مىسىرغا يەنە بىر قېتىم سوزۇلىۋاتقان قارا قولمۇ؟


مىسىرغا يەنە بىر قېتىم سوزۇلىۋاتقان قارا قولمۇ؟
 

ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋەر ئانالىزى: ئۆز ۋاقتىدا ئافغانىستاندا قوشۇن توپلىغان ئۇيغۇر چوڭلىرىمىزدىن بىرسى: «مىسىردا 300 دىن كۆپ ئۇيغۇر دىنىي تالىپ بار ئىكەن. ئەمما شۇنچە چاقىرساقمۇ كېلىپ بىزنىڭ تالىبان سېپىمىزگە قوشۇلمايۋاتىدۇ. بۇلار ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىدا تەييار يېتىپ يەپ، ئۈممەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئىپى بارلىرى ھەر يىلى ھەج، ئۈمرىدە مەككىگە بېرىپ تىجارەت قىلدىغان، ئىپى يوقلىرى بىكار يېتىپ جان باقىدىغان، ئەقىدىسى چاتاق، ئۆزىگىمۇ ، مىللەتكىمۇ پايدىسى يوق نانقىپىلار» دەپ ئەيپلىگەن ئىدى. ھەتتا ئۇ ۋاقىتتا مىسىردا ئۇستاز بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر مۆتىۋەر ئۇستازىمىزنى: «ئاشۇ مەخسۇم بالىلارنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، بىزگە تالىبان سېپىگە قوشۇلۇشقا يول قويمايۋاتىدۇ. ئۇ مىللەتچى مەخسۇم ئافغانىستاندا ئۈممەتنىڭ جىھادى بۇلىۋاتسا 300 تالىپنى مىسىردا بىسىپ ياتقانلىقىنىڭ ھىسابىنى ئاللاھقا قانداقمۇ بېرەر؟!...» دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ، ھەتتا تەكفىرمۇ قىلغانلىقىنى (كاپىرغا، مۇرتەدكە چىقارغانلىقىنى) ئاڭلىغان ئىدۇق. كېيىن ئافغانىستاندىكى قوشۇننىڭ چوڭلىرى مىسىردىكى بالىلارنى قوزغىيالمىغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم بۇ ئۇيغۇر تالىبان قوشۇنىغا رەقىپ بولۇپ قۇرۇلغان قىرغىزىستاندىكى مىللەتچى، دېموكىراتچى قوشۇننىڭ چوڭلىرى مىسىرغا قول سالدى ۋە 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدە چەتئەلگە قېچىپ چىققان، ئەل - ۋەتەن قىساسى ئۈچۈن ئوتتەك يىنىپ تۇرغان 15 كە يېقىن غۇلجىلىق ۋە ئۈرۈمچىلىك بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنغا ئېلىپ كەتتى. ئاقىۋەتتە سەدىردىن، ئابدۇلقاھار قاتارلىق 7 بالىنى خىتايغا بىر پاي ئوق ئاتقۇزماي، ئۆزلىرى چاناپ ئۆلتۈرىۋەتتى. بۇ مىللەتچى، دېموكىراتچىلارنىڭ شۇملىقىنى ئالدىن سېزىپ قالغان باشقا بالىلارنىڭ غۇلجىغا كىرەلىگىنى خىتاي بىلەن ئىلىشىپ شېھىد بولدى، بەزىلىرى ئېغىر يارىلىنىپ قولغا ئىلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتتى. ۋەتەنگە كىرەلمىگىنى بولسا ئافغانىستانغا كەتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئامېرىكىغا ئەسىر چۈشۈپ قىلىپ گۇۋاناتانامودا بىگۇناھ يىللارچە ئامېرىكا ھايۋانلىرىنىڭ قولىدا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ يېقىندا قويۇپ بېرىلدى.

شۇنىڭ بىلەن 2000 - يىلدىن كېيىن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇستازلار بۇ ئېغىر مۇسىبەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ، چەتئەلدىكى دىندار - زىيالىي، مىللەتچى - ئۈممەتچى، دىندار - دېموكىراتچى، قۇرۇلتاي - ئىسلام پارتىيىسى، قۇرۇلتاي - سۈرگۈندە ھۆكۈمەت، دائىش - نۇسرا جىدەللىرىگە ئارىلاشماي ۋە تەرەپ بولماي، جىم ئۆزلىرىنىڭ دەرىسلىرىنى ئوقۇپ، خاتىرجەم ئىلىم تەھسىل قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقىلى 10 يىلدىن كۆپ ۋاقىت بولغان ئىدى. ئەمدى توساتتىن يەنە بىرلىرى چىقىپ مىسىرنى قوچىغىلى تۇردى، ئارىدىكى بىر قىسىم يارىلارنى قەستەن تاتىلاپ قانىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېنچ ئۆگىنىش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. چەتئەلدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توپلىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپۇنىيە، مالايسىيا، تۈركىيە، ياۋرۇپا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت بولسىمۇ، ۋە ھەممە يەردە ئوخشاش ئىللەت بولسىمۇ، نوقۇل مىسىردىكى بالىلارغا مەركەزلىشىۋېلىش مېنىڭچە قانداقتۇ مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش ياخشى نىيىتى بىلەن ئىزاھلىغىلى بۇلىدىغان ئاددى ئىش ئەمەس. شۇڭا مىسىردىكى پىشقەدەملىرىمىز، ئۇستازلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ئاتالمىش ئىسلاھات ئىشىغا ھاياجانلانماي ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىز بۇنىڭدىن بۇرۇن مىسىردىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئىسلاھ قىلىمەن دەپ كەلگەن كۆپلىگەن دىندار، مىللەتچى، دېموكىراتچى قوشۇن ئىگىلىرىنى، ھەتتا خىتاي تەربىيلەپ ئىۋەرتكەن دوكتور، ئىلمىي تەتقىقاتچى دەپ ماركىسى بار قەلەم ساھىپلىرىنى كۆپ كۆرگەچكە، ئۇلارنىڭ: «ئۈممەت زۇلۇم كۆرىۋاتسا سىلەر ئوقۇيمەن دەپ يىتىۋېرەمسىلەر؟!.... ئۇيغۇر مىللىتىمىز جاپا چىكىۋاتسا سىلەر ئەرەبچە ئوقۇيمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلساڭلار قانداق بۇلىدۇ؟!» دىگەن لوگىكىلىق گەپلىرىگە ئىشىنىپ كېتىپ ئوقۇشنى تاشلاپ ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا، قىرغىزىستاندىكى مەلئۇن توزاقتا، تۈركىيەدىكى، ياۋرۇپادىكى كەيپ-ساپا مۇھىتىدا بىھۇدە نابۇت بولۇپ كەتكەن بالىلارنى كۆرگەچكە، مىسىردىكى بالىلارنى قوزغايمەن دىگەن ھەرقانداق تەشۋىقاتقا سەزگۈرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.

ھازىر دۇنيا ئىدىئولوگىيە ئۇرۇش دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئاق بىلەن قارا، توغرا بىلەن خاتا، ھەق بىلەن ناھەق ھىچقاچان بۇگۈنكىدەك ئارىلىشىپ كەتمىگەن، ئۈممەت، جۇملىدىن مىللىتىمىز بۇگۈنكىدەك گاڭگىراپ باقمىغان ئىدى. بۇ گاڭگىراپ قىلىشلار مىللىتىمىزنى خېلىلا چۆچۈتۈپ قويماقتا. شۇڭا زىيالىيلارنىڭ ياڭراق شۇئارلىرى گەرچە قۇلاققا توغرىدەك ئاڭلانسىمۇ، يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بۇ گاڭگىرتىپ قويۇشلىرىنىڭ بىزنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن بىر ياخشى تەسىرى مىللىتىمىزنىڭ ھىسياتچانلىق تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىشى بولماقتا. بۇرۇنقىدەك كىم ياڭراق شۇئار توۋلىيالىسا، كىم پەلسەپەلىك گەپ قىلالىسا، كىمنىڭ قەلىمى چىرايلىق سۆزلەر يازالىسا، كىمنىڭ ئەتراپىدا سېنىڭ راست دەيدىغان دۇمباقچىلىرى كۆپ بولسا، شۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ ئارقىسىدىن يۈگىرەيدىغان، ئوقىۋاتقان ئوقۇش، قىلىۋاتقان كەسىپنى تاشلاپ ئۆزىنى دەسمىي قىلىپ بېرىدىغان ئىشلار يوق.

شۇڭا مىللىتىمىزنى ئىسلاھ قىلىمەن دەپ ياخشى نىيەتلەر بىلەن يولغا چىققان زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەھلى بولغان ئىشنى قىلسا، بىر ئىشنى قەلەمگە ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىشنىڭ سىياسىي، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈپ ئاندىن قارار بەرسە، ھەممىدىن مۇھىمى يېزىقچىلىق قابىليىتىنىڭ قەلەم بىلەن پۈتمەيدىغانلىقىنى، يېنىغا چوقۇم ئەتراپلىق سىياسىي، تارىخىي، دىنىي بىلىملەرگە ۋە بۇ بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇپ ئانالىز قىلالايدىغان تەپەككۈر قابىلىيەتكىمۇ ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئالىم ئۇستازىمىز، مۆتىۋەر زىيالىيمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىدەك دىنىي، پەننىي ساھەنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئويغانغان زېمىندا ئويغاق مىللەت مەشئىلىنى ياندۇرالايدۇ!

جانابىي ئاللاھ ئەزىزانە مىللىتىمىزنىڭ زىيالىي، ئۆلىما ساھەسىنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوللايدىغان، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدىغان روھ ۋە پەزىلەت ئاتا قىلسۇن، ھەممىمىزنى 
الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ توغرا يولىدا جەم قىلسۇن. ئامين!

 

كۆرۈلۈشى: 3359 \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-18
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20
بۇ ئىسىل ماقالە دەل ئەجدادلىرىمىزنىڭ: سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈلەپ ئىچەر دىگەن نەسىھەتىنىڭ چۈشەندۈرىشى بولۇپتۇ.
يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ئەسلىدە مىسىردىكى بالىلاردىن كېتىپ قالغان. جىم ياتقىچە، رابىيخان مەنىۋى ئانام دىسە، ياق ساقاللىق مەنىۋى ئاتام دەپ ئىككى بۆلۈنۈپ جىدەل قىغان بولسا، ما تۈركىيەدىكىلەردەك نەچچە دەرنەككە بۆلىنىۋىلىپ سوقۇشاپ بىر-بىرىنى ھۆكۈمەتكە شىكايەت قىغان بوسا، ئىۋۇ ئامىرىكىدىدەك قۇرۇلتاي - سۈرگۈندە ھۆكۈمەت دەپ دۇككاننى ئىككى قىلىۋىلىپ، خىرىدار تالىشىپ سوقۇشاپ بىر-بىرىنى ئامىرىكا دىموكىراتىيە پوندى جەمئىيىتىگە شىكايەت قىغان بوسا، بۇنچىلىك ئۇستىگە بىسىم كەممەيتتى. جىم ئۆزىنىڭ ئوقۇشى بىلەن بولاش ھازىر گۇناھ بولاپ قىلىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

قېرىنداشلار! ئەسلىدە مۇشۇ زىدىيەتكە ئارىلاشماي دەپ خېلى مەزگىل تۇرۇپ باقتىم. چۈنكى بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ زىدىيىتىدىن ھېچقاچان بىزنىڭ مىللىتىمىز پايدا كۆرۈپ باققان ئەمەس. تارىختىمۇ شۇنداق بولغان، ھازىرمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەن مەزكۇر زىيالىيمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى خېلىدىن بېرى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان، ھەتتا ۋىسال سەھىپىسىدە مىننەتدارلىق بىلەن ئېلان قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. سەۋەبى مەزكۇر زىيالىمىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىقىدا «مىللەتنى ئەيىبلىمەسلىك، روھىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىك، ئىللەتنى ئەمەس، ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك گەۋدىلەندۇرۇش» ئېقىمىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەتتا بۇ «مىللەتنى روھلاندۇرۇش» ئېقىمغا بايراقدارلىق قىلىۋاتقانلىق ئۇسلۇبىنى ياقتۇراتتىم. ئۇنىڭ ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىز باشلىغان «مىللەتتىن قۇسۇر ئىزدەش، ئىللەتچىلىك» ئېقىمىغا قارشى تۇرۇپ، «مىللىتىمىزنىڭ ھېلىمۇ مۇستەملىكىدە ماددىي-مەنىۋىي خورلانغانلىقى، كەمسىتىلگەنلىكى، ئازابلانغانلىقى يېتىپ ئاشىدۇ، بىز يېڭى دەۋىر زىيالىيلىرى قەلىمىمىز بىلەن بولسىمۇ مىللىتىمىزگە مەنىۋىي مەدەت بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ بىزنى ناخشا-ئۇسۇلدىن باشقىسىنى قاملاشتۇرالمايدىغان مىللەت دەپ مەھكۇم قىلىپ قويغان روھىي كىشەننى چېقىپ تاشلاش» تەشەببۇسىغا سەمىمىي دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. شۇڭا باشتا دوللار قارىملار بىلەن باشلىغان ۋە مىسىردىكى بالىلارنىڭ ئىچكى زىدىيىتىگە لوپا ئەينەك تۇتۇش بىلەن داۋاملاشقان يازمىلىرىغا باشتا ئەجەبلەنگەن بولساممۇ، زىيالىيمىزنىڭ تۈرمىدىن يېڭى چىققان روھىي كەيپىياتىغا باغلاپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ باشتىكى «مىللەتنىڭ بارمىقىدىكى كىرنى ئەمەس، روھىدىكى گۈزەللىكنى ئىزدەش» ئۇسلۇبىغا قايتىدىغۇ دەپ ئۈمىد بىلەن كۈتكەن ۋە ۋىسال سەھىپىمىزدە زىيالىيمىزنىڭ زىدىيەتكە سەۋەب بولىدىغان كېيىنكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلمىغان ۋە بۇ ئەسەرلىرىگە قارىتا تەنقىدى ئىنكاسلارغا يول قويماي كەلگەن ئىدىم. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ئەمما زىيالىيمىز باشتا ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرگەن ئۇسلۇبىغا گويا بىرلىرى ئىمبارگو قويغاندەك، نەدە ئىللەت بار شۇنى ئىزدەيدىغان، ھەتتا ئاتايىتەن قانچە مىڭ كىلومېتىر يولنى بېسىپ، ئاشكارلانمىغان، بىلىنمەي قالغان، يېپىلىپ قالغان، كۆمۈلۈپ قالغان ئىللەت بارمۇ، دەپ ئىزدەپ يۈرىشلىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغان ۋە ئۇ بايراقدارلىق قىلغان «مىللىتىمىزنى كەمچىلىكلىرىنى ئەيىپلەش ئارقىلىق ئەمەس، ئارتۇقچىلىقىنى تەغدىرلەش ئارقىلىق تەربىيلەش» ئۇسلۇبىغا دۇئا قىلىپ كەلگەن ھەممىمىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. شۇڭا، بىز ئۆزىمىز ئىچىپ بەرگەن ئىللەتتىن باشقىلارنىڭ قانداق پايدىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى سەمىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن يۇقىرىقى ماقالەمنى ئېلان قىلغان ئىدىم. چۈنكى بۇ چەتئەل دىگەن ۋەتەنگە ئوخشىمايدۇ، ۋەتەندە بىرلا كوممۇنىست خىتاي دۈشمىنىمىز بولسا، چەتئەلدە بىزدىن پايدىلانماقچى بولغان، بىزنى ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەتمەكچى بولغان نەچچە ئونلىغان دۈشمەن بارلىقىنى، ۋەتەندىن «دۈشمىنىم خىتايدىن قىساس ئالىمەن» دەپ چىققان يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامېرىكىغا، ياۋرۇپاغا، روسىيەگە، تۈركىيەگە، ئەرەبلەرگە مۇش ئاتىدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى تۆكۈشتىن يانمايدىغان، ئۆزى ئەگىشىۋالغان باشقىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئەگەشمىدى دەپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى مۇباھ كۆرىدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتۈم.
شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇنچىلىك كۆپ زىدىيەتنىڭ ئىچىگە، ۋەتەندىن يېڭى چىقىپلا يەنە بىر زىدىيەت پەيدا قىلىش ئەل-ۋەتەن قايغۇسىدىكى زىيالىيغا ياراشمايدىغان بىر ئۇسلۇب، ھەتتا ئۆزىگە سەمىمىي تەۋسىيەدە بۇلۇنغانلارنى مەككارلىق بىلەن ئەيىپلەپ چاپان كىيگۈزۈش تېخىمۇ قاملاشمايدىغان بىر ئۇسلۇبتۇر!!!! ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20
بىز دىنىي ساھادىكىلەر نەچچە ئون يىلدىن بېرى «توغرا ئۇسلۇب قوللانمىسا ياخشى نىيەتنىڭ ھەرۋاقىت ياخشى نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى» ھەقىقىتىنى نۇرغۇنلىغان ئىچىنىشلىق ساۋاقلار بىلەن ئۈگەندۇق، ئەمدى زىيالىي ساھەسىدىكىلەرمۇ توغرا ئۇسلۇب قوللانمىسا «ياخشى نىيەتلىرى»نىڭ ۋاقىتسىز قۇربانى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئۈگىنىپ قويىدىغان ۋاقىت كەلدى، كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى چەتئەل مۇرەككەپ، يوللار تۇز ئەمەس، ئادرىسلار تۇراقسىز، ئىنسانلار غەلىتە، ئارمانلار شۇپپىتى!!!
يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20
ۋىسال ئاكا ئۇ زىيالىي قايتۇرما يازمىسىدا يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بەك گۇمانخوركەن، ھەممە ئىشتا خىتاينىڭ، خەلقئارادىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ قولى بار دەيدىكەن، دەپمۇ يېزىپتۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ئۆز ۋاقىتىدا تۈركىيە باش مىنىستېرى مەرھۇم نەجمىدىن ئەرباكاندىن: سىز ھەممە ئىشتا ئامېرىكىدىن شۈبھىيلىندىكەنسىز، يەھۇدىينىڭ بارمىقىدىن گۇمانلىندىكەنسىز، دەپ سورىغاندا، خەلقئارا سىياسەتنىڭ پروفىسورى ئەرباكان خوجا شۇنداق جاۋاب بېرىپتىكەن:
 

يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

بۇ زىيالىينى كىم بىلەت ئېلىپ بېرىپ مىسىرغا ئېۋەرتكەن بولسا، مىسىردىكى بالىلارمۇ بىلەت ئىلىپ بېرىپ باشقا دۆلەتكە بېرىپ ئىللەت تېپىپ كەل دەپ يولغا سالغان بولسا، بەلكى شۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش سەمىمىيتىدە قانچىلىك راستچىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقاتتى.

يازغۇچى: ئەلپىدا \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

تۈركىيەدىكى گۇلەن ئەردوغاننىڭ بىشىنى خىلىلا  ئاغرىتىپتىكەن. ئەمدى بىز ئۇيغۇردىنمۇ شۇنچىۋالا دىشۋارچىلىق يەتمىگەندەك گۇلەن چىقتى دىسە، ھەي بەك شور پىشانە مىللەت جۇمۇ بىز.

يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن زىيالىيلىرىمىزدا ئۇمۇمىيۇزلۈك خىتايغا قارشى بىر ئويغۇنۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دىنى ساھادىكىلەر بىلەن ھەمكارلاشمىسا بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن زىيالىيلىرىمىز دىنغا يۈزلىنىش، دىن بىلەن ئارىسىغا خىتاي قوپۇرۇپ قويغان تامنى ئۆرۈپ تاشلاشقا ھەرىكەت قىلىش كۈچىيىشكە باشلىغانسېرى، مۇشۇنداق دىنى ساھەنى ئەيىپلەيدىغان، ئارىدىكى دوستانە كەيپىياتنى بۇزىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ئىخلاسمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

تەۋپىق بۇرادەرنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. باشتا ئامېرىكىدىكى ئاستىرونۇمىيە دوكتورى ئۆزى بىلگەن ئىشنى قىلماي، دىنىي تىمىدا ماقالە يېزىپ بىر مۇنچە زىدىيەت چىقاردى. كېيىن ئۇ بىسىققاندەك قىلغان ئىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ شاگىرتى مۇستاپا ئىسلام ئوغلى دىگەن بىر تۈرك شىئەپەرەسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مىللىتىمىزنىڭ ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىغا قول سىلكىدى ۋە خىلى كۆپ كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەب بولدى. كېيىن ئۇمۇ دەككىسىنى يەپ بىسىققان ئىدى، ئەمدى ماۋۇ گۇلەن چىققىلى تۇردى. بىزنىڭ دىنى ساھەدىكى ئۇستاز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇلارغا قۇچاق ئاچقانسېرى، بۇ زىيالىيلار ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ غەۋغانى چوڭايتىپ، ئارىدىكى تامنى تېخىمۇ ئىگىزلىتىۋاتىدۇ. بىز ۋەتەندىكى زىيالى - موللا جىدىلى ۋەتەندە قالسۇن، ماۋۇ چەتئەلدە بولسىمۇ بىر - بىرىمىزنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ، بىر داستىخاندا چىرايلىق ئولتۇرايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوللاپ، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، مىللىتىمىزنىڭ دۈشمىنى خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرايلى دىگەنسېرى، بۇ زىيالىيلار ئىگەدىن چۈشكىلى ئۇنىماي، ھەممىنى مەن بىلىمەن، ھەممىڭلارغا مەن ئەقىل ئۈگىتىمەن دەپ ئاقساقاللىق قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

مېنىڭچە ئارىدىكى زىيالىي - موللا زىدىيىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن دىنىي ساھەگە نەسىھەت قىلىدىغان ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇلغاندەك، زىيالىي ساھەگىمۇ نەسىھەت قىلىدىغان بىر زىيالىيلار بىرلىكى قۇرۇلىشى كېرەك. بولمىسا بىر تەرەپنىڭ كۈچىگىنى بىلەن بۇ زىدىيەت ھەل بولمايدۇ. بىرىنى بىسىقتۇرغان بىلەن يەنە بىرى مۇشۇنداق چىقىۋېرىدۇ. ھەممىدىن خەتەرلىكى بىرى پەيدا قىلغان ئىختىلاپقا رەددىيە بېرىمەن دەپ قوزغىغان شامالدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مىللىتىمىزگە مەنسۇپ ئون مىڭلىغان ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى زىدىيەت تېخىمۇ چوڭىيىپ كىتىپ، تېخىمۇ يىغىۋالغىلى بولمايدىغان، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

توغرا، ۋىسال ئاكىمىز دىگەندەك، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە زىيالى - موللا جىدىلىدىن خىتايغا مەڭگۈ نۆۋەت كەلمەيدۇ. بۇ جىدەلدىن ئۇتقان تەرەپ مەككار خىتايدىن باشقىسى بولمايدۇ.

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20
بۇ زىيالىلاردىن سورىساڭلار تەرەتنىڭ پەرزىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ، ئەمما دىنى جەھەتتە ماقالە يېزىشقا، ئەھكام بېرىشقا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى قىززىقتە. بۇ زىيالىيلار بىزگە دەرس ئۈگىتىمەن دەپ ئىسراپ قىلغان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ كەسپىگە دائىر قانچىلىك ماقالە يازغاندۇ؟
يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ۋىسال ئاكا ئۆلىما دىگەننىڭ كۈچى ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دىگەن ھەممە كىشىگە يېتىدۇ. بۇ زىيالىلارمۇ ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دىگەندىن كېيىن ئۆلىمالىرىمىزنىڭ پىچىقى بۇلارغىمۇ كېسە. شۇڭا ئايرىم زىيالىلار بىرلىكى قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن.

يازغۇچى: ئۆكتەم بالا \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنىڭ پىچىقى بۇلارغا كەسمەسمىكىن. ھازىرغىچە خەتمەمنى قىلىپ قويغىن دەپ تەڭلەپ بەرگەننى سۈننەت قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىغان پىچاقلار ئۇ.

يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ئۆكتەم ماڭ قايلا، خۇددى خەتمەڭنى چالا قىپ قويغان بىرنىمىدەك گەپ قىماي، چوڭلارنىڭ گىپىگە ئارىلاشمىساڭ بوممامدا. ھېلى بەكا قارىملار سەن ياراتمىغان پىچىقى بىلەن بىر نىمەڭنى تۈۋىدىنلا كېسىۋىتىپ، ئۆكتەم قىزغا ئايلاندۇراپ قويمىسۇن جۇما. ھوشۇڭنى تېپىۋال.

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ھەممە يەردە مۇشۇنداق ھارام تاياق گۇيلار بىر ئوبدان كېتىۋاتقان گەپنىڭ ئۈستىگە سىيىپ يۈرىدۇ، دىسە. قەشقەر بۇرادەر پىچاقتەك ئوبدان گەپ قىلدىلا جۇما ئۇ ھاراملىققا.

يازغۇچى: ئەقىدە \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

ئەقىدە مۇنبىرىدە خەزىنە ئىسىملىك بىر بۇرادىرىمىز تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يېزىپتىكەن. مۇشۇ يەرگىمۇ ھەمبەھىرلىشەي دىگەن ئىدىم:
 

ھالبۇكى قورقۇنچاقلىقىنىڭ چانماسلىقى ئۈچۈن ئۆز ساھەسىگە ھىچ كىمنىڭ پىكىر بېرىشىنى، باھا يېزىشىنى، ئارىلىشپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.
------------------------------------------------------------------------
ئۈستىدىكى بىرەيلەنمۇ مۇشۇنداق دەپتىكەن، گۈلەن ئاكىمىزمۇ دارتىمىلاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۆزى ئەھلى بولمىغان ساھەگە ئارىلىشىشنى ياردەم نىيىتىدە قىلغان دەيلى، ئۇنداقتا ياردەم دېگەن قانداق بولىدۇ؟ دۆڭدىن چىقالمايۋاتقان بىر ماشىنا بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىشىپ بەرسەك بۇنى ياردەم دەيمىز، ئەگەر ئالدىغا ئۆتۈپ شوپۇردىن رول تالاشساق بۇنى ياردەم ئەمەس، زىيان ئۇرۇش دەيمىز. چۈنكى بىز شوپۇر ئەمەس، ئۇدۇل ئورەككە ھەيدىشىمىز مۇمكىن. ھالبۇكى ئارىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر ياردەمنى رولغا ئېسىلىش بىلەن قىلىۋاتىدۇ. بەزىلىرى قەستەن قىلىدۇ، بەزىلىرى رولغا ئېسىلىۋالغىنىنىمۇ بىلمەي قىلىدۇ. شۇڭا بىزدىكى تارىخچىلار، دوختۇرلار....ئىشقىلىپ ھەممە ساھەدىن پەتىۋا بېرىدىغانلار چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. دىنىي ئىلىم ئىمام شافىئي رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك ئازراق بىر نەرسە بىلىۋالسا ھەممىنى بىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەخسەن گۈلەن ئاكىمىزدىن ياخشى گۇمان قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما گۈلەن ئاكىمىزنىڭ دەل يۇقىرىقىدەك باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىزلەرمۇ بۇ قازاندا قايناپ باققان، نەچچە تەرجىمە كىتابنى، بىر ئىككى ئۇستازلارنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلاپلا ئۆزىمىزنى بىلمەي قالغان، دىنىي ئۆلىمالار نېمىش قىلىدىغاندۇ دەپ قايناپ كەتكەن، بىر كۈن ئىچىدىلا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى تۈزەپ چىقىدىغاندەك تۇيغۇلاردا بولغان. مانا ئەمدى پەسكويغا چۈشۈپ، ئۇستازلارنىڭ ئېغىزىغا قاراشنى ئۆگەندۇق.
.... داۋامى بار

يازغۇچى: ئەقىدە \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

نەچچە يىل بۇرۇن بىر دېھقان ياش مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ياساپ چىقتىم دەپ داۋراڭ سالدى. لېكىن فىزىكىدىن نورمال ساۋادى بارلار بۇنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتكە خىلاپ، مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا رەددىيەلەر بېرىلدى. ئەمما يەنە بىر قىسىملار "نېمىشقا ياشلارنىڭ ئىلىم-پەن قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىمىز، دوكتۇر، ماگىستىرلىقتا ئوقۇمىغانلارنىڭ ئىلىم-پەن ھەققىدە سۆزلەش ھوقۇقى يوقمۇ؟!" دەپ قارشى چىقتى. يۇقىرىدىكى ھېچبىر سىقىلماي "باشقىلارنى ساھەسىگە نېمىشقا ئارىلاشتۇرمايدۇ" دېيىلگەن بۇ سۆزلەر ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدىكى قارشى چىققۇچىلارنىڭ سۆزىگە ئوپمۇ-ئوخشاش.
ئەركىن سىدىق ئاكىمىزمۇ خېلى بىر مەزگىل ياسىر قازى، نوئمان ئەلى خانلارنىڭ لېكسىيەلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تورغا تارقاتتى. نىيىتىنىڭ دۇرۇسلىقىغا ئەلۋەتتە شەك قىلمايمىز. مەنپەئەت ئالغانلارمۇ كۆپ بولدى. ئەمما ئارىلىقتا ئاكىمىزمۇ نەچچە قېتىم "رولغا ئېسىلىش" خاتالىقىنى ئۆتكۈزۈپ قويدى. ۋاقتىدا تەنقىدلەرمۇ بېرىلدۇ. دېمەك ئەھلى بولمىغان ساھەگە قول تىقىشتا مەيلى نىيەت قانچىلىك ساپ بولسۇن، دىققەت قىلمىسا ئاسانلا چېگرادىن ھالقىپ كېتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلماق زۆرۈر بولىدۇ.
مەن گۈلەن ئاكىمىزنىڭ دىققىتىنى يەنىلا ئۆز ساھەسىگە قارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تىلىمىزدىكى ئىملا قالايمىقانچىلىقى، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن رازى بولغۇدەك ئانا تىل ئوقۇشلۇقىنىڭ بولماسلىقى...دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ...
ئەسلى مەنبەسى:(http://eqide.net)

يازغۇچى: دەردىم بار \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

بۇرادەر توغرا يېزىپتۇ. ھەممىمىز ئەسلىدە ئۆزىمىز بىلگەن ئىشنى قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ ساھاسىدىكى ئىشنى روناق تاپقۇزۇشقا تىرىشساق، مىللەتكە خىزمەت كەمچىلىك قىلمايتتى. مەسىلەن، ھازىر چەتئەلدە ئانا تىلغا خىزمەت جەھەتتە ئابدۇۋەلى ئايۇبنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان ئادەم يوق. بولسا ئابدۇۋەلى ئەپەندۇم باشقا ئىشلارغا ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماي، بۇ ئالاھىيدىلىگىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە شۆبە مەكتىپى بار بىر خەلقئارالىق ئانا تىل تەرەققىيات شېركىتى قۇرغان بولسا مىللىتىمىزگە بۇنىڭدىن ئارتۇق خىزمەت بولمايتتى. ئۇنىڭ ۋەتەندە قىلالمىغان خاسىيەتلىك ئىشىنى چەتئەلدە قىلىدىغان ئىمكانلار جىق، ھەممە ساھە قوللايدۇ. چۈنكى بىز بۇ يەردە دىنچى - زىيالىي جىدىلى قىلىپ ئولتۇرغىنىمىز بىلەن بالىلىرىمىز تۈركلىشىپ، ئەرەبلىشىپ، ياۋرۇپالىشىپ، روسلىشىپ، ئىنگىلىزلىشىپ، ياپونلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يەنى ھەممىگە ئوخشاۋاتىدۇ، بىر ئۇيغۇرغا ئوخشىماي قىلىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ناۋاي \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

شۇنى دەيمەن. باشتىلا دوللار قارىملار دەپ خەقنىڭ چىشىغا تەگكىچە، ئۇكىلىرىم مىللىتىمىزگە جىنىڭلارنى بېرەلمىسەڭلارمۇ، تاپقان دوللىرىڭلارنى بولسىمۇ بېرىڭلار. مايەدە مىللىتىمىزگە ئىككى دۇنيالىق پايدىلىق مانداق بىر ئىسىل پىلان بار دەپ، ئۆزىنىڭ راۋرۇس تۈزگەن ئانا تىل پىلانىنى كۆرسىتىپ ، چەتئەلدىكىلەرنىڭ ۋاي ئابدۇۋەلى گۇلەن مۇئەللىمىز كەپتۇ، ھازىرقى دەۋىردىكى تەۋپىقىمىز كەپتۇ دەپ بېشىدا كۆتۈرگەن، ھۆرمىتىنى قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى بىلگەن، ئەھلى بولغان ئىشنى قىلغان بولسا، ئەرەبىستان دېگەن پۇلنىڭ ماكانى بولغاندىن كېيىن، ئانا تىل دىگەن ھەممىمىزنىڭ جان تىلى بولغاندىن كېيىن بۇ چاققىچە ئىشلىرىنى يولغا سېلىپ خېلى روناق تېپىپ قالاتتى. ئەمما بىر ئوبدان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەنلەر ئۇنى خاتا يولغا باشلاپ قويدى. ئەگەر توغرا قەدەم باسقان بولسا ئانا تىل ئارقىلىق مىللىتىمىزنى بىرلەشتۈرەلىگەن بۇلاتتى، بىزمۇ گۇلەن دىنىي ساھە بىلەن زىيالىلارنىڭ ئارىسدىكى زىدىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى دەپ ئاغرىنمىغان، ھەتتا بىزنى بىرلەشتۈرگەن زامانىمىزنىڭ تەۋپىقىنىڭ ئۆمرىگە ۋە ئىشلىرىغا بارىكاللاھ دەپ خالىس دۇئالار قىلغان بۇلاتتۇق.

يازغۇچى: دىيارىم \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20

توغرا دەيسىلە. بىز ئەسلىدە گۇلەندىن رەنجىمەي، ئۇنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان شەخسىي ئاداۋەتلىرىگە پايدىلىنىپ كەتكەنلەردىن رەنجىشىمىز كېرەك. قاراپ تۇرۇپ بىر ئىسىل گۆھەرنى تاشقا ئۇرۇپ ئىسراپ قىلۋەتتى.

يازغۇچى: پىدائىي \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-20
بىزدە مىللەتكە خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ كەسپىنى قىلماي، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز. قىلىدىغان ئىش كۆپ قىلىدىغان ئادەم يوق. شۇڭا كونىلار: قالپاققا چۈشلۇق قىرغىز يوق دەپ بىكار ئېيتمىغاندە.
يازغۇچى: مۇسا كالتەك \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21

زىيالىلارنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۋەتكەن ئىشەك ھەرىلىرىدەك بىرنىڭ كەينىدىن بىرسى مۇشۇنداق دىنى ساھانىڭ ئۈستىگەيۇپۇرلۇپ كىلىشىنىڭ سەۋەبىنى دىنى ساھەنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇلارنى خېلىلا چۆچۈتۈپ قويدى دەپ قارايمەن. مۇشۇ ئىستانبۇلنى مىسالغا ئالساق يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى دىنى جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن قىلىنۋاتقان خىزمەتلەر ۋە تەرەققىياتلار تۈركىيەدە ئۇيغۇر ياشىغىلى باشلىغان 50 -60 يىللىق خىزمەتتىن ئىشىپ چۈشتى. مىللىتىمىزنىڭمۇ دىنى جەمئىيەتلەرگە بولغان مۇھەببىتى كۆپىيىپ زىيالىلار يېتىم قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا زىيالىلار قىلاي دىسە بىر ئىشنى قاملاشتۇرالمىغان، جىم ئولتۇراي دىسە بارغانسېرى چەتكە قىقىلىپ يىتىم قىلىۋاتقان، يەنە كىلىپ ئەتە-ئۆگۈن ۋەتەن مۇستەقىل بولۇپ قالسا جىمى ئىش مۇشۇ دىنى ساھانىڭ قولىغا قىلىپ، ئۆزلىرى يەنە بويۇن قىسىپ قالارمىزمۇ دەپ، مۇشۇنداق ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ چىقىپ، دىنى ساھەنىڭ ئوبرازىغا تاش ئىتىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: دەيمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21

يازمىلىرىدىكى گۇلەن بىلەن ئەمىلىيەتتىكى گۇلەن ئوخشىمايۋاتىدۇ. تۇرمىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى گۇلەن بىلەن تۇرمىگە كىرگەندىن كېيىنكى گۇلەن ئوخشىمايۋاتىدۇ، چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇنقى گۇلەن بىلەن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى گۇلەن ئوخشىمايۋاتىدۇ. خۇددى تۈركىيە رەئىسى ئەردوغان ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۈرك گۇلەنى ھەققىدە دىگىنىدەك، «ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇنقى گۇلەن بىلەن ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىنكى گۇلەن ئوخشىماي قىلىۋاتىدۇ. گۈلەننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دىنى ھۆكۈمىتىگە بۇنچىلىك ھۇجۇم قىلىشىدا ئۇنى كۈشكۈرتۋاتقان ئامېرىكىنىڭ كۇلەڭگىسى بارلىقى ئېھتىماللىقى يۇقىرى.» بىزمۇ ئۇيغۇر گۇلەن ھەققىدە پىكىر قىلغاندا ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كۈلەڭگىلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىساق دەيمەن. خىتاينىڭ تۈرمىسى ئادەتتىكى يەر ئەمەس، ئۇيەردە كىم-كىملەر ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى، ئارزۇ-غايىسىنى ئۇنتۇپ چىقمىدى دەيسىلەر، ۋە خىتايمۇ ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا رازى بولمىغان كىشىنى ئۇنداق ئاسان تۈرمىدىن چىقارمايدۇ. ھەتتا تۈرمىدىن ئۇدۇل چەتئەلگە، ھەمدە تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويمايدۇ. (مېنىڭ ئىنىم غۇلجىغا تۇققان يوقلاپ كىلىپ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شەبنەم تورىدا مەن ھازىدار دەپ ئىككى كوپلىت شېئىر يىزىپ قويغىنىغا كېسىۋەتتى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پاسپورتىلىرى، ماتېرىياللىرى ھەممە نەرسىسى تولۇق بولسىمۇ، كانادادا ئوقىۋاتقان مەكتىپى تەكرار چاقىرىق ئىۋەرتكەن بولسىمۇ، تۈرمىگە كىرگەنلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا روخسەت يوق دەپ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ قايتا بەرمىدى. ھازىر ھەر دىنى، مىللى قۇتراتقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش شامىلى بولسا سۇئال - سوراقسىز ئەكىرىپ كېتىپ، بىر مەزگىل ياتقۇززۇپ چىقىرىۋىتىدۇ. بىر قېتىم يەنە تۇتقىلى ئۆيگە كەلگەندە ئىنىم مەن ھېچ ئىش قىلمىسام نىمىشقا تۇتىسىلەر دەپ گەپ تالىشىپتىكەن، ئاپامنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدىلا بەك قاتتىق ئۇرۇۋىتىپتۇ. ئانام بالا دەردىدە روھى كېسەل بولۇپ قالدى. بۇ مەككار خىتاي بىر مىھرىۋان ئانىنى ۋە ئىستىقبالى پارلاق، كانادادا ئۇنۋېرسىتىتتا ئالدىنقى قاتاردا ئوقىۋاتقان بىر بالىنى ئەنە شۇنداق نابۇت قىلۋەتتى.). داۋامى بار

يازغۇچى: دەيمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21

شۇڭا گۈلەن ئەپەندىگىمۇ تەس، بەزى يازمىلارنى يازمىسا ۋەزىپەڭنى ئورۇنلىمىدىڭ دەپ يەنە خىتايغا ياندۇرۇپ ئەكەتسە قانداق قىلىدۇ. ھەممە ئادەمگە جان تاتلىقتە. شۇڭا مەنچە بىز گۇلەن ئەپەندىنىڭ يازغانلىرىغا ئۇنچىلىك جىددىگە ئىلىپ ئىتىبار قىلمىساق، گۇلەن ئەپەندىگە نەسىھەت قىلغاندىنمۇ جىق پايدىسى بۇلىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇمۇ مەن يازدىم ئەمما دىنى جامائەتلەر ئىتىبارغا ئالمىدى، سەكرەپ ئوتتۇرغا چۈشمىدى، سىلەر كۈتكەن چەتئەلدىكى دىنى - زىيالى چوڭ جىدىلى باشلانمىدى، دەپ ئىگىسىگە جاۋاپ بىرەلەيدۇ.
بۇرادەرلەر بىز خىتايدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ گۈلەن ۋە گۇلەنلەردىن قۇتۇلالمايمىز. شۇڭا گۇلەننىڭ بوينىدىكى سىرتماقتىن تېزراق قۇتۇلىشىغا دۇئا قىلىپ، نەپرىتىمىزنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرەيلى.

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21

سۆزىڭلارنىڭغۇ خىلى جىنى بار. ئەمما ۋەزىپەمنى ئىجرا قىلدىم دەپ دىنى ساھادىكى ئۇستاز، ئوقۇغۇچىلارغا توختىماي تاش ئىتىۋەرسە قاراپ تۇرساقمۇ بولماس.

يازغۇچى: دەيمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21

مەن قاراپ تۇرايلى دېمىدىم. يۇقىرىدا ۋىسال ئاكىمۇ دەپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ، زىيالى ساھەنىڭ چوڭلىرى بۇ ئىشقا ئارىلاشسۇن، بۇ ئىشنى توختاتسۇن دەپتۇ. زىيالى بالىلار گۈلەننى كۆپتۈرۈپ گۇلەننىڭ يازمىلىرىنىڭ ئاستىغا دىنى ساھەنى سۆكىدىغان، مەسخىرە قىلدىغان يازمىلارنى يېزىپ ھە دەپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلمىسا، بىزنىڭ دىنى ساھەنىڭ زىيالىلار بىلەن جىدەللىشىپ خىتايغا تاماشا قويۇپ بېرىش نىيىتىمىز يوق.

يازغۇچى: ئىخلاسمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21
توغرا، زىيالى ساھەمۇ، دىنى ساھامۇ گۈلەننىڭ يازمىلىرىغا پەرۋا قىلمىسا، ئىتىبار قىلمىسا خىتاي مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.
يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-21
گۇلەننى توختىتالمىساقمۇ، زىيالىلارنىڭ دىنى ساھەنى كەمسىتىشىنى، مازاق قىلىشىنى توختىتىش كىرەك. بولمىسا بۇ ئىش رامىزاندا ھۇزۇرىمىزنى بۇزۇش بىلەنلا قالمايدۇ، كېيىن تېخىمۇ چوڭ جىدەل-ماجىراغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-22

ئەسكەرتىش: «ۋىسال سىتۇدىيىسى سىلەر ئۈممەتچى ئىدىڭلار، ھەجەپ بۇگۈن مىللىتىڭلارغا كۈيۈنۈپ كەتتىڭلارغۇ... ئەرەبلەرگە تاتقۇزۇپ قويمىغان بىر پارچە بولسىمۇ ئۇيغۇرۇم دىيەلەيدىغان ۋىجدانىڭلار بار ئىكەن ھە...» دەپ ئىنكاسلارنى يېزىپ بىرمۇنچە ھاقارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سەمىگە: بىز شۇنچىلىك زىدىيەتنى ئۇلغايتماي، پەسەيتىشكە ھەرىكەت قىلغانسېرى، بەزىلىرىڭلار ھەددىڭلارنى بىلمەي قىلىۋاتىسلەر. ئۆزەڭلار تاشنى ئېتىپ، بىز جاۋاب بەرسەك چىدىمايۋاتىسلەر. سىلەرنىڭ ئەرەبلەشمىگەن ۋىجدانىڭلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي: بىزنىڭ ئىمانىمىز ۋە ۋەتەن سۆيىگىمىز ھېچقاچان بىر-بىرىنى يەكلىمىدى، دەل ئەكىسچە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بولۇپ تېخىمۇ جۇلالاندى. نە ئۈممەت ئەقىدىمىز ئىسلامنىڭ تەۋەرۈك زىمىنلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىستان سۆيگىمىزگە توسقۇنلۇق قىلدى، نە ۋەتەن سۆيگىمىز لاالەالااللە بايرىقىنى ئاللاھنىڭ زېمىنى ۋەتىنىمىزدە جەۋلان قىلدۇرۇش غايىمىزگە پۇتلاشتى. ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەن بولساڭلار، مۇنداق ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىزاھلاپ ئۆتەي:

بىزنىڭ ۋەتەن سۆيگىمىز شۇنى قىلىشقا يول قويمايدۇ:
1) ۋەتەن ئۈچۈن دەپ سىلەر بىلەن اللە ھارام قىلغان سورۇنلاردا بىرگە ئولتۇرۇشىمىزغا يول قويمايدۇ.
2) مىللىتىم ئۈچۈن دەپ سىلەرنىڭ نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ناخشا، ئۇسۇل، تانسا ئويناپ، كەيپ ساپا قىلدىغان بەزمىلىرىڭلاردا سىلەرگە ئۈلپەت بولۇشقا يول قويمايدۇ.
3) ۋەتىنىم ئۈچۈن دەپ سىلەرنىڭ قىزلىرىمىزنى خىتاي كاپىرلىرنىڭ قۇچىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئامېرىكا كاپىرلىرىنىڭ قۇچىقىغا تۇتۇپ بېرىدىغان سىياسىتىڭلارغا ھەمدەم بولۇشقا يول قويمايدۇ.
- داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-22

4) ۋەتىنىم ئۈچۈن دەپ سىلەرنىڭ كوممۇنىست كاپىرنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلۇپ، دېموكىراتىك كاپىرنىڭ زۇلۇملىرىغا رازى بۇلىدىغان شۇئارلىرىڭلارغا جۆر بولمايدۇ. (يەنى ۋەتىنىمىزدە كوممۇنىست كاپىرلارنىڭ ھاراقلىرىنى چەكلەپ، ئورنىغا دېموكىراتىك كاپىرلارنىڭ ھاراقلىرىنى ئىچىشنى يولغا قويۇش، كوممۇنىست پەسەندىلىرىنىڭ پاھىشخانىلىرىنى چەكلەپ، دېموكىراتچى پەسەندىلەرنىڭ پاھىشۋازلىق قىلىش ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش، كوممۇنىست قىمارۋازلارنىڭ قىمارخانلىرىنى تاقاپ، دېموكىراتچى قىمارۋازلارنىڭ قىمارخانلىرىنى ئېچىش،  كوممۇنىست جازانىخورلارنىڭ بانكىلىرىنى تاقاپ، دېموكىراتچى جازانىخورلارنىڭ بانكىلىرىنى ئىچىپ مۇسۇلمان مىللىتىمىزنى اللە ھارام قىلغان ئۆسۈم بىلەن كىرلىتىش، كوممۇنىست كاپىرلارنىڭ ھارامنى ھالال قىلغان قانۇنلىرىنى چەكلەپ، ئورنىغا دېموكىرات كاپىرلارنىڭ ھارامنى ھالال قىلغان قانۇنلىرىنى ئامېرىكىدىن، ياۋرۇپادىن، فىرانسىيەدىن تەرجىمە قىلىپ ئەكىلىپ اللەنىڭ قانۇن بەلگىلەش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش .... قاتارلىق مەسىلىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ سىلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ، ۋە مىللىتىمىزنى ۋە سىلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاك قىلىدىغان بۇنداق ئىسياندىن توسۇيدۇ).

ئەمدى بىزنىڭ ئۈممەت مۇھەببىتىمىز يەنى ئىسلامىي ئەقىدىمىز شۇلارغا يول قويىدۇ:
1) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەر «اللەنىڭ يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ اللەنىڭ ئەلچىسى» ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلغىنىڭلار مۇددەتچە سىلەرنى ئىسلام دائىرىسىدە بىلىپ، سىلەرنى كاپىر، مۇرتەد دەپ كۆڭلىڭلارنى رەنجىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، زۇلۇم قىلىشقا يول قىلمايدۇ.
2) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەرنىڭ مىلىڭلارغا، جىنىڭلارغا، نۇمۇسىڭلارغا قول تەككۈزۈشكە يول قويمايدۇ.
3) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەرنىڭ بىر قىسىم شەخسىي گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن بىزنىڭ سىلەرگە نەسىھەت قىلىشىمىزغا، ئىسلامنى سىلەرگە ئۈگىتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.
4) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەرنىڭ مىللەتتىن، ئەل - جامائەتتىن خىجىل بولۇپ يۇشۇرغان شەخسىي گۇناھىڭلارنى ياپىدۇ، ئاشكارلىمايدۇ، ئىزدىنىپ پىيىگە چۈشمەيدۇ. سىلەرنىڭ ئىززەت - ئابرويىڭلارنى مۇقەددەس بىلىپ قوغدايدۇ.
 - داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-22

5) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەر ماددىي قىينچىلىقلارغا دۇچار بولغاندا ياردەم قىلىشىمىزغا، ئاغرىق-كىسەل ئازابى تارتقىنىڭلاردا ھال سوراپ يوقلىشىمىزغا، نىكاھ مۇراسىمىڭلارغا داخىل بولۇپ بەختىڭلارغا دۇئا قىلىشىمىزغا، نەزىر، مۇسىبىتىڭلاردا جىنازە نامىزىڭلارغا قاتنىشىش ۋە قايغۇلىرىڭلارغا تەسەللىي بېرىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، ھەتتا بۇيرىيدۇ.
6) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭلارنى قۇبۇل ئىلىپ، ئاراڭلاردىكى پەن - تېخنىكا جەھەتتە ئىلغار سەۋىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا ئۇستاز بۇلۇشىڭلارغا، ئوقۇتۇپ يېتەكلىشىڭلارغا روخسەت قىلىدۇ، قوللايدۇ، تەشەببۇس قىلىدۇ.
7) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز مىللىتىمىزنىڭ تىلى، مەدەنىيەتى، تارىخى، جۇغراپىيەسى، ئارخىلوگىيەسى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۈرۈش جەھەتتە سىلەر بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىزغا، بىر ئۈستەلدە، بىر مەركەزدە ئولتۇرۇپ ئىشلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.
8) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىشكە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ھەتتا ۋەتىنىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى سىلەر بىلەن مۇرىنى - مۇرىگە تىرەپ اللەنىڭ زىمىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى بىرلىكتە مۇداپىيە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
9) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز سىلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەھلى كىتاب بىلەن، خىتاينىڭ دۈشمىنى دېموكىراتىك دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كىلىشىمنامەڭلارغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئەمما ئەھلى كىتابقا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئەھلى كىتاب بىلەن كېلىشىنامە تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئىشەنمىگەن، سىرىنى بەرمىگەن، دوست بولمىغان، ئۇلارنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئۇلارغا ئەسكەر بولمىغان، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، قۇماندانلىقىغا بويسۇنمىغان، ئۇلارنىڭ سىياسىتىگە خىزمەت قىلىمىغان.
- داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-22

10) بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «سىلە-رەھىم، ياردەم قىلىش، ھەمكارلىقنى ئالدى بىلەن ئائىلىسىدىن، يېقىنىدىن باشلاش» تەۋسىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، بىز بىلەن ئەينى ۋەتەن، ئەينى مىللەت، ئەينى تىلنى ھەمبەھىرلەشكەن، ئەينى زۇلۇم، ئەينى قىسمەتكە دۇچار بولغان، ئەينى ۋەتەندىن ئەينى دۈشمەن تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان مىللەتداش، تەغدىرداش، قىسمەتداش سىلەر قېرىنداشلىرىنىڭ دەردىنى دەردىم، قايغۇسىنى قايغۇم، خوشاللىقىنى خوشاللىقىم بىلىشكە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارغا سېتىشقا، سىلەرگە خىيانەت قىلىشقا، سىلەرگە قارشى دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا ئەسلا يول قويمايدۇ.

مانا بۇلار بىزنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىمىز بىلەن ۋەتەن سۆيگىمىزنىڭ قەلبىمىزدە بىرلەشكەن ساداسى. شۇڭا بىزنى ئۈممەتچى، ئىسلامچى، ئۇچى، بۇچى.... دەپ كاتىگورىيەگە ئايرىماي، نەپرەت ئوقىڭلارنى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ دۈشمىنى، مىللىتىمىزنىڭ دۈشمىنى خىتايغا قارىتىڭلار!!!

يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24
اللە اكبر!... اللە اكبر!.... ماشا ئاللاھ سىلىگە ۋىسال ئاكا. يۈرەككە تەككىدەك يىزىۋىتىلا. اللە سىلىدىن ئىككى دۇنيا رازى بۇلاپ كەتسۇن. ئامىن
يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24
ئوقۇپ يىغلىۋەتتىم جۇما. اللە ۋىسالىڭلارغا يەتكۈزسۇن. ئامىن، ئامىن...
يازغۇچى: سەلەفىي سالىھيىن \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

بۇ جاۋاب شۇنداق مۇكەممەل جاۋاب بولۇپ كىتىپتۇكى، ھەم چىكىدىن ئاشقان مىللەتچىلەرنىڭ، ھەم تەكفىرچىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچقۇدەك رەددىيە بولۇپتۇ. ۋىسال ئاكا اللە ئىككى دۇنيالىق ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، .امين

يازغۇچى: پىشقەدەم \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

راستىنى ئېيتسام ۋىسال سەھىپىسى ماڭا مەكتەپ بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم، ئۈگىنىۋالدىم. ئۇلۇغ ئىگەم مۇشۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ۋىسالدىن رازى بولۇپ كەتكەي. پىكىرىڭلار پارلاق، ئىشىڭلار تېخىمۇ روناق تېپىپ كەتسۇن. ئامىن

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

ئەسكەرتىش: ئۆلىمالار بىرلىكى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سۇئاللار كېلىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئەمەس، ھەم سەۋىيەممۇ يەتمەيدۇ. ھەمدە بۇ سەھىپە ئۆلىمالار بىرلىكنىڭ سەھىپىسىمۇ ئەمەس. شۇڭا سۇئاللىرىڭلارنى، پىكىر - تەلەپلىرىڭلارنى، تەنقىد - ئەيىپلەشلىرىڭلارنى ئۇستازلارنىڭ ئۆلىمالارنىڭ ئۆزىگە دىسەڭلار. ۋىسال سەھىپىمىز ئۆلىمالار بىرلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاسنى ئېلان قىلمايدۇ ۋە جاۋابلىمايدۇ!!!

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: