wisal stuido
خىتاينىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىدىن بىرى - سەنشىيا توسمىسى


نېمىشقا دۈشمەن بومبىلىرى سەنشىيا توسمىسىنى نۇقتىلىق نىشانلايدۇ؟


سەنشيا توسمىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆۋەن ئېقىمدىكى گېجۇبا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38 كىلومېتىر كېلىدۇ، سەنشىيا توسمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شۇنداقلا سەنشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاساسلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىدۇر.

سەنشىيا توسمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2308 مېتىر، دامبا ئېگىزلىكى 185 مېتىر ( بىر قەۋەتنىڭ ئېگىزلىكىنى 3.5 مېتىر ھېسابلىغاندىمۇ 50 نەچچە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭداش) بولۇپ قۇرۇلۇشقا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 95 مىليارد 460 مىليون يۈەن، 1994-يىلى 12-ئايدا رەسمىي ئىش باشلىنىپ، 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 20- كۈنى پۈتۈن لىنىيە قۇرۇلۇشى تاماملانغان.

سەنشىيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى دامبىسىنىڭ ئېگىزلىكى 185 مېتىر ، سۇ ئېگىزلىكى 175 مېتىر، سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2335 مېتىر ، توك چىقىرىش قۇۋۋىتى 22 مىليون 400 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە ئەڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

سەنشىيا توسمىسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان شۇنداقلا خەلقنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى «مۇداپىئە ئىشلىرى ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : « ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان دوكىلاتىدا ، تەيۋەن تەرەپنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئاساسىي ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى مەسىلەن سەنشىيا توسمىسىنى نىشانغا ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.»

بۇ خەۋەر بىرلا ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئامېرىكا ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى :« ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئاشكارا ھالدا تەيۋەننىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەسىلە، بولۇپمۇ «سەنشىيا توسمىسغا ھۇجۇم قىلىش » ئىنتايىن ئېسىل بولغان بىر دانا پىكىر » دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئوت بىلەن سۇدەك، جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئامېرىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەچ، ئامېرىكا جۇڭگوغا نىسبەتەن بىر خىل ئىشەنمەسلىك، كىرىزىس تۇيغۇسىدا بولماقتا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مۇھىم مۇداپىئە قىلىدىغان ئاساسلىق نىشانى، ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا تەيۋەن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىپ جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسماقتا ھەتتا تەيۋەننى زۆرۈر تېپىلغاندا سەنشىيا توسمىسىغا ھۇجۇم قىل دەپ كۈشكۈرتمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى توپلىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قانداق جايدىكى قىزىق نۇقتىلىق توقۇنۇشلارغا نىسبەتەن بەش بۇرجەكلىك بىنا تۈرلۈك ئۇرۇش لايىھەلىرىنى تۈزۈپ قويغان. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى نىسبەتەن تىنچلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئامېرىكا يەنە ياپونىيەنى كۈشكۈرتۈپ دىياۋيۈ ئارىلى تالاش-تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا فىلىپپىن قاتارلىق جەنۇبى دېڭىزدىكى ئارال دۆلەتلەرنى جۇڭگوغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، جۇڭگوغا قەدەمدە بىر خىرىس قىلماقتا ھەمدە جۇڭگونى دۈشمەن قىلغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ناۋادا جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا دىياۋيۈ ئارىلى تۈپەيلى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىسا ، ئامېرىكا ئېنىقلا قول تىقىدۇ، ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرىدا بەلكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. سەنشىيا توسمىسىنى پارتىلىتىپ تاشلاش ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى تاللىشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

ناۋادا جۇڭگونىڭ سەنشىيا توسمىسىنى پارتلىتىۋەتسە ، راستتىنلا ئامېرىكا ئويلىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەمدۇ؟ جۇڭگو ئامېرىكىدىن قانداق ئۇسۇلدا ئۆچ ئالىدۇ؟ بۇ ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە.

سەنشىيا سۇ ئىنشائات تۈگۈنىدە ناھايىتىمۇ زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان
سەنشىيا قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ جاڭجىياڭ دەرياسىدا سۇ ئاپىتىنى تىزگىنلىشىگە ناھايىتىمۇ زور ياردىمى بولدى، لېكىن سەنشىيا سۇ ئامبىرىدا توپلانغان غايەت زور مىقداردىكى سۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ناھايىتىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. سەنشىيا توسمىسى ھەربىي ئىنشائات قۇرۇلۇشى بولمىغاچ، ئۇ بىر پولات ئىستىھكام ئەمەس، ئۇنىڭدىمۇ بىر ئەجەللىك ئاجىزلىقلار بار.

سەنشىيا توسمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى دۇنيادىكى نۇرغۇن بېتون ۋەزمىنلىك چوڭ توسمىلارنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ئوخشاشمايدۇ، نۇرغۇنلىغان گېنېراتورغا سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى، كەلكۈن ئاققۇزۇش تۇرۇبىلىرىنىڭ ھەممىسى توسمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ توسمىنى سېكۇنتىغا 110 مىڭ كۇپ مېتىرلىق كەلكۈننى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان، ئۇنىڭدىن سىرت سەنشىيا توسمىسىدا ئۈچ لىنىيە چوڭقۇرلۇقى 55 مېتىر كەڭلىكى 34 مېتىر كېلىدىغان ئوقۇر بار بولۇپ ( بىرى كېمىنى كۆتۈرۈش، ئىككىنچىسى كېمە-پاراخوتلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ) بۇ ئۈچ لىنىيە ئوقۇرلار پەقەت بىر قەۋەت نېپىز پولات تاختا ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، ناۋادا بۇ پولات تاختا ۋەيران قىلىۋېتىلسىلا، توسما يار ئېلىپ كەتكەندەكلا پاجىئە يۈز بېرىدۇ. گەرچە سەنشىيا توسمىسى نەزەرىيە جەھەتتىن كىچىك تىپتىكى يادرو بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ قارالسىمۇ، ئەمما بۇ پولات تاختىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ئۈچۈن يادرو بومبىسى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، نەچچە تېررورچى بولسىلا يېتەرلىك. ( شۇڭلاشقا مەخسۇس ئالاھىدە قىسىم ناھايىتى يۈكسەك ھۇشىيارلىق بىلەن بۇ رايوننى كېچە كۈندۈز قوغدايدۇ، توسما ئەتراپىدا ناھايىتى زىچ بولغان ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بار )

سەنشىيا توسمىسى يار ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ، كەلكۈن سۈيى تۆۋەن ئېقىمدىكى گېجۇبا توسمىسىنى ئېقىتىپ تاشلاپ، يىچاڭ شەھىرىنى بىردەمدىلا يالماپ كېتىدۇ.

سەنشىيا توسمىسى ناۋادا پۈتۈنلەي يار ئېلىپ كەتسە، نەچچە مىليارد كۇپ مېتىر سۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا تۆۋەنكى ئېقىمغا قاراپ ئاقىدۇ، دامبىدىن شاشى شەھىرىگىچە بولغان جايلارنى بىۋاسىتە كەلكۈن يالماپ كېتىدۇ، ئاپەت ناھايىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ، گېجۇبا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، يىچاڭ شەھىرىنىڭ تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ ئاستىنقى قىسىملىرى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ.

سەنشىيا توسمىسى يار ئېلىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان كەلكۈن ئېقىمى ھەر سېكۇنتىغا بىر مىليوندىن كۇپ مېتىردىن ئىككى مىليون 370 مىڭ كۇپ مېتىرغىچە ، سائىتىگە 100 كىلومېتىرلىق تېزلىكتە ( ئۇچار ئادەم دەپ تەرىپلىنىۋاتقان كىنيەلىك تەنھەرىكەتچى ھۈسەيىن بولتىنىڭ ئەڭ تىز سائەتلىك سۈرئىتىمۇ 40 كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ) گېجۇبا سۇ ئىنشائات توسمىسىغا قاراپ ئېتىلىدۇ ھەمدە غايەت زور مىقداردىكى كەلكۈن سۈيى گېجۇبا توسمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ يىچاڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ، كەلكۈن سۈيىنىڭ يىچاڭ شەھىرىدىكى ئېقىش سۈرئىتى كېمەيگەن بولسىمۇ، ئەمما سائەتلىك تېزلىكى يەنىلا 65 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، توسما بۇزۇلۇپ 4-5 سائەتلەردىن كېيىنلا يىچاڭ شەھىرى 70 مېتىر سۇنىڭ ئاستىدا قالىدۇ.

سەنشىيا توسمىسى تولۇق يار ئېلىپ كەتسە، نەچچە ئون مىليارد كۇپ مېتىر سۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا تۆۋەنكى ئېقىمغا قاراپ ئاقىدۇ

ناۋادا سەنشىيا توسمىسى يار ئېلىپ كەتسە، كەلكۈننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ ( يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتى بىلەن تەڭ دېگەن گەپ )، بۇنچىۋالا كۆپ سۇ بۇنداق تىز سۈرئەتتە ئاقسا، بۇزغۇنچىلىق كۈچى سەنشىيا توسمىسىنى بۇزۇۋىتىش ئۈچۈن تاشلانغان نەچچە ئاتوم بومىسىنىڭ كۈچىدىنمۇ زور بولىدۇ. بۇنداق چوڭ ئېقىم ۋە سۈرئەت ئالدىدا گېجۇبا توسمىسىمۇ ھىچنىمگە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ، كەلكۈندە ئېقىپ كېتىدۇ.

يىچاڭ شەھىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 50 مېتىرغا يەتمەيدۇ، ئېگىزلىكى 64-71 مېتىر ئارىلىقىدىكى كەلكۈن سۈيى يىچاڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كەلسە، يىچاڭ شەھىرى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سۇنىڭ ئاستىدا قالىدۇ. سەنشىيا توسمىسى يار ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يىچاڭ شەھىرى ئاھالىسىگە قېچىپ كەتكۈدەك ۋاقىتمۇ بولمايدۇ، چۈنكى توسما يار ئېلىپ يېرىم سائەت ۋاقىتتىلا كەلكۈن سۈيى يىچاڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىپ بولىدۇ دە پەقەت يىچاڭ شەھىرىدىلا 500 مىڭ ئادەم سۇغا غەرق بولىدۇ.


تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن كەلكۈن پەيدا قىلالايدۇ
سەنشىيا سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 39 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ، ناۋادا توسما يار ئېلىپ كەتسە، سېكۇنتىغا ئىككى مىليون 370 مىڭ كۇپ مېتىر سۇ سىرتقا ئاقىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىدا بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلگەن ئەڭ زور كەلكۈن سۈيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مىقدارى سېكۇنتىغا 110 مىڭ كۇپ مېتىر ( 1870- يىلى ) بولغان بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە 3- چوڭ كەلكۈن ھېسابلانغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ زور كەلكۈن سانالغان 1953-يىلىدىكى باسىيەدىكى چوڭ كەلكۈننىڭ ئېقىم مىقدارى 370 مىڭ كۇپ مېتىر ھەر سېكۇنت بولغان بولۇپ، بۇ سەنشىيا توسمىسى يار ئېلىپ كەتكەندە پەيدا بولغان كەلكۈننىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر «كىچىك » كەلكۈن سانىلىپ قالىدۇ.

ناۋادا سەنشىيا سۇ ئامبىرىغا لىق سۇ توشسا ئۇنىڭدىكى سۇ مىقدارى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بىر يىللىق ئومۇمىي ئېقىم مىقدارىغا توغرا كېلىدۇ، ناۋادا توسما يار ئېلىپ قىسقىغىنا ۋاقىتتا بۇنچە زور سۇ كەلكۈنگە ئايلانسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.


سەنشيا توسمىسى يار ئېلىپ كەتسە، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن سىرت جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ۋەيران بولىدۇ.
ە 1986-يىلىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسى سىياسىيى كېڭەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا : « ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، سەنشىيا توسمىسى دۈشمەن مۇقەررەر ھۇجۇم قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىدۇ، توسما ۋەيران قىلىۋىتىلسىلا، ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمدىكى شەھەرلەر قىسقىغىنا ۋاقىتتا سازلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ناھايىتىمۇ قورقۇنچلۇق » دەپ كۆرسىتىلدى.

سەنشىيا توسمىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى خۇنەن، خۇبېي،جياڭسۇ جېجىياڭلار تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئادىمى ھەممىدىن زىچ رايونلار بولۇپ، جۇڭگونىڭ نوپۇس ۋە ئىقتىساد مەركىزى سانىلىدۇ. ۋۇخەن ، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەردە يۈز مىليونلىغان نوپۇس بار. بۇ جايدىكى تېرىلغۇ يەر پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر مەيدانىنىڭ %25 تىنى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەتنىڭ %40 تىنى، پاختا %33 تىنى، تاتلىق سۇ بېلىقى %66 تىنى ئىگىلەيدۇ،شۇنداقلا بۇ جايدا 350 مىليونغا يېقىن ئادەم ياشايدۇ، ناۋادا سەنشىيا توسمىسى پارتلتىۋېتىلسە سەنشىيا سۇ ئامبىرىدىكى يىغىلغان نەچچە مىليارد توننا سۇ بۇ رايونلارنى بىردەمدىلا يالماپ تاشلاپ، يۈز مىليونلىغان ئىنسانلارنى ھاياتىدىن ئايرىيدۇ.

ھەربىي جەھەتتە ئاپەت خاراكتېردىكى زەربە بولىدۇ
سەنشىيا توسمىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى تارىختىن بۇيان ھەر قانداق ئۇرۇشلاردا چوقۇم تالىشىدىغان مۇھىم جاي بولۇپ، بۇ رايون جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ئەسكىرى كۈچى ئورۇنلاشقان رايوندۇر.بۇ جايدا جۇڭگو گوروپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ %45 تى، برونۋىك قىسمىنىڭ %20 تى، پىيادە ئەسكەرلەر پولكىنىڭ %38 تى بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ھەربىي كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك جانلىق ھەربىي كۈچىنىڭ كوزىر قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ناۋادا توسما يار ئېلىپ كەلكۈن سۈيى جۇڭگونىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ھەربىي كۈچى ۋە جانلىق ھەربىي كۈچىنى يوقىتىپ تاشلايدىغان بولسا، ئۇنىڭ زىيىنىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەس.

سەنشىيا توسمىسى يادرو ئاپىتىنىڭ كۈچەيتىكۈچىسى
ھەر قانداق يادرو قورالىنىڭ ھەر قانداق شەھەرگە بولغان ۋەيرانچىلىقى پەقەت شۇ بىر شەھەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، لېكىن يادرو بومبىسى ئارقىلىق سەنشىيا توسمىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندە، بۇ جۇڭگو ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ دەھشەتلىك بىر ئاپەت بولىدۇ. سەنشىيا توسمىىسغا بىرلا ئاتوم بومبىسى تاشلاش جۇڭگونىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى نەچچە ئون شەھەرگە بىردىن ئاتوم بومبىسى تاشلاشقا باراۋەر بولۇپ، سەنشىيا توسمىسى يادرو ھۇجۇمىنىڭ كۈچەيىتكۈچىسى ھېسابلىنىدۇ، بىر ھۇجۇم بىلەنلا جۇڭگونى بۇنچىۋالا چوڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىتالايدىغان نىشان ئەلۋەتتە جۇڭگو بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان ھەر قانداق رەقىب دۆلەتنىڭ ئالدىن پىلانلايدىغان تاكتىكىسى بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە: ئۇندىدار سەھىپىلىرى


 

كۆرۈلۈشى: 2906 \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-20
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: