خىتاي كونسۇلخانىسىغا نامايىشقا چىقمىغانلارنىڭ باكىركۆي ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشى بار؟


خىتاي كونسۇلخانىسىغا نامايىشقا چىقمىغانلارنىڭ باكىركۆي ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشى بار؟
 

ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋەر ئانالىزى: ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ خىيانەت قىلىشى بىلەن خەلقئارا سىياسەتتە يالغۇز قالغان تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋە روسىيە باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاراپ يۈزلىنىشى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى خىتاي قايسى دۆلەتنى ئۆزىنىڭ مەلئۇن توزىقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئىلىندۇرۋالغان بولسا، شۇ دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا ئىش ئاچقان ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش، قانداش، قىسمەتداش قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبىكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توزىقىغا چۈشۈشى بىلەن ھەر خىل ھىيلە - نەيرەڭلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەزلۇم قەلبىدىن ئۇنۇتۇلغىنى يوق.
 

ئەمدى تۈركىيەدىمۇ تېخى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولماي تۇرۇپ، ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكىمىزنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت قىرغىزىستاندا پارتلىغان بومبا باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى مەزلۇم ئۇيغۇرلىرىمىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلماقتا. بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپلىگەن ئەل سۆيگەن ئۇستازلىرىنى، ھەققانىيەتچى ئالىملىرىنى، خىتاينىڭ كۆزىگە مىختەك قادالغان مۇجاھىدلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ساتقۇنلىق قىلىشى بىلەن زالىم خىتايغا تاتقۇزۇپ قويغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئەگەر ئابدۇلقادىر ئاكىمىز تۈركىيە - خىتاي يەڭ سودىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتسە، ئارقىدىن نۆۋەت تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان باشقا ھەققانىيەتچى ئۇستازلار، تۈركىستان داۋاسىغا بايراقدارلىق قىلىۋاتقان ئۆلىمالىرىمىزغا كىلەرمۇ دەپ قاتتىق خاۋاتىرلەنمەكتە.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىچىنىشلىق پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھازىر ھەممىدىن بەك ئېھتىياتچان، ھەممىدىن بەك سالماق، ھەممىدىن بەك سوغۇققان، ھېسياتقا قاراپ ئەمەس، ئەقىلگە قاراپ ئىش قىلىشى كېرەك بولغان بۇ خەتەرلىك ۋە ئەندىشەلىك ۋەزىيەتتە بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغاننى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمتىنى تىللايدىغان، ھەتتا تەھدىت قىلىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر ئەردوغانغا بولغان سۆيگۈسىدىن «ئۆزىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ لىدىرى دەپ تۇرۇپ نېمىشقا مۇنداق قىلىدۇ» دەپ نارازى بولسا، بەزىلىرى ئارىدىكى سۈركىلىشنى قەستەن چوڭايتىپ تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، خىتاينىڭ مەلئۇن سىياسىتىگە خىزمەت قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.

ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلار شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كېرەك: ئەردوغاننى بىز ئۇيغۇرلار ھەرقانچە ياخشى كۆرسەكمۇ، ئەردوغانمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە سازاۋەر بولغىدەك ئېسىل ئىشلارنى بىز ئۇيغۇرلارغا قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا سىياسەتچى. ئۇنىڭ نەزىرىدە تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ھەردائىم ئالدىدا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بىلىسىلەر، ھەقىقەتەن قىل ئۈستىدە تۇرماقتا. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ۋىلايەتلىرىنىڭ چىگرالىرى ئېغىر قالايمىقانچىلىق ئىچىدە. سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئوتىنىڭ تۈركىيەگە ھەرۋاقىت يامراپ كېتىش تەھلىكىسى بار. تۈركىيەدىن ئايرىلىپ كېتىمىز، دەپ سەكرەۋاتقان كۈرد كوممۇنىستلىرى تۈركىيە سىياسىتىدە خېلى زور كۈچلەندى. ئارمىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى دەھرىلەر گەرچە تازلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئامېرىكا غالچىسى نۇرچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى سەۋەبىدىن، نۇرچىلارنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تازىلاش ھەرىكىتىدە، دەھرىلەر، كوممۇنىستلار تەكرار ھۆكۈمەتتىكى، ئارمىيەدىكى بۇرۇنقى ئورۇنلىرىغا جايلىشىۋالدى. ئەردوغاننىڭ ئۆزىمۇ ھازىر بۇرۇنقى باش مىنىستېر، جۇمھۇر رەئىسلىرىدەك پېنسىيەگە چىقىپ خاتىرجەم دەم ئالالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. «ئەردوغان بىر ھاكىمىيەتتىن چۈشسۇن، ئۇنى تېرىك سويۇپ قېنىنى ئىچىمىز» دەپ چىشىنى بىلەپ تۇرغان نۇرچىلاردىن تارتىپ دەھرىلەرگىچە مىليونلىغان سىياسىي، ھەربىي، ئىجتىمائىي دۈشمەنلەر پۇرسەت كۈتۈپ ياتماقتا... بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر ئەردوغاننىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھەتتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشىكە ئەسلا يول قويمايدۇ ۋە يول قويمايۋاتىدۇ. ئەردوغان بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە تۈركىيەگە يادرو ئېنىرگىيە تېخنىكىسىغا ياردەم قىلىش، ئامېرىكا ۋە غەرب تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قۇبۇل قىلىپ، ياۋرۇپاغا قارشى تۈركىيەنى كۈچلۈك قىلىش، تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىۋاتقان كوممۇنىست كۈردلارنى سۈرىيەگە ئەسكەر كىرگۈزگەن كوممۇنىست خىتاي ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش... قاتارلىق تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق كىلىشمنامىلىرى تۈزۈش يوللىرىنى مەسلىھەتلەشكىلى باردى. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنى پىچكا قىلىپ تۈركىيە - خىتاي شاھماتىدا قوللىنىشى ياكى قۇربان بېرىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئەمدى بىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئېغىپ كېتىش تەھلىكىسى ئالدىدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە قىسقىچە ئۆز چۈشەنچىلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي:

1) تۈركىيە خەلقى بىلەن بولغان ھەرخىل دىنىي، مىللىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ناۋادا ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالساقمۇ، خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىساق، خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك، تۈركىيە پۇقراسى بولۇش ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كېتەلىسەك، ھۆكۈمەت بىزگە ئانچە كۆپ زىيان بېرەلمەيدۇ.

2) ھۆكۈمەتكە قارشى، ئەردوغانغا قارشى، تۈركىيە خەلقىگە قارشى ھېچقانداق پائالىيەت، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئىچىگە قاتناشماسلىقىمىز كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىغا باھانە بولۇپ بېرىدىغان ھەرقانداق شەخس، گۇرۇپپا ۋە ئورگاندىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.

3) تۈركچە ئىلغار ئاخبارات ۋاستىسى قۇرۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە تۈرك خەلقىگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى، داۋاسىنى سېستىمىلىق ئاڭلىتىدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، تۈركىيەدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا شەكىللىنىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە كەيپىياتلارغا ۋاقتىدا رەددىيە بېرىپ، ئالدىنى ئالىدىغان كۈچلۈك ئاخبارات ۋاستىسى شەكىللەندۈرىشىمىز كېرەك.

4) ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز تۈركىيەدە جان بېقىش ئۈچۈن تۇرمايۋاتىمىز. تۈركىيەدە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا بىرقەدەر ئۆزىمىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي ئالاھىيدىلىكىمىزنى قوغدىغان ھالدا، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەت قىلىش ۋە بۇ ساھەلەردە ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيلەش ئىمكانى ۋە پۇرسىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيىتىدە كېرەك بولىدىغان ھەر ساھەگە دائىر تېخنىكا، بىلىم، مەلۇماتلارنى كۆپرەك ئۆگىنىشنى، ئۆزىمىزنى ۋە ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلىۋىلىشنى تېزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

5) تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بۇلۇش سىتىرادىگىيىسىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز، بۇنىڭغا جىددى باش قاتۇرىشىمىز كېرەك. ئەگەر اللە ساقلىسۇن، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ قالسا، بىز قازاقىستاندىكى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالىمىز. ئۇ ۋاقىتتا پەقەت ساندا بار، ساپادا يوق بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىمىز.
 

بۇ يەردە شۇنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك: تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۆزى خالاپ بىز ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلماسلىقى مۇمكىن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئالدىراپ ئۇيغۇرلارغا قول تەككۈزمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازى مەيلى ھۆكۈمەت نەزىرىدە، مەيلى خەلق نەزىرىدە بولسۇن خېلى ياخشى. بىزنى ۋە ۋەتىنىمىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئاساسەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخۇرلىقىدىن ۋە خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىدىن مەمنۇن. ئەمما تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ھېرىسمەنلىك قىلىپ تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بەزى مۇناپىقلار ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ئارىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى نەزىرىدىكى ئوبرازىمىزنى، ئىناۋىتىمىزنى تۆكۈشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا، قازاقىستاندا شۇنداق ياخشى ھېسداشلىققا سازاۋەر بولغان ئۇيغۇرلىرىمىز، بەزى قېنى قىززىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قازاق ساقچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىشى بىلەن بىراقلا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە قازاق خەلقىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتايغا تۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى. قازاقسىتان 1996-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلىرىمىزغا يەنىلا كەڭ قوساق مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئىككى قازاق ساقچىسىنىڭ ئۆلتۈرىشى بىلەن شاڭخەي كىلىشىمنامىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن بىجا كەلتۈرۈپ، قازاقىستاننى، ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ جەھەننىمىگە ئايلاندۇرۋەتكەن ئىدى. بىز بۇ ئاچچىق ۋەقەلەردىن ساۋاق ئىلىشىمىز كېرەك. تايلاندتىكى پاجىئەدىن كېيىن ۋە ھازىرقى ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكىمىزنىڭ قايغۇسىدىن كېيىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرىدا ئەردوغاننى تىللايدىغان، تۈركىيەنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى ھاقارەتلەيدىغان، ھەتتا بىزنى رەجەپ تاغۇت ئەردوغان سېتىۋەتتى... رەجەپ تاغۇت ئەردوغاندىن ئۆچ ئالىمىز، دەيدىغان ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. شۇنى ئۇنۇتمايلى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئازات بولماي تۇرۇپ، دۇنيادا بىز ئۇيغۇرلار پاسپورت بولمىسىمۇ بىمالال پاناھلىنالايدىغان، خەلقىگە ئارىلىشىپ ئازادە ياشىيالايدىغان، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەركىن سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان تۈركىيەدىن باشقا دۆلەت يوق. ئەگەر تۈركىيە قولىمىزدىن كېتىپ قالسا، بۇ خىتاينىڭ بايرىمى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ماتىمى بولىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەت، تەشكىلاتلىرى ھۇشيار تۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ زىتىغا تىگىدىغان، تۈركىيە خەلقىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا قارشى نارازلىقىنى قوزغاشقا سەۋەبچى بولىدىغان ھەرقانداق شەخس، ئورگان ۋە پائالىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خىتاينىڭ ھەرخىل نەيرەڭلەر بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشىگە قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك. بولمىسا تايلاند پاجىئەسىنىڭ داۋامى يەنە كېلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ ئىسمى تايلاند پاجىئەسى بولمايدۇ، تۈركىيە پاجىئەسى بولىدۇ. خىتاي ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى باڭكوققا ئەمەس، ئۇدۇل ئەنقەرەگە، ئىستانبۇلغا قونىدۇ. اللە تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدەك خائىن، مەلئۇن توزاققا ئەزا بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىسۇن. تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنى زالىملارنىڭ، خائىنلارنىڭ سۈيقەستىگە قۇربان كەتمەي، ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن..ئامين..

ھازىرقى مۆتىۋەرىمىز ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكىمىزنىڭ بېىشىغا كەلگەن سىناق ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن سىناق. بىزنى ھەم تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۈزىتىۋاتىدۇ، ھەم يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان مەلئۇن خىتاي كۈزىتىۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شۇنچىلىك بىسىمىغا قارىماي پاسپورت بېرىپ، پاناھلىق بېرىپ، ئىمكان بېرىپ ئىگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانغا قانچىلىك سەمىمىي، ھۆرمەتچان ئىكەنلىكىنى كۈزىتىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز يوللۇق ئىتىرازىمىنى يوللۇق بىر شەكىلدە، سەمىمىي بىر شەكىلدە، دۈشمەندىن ئەسىر قۇتقۇزغان شەكىلدە ئەمەس، دوستتىن دوستىمىزنى تەلەپ قىلغان شەكىلدە ئىپادىلىيەلىسەك، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھىلىغۇ خىتايكەن، دۇنيانىڭ بىسىمى بولسىمۇ دوستىمىزنى دۈشمىنىمىزگە بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار. شۇڭا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت قانۇنلۇق ئىتىراپ قىلدىغان، ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى ھەر دائىم قوغداپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مەسلىھەتى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى، ھەرگىزمۇ يەككە ھەرىكەت قىلىدىغان، ھېسىياتىنى ئەقلىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالدىغان، ئىشنىڭ بېشىنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرسىغا ئىگە چىقمايدىغان، ئىشنىڭ بېشىدا سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشنىڭ ئاخىرىسىدا يوقاپ كېتىدىغان گورۇھ ۋە شەخسلەرگە ئەگەشمەسلىكىنى، ھەتتا بۇنداق گورۇھ ۋە شەخىسلەردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىىنى ئۈمىد قىلىمىز. بولۇپمۇ يېڭى چىققان قېرىنداشلىرىمىزغا نەسىھەتىمىز: خىتاينىڭ ئويۇنى ۋەتەندە بىر خىل بولغان بىلەن چەتئەلدە كۈرمىڭ. ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋەتەندىن چىققان سەنئەتچى، دۇتارچى، كومىدىيە ئارتىسى، سىنارىيە يازغۇچىسى قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان بىر قۇراللىق تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى دەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىغا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرمۇ خىتاينىڭ بۇرنىنى قاناتماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ساقلاپ كېلىۋاتقان ياخشى، پايدىلىق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل، مال - مۈلۈكلىرىنى غەنىمەت دەپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشى، ھەتتا مۇناپىقنى ۋەتەندىن ئىزدىمەي يەرلىك ئۇيغۇرلارنى مۇناپىق دەپ ئۆلتۈرۈشى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىنى ئېغىر قالايمىقان قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلار تېرورچى» دىگەن تۆھمەت - ئىغۋالىرىغا ئىشىنىپ قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن، ھەمدە يېڭىدىن روس كوممۇنىستلىرىدىن قۇتۇلغان بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توزۇقىغا ئىلىنىپ، تەكرار مۇستەملىكە ھالىتىگە چۈشۈپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ئىدى. شۇڭا يېڭى ھىجرەت قىلىپ چىققان بۇرادەرلىرىمىز قولىغا قۇرال كۆتۈرىۋالغانلا كىشى ۋە گورۇھلارنى «مۇقەددەس» دەپ بىلىپ ئەگىشىشتە يەنە بىر قېتىم ئويلاپ كۆرۈشىنى، بىزگە قارشى قۇرال ئىشلەتمىگەن، ھەتتا پاناھلىق بەرگەن ھۆكۈمەتلەر بىلەن سىياسىي مۇئامىلە قىلىۋاتقان، سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتىمىزنى ھىمايە قىلىۋاتقان جەمئىيەتلىرىمىزنى «مۇرتەد» دەپ تەكفىر قىلىشتىمۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىمۇ يەنە بىر قېتىم ئىمان بىلەن، ئىنساب بىلەن، پاراسەت بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. شېھىد ئۇستاز ئابدۇللاھ ئەززام شۇنداق دەيدۇ: «جاسارەت: پاراسەت بولمىسا كىشىنى ھاماقەت قىلىپ قويىدۇ.» - (شېھىد ئۇستاز ئابدۇللاھ ئەززام: «تەۋبە سۈرىسىنىڭ سايىسىدە جىھاد دەرىسلىرى» ناملىق كىتابىدىن)

ئاخىرىدا جانابىي اللە دۇنيا سىياسىتىگە قۇربان بۇلۇپ كەتكەن تايلاند مۇساپىرلىرىنىڭ پاجىئەسىدىن ئىبرەت ئېلىپ، چەتئەللەردە سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان رەھبەرلىرىمىزگە يەنە مۇشۇنداق ئىچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ قايتىدىن تەكرارلىنىپ قىلىشنى ئالدىنى ئالغۇدەك سىياسىي تەجرىبە، سىياسىي ئاڭ ۋە سىياسىي قابىلىيەت ئاتا قىلسۇن. چەتئەللەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭمۇ دوست - دۈشمىنىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت قانۇنىي ئىتىراپ قىلغان جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مەسلىھەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى نىسىپ قىلسۇن. ئەزىزانە مىللىتىمىزنى مەيلى كوممۇنىست كاپىر بولسۇن، مەيلى كاپىتالىست كاپىر بولسۇن، مەيلى دېموكراتىك كاپىر بولسۇن، پۇتۇن كاپىرلارنىڭ، زالىملارنىڭ شەررىدىن، زىيانكەشلىكىدىن قوغدىسۇن. يا رەببى! ئىسلام دۈشمەنلىرى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جەڭ مەيدانىدا يېڭەلمىدى، سىياسەت مەيدانىدىمۇ يېڭەلمىسۇن. ئامين!... ئامين!...



كۆرۈلۈشى: 5554 \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-10
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-19
بۇ ماقالە بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ۋىسال ئاكا اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. امين
يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-19
بۇ ماقالە ھېچقانداق تەرەپكە يان باسماي، ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ ئېغىپ كەتمەي نۇقۇل ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەپ يېزىلغان ماقالە بولۇپتۇ.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-19

ئادەتتە تۈركىيە ھەققىدە ماقالە يېزىلسا كۆپىنچە ھۆكۈمەت قۇرۇپ بەرگەن جەمئىيەتلەرنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ نېنىنى يەۋاتقان TRT چىلەرنىڭ ئەردوغاننى، ھۆكۈمەتنى قۇرۇق ماختىشىنى ئاڭلايتۇق. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى دەپ ئۆزىنىڭ يەۋاتقان نېنىنى، دەرنەك، جەمئىيىتىنىڭ مەنپەتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ كويىدا بۇلاتتى. ئەمما بۇ ماقالە ھېچقانداق تەرەپكە يان باسماي ۋەزىيەتنىڭ دەل ئۆزىنى يازغان، ئاقنى ئاق، قارىنى قارا دەپ لىللا يېزىلغان ماقالە بولۇپتۇ. ئۇيغۇر بۇرادەرلىرىمىز ھەقىقەتەن ماقالىدە دىيىلگەندەك، ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن، تۈرك خەلقى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك.

يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-19

ماقالە ئىنتايىن كەسكىن ۋە قايىل قىلارلىق سەۋىيەسى ئۇستۈن يېزىلىپتۇ. «قولىغا قۇرال كۆتۈرىۋالغانلا كىشى ۋە گورۇھلارنى «مۇقەددەس» دەپ بىلىپ ئەگىشىشتە يەنە بىر قېتىم ئويلاپ كۆرۈشىنى...» دىگەن جۇملە ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئىختىيارسىز ئۆز ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا كاززاب ئارتىسلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ بۇرادەرلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-20

ھازىر ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكىغا قوشۇپ يەتتە بۇرادىرىمىزنىڭ ئىستانبۇلدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرى بار. ھازىر تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى چاقچاق قىلىدىغان ۋەزىيەت ئەمەس. دىققەت قىلىش كېرەك. ماقالىدا يېزىلغاندەك ئەگەر تۈركىيە قولىمىزدىن چىقىپ كەتسە، زالىم خىتاي ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنى ئوتتۇرا ئاسىيا قىلىۋىتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدە گەپ- سۆز، ئىش - ھەرىكەتلەردە ئالاھىيدە دىققەت قىلىپ تېرورچى قالپىقىنى كىيىپ قالىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك.

يازغۇچى: تەكلىماكان قىلىچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

ئۆز ۋاقتىدا تالىباننىڭ خاتالىقىنى ئېيتساق، تالىباننىڭ نېنىنى يەۋاتقانلار بىزنى ئۇيغۇرلار بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىنى بۇزىۋاتقان خىتاينىڭ جاسۇسلىرى دەپ ئەيىپلىگەن، ھەتتا ئېغىلغا 15 كۈن سولاپ قويغان ئىدى. ھازىر دائىشنى ھېلىغۇ ئەيىپلەشكەن، ئۇزاق تۇرۇپ قالساق، دائىشنىڭ نېنى يەۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز بىزنى خەلىپىگە بەيئەت قىلمىدى دەپ مۇرتەدكە چىقىرىۋېتىدۇ. ئەمدى تۈركىيەدىمۇ ھۆكۈمەتكە ماۋۇ قىلغىنىڭلار خاتا دىسەك، ئۇيغۇرلار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بۇلىۋاتقانلار دەپ ئەيىپلىنىۋاتىمىز، ئامېرىكىنىڭ، ياۋرۇپانىڭ ئەيىبىنى سۆزلىسەك، ئامېرىكىنىڭ نېنىنى يەۋاتقانلار بىزنى غەرب بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزماقچى دەپ ئەيىپلەيدۇ. ۋەتەندىغۇ خىتاينى تىللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىيىپ قاراپ قويساق، خىتاينىڭ نىنى يەۋاتقان كادىر ئىتلار ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بولغان تېرورچىلار دەپ ئەيىپلەيتتى. قارىسام كىم قايسى دۆلەتنىڭ نېنى يەۋاتقان بولسا شۇ دۆلەت ھەققىدە مۇنداقراق گەپ قىلىپ قويغان ئۇيغۇرنى جاسۇسقا، مۇناپىققا چىقىرىشقا ئاران تۇرىدىكەن. ئەمما بۇ ماقالە مېنى قايىل قىلدى. ھەقىقەتەن ھېچقانداق تەرەپكە يان باسماي، ھۆكۈمەتنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى پەدەزلىمەي لىللا ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۇرادەرلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يېزىلىپتۇ. مۇشۇنداق خالىس ئوتتۇرىدا تۇرۇپ، تەۋھىيدنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ يېزىلغان ماقالىلەر كۆپلەپ يېزىلسا، يېڭى چىققان بۇرادەرلىرىمىزنىڭ تەجرىبىسىزلىكلىرىنى، سەۋەنلىكلىرىنى ئەيىپلەپ كەمسىتمەيدىغان، نەسىھەت، يول كۆرسىتىدىغان ماقالىلار كۆپلەپ يېزىلسا ياخشى بۇلاتتى.

يازغۇچى: مىراس \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

ھازىر يېڭى كەلگەن بۇرادەرلەرنى يەكلەيدىغان، كەمسىتىدىغان ھەتتا تىللايدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپىيىپ كەتتى. چەتئەلگە بۇرۇن چىققان، تەجرىبىسى بار جەمئىيەتلەر مۇشۇ يېڭى چىققان بۇرادەرلەرنى تەربىيلەيدىغان، يىتەكلەيدىغان ئىشنى قىلسا ياخشى بۇلاتتى.

يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

يېڭى ھىجرەت قىلىپ چىققان بۇرادەرلەرنىڭ كەمچىلىكى، تەجرىبىسىزلىكى ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇلارغا ئاتىدارچىلىق قىلىدىغان، توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان چوڭلار چىقمايۋاتىدۇ ياكى ئۆزىنى بۇ ئىشتىن تارتىۋاتىدۇ. بۇ يېڭى بۇرادەرلىرىمىزنى تىللىماي نەسىھەت قىلىدىغان، ئەيىلپىمەي قايىل قىلىدىغان جەمئىيەت، تەشكىلاتلار چىقمايۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

يېڭى چىققان مۇھاجىر ياشلىرىمىزغا ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەش ۋە تەربىيلەش ھازىر ھەقىقەتەن سەل قارىغىلى بولمايدىغان خىزمەت بولۇپ قالدى. ۋەتەندىن يېڭى ھىجرەت قىلىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە بۇرۇن باشقا بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىمنى بۇيەرگىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇيغۇن كۆردۇم:
ئۆتكەندە بىر سورۇندا يېڭى ھىجرەت قىلىپ چىققان ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇلاردىن ۋەتەندىكى ھازىرقى مۇھىيتنى ئاڭلاپ ئىچىم بەكمۇ سېيرىلىپ كەتتى. بىز چىققان 90-يىللاردىكى ۋەزىيەت، ئىجتىمائىي مۇھىيت ھازىر ۋەتەندە يوقكەن. يېلدىن يىلغا ئىجتىمائىي كەيپىيات يامانلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ. ھازىر ئەتراپىمىزدا بەزىدە يېڭى ھىجرەت قىلىپ چىققان قېرىنداشلارنى ئەيىپلەيدىغان گەپ - سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز. مەن ھىجرەت قىلغان ياشلىرىمىزنى ئەيىپلەۋاتقان زىيالىيلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن: مېنىڭچە ئالدى بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى ئېغىر ئەخلاقىي بۇلغىنىش، ناكەس جىسمانىي كىسەل ئەيدىز قاتارلىقلارنى يۇقتۇرۋالماي ئۆزىنى ۋە ئېتىقادىنى پاك-پاكىز قوغداپ قالغان بۇ ياشلىرىمىزنى تەبرىكلىۋېتىپ، ئاندىن ئەيىپلىسەكمۇ كېچىكمەيمىز. ھازىر ياۋرۇپادىكى، ئامېرىكىدىكى، ھەتتا تۈركىيەدىكى ياشلارنى كۆرىۋاتىمىز. ھازىر دۇنيادا بۇنچىلىك ئېغىر ئەخلاقىي بۇلغىنىشتا ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئەخلاقىنىلا قوغداپ قالماي، بەلكى ۋەتىنىنىڭ، مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، دىنىي ئۈچۈن دۇنيانىڭ پۈتۈن كەيپ-ساپاسىدىن، لەززىتىدىن ۋاز كەچكەن ياشلار پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى قالدى. ئەگەر تېنى ساغلام ياشلار بولمىسا چوڭلىرىمىز ئىشخانىدا ئولتۇرۋېلىپ قانچىلىك ئۇستا سىياسىيون بولۇپ كېتەيلى، يەنىلا بىكار!... يەنە كېلىپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە تېخىمۇ شۇنداق!!!... شۇڭا ياشلىرىمىزنى ئەيىپلىمەي، ياشلىرىمىزغا ئىگە چىقايلى!.. ياشلىرىمىزنى چەتكە قاقماي، قۇچاق ئاچايلى!.. ھازىر ئامېرىكا ئۆز ياشلىرىدا بىزنىڭ ياشلىرىمىزدىكىدەك ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلالايدىغان روھنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىليونلارچە دوللار خىراجەت قىلىۋاتىدۇ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام، كەيپ-ساپادىن ئۇزاق تۇرىدىغان ياشلارنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن ياۋرۇپا بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتىدۇ. ... -داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

... شۇڭا بىزنىڭ دىنىي، پەننىي ساھەدىكى زىيالىيلىرىمىز ئالدىمىزغا تەييار كەلگەن بۇ نىمەتنى قەدىرلەيلى!!!...
بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن غۇلجا ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن چەتئەلگە چىققان مۇشۇنداق زور تۈركۈمدىكى جەڭگىۋار روھتىكى ياشلىرىمىز ئىسراپ بولۇپ كەتتى، توغرا يىتەكلەش، توغرا بىر تەربىيە بېرىلمەي ۋەيران بولۇپ كەتتى. ھازىر ئۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى يېشى چوڭىيىپ، جەڭگىۋارلىقى سۇنۇپ، ئەقىدىسى بۇلغىنىپ كەتتى. ئېتىقادىي ساغلام قالغانلىرىنىڭ بولسا 100 مېتىرغا يۈگىرەپ بولغىچە دىمى سىقىلىپ، بىشى قېيىپ، بېلى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدىلىكتە بولسىمۇ بۇ ياشلىرىمىز ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن، ھازىر ھېچبولمىسا چەتئەللەردە بىرقەدەر مۇنتىزىم جەمىيەتلىرىمىز بار. بۇرۇنقىدەك ھەركىم ئۆز يۇرتلىقىغا ئىگە چىقىپ يۇرتۋازلىق قىلىدىغان، بىر يۇرتلۇقلار بىر يەردە گۇرۇھ بۇلىۋېلىپ باشقا يۇرتلۇقلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىشلار قالمىدى. چەتئەلدىكى جەمئىيەتلىرىمىزدە مەيلى جەنۇپتىن بولسۇن، مەيلى شىمالدىن بولسۇن، ئۇيغۇر بولسىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز دەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىمىزغا كەلگەن نىمەتنى ئوبدان قەدىرلەيلى!.. جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ سىياسىي مەسئۇللىرى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان تۈركىيە رەئىسى رەجەپ ئەردوغان شۇنداق دەيدۇ: «ياشلارنى قەدىرلەش مىللەتنى قەدىرلەش دېمەكتۇر، ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىش مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتۇر. مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان سىياسەتچى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك سىياسىيوندۇر!»
ھېچبولمىسا ئۆزەڭلار بەك ياخشى كۆرىدىغان تۈركىيە رەئىسى رەجەپ ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ياشلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئىگە چىقايلى، تەربىيلەيلى!... 

يازغۇچى: ھىلال بايراق \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

ۋىسال ئاكا ياخشى ئانالىز قىلىپ يېزىپتۇ. ئەردوغاننىڭ مۇۋاپىققىيەتى ياشلار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە. 15 ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىدە ئەردوغاننى قوغداش ئۈچۈن مەيدانغا چىققانلارنىڭ ۋە شېھىد بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولدى. تۈركىيەدە ھازىرغىچە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پۈتۈن جۇمھۇر رەئىسلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئەردوغاننىڭ ياشلار خىزمىتىگە ئالاھىيدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۇنى بارلىق رەئىسلەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك قىلغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارمۇ سۆزلىمەكتە.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

ئەردوغاننىڭ ياشلارنى تەشكىللەش مۇۋاپىققىيەتى ھەقىقەتەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ ھەيران قالغان نۇقتىسى. ھەتتا ئەرباكان بىلەن ئەردوغان ئەينى يولدا، ئەينى مىتودتتا يولغا چىقسىمۇ، ئەردوغاننىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى ئەرباكاننىڭ ئاساسەن كونا سەبداشلىرى، ياشانغانلار بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقى، ئەردوغاننىڭ بولسا ياشلارنى تەشكىللەپ، ياشلارنىڭ ئېنىرگىيەسى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئاساسىي سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.

يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22
مەنمۇ ھەربى ئۆزگىرىش بولغان كىچىسى ئەردوغاننىڭ بىىر چاقىرىقى بىلەن جېنىنى سېلىپ بەرگەن ياشلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. قۇرۇق قول تانكىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرگەن ياشلار ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئەردوغاننىڭ ئۆزىدىن 30 - 40 ياش كىچىك ياشلارنى بۇنچىلىك تەسىرلەندۈرۈپ، ئۆزىگە مايىل قىلىشى ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىش تىگىشىلىك مەسىلىدۇر.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان، «ئەردوغاننىڭ ياشلارنى تەشكىللەش قابىلىيىتى» دەپ ماۋزۇ قۇيۇپ،ئېلان قىلغان 15 ئىيۇل ھەربى ئاغدۇرمىچىلىق ۋەقەسىگە قارشى چىققان تۈرك ياشلىرىنىڭ رەسىملىرى:
 








يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22











يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

ۋاي ۋىسال ئاكا بىزنىڭ چوڭلارنىڭ قولىدىن بۇنداق ئىسىل ئىشلار كەممەيدۇ دەيمەن. ياشلارنى يەكلەپ، ئەيىپلەپ، ھاقارەتلەپ، ئاندىن ئالدىغا تەييار كەلگەن بەش ئاتانىڭ ئوقىدەك ياشلىرىمىزنى باغدادىيغا، نۇسراغا تاتقۇزاپ قوياپ، ئارقىدىن يەنە ۋايساپ، ئەيىپلەيدا. 

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-22

بىز چوڭلىرىمىزنى، جەمئىيەتلىرىمىزنى ئەردوغانغا ئەگىشىپ دېموكىراتچى بۇلاپ كەتتى دەپ ئەيىپلەيمىز. مۇشۇ ئەردوغاننىڭ مىللەتچىلىك باتىل يولىدا بولسىمۇ ئىشلەتكەن كاللىسىنىڭ يېرىمىنى بىزنىڭ چوڭلار، دەرنەكلەر ئىشلەتكەن بولسا بىز يەنە رازىيتۇق.

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-24
بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ سۆھبەتلىرىگە قارىساق، ئافغانىستان، سۈرىيەدىكى بۇرادەرلەرنى ئەيىپلەش بىلەنلا ئۆتىدىكەن. نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر دىسەك، ئىسلام نەسىھەت دىنىدۇر، نەسىھەت قىلىۋاتىمىز دەيدىكەن. ماقۇل، بىزغۇ ئۆزىمىزنى كەمچىلىكتىن خالىي دىمەيمىز. ئەمما نەسىھەت قىلىش نىيىتىڭلاردا سەمىمىي بولساڭلار، ئامېرىكا، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارمۇ مۇسۇلمانغۇ، ئۇلاردىمۇ خاتالىق، كەمچىلىك بارغۇ، ئۇلارغىمۇ نەسىھەت قىلساڭلار بولمامدۇ؟!.. نېمىشقا ھەردائىم بىزگىلا ئىسىلىۋالسىلەر، بىزنىلا ئەيىپلەيسىلەر؟!...
يازغۇچى: لاچىن \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-24

ئۆتكەنكى ئۇچرىشىش يىغىنىدا قارىسام «توغرا يول، توغرا مىنھەج تاپىمىز» دەپ ئۇدا ئۇچ كۈن جىھاد ساھەسىدىكى بۇرادەرلەرنى ئەيىپلەش بىلەنلا ئۆتتى. يەنى مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ئەيىپلەش بىلەن ئۆتتى. شۇنى ئويلاپ قالدىم، ئەگەر مەن قۇرۇلتاينىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ قالغان بولسام، مۇشۇنداق بىر - بىرىنى ئەيىپلەش، سۆكۈش بىلەنلا ئۆتكەن بولسا، شۇنداق خۇلاسىغا كەلگەن بۇلاتتىم: «ھېلىمۇ رابىيخانغا، قۇرۇلتايغا ئەگەشمىگەنلىكىم توغرىكەن. قارىمامسلەر بۇ دېموكىراتچىلارنىڭ ئىچىدىكى جىدەل-ماجىرانىڭ تولىلىقىنى» دەپ قالغان بۇلاتتىم. ئۇچرىشىش يىغىنىغا كەلگەن ياۋرۇپادىكى مىھمانلارنىڭمۇ بىزنىڭ ئىسلامىي يىغىنلىرىمىزدا مۇشۇنداق مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا بەرگەن رەددىيەسىنى، ئەيىپلىشىنى ئۈچ كۈن ئۇدا ئاڭلاپ، ماڭا ئوخشاش ئويلاپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەسلىدە ياۋرۇپادىكى مىھمانلارنىڭ بىزنىڭ ئىسلامىي ئۇچرىشىش يىغىنلىرىمىزغا كەلگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىللىقلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا مىھىر - مۇھەببىتىنى چۈشەندۈرۈشكە، ئۆرنەك بۇلۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولساق، ئۆز ئىچىمىزدىكى بەزى ئۇقۇشماسلىق، زىددىيەتلەرنى ئايرىم پاراڭلاشقان بولساق تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.

يازغۇچى: ھىجرەت يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-24
مەنمۇ يىغىندا مۇشۇنداق ئويلىغان ئىدىم. بىزنىڭ پەقەت بىر - بىرىمىزنىلا ئەيىپلەيدىغانلىقىمىزدىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. گەرچە ئارىدا ۋىسال ئاكا ياخشى گەپ قىلغان بولدى، ئەمما ئۇمۇ گىپىنىڭ ئارىسىدا باغدادىيغا تىل تەككۈزۈپ كەتكۈزۈپ قويدى.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

مېنىڭ يىغىنىڭ كىچىك بىر قىسمىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: «بىز نامايىشقا چىقىدىغان ئادەم تاپالمايۋاتساق، ئاۋۇ باغدادىي بىر ئېغىز ئۇيغۇرچە بىلمەي تۇرۇپ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنى جېنىنى بېرىشكە قايىل قىلىپ ئەكېتىۋاتىدۇ. ياتلار ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنى جېنىنى بېرىشكە قايىل قىلىپ ئەكىتىۋاتىدۇ-يۇ، بىز نېمىشقا نامايىشقا بولسىمۇ چىقىدىغانغا ئادەم تاپالمايمىز؟. ئەگەر بۇ ياشلار مەسىلىسىگە چارە ئىزدەش نىيىتىمىز بولسا، دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەۋەرمەي، بىز نەدە كەتكۈزۈپ قويىۋاتىمىز، ئۇنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك» دېدىم. ئەسلىدە بۇ سۆز پەقەت ماڭا ئائىت بولماي، ئوغلى دائىشقا قاچقان بىر تۈرك ئايالغا ئائىت ئىدى. تۈركىيە دىيانەت ئىدارىسى دائىشقا رەددىيە دەپ يوغان بىر كىتاب يېزىپتىكەن. ئوغۇلىنىڭ دەردىدە باغرى قان بولۇپ كەتكەن ئۇ تۈرك ئايال: «ئەي دىيانەت! كىتاب يېزىش ئەمدى ئەقلىڭلارغا كەلدىمۇ؟ ھەمدە يازساڭلار نېمە بولماقچىدى. سىلەر ئوغلىمنى تەسىرلەندۈرۈپ مەھەللىمىزدىكى مەسجىدكە نامازغا ئەكىلەلمىدىڭلار، دائىش جېنىنى بېرىشكە رازى قىلىپ ئەكەتتى. سىلەرمۇ مۇسۇلمانغۇ. سىلەرنىڭ مەسجىدتىكى ئىماملىرىڭلارمۇ قۇرئان - ھەدىس بىلىدىغۇ، نېمىشقا ياشلىرىمىزنى تەسىرلەندۇرەلمەيدۇ؟ نېمىشقا ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلالمايدۇ؟ دائىشنى مۇنداق ئارقىدىن قۇرۇق ئەيىپلەپ يۈرگىچە، ياشلىرىمىزنى دائىش تېرورچىلىرىغا تاتقۇزۇپ قويمايدىغان، ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان ئىشنى قىلالساڭلار بولمامدۇ؟ سىلەر ئېسىل گىلەملەر سىلىنغان مەسىجىدكە ئەكىلەلمەيۋاتقان ياشلىرىمىزنى دائىش كونا گەمىدە لاي-پاتقاقنىڭ ئىچىدە ياشاشقا قايىل قىلىپ ئەكىتىۋاتىدىغۇ؟ نېمىشقا سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن چىققان چىققان ئايەت - ھەدىس ئۇلارنىڭكىدەك ياشلىرىمىزغا تەسىر قىلمايدۇ؟!...» دەپ قىلغان نالە-پەريادلىرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا چىققان ئىدى. مەنمۇ ئەينى سۇئالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.

يازغۇچى: ھىلال بايراق \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

ۋىسال ئاكىمىزنىڭ سۆھبىتىنى مەنمۇ ئاڭلىدىم. ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ ئېغىپ كەتمەي لىللا ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ھەر ئىككى تەرەپكە نەسىھەت قىلدى. مېنىڭچە پەقەت بىر تەرەپنىلا ئەيىپلەپ قىلغان باشقا سۆھبەتلەرگە قارىغاندا ياخشى سۆھبەت بولغان ئىدى.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

مېنىڭ مەقسىتىم قايسى تاكتىكنى قوللانساق قوللىنايلى، قايسى چارە ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولسا ئۇنى ئەمىلىيلەشتۈرەيلى، ياشلىرىمىزنىڭ خىتايدىن باشقا ھەدەفلەردە ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى. اللەنىڭ دۈشمىنى خىتايغا پۇرسەت بەرمەيلى، ئىسلامنىڭ تەۋەررۈك زېمىنى تۈركىستاننى خىتايغا تاشلاپ بەرمەيلى. تۈركىستاندا اللەنىڭ قانۇنىنى ئالىي قىلىش ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان سۈرىيەدە تۆكۈلگەن قاندىن ئەزىز بولسا ئەزىزكى، كەم قالىدىغان يېرى يوق. ئىسلامنىڭ دۈشمىنى خىتاي بەششار ئەسەدتىنمۇ زالىم بولسا زالىمكى، كەم قالىدىغان يېرى يوق، زالىم خىتاينىڭ زۇلىمىدا ئىڭراۋاتقان ھەدە - سىڭىللىرىمىزنىڭ نالە - پەريادى سۈرىيەدىكى ئاياللارنىڭ نالىسىدىن تېخىمۇ پىغانلىقكى، كەم قالىدىغان يېرى يوق، ئەسىر تۈركىستانىمىزنىڭ ئىسلامغا ئېھتىياجى سۈرىيەنىڭ ئېھتىياجىدىن كۈچلۈك بولسا كۈچلۈككى، كەم قالدىغان يېرى يوق، ئەسىر تۈركىستانىمىزنىڭ قۇرئانغا ئېھتىياجى سۈرىيەنىڭ ئېھتىياجىدىن كۈچلۈك بولسا كۈچلۈككى، كەم قالدىغان يېرى يوق، ئەسىر تۈركىستانىمىزنىڭ رەسۇل اللەغا بولغان ئېھتىياجى سۈرىيەنىڭ ئېھتىياجىدىن كۈچلۈك بولسا كۈچلۈككى، كەم قالدىغان يېرى يوق!! ئەسىر تۈركىستانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئىمانىمىزغا، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا، بىزنىڭ پاراسىتىمىزگە، بىزنىڭ جاسارىتىمىزگە، بىزنىڭ قېنىمىزغا، بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا ئېھتىياجى بار، يەنى مۇجاھىيد تۈركىستان ئوغلانلىرىغا ئېھتىياجى بار، ھەمدە سۈرىيەدىنمۇ بەكرەك، جىددى ئېھتىياجى بار!!!!

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

ئوقۇپ يىغلىۋەتتىم جۇما.. يۈرەككە تەككىدەك يېزىۋىتىپلا ۋىسال ئاكا.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

بۇنىڭدىن 15 - 20 يىل بۇرۇن ئەرباكان - تالىبان جىدىلى بار ئىدى. غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن زالىم خىتايدىن ئۆچ ئالىمەن دەپ چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇ جىدەلنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. نە تالىبان سېپىگە كەتكەنلەر خىتايغا بىر پاي ئوق ئاتالىدى، نە ئەرباكان سېپىدە قالغانلار خىتاينىڭ بۇرنىنى قانىتالىدى. ئەمدى ئەردوغان - دائىش جىدىلى بولىۋاتىدۇ. بۇ جىدەلدىمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن زالىم خىتايدىن ئۆچ ئالىمەن دەپ چىققان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، يەنە 20 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاش ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ جىدىلىگە ئۆزىمىزنى دەسمىي سېلىپ بېرىمىز؟.. قاچانغىچە باشقىلارنىڭ جىدىلىدە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ يۈرىمىز؟ شەخىسلەرنى بايراقلاشتۇرۇشتىن، بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ، بىر گورۇھنىڭ ئارزۇسىغا ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى باغلاپ قويۇشتىن قاچانمۇ ۋاز كېچىمىز؟ بىز مىللىتى، كىملىكى بىزگە ۋە ۋەتىنىمىزگە يات شەخىسلەرنى بايراقلاشتۇرغىچە، مۇسۇلمان ۋەتىنىمىزنى بايراقلاشتۇرساق، ئىستىقلالىيەتىمىزنى بايراقلاشتۇرساق، ئىسلامنىڭ دۈشمنى خىتايدىن ئۆچ ئېلىشنى، كاپىر خىتاينى اللەنىڭ زېمىنى تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشنى بايراقلاشتۇرساق، اللەنىڭ ھېچكىمگە ناھەق زۇلۇم قىلمايدىغان شەرئىي ئادالىتىنى تۈركىستانىمىزدا ھاكىم قىلىشنى بايراقلاشتۇرساق بولمامدۇ؟!... ئىستانبۇلدا ئەردوغاننىڭ پارتىيە بايرىقىنى كۆتۈرمىگەننى ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا ۋەياكى شامغا قارا بايراقنى تىكلەشنى نىشان قىلىشنىڭ ئورنىغا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىكى خىتاي بايرىقىنى سۆكۈپ تاشلاشنى غايە قىلساق بولمامدۇ؟!... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

... شۇنى ئۇنۇتمايلى، ئەرباكان - موللا ئۆمەر جىدىلىدىن بىزگە پايدا كەلمىگەندەك، ئەردوغان - باغدادىي جىدىلىدىنمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا پايدا كەلمەيدۇ. ئەرباكان - تالىبان جىدىلىگە ئارىلىشىپ بىر بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان، ھەتتا تەكفىر قىلغان ئۇيغۇر بۇرادەرلىرىمىز قانداق پۇشايماندا قالغان بولسا، ئەردوغان - دائىش جىدىلىگە ئارىلىشىپ بىر - بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقان، چىش بىلەۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ شۇنداق ھەسرەتتە قالىدۇ. ئارىدا پايدا ئالغان بىزنى جىدەلگە سېلىپ قويۇپ، بىزنىڭ ئېنىرگىيەمىزنى، بىزنىڭ كۈچىمىزنى خورىتىۋاتقان، پارچىلاۋاتقان خىتاي بولىدۇ. بىزدىن ئۈمىد ۋە ياردەم كۈتىۋاتقان مۇسۇلمان جانىجان ۋەتىنىمىز بولسا ئىڭىراپ ھالسىزلىنىپ قىلىۋېرىدۇ.

يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

توغرا دەيدۇ. ئەگەر بىز ماڭا دەرنەك قۇرۇپ بەرگەن ئەردوغاننىڭ دۈشمىنى مېنىڭ دۈشمىنىم.... ماڭا قۇرال بەرگەن باغادىينىڭ دۈشمىنى مېنىڭ دۈشمىنىم دەيدىغان ئىدىيىدىن ۋاز كەچمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ دۈشمىنىنى تاپالمايمىز. ئۆزىمىزنىڭ دۈشمىنىگە قارشى بىرلىشەلمەيمىز. بۇ ئىسىل ماقالە ئۈچۈن ۋىسال ئاكىغا رەھمەت. ئاللا ئىككى دۇنيا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. ئامىن

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-25

ھەر كىمنىڭ شەخسىي ياخشى كۆرىدىغان كىشىسى، جامائىتى، جەمئىيىتى، قۇرۇلتىيى، پارتىيىسى، دۆلىتى بۇلۇش مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە مىللىتىمىزنىڭ مەسىلىسىگە ئۆزىنىڭ شەخسى مۇھەببەت - نەپرىتىنى ئارىلاشتۇرۋالماسلىق كىرەك. بۇ ماقالە مۇشۇ نۇقتىنەزەردىن قارىغاندىمۇ ئىنتايىن قايىل قىلارلىق يېزىلىپتۇ.

يازغۇچى: خىلافەت قىلىچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26

ۋىسال بۇرادەر يازغانلىرىڭىزنىڭ بەزى ئاساسى بار، توغرا گەپلەرنى قىلىپسىز. بىراق سىزدىن شۇنى سورىماقچىمەن. سىز ئۆزىڭىزنى سەلەفىي سالىھىن ئېتىقادىدا، ئەھلى تەۋھىيد دەيدىكەنسىز. بۇ يازغانلىرىڭىزنىڭ مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىدىن پەرقى نىمە؟

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26

سۇئالىڭلارغا شۇ رەسىم بىلەن جاۋاب بېرەي، پەرقىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىۋىلىڭ.
 

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26
ۋىسال ئاكا ماۋۇ رەسىم ئاجايىپ جايىدا جاۋاب بوپتۇ. نۇرغۇن جاۋابنى بىر رەسىم بىلەن بېرىپسىز. پاراسىتىڭىزگە بارىكاللاھ.
يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26

ۋەتىنىمىزدىكى مۇسۇلمانلار زۇلۇم دېڭىزىدا تۇنجۇقۇپ كېتىۋاتسا، بىزنىڭ باشقا دېڭىزدىن كىت قۇتقۇزۇش بىلەن مەشغۇل بولۇشىمىز ھەقىقەتەن ئىچىنىشلىق ھالىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26

باشقا يەردە شەرىئەت ئىزدەپ قالغان قېرىنداشلار بىلەن بىزنىڭ كۆپ پەرقىمىز يوق. بىزمۇ اللەنىڭ شەرىئەتىنى تەلەپ قىلىمىز، بىزمۇ تەۋھىيدنىڭ ھۆكۈمران بولشىنى خالايمىز، بىزمۇ اللە ھالال قىلغاننى ھالال، اللە چەكلىگەننى ھارام قۇبۇل قىلىمىز. بىزمۇ كوممۇنىست كاپىرلارنى ئىسلامنىڭ دۈشمىنى دەپ بىلگەندەك، كاپىتالىست كاپىرلارنى، دېموكىراتچى كاپىرلارنى اللەنىڭ دۈشمىنى، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى، پەيغەمبەر دۈشمىنى دەپ بىلىمىز. بىزمۇ ئىسلامنىڭ پەرز -ئەھكاملىرىنى كۈندىلىك بىجا كەلتۈرىمىز.... سىلەر بىلەن ئارىمىزدىكى پەرق، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى دەپ قوبۇل قىلىمىز، تۈركىستانغىمۇ شەرىئەت بايرىقىنىڭ يارىشىدىغانلىقى، ئەسىر تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەسىر تۈركىستاندىمۇ اللەنىڭ دۈشمىنى بارلىقىنى، ئەسىر تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەسىر تۈركىستاندىكى مۇسلىمە قىز - ئاياللارنىڭمۇ ئىززىتى بىلەن، ئىپپىتى بىلەن ياشاشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەسىر تۈركىستاندىكى ئەرلەرنىڭمۇ ئايالىنىڭ قوسىقىدىكى پەرزەنتىگە ئىگە چىقىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەسىر تۈركىستاندىكى مەسجىد، جامەلەرنىڭمۇ تاملىرىدىكى، ھويلىسىدىكى كۈپىر بايراقلىرىنى سۆكۈپ تاشلاشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەسىر تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەتتىنمۇ مۇشرىك، كاپىر، تاغۇت، مۇرتەد، باغىي، ساخاۋاتلاردىن تازلىنىش كېرەكلىكىنى.... خۇلاسىلىغاندا ئىسلامنىڭ تەۋەرۈك زېمىنى تۈركىستاننىڭمۇ ئۈممەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك بولغان، جىھاد قىلىشى پەرز بولغان ئالدىنقى ئىسلام زېمىنى ئىكەنلىكىگە، 1000 يىلدىن بېرى ئىسلام بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرى سۈرىيەلىكلەرنىڭ تەقدىرىنىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز!!!....

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26

يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-26

بەك ياخشى چۈشەندۈرۈش بولۇپ كېتىپتۇ. بىزنىڭ ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى جىھاد بۇرادەرلەر سۈرىيەدە، ئافغانىستاندا چۆگۈلەپ يۈرۈپ، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئىشنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي، ئەسكەرىي ھەر ساھەدە ئاكتىپ بولمىساق، ئەتە - ئۆگۈن ۋەتەن ئازات بولۇپ قالسا ۋەتەننىڭ ھاكىمىيىتىنى دېموكىراتچىلارغا تاتقۇزۇپ قۇيۇپ، ئۆزبىك مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىيالماي يەنە تاغلاردا سەرسان بولۇپ يۈرىمىز. ئۆزبىك مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەسى بىزگە ئىبرەت بولۇشى كېرەك. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىدە ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى جىھاد بۇرادەرلەر ھەر ساھەدە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرۇپ پائال رول ئوينىشى كېرەك. ھازىر دائىشنىمۇ، تالىباننىمۇ ئامېرىكىنىڭ كونترول قىلىۋالغانلىقىنىڭ گېپى بار. دېموكىراتچىلارنىڭ توزىقىغا چۈشمەيلى، سۈرىيە، ئافغانىستاندا ئىسراپ بولۇپ يۈرۈپ، مۇسۇلمان ۋەتىنىمىزنى دىموكىراتچىلارغا تاشلاپ بەرمەيلى. يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتەي: ئۆزبىك مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەسى بىزگە ئىبرەت بولسۇن!

يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-28

قازاننىڭ بېشىدا كىم بولسا شۇنىڭ دىگىنى ھىساب بولىدۇ. دېموكىراتچىلارنىڭ ئەھلى ئىلىم ۋە جىھاد ساھەسىدىكى بۇرادەرلەرنى قازاننىڭ بېشىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، سۈرىيە، ئافغانسىتاندا خورىتىش قىلتىقىغا چۈشمەيلى.

يازغۇچى: تەكلىماكان قىلىچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-28

ھازىر مۇسۇلمان خەلقىمىزگە ۋاكالەتەن قازان بېشىدا مەنمۇ بار دەپ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بەزى جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، تور تېلېۋىزىيەلىرىنىڭ تاقىلىشى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى بىنا، مال - مۈلىكلەرگە خىرىس قىلىنىشى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ دېموكىراتىك بىر دۆلەتتە قىلىنىشى يۇقىرىقى بۇرادەرلىرىمىزنىڭ قىلغان تەھلىلى ئەجابا توغرىمۇ دەپ ئويلاندۇرۇپ قويدى.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-28

ئات ئىزى بىلەن ئىت ئىزى ئارىلىشىپ كەتكەن، كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمايۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە جانابىي ئاللاھدىن شەيتان ۋە شەيتانلىشىپ كەتكەن ئىنسانلارنىڭ شەررىدىن، زىيانكەشلىكىدىن، پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيلى!... ھېچكىم ھەققىدە قولىمىزدا تولۇق دەلىل - ئىسپات بولماي تۇرۇپ ھۆكۈم بېرىشكە ئالدىرمايلى. ھەم ئۆزىمىزگە پۇختا بولۇپ سەگەك تۇرايلى، ھەم بىرلىكنى بۇزۇشقا ئالدىراپ قارار بەرمەيلى.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: