ئىستىمەس - (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)







ئىستىمەس

- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر -


ئەي نىگار ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،
مەن خىتاپ قىلسام ۋەتەنگە ئىنتىلىشنى ئىستىمەس.
ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم، مەن يىنىپ چاقماقلىسام،
ئەل ئېغىر ئۇيقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.

‘ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا’ دەپ يۈرۈشىدۇ بەزىلەر،
ئوغرى تەگسە ئۆيىدە مالىغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.

ئېھتىيات جانى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،
بىز بولۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.

ھامىنىڭ ئەۋلادىدىن بىرسى قوللۇقتا قالمىدى،
ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ھەم سېزىشنى ئىستىمەس.

يەپ زەھەر بولدى كىسەل، ئەلۋىدا! كۆپتۇر خەتەر،
مىللىتىم جان چىقسا ھەم، داۋالىنىشىنى ئىستىمەس.

باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قېلىپ،
بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئىشەك منىشىنى ئىستىمەس.

ئىزلىدى ھۇما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ،
ئىزلىگەنلەر باشىغا ھۇما قونۇشنى ئىستىمەس.

مىللىتىم تارتقان ئازاپقا كۆڭۈل قانداق چىدىغاي،
ئەل-غېرىپ ئىڭرايدۇ ئەمما، تەۋرىنىشنى ئىستىمەس.

ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزلە سراتەل مۇستەقىم،
بۇ سۇبات بارىدا دىل ۋەيران كىزىشنى ئىستىمەس.
1920-يىلى تۇرپان
 

مەنبە: تور سەھىپىلىرى



كۆرۈلۈشى: 284 \ يوللانغان چېسلا: 2016-10-15
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: