خىتايغا توغرا ئىدىيە بولمىسا توغرا مۇش ئاتقىلى بولمايدۇ


خىتاي قوراللىق ئەسكەرلەردىن ئەمەس بەلكى ئىدىئولوگىيىدىن قورقىدۇ


ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن 67 يىلدىن بېرى ئالدى بىلەن ئېتىقادى چىڭ پىكىرى ئۆتكۈر ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل ناملار بىلەن تۈرمىلەرگە قامىدى، سۈرگۈن قىلدى ۋە ئىز دېرەكسىز يوق قىلدى، ياكى بولمىسا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرمىدە قىيناپ يېرىم جان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى دىنىي بىلىم بولسۇن ياكى پەننىي بىلىم بولسۇن ۋايىغا يەتكۈچە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېگە قىلمىدى. ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولالىغىنى بولسىمۇ پەقەت خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يارىماسلارغا پۇرسەت يارىتىپ خىزمەت بەردى ۋە ئۆزىنىڭ يالاقچىلىقىنى قىلىشقا سالدى ۋە سېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پىكىرى ئۆتكۈر، ھەرق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالىغانلارنى ئىدىيىسىدە مەسىلە بار، بۆلگۈنچى، دىنىي ئۇنسۇر دېگەندەك ناملار بىلەن قارىلاپ يوق قىلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيا مېقىياسىدا مودا بولغان (تېررو) نامىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان تېررورىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇملارنى سېلىش بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە قارشى تۇرۇشقا زورلاپ ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورۇنغان بولسىمۇ، يالغانچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئويدۇرۇپ چىقارغان تۆھمەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغان خەلقئاراغا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا يىغلاپ يۈرمەكتە.

خىتاينىڭ خەلقئاراغا يىغلاپ يۈرگىنى ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ ئەمەس پىكىرى ئۆتكۈز، زېھنىيىتى ساغلام، بايرىقى روشەن، ئېتىقادى مۇستەھكەم ۋە دۈشمىنىنى توغرا تۇنىيالايدىغان ئۇيغۇرلاردىن قورقماقتا.

بۇنىڭ تىپىك مىسالى يىللاردىن بۇيان تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ۋە جامائەت ئەربابى دەپ تونۇلغان ئابدۇلقادىر ياپچان، يېقىندا تۈركىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ بىر ئاي نەزەربەند قىلىنىپ قويۇپ بېرىلىپ تەخمىنەن 18 سائەتتىن كېيىن يەنە قايتا تۇتۇلۇپ 40 كۈنلۈك تۈرمىگە قامالدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇلقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانمىش.

خىتاينىڭ تۈركىيىدىن يېشى بى يەرگە بارغان، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئابدۇلقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ سىرى نېمە؟ ئابدۇلقادىر ياپچان خىتاينىڭ بىرەر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى پارتىلاتقان ۋەياكى بىرەر خىتاي ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، ئۇنداقتا خىتاي ھاكىمىيىتى ئابدۇلقادىر ياپچاندىن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قورقىدۇ؟

دۇنيا بۇيىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ، نەچچە ئون مىليون ئەسكىرى، ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللارغا تولغان، دۇنياغا ھۆكۈمدار بولۇۋاتقان ئامېرىكىغا دولىسىنى چىقىرىپ نېمە دەيسەن دەپ پوچىلىق قىلىۋاتقان بۇ ھاكىمىيەتكە سېلىنىۋاتقان ئابدۇلقادىر ياپچاندىكى قايسى ۋەھىيمە؟

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاندىن بۇنچىۋالا قورقۇپ ئالاقزادە بۇلۇشىنىڭ سىرى بولسا، ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان، مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئەسكەرلەردىن تەركىپ تاپقان قىسىم ئەمەس، بەلكى تەدىرجىي يېتىلگەن پىكىر، غەزەپ- نەپرەت، دۈشمەننى توغرا تونۇشتىن ئىبارەت ئىدىيەدىن قورقىدۇ.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك بىرقانچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجىرەت نامىدا چىققان ئۇيغۇرلارغا ئۆز دۈشمىنىنى توغرا تونۇش، ئۆزىگە بىۋاستە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلارنى دۈشمەن سانىماستىن سىرتتىن دۈشمەن ئىزدەۋاتقانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئابدۇلقادىر ياپچان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىدە ياتماقتا.

خىتاينىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاندىن بۇقەدەر قورقىشىدىكى سەۋەب دەل ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئۆتكۈز پىكىرى، ئۇنىڭ ناتىقلىقى سەۋەبىلىك پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ خىتايغا قارشى يۈزلىنىشىدىن، كۈنلەرنىڭ بېرىدە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە خىتايغا قارشى قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرمەكتە.

ئەينى يىللاردا دۇنياغا جاھانگىر دەپ نامى چىققان ئەنگىلىيىنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقارغان گەندىھىنىڭ پىكىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى سەۋەبىلىك ھىندىستان خەلقى قوزغىلىپ ئەنگىلىيىگە قارشى چىقىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقارغان تارىخى، ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ پىكىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرمەكتە.
مەنبە: شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى تورى


 

كۆرۈلۈشى: 709 \ يوللانغان چېسلا: 2016-10-20
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: