ئەركەكمەن دەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا باشباناھسىز غېرىپ ئايال






 ئەركەكمەن دەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا باشباناھسىز غېرىپ ئايال


ئىچىمدىن چىقمىغان بىر ئاھلىرىم بار ،
بۇلدۇقلاپ ئاقمىغان بۇلاقلىرىم بار .
تىنجىق يازلارنىڭ چۈشىدەك تىلسىم ،
سۈكۈتلۈك ئاتەشتەك پەرياتلىرىم بار .
تىللاغا كۆمۈلگەن ناتىۋان ئايال ،
كىبىرلەر قاققان كىرپىكى بىلەن .
ئۆزىنى يەۋاتقان كۈلكىسى بىلەن ،
يىغلاشتىن قورۇققان رەڭلىرى بىلەن ،
يېرتماقتا قەلبىمنىڭ غېرىبخانىسنى .
بولدىلا كىرمىگىن چۈشۈمگە ئايال ،
ھەم سېنى كۆرمىگەن بولاي ئوڭۇمدا ،
بەخىت دەپ كۆزۈمنى چوڭ ئېچىپ قالاي ،
يالتىراپ تۇرغان يالغان تونۇڭغا .
بولدىلا يېمىگىن بۇ دەملىرىمنى ،
ۋاقىتلار قىستاپ كەلـمەكتە غەليان ،
مىنۇتلار سانجىلار تېگەنگۈللەردەك .
چۈشەنمەي قالاي چۈشەنمەي قالاي ،
غادايغان شۇ مىسكىن سۇلغۇن تۇرقۇڭنى ...
ھەممە ئەيىبنى قويمىدىم ساڭا ،
پىژىلداپ قالغاندا يۈرۈكۈم بىردىن .
ئاھ سۆيۈملۈك ناتىۋان ئايال ،
گۈل بولۇشقا يارالغان ئايال !
نازۈك نەپىس شىشىلەر كەبىي ،
ئاسرىلىشقا يارالغان ئايال .
كارۋان سەن ئۈچۈن توختىغان ئىدى ،
بۈيۈك سەپەردە مېھرىبان ئايال !
ئاھ جانىجان قەدىرلىك ئايال ،
نەدىن كەلدى بۇ كۈنلەر ساڭا ؟!
ئۇچۇپ يۈرگەن پەيدەك چارىسىز ،
بىر نان ئۈچۈن سارغايدىڭ ئايال .
ھايالىرىڭ يېرتىلدى تۇيماي .
قەھرىۋادەك پاتماقتا كۈنۈڭ ،
كىملەر ئالداپ قۇل قىلدى سېنى ؟!
دېدەك قىلىپ سازايە قىلدى .
راڭدار ئەجەپ زەھەر تونلاردا ،
گۈلنامىڭنى خازانە قىلدى .
يېغلىماقتا گۈللەر سەن ئۈچۈن ،
شۇڭا بۇلبۇل سايرىماس بولدى .
يازالـمىغان قۇرلىرى ئۈچۈن ،
قەلەملەرنىڭ سىياھى قۇردى .
تىك ياشايمەن ياشاش ئۈچۈن دەپ ،
پۇكىلىۋاتقان بىچارە ئايال .
ئۆيى تۇرۇپ ئوغلانى تۇرۇپ ،
ئۆز ۋەتەندە يۇرتىدا تۇرۇپ ،
نەچچە قېرىنداش ئەركەكلەر تۇرۇپ ،
ئۇسسىۋاتقان ھەر بىر ئىشىككە ،
مۇساپىر غېرىبان سەرسانە ئايال !
ئايال دەپ ياراتقان رەببىم شۈكۈرلەر !
ئەرنىڭ ھىسابىدىن تىترىگەن دەملەر ...

ئاپتورى: ھۆسنۈ مەئاب
1438/ مۇھەررەمنىڭ ئىككىنجى كۈنى دۈشەنبە
 

كۆرۈلۈشى: 360 \ يوللانغان چېسلا: 2016-10-14
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: