ، ئىپلاس ئىش _ ھەرىكەتلەردە بولىدۇ . چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ، ھەققانىيەت ۋە قانۇنغا پۇت ئېتىپ ، ئۇستاتلىق بىلەن ئېلىشىپ باقىدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "پەيلاسوپ" لاردۇر .
ئۇلار "ئاشنا" ، " تومۇچۇق" ۋە "بالىلارنىڭ ئانىسى" نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى دىئالېكتىكا بىلەن چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە خوتۇنى ، سىرتلاردا _ "رەڭلىك سورۇن" لارنىڭ گۈللىرى ئۇنىڭدىن قالتىس رازى بولىدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "داڭلىق شەخس" لەردۇر .
ئۇلارنىڭ "داڭقى"نى ئەل_خالايىقنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئېنىق بىلدىيۇ_يۇ ، ئەمما باشلىقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدىكىلەر ئۇنى "بىلمەي" قالىدۇ" ياكى "ھەممىدىن كېيىن بىلىدۇ " .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "ئادۋوكات" لاردۇر .
ئۇلار مەنسەپ كورسىدا ئولتۇرۇۋاتقاندا بولسۇن ياكى ھەپسىدە يېتىۋاتقاندا بولسۇن ، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىش _ ئەتمىشلىرىنى ئاقلاشقا بەكمۇ ئۇستا كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ گەپدانلىقىنى بىر دېمەڭ ، مەن_ مەن دېگەن ئادۋوكاتمۇ ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ .

خىيانەتچى ئەمەلدارلار "ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغۇچىلار" دۇر .
ئۇلار ھەپىسكە چۈشكەندە ياكى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىققاندا ئاندىن "پۇشايماننى ئالدىغان قاچا" ئىزدەپ كارنىيى يىرتىلغۇچە ۋارقىرايدۇ ، شۇغىنىسى ، كىشىلەر نەچچە ئېرادىن بېرى بۇ قاچىنىڭ نامىنى ئاڭلىغىنى بىلەن ھېچكىم كۆرۈپ باققىنى يوق . خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئۈلۈمىگە كەلسەك ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ شورى ، دەپلا قويۇڭ .

              "شىنجاڭ مەدەنىيىتى"دە ئېلان قىلىنغان .

                                                                       مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1141 \ يوللانغان چېسلا: 2012-08-15
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: