سەلەفىيلەر بىلەن ئوسمانىيە دۆلىتى ئارىسىدىكى نىزالارنى كىم پەيدا قىلغان؟


مۇھەممەد ئىبنى ۋاھاب ۋە ئوسمانىيە دۆلىتى
- 2 - 
 

شەيخ مۇھەممەد ئابدۇۋاھاپ ھەرىكىتى
سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ نوپۇزى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ رايونلىرىغاكېڭەيدى، ئەنگلىيە سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىدى. چۈنكى بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتىنىڭ نوپۇزى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىراقنىڭ جەنۇبىغىچە كېڭەيگەن ۋە ياۋرۇپا بىلەن شەرق ئارىسىدىكى يولغا تەسىركۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ دۆلەتنىڭ دىنى ئاساسلىرى ئەنگىلىيىنىڭ بويسۇندۇرۇش ياكى ئىتتىپاق تۈزۈشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى چەتئەل(يەنى ئەنگلىيە) نوپۇزى بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرسى ئىدى، شۇڭا سەئۇدى ئارمىيىسى 1806- يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ھەربى پاراخوتلىرىغا شىددەتلىك زەربە بەرگەن ۋە يەمەندىن باشقا ئەرەب يېرىم ئارىلى بۇلارنىڭ نوپۇزدائىرىسىغا ئۆتۈپ بولغان.(1)
 

شەيخ مۇھەممەد ئابدۇلۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە قىلىنغان سۈيىقەست
ياۋرۇپا مۇستەملىكە كۈچلىرى بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتى مۇشۇ پېتى داۋاملىشىۋەرسە قانداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاشتى ۋە سەئۇدى دۆلىتىنىڭ ئۇلارنىڭ شەرقتىكى بارلىق مەنپەئەتلىرىنى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى، شۇڭا ئۇلار بۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلغان بۇ يېڭى دۆلەتنى ۋەيران قىلىش لازىم دەپ قاراشتى ۋە سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ نوپۇزىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارنى قوللىنىشتى:
 

1. ئىسلام دىيارىدا مۇجەددىد ئىسلاھاتچى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى خەلق پىكىرى توپلاش:
غەربنىڭ بۇ سۇيىقەستىنى ئاڭقىرالمىغان، بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنى دىن دەپ چۈشىنىۋالغانلار شەيخ ئابدۇلۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە قارىشى تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قارشىلىقى بىر تەرەپتىن كەلمەستىن ھەممە تەرەپتىن تەڭ كېلىشتى. سەلەفىي ھەرىكىتى بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنىدىن دەپ قارايدىغان ئىشلاردىن قارشىلىققا ئۇچرىدى؛ نەزىرە ساندۇقلىرىدىن مەنپەئەتلىنىغانلاردىن قارشىلىققا ئۇچرىدى؛ شۇنداقلا شەيخ ئىبنى ئابدۇۋاھاپ «يېڭى بىر دىن ئېلىپ كەلدى» دەپ خاتا قاراشتا بولغانلاردىن قارشىلىققا ئۇچرىدى. بۇتۈردىكى ئادەملەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭرى تارقالغان ئىدى.

ئىبنى ۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن يۈز بەرگەن يۇقىرىقى قارشىلىقلار ئىنگىلىز، فرانسۇز ۋە باشقا ئىسلام دۈشمەنلىرى پۇلغا سېتىلغان يامان موللىلارنىڭ چىقارغان پەتىۋالىرى بىلەن شەيخ ئىبنى ۋاھاب ھەرىكىتىنىڭ باتىللىقىنى تەشۋىق قىلغاندىن يۈز بەردى (2). قارانىيەت موللىلار (ھۆكۈمەت موللىلىرى) دۈشمەنلەرنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قارىشى تۇرۇشتى...ۋە تۈرلۈك ئىغۋا تارقىتىشتى...
 

2.شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ۋاھابنىڭ ئىسلاھات سەلەفىي ھەرىكىتى بىلەن ئوسمانىيە دۆلىتى ئارىسىدا ئاداۋەت تېرىش ۋە پىتنە تۇغدۇرۇش:
ئىنگلىزلار، فرانسۇزلارۋە باشقىلار سۇلتان مەھمۇد ئىككىنىڭ كۆڭلىگە: «ئىبنى ۋاھاب ھەرىكىتى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى مۇستەقىل سورىماقچى، ئوسمانلار خەلىپىلىك دائىرىسىدىن ئاجراپ چىقىپ كەتمەكچى، خىلاپەت بايرىقىنى ئوسمانلاردىن تارتىۋېلىپ، ئەرەب خىلاپەتلىكىنى تۇرغۇزماقچى» دەپ قورقۇنچ سالدى. ئوسمانىيلار سۇلتانى مەھمۇد ئىككى دۈشمەنلەرنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئىشىنىپ كەتتى. ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئىشەنمەي، ئىشەنچىلىك ئادەملىرىنى بۇ مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشى كېرەك ئىدى. سۇلتان بۇ يالغان خەۋەرنى تەستىقلاشنىڭ ساپ ئىسلاھات ئىسلام ھەرىكىتىگە قانچىلىك زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقنىڭ نەقەدەرخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.(3)

لېكىن سۇلتان دۈشمەنلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزدى ۋە بۇ ۋەزىپىنى قوشنا رايونلاردىكى ۋالىيلىرىغا تاپشۇردى، سۇلتان بۇ ئىشتىن ئىككى مەقسەتنى كۆزلىدى. بىرىنچىسى:سەئۇدى دۆلىتىنىڭ مەشرىق ئەرەب رايۇنلىرىدا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىنچىسى: ۋالىيلارنى ئاجىزلىتىپ ئوسمانىيە دۆلىتىگە تولۇق بويسۇندۇرۇش ئىدى.

شۇڭا بۇ مەسىلىنى بىرىنچى قېتىم ئىراقنىڭ ۋالىيسىغا تاپشۇردى، ئىراقنىڭ ۋالىيسى ئىچكى ماجرالار بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، قوشۇنلىرى ئاجىز بولۇپ، سەئۇدى ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىشقا قۇربىتى يەتمەيتتى، شۇڭا بۇلار بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە مەغلۇب بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئوسمانىيە دۆلىتى بۇ ۋەزىپىنى شام (سۈرىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن)نىڭ ۋالىيسىغا تاپشۇردى. شام ۋالىيسىمۇ سەئۇدى دۆلىتى ئالدىدا مەغلۇب بولدى، ئاندىن مىسىرنىڭ ۋالىيسى 1807-يىلى مۇھەممەدئەلى پاشاغا تاپشۇردى. مۇھەممەد ئەلى پاشا ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ پەرمانىنى 4 يىل كېچىكتۈرۈپ 1811-يىلى ئورۇنلاشقا ئاتلاندى(4).

سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى خەلىپىلىكنى تەلەپ قىلمىغان ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋە بولۇشقا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئوسمانىيە دۆلىتى بىلەن سەلەفىي ھەرىكىتى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پەقەت ئىككى ئىشتا خۇلاسىلانغان ئىدى.

بىرسى: سەلەفىي ھەرىكىتىىنىڭ تەلىپى ھەج ئۆمەكلىرى ئىسلام پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ۋە ئىسلام پرىنسىپىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق ئىدى. چۈنكى شامدىن كەلگەن ھەج ئۆمەكلىرى دۇمباق، نەي ۋە قوراللىق كەلگەن، بۇ شەرىئەتكە خىلاپ.

يەنە بىرى: ئوسمانىيە دۆلىتى ئىبنى ۋاھاب ھەرىكىتىنىڭ ھىجاز رايونىدا مۇقەددەس ئورۇنلارنى ئىگەللىۋالغانلىقى ئالدىدا ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىشى ئىدى. ئوسمانىيلارنىڭ بۇ تۇيغۇسى دۆلەتنىڭ ھەيۋىتىنى چۈشۈرگەنلىك ۋە سىياسى ئورنىنى يوقاتقانلىق دەپ قارايدىغان ئىدى.(5)

ئوسمانىيە سۇلتانى مەھمۇد ئىككى مىسىرنىڭ ۋالىيسى مۇھەممەدئەلىدىن سەئۇدى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ۋە ئىككى ھەرەمنى ئۇلاردىن تارتىۋېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. سۇلتاننىڭ مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈشىگە بىر قانچەتۈرلۈك سەۋەبلەر بار ئىدى، ئۇسەۋەبلەرنىڭ كۈچلۈكرەكى ئىنگىلىزلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋەچېقىمچىلىق قىلىشى ئىدى... مۇھەممەد ئەلى باشا ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھىجاز زېمىنلىرىنى قول ئاستىغا كىرگۈزدى ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يېڭى ۋالىي تەيىنلىدى.

لېكىن سۇلتاننىڭ بىر قانچە قېتىملىق پەرمانلىرىنىڭ خۇلاسىسى پەقەت ئىككى ھەرەمنى ئوسمانىيلار ھۆكۈمرانلىقىغا قايتۇرۇۋېلىش ۋە ھىجاز زېمىنىنىڭ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران دائىرىسى كېرىشىلا مەقسەت قىلىناتتى.(6)

مۇھەممەد ئەلى بىلەن شەيخ ئىبنى ۋاھابنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدىكى كۈرەش ئىسلامغا تەۋە ئىككى خىل كۈچ ئارىسىدىكى كۈرەش ئەمەس ئىدى. بەلكى بۇ ئۇرۇش ھېچقانداق سىياسى تاماسى يوق، ئىسلام پرىنسىپلىرىغا ھېرىسمەن ۋە ئىسلام ئەللىرىنى مۇستەملىكچىلەردىن مۇداپىئە قىلىۋاتقان سەلەفىي ھەرىكىتى بىلەن ئالبانلار، خرىستىئانلار ۋە بىر قىسىم فرانسىيىلىك ھەربى مۇتەخەسسىلەردىن تەركىپ تاپقان مىسىر قوشۇنى ئارىسىدىكى كۈرەش ئىدى.(7)

شۇ دەۋرنىڭ تارىخچىسى جەبەرىتى سەلەفىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ تەقۋالىقى ۋە مىسىر ئارمىيىسىنىڭ دەسلەپتە مەغلۇب بولىشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: « بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان ئەمەس تۇرسا، بىز قانداقمۇئۇلاردىن ( يەنى سەلەفىي ھەرىكىتىدىن) غەلىبە قىلالايلى، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزدە نەئەزان، نە پەرزنى كۆرگىلى بولمايدۇ... ئەمما ئىبنى ۋاھاب ئەگەشكۈچىلىرى ناماز ۋاقتى كەلسە نامازنى جەڭ مەيدانىدىلا دەل ۋاقتىدا خۇشۇ شەكلىدە ئادا قىلىدۇ....(8)

مۇھەممەد ئەلى سەلەفىي ھەرىكىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشىدا شەرىئەت بويىچە ئىش قىلمىغان ئىدى. بەلكى ئۇ ئىسلام ئەھكاملىرىغا پىسەنت قىلماستىن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ ۋەيران قىلاتتى، مال- مۈلۈكلەرنى بۇلاتتى ۋە مۇۋاھىيد مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىدى...مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ھەزرىتى ئەلى جەمەل ۋەقەسىدە: «قاچقانلارنى قوغلىماڭلار، جاراھەتلەنگەنلەرنى ئۆلتۈرمەڭلار، قورالىنى تاشلىغانلارغا چېقىلماڭلار» دېگەن ئىدى.(ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان).

ئوسمانىيە سۇلتاننىڭ تەلىپى ۋە پەرمانى ھىجاز زېمىنى ئوسمانىيە ھاكىمىيىتىگە بويسۇنسا كۇپايە قىلاتتى. سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى دىرئىيە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش پەرمان قاتارىدا يوق ئىدى. لېكىن مۇھەممەد ئەلى سەلەفىي ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇلھىدا بەك چىڭ تۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ھېرىس ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى نىشانى - ئەنگىلىيىنىڭ سىياسىتى رۇخسەت قىلغان دائىرىدە- ئۆزىنىڭ شەخسى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش ئىدى. چۈنكى سەئۇدى دۆلىتى قىزىل دېڭىز ياكى ئەرەب قولتۇقى ياكى قۇرۇقلۇق يولى بولسۇن ئەنگىلىيىنىڭ شۇ رايونلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىگە خەتەر بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. شۇڭا مۇھەممەد ئەلىنىڭ سەلەفىي ھەرىكىتىگە قارىشى قوزغىغان ھۇجۇمىنى ئەھل سەلىب (خىرىستىيانلار)نىڭ ئۇرۇشى دەپ سۈپەتلىسەك توغرا سۈپەتلەنگەن بولىدۇ.(9)

مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوماندانى تۇرسۇن پاشا سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ قوشۇنلىرى ئالدىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، 1813- يىلى مۇھەممەد ئەلى پاشا ئۆزى قوشۇن باشلاپ چىقىدۇ ۋە مەككىنىڭ ھاكىمى غالىبنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەئۇدىيلىقلار بىلەن بىرلەشتى دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بېسىم ئاستىدا ھىجازدىكى مۇھەممەد ئەلىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىدۇ. 1815- يىلى مۇھەممەد ئەلى بىسىل ئۇرۇشىدا سەئۇدى ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

سەئۇدى ئارمىيىسىنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئەلى پاشا ئارمىيىسى بىلەن سۇلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇھەممەد ئەلى پاشا شەرتنى قاتتىق قويۇۋېلىپ سۈلھىنى رەت قىلىدۇ، نەتىجىدە زور كۆلەملىك ئۇرۇش باشلىنىدۇ ۋە 1816-يىلى ئوغلى ئىبراھىم پاشانى قوماندان قىلىپ قايتىدىن ھۇجۇم باشلاشقا ئەۋەتىدۇ. مۇھەممەد پاشانىڭ ئارمىيىسى فرانسىيىلىك ھەربى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن غەلىبە قىلىپ، سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى دىرئىيە شەھىرىنى 5 ئاي مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. 1818- يىلى سەئۇدى دۆلىتىنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ تەسلىم بولىدۇ، مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوماندانى ئەمىر ئابدۇللاھنى ئىستانبولغا كىشەنلەپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەمىر ئابدۇللاھ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئۈچ كۈن سازايى قىلىنىپ، ئاخىرى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.(10)

سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى شەيخ ئەھمەد ھەنبەلى مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ۋالىيسى تۇرسۇنغا خىتاب يوللاپ سۇلھىغا چاقىرغان. خىتابتا: «بىز ئوسمانىيە سۇلتانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز، بىز خىلاپەت دۆلىتىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقمايمىز» دەپ يېزىلغان. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مەسىلىنى سۇلھ يولى بىلەن ئاياغلاشتۇرماي ھەربى يۈرۈش قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟. دېمەك، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەست بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى ناھەق تۆكۈلدى. فرانسىيىلىكلەر مىسىرنى بېسىۋالغاندائەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسولمانلار مىسىر مۇسۇلمانلىرىنى قوللىغان ئىدى، ئۇنداق تانېمە ئۈچۈن مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلى قەستەن ھۇجۇم قىلىدۇ؟ مۇھەممەد ئەلى خەلىپىنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىۋاتىمەن دېگەن شوئار بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئالداپ كېتىدۇ.(11)

تەۋەللا ۋە تەبەررا (يەنى ساداقەتمەنلىك ۋە نەپرەتلىنىش) ئېتىقادى مۇھەممەدئەلى باشادا يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ ساداقەتمەنلىكىنى ئىسلام دۈشمەنلىرىگە بەرگەن ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى ئۆلۈمگە باشلاپ مېڭىشىغا يول قويغان ئىدى. مانا بۇ نەسەبى ئېنىق بولمىغان ئالبانىيىلىك مۇھەممەد ئەلى پاشاغا ئوخشاش تاماكا سودىگىرىنىڭ ھۆكۈم بېشىغا چىقىۋالغانلىقىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئىدى.(12)

قۇرئان ۋە سۈننەتنى دەستۇر قىلغان ۋە ئىسلام ئەللىرىنى مۇستەملىكە ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە قىلىشقا ياردەم قىلغان سەلەفىي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى مۇھەممەدئەلى پاشانىڭ قولى ئارقىلىق يىقىلغان چاغدا ئەنگلىيە كۆپ خۇرسەن بولغان.(13)

ئەگەر مۇھەممەد ئەلى (ئۇنىڭ كۈچى زور بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا شەرقنى پۈتۈن ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ۋە ئوسمانلاردىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەقسىتى بارئىدى) ئوسمانىيە دۆلىتى ۋە بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتىنىڭ قوشۇنلىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ياۋروپانىڭ بولۇپمۇ ئەنگىلىيىنىڭ تەمەخورلۇق مۇستەملىكىسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغان بولسا تارىخنى ئۆزگەرتكەن بولار ئىدى. ئوسمانىيە دۆلىتى بىدئەتخور ۋە خۇراپاتلىشىپ كەتكەن بىر قىسىم موللىلارنىڭ ئىغۋالىرىغا ئىشەنمەي سىياسى نۇقتىدا تۇرۇپ، بۇ سەلەفىي ھەرىكەتتىن پايدىلانغان بولسا ۋە رۇخسەت تەرىقىسىدە بولسىمۇ ياردەم بەرگەن بولسا ئىسلام دۇنياسى قايتىدىن جانلانغان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ نىجىس ئاياغلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قەدەم بېسشىغا چەكلىمە قويغان بولار ئىدى. سەلەفىي ھەرىكتىدىن پايدىلانغان بولسا ئۆزىنىڭ سىياسى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولارئىدى.

سەئۇدى دۆلىتى دەسلەپتە دۆلىتىنى ساغلام سەلەفىي سالىھىين پرىنسىپىغا تۇرغۇزغان ئىسلام دۆلىتى ئىدى. ئىسلام دۇنياسى شۇ مەزگىلدە بۇ دۆلەتكە بەك ئېھتىياجلىق ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئەنگلىيە بۇ شارائىتلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ كەتتى. شۇڭا ئەنگلىيە مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوماندانى ئىبراھىم پاشانى غەلىبە نۇسرىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئىبراھىم پاشانىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا ھەمكارلىق ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن تەبرىكلەشكە ئالدىرىدى.

ئەنگلىيە بىلەن مۇھەممەد ئەلى پاشا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت بولۇپ، مۇھەممەد ئەلى ھۆكۈم سۈرگەن دەسلەپكى دەۋرلەردە ئۇلار بىلەن كىلىشىمنامە ئىمزالاپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا ئىنگلىزلار مىسىرنىڭ بۇرۇنقى ۋالىيلىرى «مەمالىك» (ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ھاكىملىرى) دوستلىرىدىن ۋاز كەچكەن.

تارىخچى جەبەرتى مۇھەممەد ئەلىنى: «خاراكتېرى كاززاپ ۋە قەسەمخورئادەم بولۇپ، قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئىدى» دەپ سۈپەتلەيدۇ.(14)
 

مەنبەلەر:
(1)- تارىخشۇناش ئەزھەر ئۇستازى دوكتۇر جامال ئابدۇلھادىنىڭ"ئوسمانىيە دۆلىتى" ناملىق كىتابى، 94-بەت.
(2)- دوكتۇر جامال ئابدۇلھادىنىڭ "ئوسمانىيە دۆلىتى" ناملىق كىتابىنىڭ، 94-بەت
(3)- يۇقىرىقى مەنبەنىڭ، 95-بېتىگە قاراڭ.
(4)- دوكتۇر ئىسمائىل ياغىنىڭ"ئەرەب دۇنياسى يېڭى تارىختا" ناملىق كىتابى، 171-بېتىگە قاراڭ.
(5) - دوكتۇر زەكەرىيا بەييۇمى " ئوسمانىيە تارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ ،185-بېتىگە قاراڭ.
(6) - يۇقىرىقى مەنبە، 186- بەت،
(7) - دوكتۇر مۇھەممەد ئەنىسنىڭ"ئوسمانىيە دۆلىتى"ناملىق كىتابى، 233-بەت.
(8) - دوكتۇر زەكەرىيا بەييۇمى "ئوسمانىيە تارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ، 188-بېتىگە قاراڭ.
(9) - دوكتۇر زەكەرىيا بەييۇمى " ئوسمانىيە تارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ، 189-بېتىگە قاراڭ.
(10) – دوكتۇر ئىسمائىل ياغىنىڭ " ئەرەب دۇنياسى يېڭى تارىختا" ناملىق كىتابنىڭ ، 184-بېتىگەقاراڭ.
(11) -دوكتۇر جامال ئابدۇلھادىنىڭ" ئوسمانىيە دۆلىتى"دېگەن كىتابى، 96- بەت.
(12) – يۇقىرىقى مەنبەنىڭ، 96-بېتىگە قاراڭ.
(13) -"ئەرەب ئارىلىنىڭ يېڭى تارىخى" ناملىق كىتابنىڭ،1- توم، 198-بەت.
(14) - دوكتۇر زەكەرىيا بەييۇمى " ئوسمانىيە تارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ، 159-بېتىگەقاراڭ.
 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەري.
(دوكتۇرئاسپىرانتى).
2006- 11- 8 يېزىلغان
 

مەنبە: تور سەھىپىلىرى



 

كۆرۈلۈشى: 884 \ يوللانغان چېسلا: 2016-10-18
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: