تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى (دىيانەت) ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ جىنازە نامىزىنى ئوقىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى


تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى (دىيانەت) ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ جىنازە نامىزىنى ئوقىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى


ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئاغدۇرمىچىلىققا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى مۇۋاپىقىيەتلىك باستۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى سۆيۈندۈردىغان خەۋەرلەر ئارقىمۇ - ئارقىدىن كەلمەكتە. ئامېرىكا غالچىسى گۈلەننىڭ تۈرك ئارمىيسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان گۇماشتىلىرىنىڭ ھەربىي ئاغدۇرمىچىلىقى تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ پىداكارلىقى ۋە قەيسىرانە كۈرىشى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك بىسىقتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ۋەقەدە نۇرغۇنلىغان تۈرك مۇسۇلمانلار ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا غالچىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆز خەلقىگە ئوق چىقارغان نۇرغۇنلىغان ۋەتەن خائىنى گېنىرال ۋە ئەسكەرلەرمۇ ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە قولغا چۈشكەن ئىدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى (دىيانەت) رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە خىيانەت قىلغان ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ جىنازە نامىزىنى ئوقىمايدىغانلىقى، تۈركىيەدىكى پۈتۈن جامە - مەسجىدلەردىكى ئىماملارنىڭ ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ جىنازە ئىشلىرىغا قاتناشمايدىغانلىقى، مەسجىدلەردە بۇ ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ مىيىتلىرىنى يۇيۇش، كىپەنلەش، جىنازە نامىزىنى ئوقۇش قەتئىي چەكلىندىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
 

 






بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئامېرىكىغا غالچىلىق قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىگە خىيانەت قىلىپ ئۆلگەن گېنىرال ۋە ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ھەتتا ئۆز ئائىلىسىمۇ نۇمۇس قىلىپ، بىزنىڭ بۇنداق ئەۋلادىمىز يوق دەپ ئالغىلى ئۇنىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئىستانبۇلنىڭ چەترەك رايۇنىدىن مەخسۇس بىر يەر ئاجرىتىپ، «خائىنلار مازارلىقى» دەپ نام قويۇپ، ئامېرىكا غالچىلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى شۇيەرگە كۆمىۋىتىشكە قارار قىلغان.
 




بۇنىڭدىن بۇرۇن دىيانەت ئىماملىرى تۈركىيەدە پۈتۈن ئۆمرى ئىسلامنى كەمسىتىش، مۇسۇلمانلارنى مازاق قىلىش، ئاللاھنىڭ قانۇنى شەرىئەتكە قارشى تۇرۇش، ئىسلام قانۇنى شەرىئەتنى ئەيىپلەش، سۆكۈش بىلەن ئۆتكەن دەھرى زىيالىيلارنىڭ، سەنئەتچىلەرنىڭ، دەھرى سىياسەتچىلەرنىڭ جىنازە نامىزىنى ئوقۇپ تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ۋەقە سەۋەبىدىن دىيانەتنىڭ بۇنداق شەرئىي قارار بېرىشى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى كۈتكەن تۈركىيەدە تارىختىكى ئوسمانىيە ئىسلام خەلىپىلىكىدەك ئىسلام روھىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشى، «ئاللاھنىڭ دوستىغا دوست، دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇش» ئېتىقادىنىڭ ھاكىم بولۇشى، ئىسلام قانۇنى شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى ئۈمىد ۋە دۇئالىرىنىڭ ئەمىلىيلىشىگە خۇش بىشارەت بەرمەكتە. جانابىي ئاللاھ مۇسۇلمان تۈركىيەگە ياردەم قىلسۇن. ئامين!...



كۆرۈلۈشى: 962 \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-01
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ئۈمىدجان \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-28
ۋىسال سىتۇدىيىسىنىڭ خەۋەرلىرى بەك ئېسىل ئىدى.داۋاملاشتۇرغان بولساڭلار بۇلاتتى
يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-30
ۋىسالنىڭ قەدرى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. خەۋەرلەر، ئانالىزلار، فىلىملەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ياخشى بۇلىۋاتقان ئىدى. نۇرغۇن دىنى، سىياسىي، تارىخى بىلىملەرنى ئۈگىنىۋاتقان ئىدۇق
يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-30

ۋىسال ئىزدەيمەن

«ۋىسال ئىزدەپ سەپەر قىلدىم پەيغەمبەر رەھبىرىمدۇر» دەپ يولغا چىققان ۋىسال ئىزدەيمەن ،
«ئاللاھ يىگانىدۇر شەكسىز، مۇھەممد ئەلچىسى بەرھەق» دىگەن ۋىسال ئىزدەيمەن

ھەقىقەتنى، ھەققانىيەتنى ھېچكىمدىن قورقماي سۆزلىيەلەيدىغان ۋىسال ئىزدەيمەن
مەنپەئەتنى ئەمەس، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋىسال ئىزدەيمەن 

يازغۇچى: ئىزچىمەن \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-30

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر شېئىرى بار ئىدى:

غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سوراڭ،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گەدادىن سوراڭ.
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنا، نە تەم؟
بۇنى ئۆز ئېلىدىن ئايرىلغان جۇدادىن سوراڭ!

ۋىسال بىزگە مۇشۇ غۇربەت ھاياتتا بەئەينى ۋەتەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. پىكىرلىرىمىزنى ئەركىن - ئازادە بايان قىلىپ، دىنىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، تارىخىي بىلىملىرىنى ئۈگىنىپ كىلىۋاتقان ئىدۇق، تۈركچە تەرجىمە فىلىملىرى بىلەن تۈركچە تىل سەۋىيەمىزنىمۇ ئاشۇرۋاتقان ئىدۇق. ۋىسال سىتۇدىيىسى داۋاملاشقان بولسا ياخشى بۇلاتتى

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-30

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت. سىتۇدىيىمىز خىزمەتلىرىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قىلىشى بىزنىڭ رەببىمىزنىڭ دىنىگە خىزمەت قىلىش ئىرادىمىزنىڭ ئاجىزلاپ قىلىشىدىن ئەمەس، ئىقتىسادىي ئىمكانىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇپ قىلىشى سەۋەبچى بولدى. ئىقتىسادىي ئىمكانلىرىمىزنى تولۇقلاش ئۈچۈن كۆپ تېرىشقان بولساقمۇ، تۈركىيەدىكى مەۋجۇد ئىقتىسادىي شارائىت بىزگە ئانچە كۆپ پۈرسەت بەرمىدى. تۈركىيەدە دىنىي خىزمەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىغان بىر قانچە يول بولۇپ، 1) تۈرك دىنىي جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەرنىڭ ياردىمى. بۇنى ھەل قىلىش ئاسان بولسىمۇ، ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى، سىزگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىغان تۈرك جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەيخىنىڭ، خوجاسىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ھەتتا خىتايچىغا تەرجىمە قىلىشنى شەرت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ ھالەت بىزنى ۋەتىنىمىزگە ئىسلامىي خىزمەت قىلىدىغان مېدىئا ئەمەس، بىزگە ماددى ياردەم قىلغان تۈرك جەمئىيىتى ۋە ۋەقپىنىڭ خوجىسىنى ماختايدىغان تەشۋىقاتچىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەمەس، مەلۇم بىر جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىدىغان جانباقارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىز بۇ يولنى تاللاشنى خالىمىدۇق.
2)   ئۇيغۇر ئىقتىساد ساھىبىلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىش. بۇ يول تۈركلەرنىڭ ئىقتىسىادىي ياردىمىغا ئېرىشىشكە قارىغاندا بىرئاز قېيىن بولسىمۇ يەنىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان يول. ئەمما بۇ يولنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى سىزگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان جەمئىيەت، شەخسلەرنىڭ سىزنى ئۆزىگە رەقىپ كۆرگەن جەمئىيەت، دەرنەكلەرگە قارشى تەشۋىقاتتا قوللانماقچى بۇلىشىدۇر. مەسىلەن: بىزگە كۆپلىگەن ئىتقتىساد ئىگىلىرى كەلدى، خىزمىتىڭلار ياخشى، مىللىتىمىزگە دىنىي. سىياسىي، تارىخىي جەھەتتە ئۇنۇملۈك خىزمەت بولىۋاتىدۇ. مىدىئا كۈچى جەھەتتە تەسىر دائىرەڭلارمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ. قولىمىزدا ئىقتىساد بار، بولسا ھەمكارلىشىپ ئىش قىلساق دېدى. مەن قانداق ھەمكارلىشىمىز دەپ سورىسام، ئۆزىگە رەقىپ كۆرىدىغان، ئۆزىنىڭ قوساق ئاغرىقى بار جەمئىيەتلەرگە قارشى بىزنىڭ مېدىئا كۈچىمىزنى ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى سىزىپ قالدىم.... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-30

... شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى ماختىغان ياخشى سۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ماددىي ياردىمىنى قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم.
3) بەزى ئارقىسىدا دۆلەت كۈچى بار شەخسلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش. بۇ يولنىڭمۇ پايدىسىدىن زىيىنى جىق يول بولۇپ، كىم قايسى دۆلەتنىڭ نېنىنى يەۋاتقان بولسا شۇ دۆلەت ھەققىدە خەۋەر ۋە فىلىم ئىشلىمەسلىكنى، سىياسىتىگە قاراپ ئىش قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئىسلامغا خىزمەت ئەمەس، سىزگە نان بەرگەن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە كەتمەن چېپىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
4) بىر نىيەت، بىر غايىدىكى قېرىنداشلار بىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ بىر تۈركۈم قېرىنداشلار تىجارەت قىلىپ، بۇ تىجارەتنىڭ كۈچى بىلەن يەنە بىر تۈركۈم قېرىنداشلار مىللىتىمىزگە ئىسلامىي خىزمەت قىلىش. بۇ يول ئۆزىڭىز مۇستەقىل، ھېچقانداق جەمئىيەت، شەخىسنىڭ قاش، قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلمايدىغان، پەقەت خالىس اللە رىزالىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ ئۇنۇملۈك يول بولسىمۇ، بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىزدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىگى قىزلار بولغاچقا، بۇ يولنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى.
5) ئۆزىڭىز بىر يەردە ئىشلەپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىڭىزدا دىنىي خىزمەت قىلىش. دۈشمىنىمىز خىتاي بىزنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كەسپىي، مۇنتىزىم خادىملار ئىشلىتىۋاتقان يەردە، بىز ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىمىزدا، ئىشتىن ھېرىپ - چارچاپ كەلگەندە قىلغان ئىشلىرىمىز بىلەن مەنپەئەتلىك بۇلالمايمىز. ھەم قىلغان ئىشنىڭ ئۈنۈمىمۇ بولمايدۇ. بۇ يولنى بۇرۇنمۇ سىناپ باققان ئىدۇق. ئاخىرىدا بۇنداق ئىش قىلغاندىن قىلمىغان تېخىمۇ ياخشىكەن دىگەن خۇلاسىگە كەلگەن ئىدۇق.
6) بىرەر يۈز ئابرويلۇق، ئىمتىياز ئىگىسى كىشىگە كۈيئوغۇل بولۇش، ئۇرۇق-تۇققان، تاغىسىنىڭ ئوغلى بولۇش، بىر يۇرتلۇق بولۇش ئارقىلىق يول تېپىش. ئۆتكەندە بىر بۇرادەر ھازىر ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يول تاپقانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ شەكىلدە يول تاپقان دىگەن ئىدى. تالانت بولمىسىمۇ، ئۇرۇق - تۇققان بولۇۋىلىپ ئۆزىگە يول ئىچىش بىزنىڭ كىشىلىك خاراكتىرىمىزگە ماس كەلمەيدۇ.
------------ داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31

... مانا بۇ يۇقىرىقى يوللار ۋە سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ۋىسال سىتۇدىيىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدۇق. شۇنداقتىمۇ اللەنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىمىز بىلەن ئىزدىنىشىمىز يەنىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. اللە خالىسا يېقىندا ئىقتىسادىي ئىمكانلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىشىمىز مۇمكىن. خەيرلىك دۇئالىرىڭلاردا ياد ئېتىپ تۇرارسىلەر. سالام ۋە دۇئا بىلەن

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31

ۋىسال ئاكا سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى، سىزگە توسالغۇ بولغانلارنى ئوقۇپ بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. شۇ شېئىر ئىسىمگە كېلىپ قالدى. سىزنىڭ خىزمەتلىرىڭىزگە توسالغۇ بولغانلارغا كەلسۇن.

تۇغماس توخو

تۇغماس توخو ياتىدۇ ئۇۋۇلىقنى ئىگەللەپ ،
يۈرەر سەرسان كوچىدا تۇخۇم تۇققان ھەسسىلەپ .

تۇغماس توخو كاتەكتە تاللاپ ئىسىل دان يەيدۇ،
تۇغمايدۇ يا كاتەكنى تۇققانلارغا بەرمەيدۇ .

ئويلاپ قالدىم تۇرمۇشتا بارغۇ شۇنداق ئادەملەر،
خۇددى تۇغماس توخودەك ئەلنى بىزار ئەتكەنلەر .

ياشىسىمۇ ئۇنداقلار ئەلگە بەرمەس قىلچە نەپ،
خۇددى تۇغماس توخودەك ئۆتەر ئورۇن ئىگەللەپ .

يازغۇچى: مۇھاجىر \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31
ۋاھ ماۋۇ شېئىر قالتىس كەپ كېتىپتۇ. ياشاپ كېتىڭلار تەۋھىيد بۇرادەر. ئاللاھ ۋىسالنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان تۇغماس توخۇلارنى ئىسلاھ قىلسۇن. ئامين
يازغۇچى: مۇھاجىر \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31

ۋىسال ئاكا بىز بىر قانچە بۇرادەر بازادا، ئاشخانىدا ئىشلەپ تاپقان پۇلنىڭ يېرىمىنى ھەر ئاي ياردەم قىلايلى دىسەك قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدىلا.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31

ئىنىم ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت. سىلەر تېخى يېڭى كەلدىڭلار، ئائىلە-بالاچاقاڭلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئېغىر. ئەسلىدە سىلەرگە ئوخشاش يېڭى ھىجرەت قىلىپ كەلگەن قېرىنداشلارغا بىزدەك كونىلار ياردەم قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. اللە خالىسا ئۇ كۈنلەرمۇ بولۇپ قالار.

يازغۇچى: ئۈمىدجان \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31

ۋىسال ئاكا، سىتۇدىيىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ توختاپ قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىڭىزنىڭ خېلى يولى بار. شۇنداقتىمۇ ھېچبولمىسا ۋاتساپتا قۇرغان ۋىسال توپىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىڭىز بۇلاتتى. ئۇ يەردىمۇ خەۋەر، ئانالىز، مۇلاھىزىلىرىڭىز خېلى ياخشى كېتىۋاتاتتى. سىز ۋاتساپتىكى ۋىسال توپىنى تاقىىۋەتكەندىن كېيىن سىلىنىڭ توپىڭىزدىكى 200 دىن كۆپ بۇرادەر ئەپسۇسلىنىپ قالدى.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2017-08-31

بىزنىڭ ئەسلىدە پەقەت ۋاتساپتا ئەمەس، تېلېگىرام، فەيسبۇك، ئىنتاگرام، تىۋىتېردىمۇ گۈرۈپلار قۇرۇش، ۋە ۋىسال سەھىپىمىزنى قول تېلېفۇندىمۇ ياخشى سۈپەتلىك ئېچىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىمىز باردى. ئەپسۇسكى پىلانىمىز تېخى تولۇق ئەمىلىيلەشمەي تۇرۇپ يېرىم يولدا توختاپ قالدى. ۋاتساپ توپىمىزنى مەن تارقىتىۋەتتىم، فىيىسبۇكتىكى بىزگە ۋاكالەتەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى قىزى ھەمشىرىمىزنىڭ بېتى بىر قىسىم ھەسەتخور نائەھلىلەرنىڭ شىكايىتى سەۋەبلىك تاقىۋىتىلدى. شۇنداقتىمۇ ۋىسال خانىم - قىزلار ۋاتساپ توپى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: