رەنجىمە، ئىشەنگەن گۇناھ ئۆزەڭدە






 رەنجىمە
 

ئوق تەگدى تۇلپارغا يېقىلدى جەڭدە،
ئېشەكلەر ھەر قاچان ئېغىلدا دەڭدە.
ھاياتى ئوخشىماس ئات ۋە ئېشەكنىڭ.
رەسساممۇ سىزالماس ئوخشاش بىر رەڭدە .

قۇياشنىڭ گۇگۇمغا پېتىشلىرى بار،
شاھنىڭمۇ زىنداندا يېتىشلىرى بار.
بىراۋغا قىلمىغىن قىلچە يامانلىق،
ۋاقتى كەلسە ئۆزۈڭگە يېنىشلىرى بار .

يېشىغا قاراپلا دانىشمەن دىمە ،
بوۋاقتەك بوۋايلار كۆپتۇر جاھاندا .
رايىڭ ھەممدىن يانىدۇ بىر كۈن ،
ۋەدىلەر يالغان ، كۆڭۇل ھارغاندا .

مەقسەتكە يەتكۇچە قەسەملەر توشاق ،
ھەر كۆرسە سەن ئۈچۈن ئاچىدۇ قۇچاق .
سىنىڭدىن مەنپەئەت يەتمىگەن كۇنى ،
قاچىدۇ ، رەنجىمە بىز ئىنسان تۇرساق .
 

مەنبە: تور سەھىپىلىرى



كۆرۈلۈشى: 438 \ يوللانغان چېسلا: 2016-10-18
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: