wisal stuido
دېھقانلار نېمە ئۈچۈن قانۇندىن قورقىدۇ؟

دېھقانلار نېمە ئۈچۈن قانۇندىن قورقىدۇ؟

لۇلىڭ گوڭزى
 

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خې ۋېيفاڭ يېقىندا غەربىي جەنۇپ سىياسى-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا <> دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەۋاتقاندا، ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرەيلەن: <> دېگەندە،پروفېسسور خې ۋېيفاڭ جاۋابەن:<> دېدى.
ۋاھالەنكى،سەھرادىكى ئاتا-ئانامنىڭ قان تەرى بەدىلىگە قانۇنشۇناس كەسپىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەندەك بىر دېھقان پۇشتىنىڭ نەزىرىدە دېھقانلار ھېلىھەم قانۇندىن ھەقىقەتەن ھېيىقىدۇ،قورقىدۇ. مەن ناھىيە، يېزا تەشكىللىگەن قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان. ئۇلار چوڭ بىر ئاپتوموبىلنى كەنىتنىڭ يول ئېغىزىغا توختىتىپ قويۇپ،تەشۋىق قىلىۋاتقىنى باجغا قارشى تۇرسا، باج ئوغرىلىسا قانداق مەسئۇليەت ئارتىلىدىغانلىقى، پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى چىقسا قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى، يەر سىياسىتىگە قارشى چىقسا قانداق جەرىمانە تۆلەيدىغانلىغى ھەمدە ئامانلىق ساقلاش، ئامانلىقنى قوغداش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، جازالاش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ۋە يەرلىك بەلگىلىمىلەر بولۇپ، تەشۋىق قىلىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. خالاس.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوخشاش ئۇ يەر-بۇ يەردىن ئۈزۈپ ئەكەلگەن، بۇرمىلانغان <> دېھقانلارنى قانۇندىن قورقىدىغان، ھېيىقىدىغان قىلىپ قويماقتا، قانچە چەكلىسىمۇ ئۆزگەرمەيۋاتقان زورلۇق بىلەن بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشلىرى دېھقانلارنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سېلىپ گەپ قىلالماس قىلماقتا.
سېلىق يىغىدىغان چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەت، ساقچىخانا، يەرلىكتىكى <>نىڭ <>لىقى؛ دېھقانلاردىن يەر پۇلىنى تاپشۇرۇۋالمىسا قانۇنسىز ئۆي سېلىۋالغان دەپ قارىلىپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ئېلىپ كېلىپ <>نى ئىشقا سالىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلاردىن يۇقىرىنىڭ خەۋرى بولمىسا كىرەك،ئېھتىمال.
مانا مۇشۇنداق قانۇن تەشۋىقات ئەندىزىسى ۋە قانۇننىڭ رولىنىڭ تۈرتكىسىدە بىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تولۇپ -تاشقان ئىشەنچىمىز بىلەن بىلەن ئىنتىلىپ تۇرغىنىمىزدا، دىھقانلار چۆچىگەن ھالدا:<> دېيىشى تۇرغانلا گەپ، دېمىسىمۇ بۇنداق بۇرمىلانغان<>نى ئۇلار قەتئىيلا قوبۇل قىلالمايدۇ.

(خەنزۇچە <> ناملىق ژۇرنالدىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى)


                                                                     مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1074 \ يوللانغان چېسلا: 2012-08-26
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: