شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى


شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى

(1933 – 1937)
ئاپتورى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
 

بۈتۈن كائىناتنى ياراتقان، بىزلەرنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىك مەخلۇق قىلغان جانابى ئاللاھغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، ئىنسانىيەتكە ئىززەت ئابروي ۋە شان-شەرەپ بىلەن ياشاش يولىنى ئۆگەتكەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سالاملار بولسۇن.
 

تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدا شانلىق تارىق سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان، ئۆز تارىخىنى تارىق بېتىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يازالىغان ۋە بۇ تارىخىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەلىگەن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقپالىمۇ پارلاق بولىدۇ.
 

تارىخ بىلەن تونۇشۇپ چىقىش مۇھىمدۇر. ئەرەپ تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن تارىخنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق ئېيتىدۇ. «تارىخ بولسا كۆپچىلىك كىشىلەرنى ئۆتكەن ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ. ئايرىم كىشىلەرنى يوشۇرۇن سىرلاردىن خەۋەردار قىلىدۇ. تارىخ ئىشىدا ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك». شەرقى تۈركىستان زىيالىيلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان تارىخىدا ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيىتى بار. كەمىنىمۇ بۇ ئىشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھېسقىلغانلاردىن بولۇپ ھېساپلېنىمەن. بۇ توغرىدا قەلەم تەۋرەتمىگەن ئەدىپىنى مىللىتىمىزنىڭ كەچۈرمەسلىكىگە ھەققى بار.
 

تارىختا ھەر مىللەت ئادەملىرى پەقەت ئۆز دىنى، ئۆز ۋەتىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، باشقىلارغا خىزمەت قىلمىغان. ئەگەر باشقىلارغا خىزمەت قىلغان تەغدىردىمۇ بىرەر غەرەز بىلەن قىلغان. بىر رۇس ھەرقانچە ئوقۇغان مەدىنى كىشىلەردىن بولسىمۇ، دۇنياۋى بىلىمگە ئىگە كىشىلەردىن بولسىمۇ موسكۋانىڭ مەنپەئەتىنى قويۇپ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە تارىخ يازمايدۇ. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر مىللەت ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازغاندەك، بىزنىڭ تارىخىمىزنىمۇ ئۆز لاياقىتى ۋە ماھىيىتى بىلەن ئۆزىمىز يازىمىز. كېپىنىنى كېيىپ، ئاتقا مىنگەن پىدائىي شېھىتلىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ بۆشىكى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيە پاجىئەسى، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىزدۇر.
 

شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىغا، ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىشنى بىز ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز يازىمىز. بۇ ئارقىلىق بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان پىداكارلارنىڭ قۇتلۇق ناملىرىنى ئىززەت- ئىكراملار ئىچىدە ياد ئىتىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇلۇشتىن ساقلايمىز.
 

بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار، بۇ خىلدىكى نۇرغۇن ئىسسىق- سوغوقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق، تارىخىمىزدا نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئىمپىرىيەلەر قۇردۇق، بەزىدە مەغلۇپمۇ بولدۇق، ئەمما ئاچچىق ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ يەنە قايتا- قايتا دۆلەتمۇ قۇردۇق. ئىسلام تارىخىدا ئىسلام دىنىنى تۇنجى قېتىم دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن، سۇتۇق بۇغراخان بىزدىن چىققان. بىز شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئەللەرگە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئادالېتىنى شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئالى جاناپ ئەخلاقى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلدۇق. ھېچ قاچان زۇلۇم قىلمىدۇق، زۇلۇمغىمۇ رازى بولمىدۇق. بىز ئىناق- ئىتتىپاق ۋە بىرلىك- بارابەرلىك ئىچىدە ياشىغان ۋاقتىمىزدا دۈشمەنلېرىمىز بىزنى يېڭەلمىدى. ئىناقلىقىمىز بوزۇلۇپ شەخسى مەنپەئەت بېسىپ چۈشۈشكە باشلىغان ھامان دۈشمەنلېرىمىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھىيلە- نەيرەڭ ئارقىلىق بىزلەرنى مەھكۇم قىلدى.
 

يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەم- پاراسەتلېرىگە ۋە ئەقىل قابىلىيىتىگە بارىكاللا ئېيتماي تۇرالمايمىز. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر زامانىۋى دۆلەت قۇرۇشقا باش قاتۇرۇپ، تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرگەن بىر پەيتتە سابىت دەموللا ھاجىمغا ئوخشاش دانا كىشىلىرىمىز 1933- يىلى ئەڭ مۇكەممەل ئاساسى قانۇن ۋە دۆلەت ئاپپاراتىغا ئىگە، دۇنيادا تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولغان "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" نى قۇرۇپ چىقتى. ئەپسۇسكى ياۋۇز خىتاي ۋە رۇس زومىگەرلىرى ئىچكى دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئۇزۇن ياشاتمىدى. 1949- يىلى قانخور كوممۇنىست، تىرورىست خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن ئېتىبارەن، بىزنى دۇنيادىن يىتىم قالدۇرۇشقا، سىياسى سەھنىدىن يوق قىلىشقا ۋە يالغان- ياۋىداق تارىق بىلەن كەلگۈسىدىن ئۈمىد ئۈزۈشىمىزگە تىرىشماقتا.

1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. چۈنكى بۇ، بىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىش، ئىززەت- ئابرويىمىزنى ۋە شان- شەرىپىمىزنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تارىخى ۋەقەدۇر. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز ئۇ تارىختا ، پۈتۈن دۇنياغا بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نەق پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان مۇستەقىل بايرىقى بار، ھەشەمەتلىك دۆلەت گېربى بار ۋە ئىنقىلابى روھقا ئىگە دۆلەت مارشى بار "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" نى ئەنە ئاشۇ تارىختا قۇرۇپ چىققان ئىدى.
 

ئىنقىلاپ ھارپىسىدىكى ئۇمۇمىي ۋەزىيەت
بۇرۇنقىلار سالدى كۆچەت، مېۋىسىنى بىز يېدۇق،
بىزمۇ ئەمدى بۇ قەرزنى كېيىنكىلەرگە تۆلىدۇق.
 

شەرقى تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوزغالدى. تۇنجى قوزغىلاڭ 1931- يىلى خوجانىياز ھاجىم باشچىلىقىدا قۇمۇلدىن باشلاندى... .
 

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇۋۋەت ۋە ئىشەنچىسى كۈندىن- كۈنىگە ئېشىپ باردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شادلىق تەنتەنىلىرىنى مۇنداق بىر قوشاق بىلەن ئىپادىلەيدۇ:
ئىسلام ئېچىلدى قومۇلدىن باشلاپ،
خىتايلار قاچتى ۋەتەننى تاشلاپ.
 

زالىم، نىجىس ۋە قانخور مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق ئېزىلگەن، خارلانغان شەرقى تۈركىستان خەلقى قۇمۇل خەلقى تەرىپىدىن باشلانغان قوزغىلاڭغا تېزلىكتە ئاۋاز قوشتى. تۇرپان خەلقى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەخمۇت مۇھىتى قاتارلىق قېرىنداشلار باشچىلىقىدا قوزغىلىپ چىققان بولسا، ئارقىدىنلا كۇچا خەلقى تۆۈمۈر غازى (لۈيجاڭ) باشچىلىقىدا قوزغىلىپ چىقىپ، كۇچا ۋە ئاقسۇلارنى خىتايلاردىن تازىلىدى.
 

خوتەن خەلقى بولسا مۇھەممەت ئېمىن بۇغرا باشچىلىقىدا قوزغىلىپ چىقىپ، بۈتۈن خوتەن، يەكەن ۋە قەشقەرنىڭ يېڭىسارغىچە بولغان يەرلىرىنى ئۆز قولىغا ئالدى.
 

قەشقەر شەھىرىدە پەقەت خىتايلارنىڭ مادوتەي ئىسىملىك بىر ۋالىيسىلا قالغان بولۇپ، بۇ دوتەي يامۇل ئىچىگە كىرىۋېلىپ، قوزغۇلاڭچىلارغا بار كۈچى بىلەن ئەسەبىيلەرچە قارشىلىق قىلىۋاتاتتى.
 

بۇ ھەرىكەتلەردىن ۋاقتى- ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرغان كاشىغەرنىڭ ئۇچۇق پىكىرلىك مۇنەۋۋەر كىشىلىرى يىغىلىپ، «ئىستىقلال جەمئىيىتى» ئىسىملىك بىر مەخپى تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىلات شۇ زامان شارائىتىگە كۈرە يۇقىرى ئېھتىيات بىلەن ئۆز خىزمىتىگە كىرىشتى. تۆۋەندە بۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلدى:
1- ئەبۇل قاسىم ئاخۇن دەموللامنىڭ ئوغلى زىيائۇددىن مەخدۇم
2- مۇھەممەد ھاجىم پالتا ئارتۇش
3- مەخدۇم زادە ئارتۇش
4- قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى
5- تۇرغۇن باي بەچچە رېھىمى
6- ئەھمەد پاختا
7- ئابدۇللاھ خانىي
8- مۇھەممەد ئەمىن قارى سۇڧئىيزادە
9- ساتىپ ئالدى جان
10- جەرنىل ساھىپ (مۇھەممەد شەرىڧخان)
11- مۇھەممەدجان داموللا ئۇشلۇق
12- مۇللا ئىبراھىم ۋائىز
13- يۈسۈپڧ مۇزەڧفەرزادە
14- تۇرغۇن ھەكىم مەرغىلانى
15- مۇسا تۈركىستانى
بۇلاردىن باشقا ئۆز ئىسمىنى مەخپى تۇتقان يۇرت چوڭلىرى، تىجارەتچىلەر، كاتىپلار ۋە خادىملارمۇ بار ئىدى.
 

مادوتەينىڭ يېڭى تەدبىرلىرى
مادوتەينىڭ مىللىتى تۇڭگان بولۇپ، قەشقەرنىڭ دوتىيى ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان ھېسابلانغان بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئىچ- ئىچىدىن دۈشمەن ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئاسانلىقچە جان بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شەھەر ئىچىدىكى بىر ئوچۇم خىتايلار بولسا مادوتەينىڭ قول ئاستىدا جان ساقلىماقتا ئىدى.
 

مۇشۇ كۈنلەردە خىتايلاردىن خېلى كۆپ ئادەم مۇسۇلمان بولدى. ئۇلار ھەر كۈنى كەلىمە تەييىبەنى ئۆگۈنۈش، ئوقۇش يادلاش بىلەن مەشغۇل ئىدى. كۆپچىلىك خىتايلار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى ئامان- ئېسەن ساقلاپ قالدى. مادوتەينىڭ قولىدا قورال- ياراق كۆپ ئىدى. ئۇ بۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قەشقەر ئەتراپىدىكى قىرغىزلاردىن كۆپلەپ ئەسكەر قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىدىن تەشكىللەپ، ئالاي (باتاليون) تەركىبىگە كىرگۈزۈپ، شىتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يەنە بىرتەرەپتىن قەشقەرنىڭ بايلىرى، ئالىملىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئوچۇقتىن- ئۇچۇق:- جاھان خەتەر ئاستىدا قالدى، خەلقنىڭ مال- مۈلكىنى زىياندىن ساقلاپ، شەھەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مىللى قۇشۇن تەشكىل قىلىش لازىم. بۇ ئىشنىڭ يۈكى سىلەردەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى 300 كىشىلىك بىر مىللى قۇشۇن تەشكىللەشكە قايىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى چوڭ بايلىرىدىن ئىبراھىم ئاخۇن لوزۇڭ، ئابدۇرەھىم ئاخۇن بايۋەچچە، مۇھىيىددىن جان باي قاتارلىقلار مىللى قۇشۇن تەشكىللەش ئىشىغا جىددى كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ چىقىملىرىمۇ شۇلاردىن بولىدۇ.
 

مادوتەي مۇنداق شەرەپلىك بىر خىزمەتنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بۇ مىللى ئەسكەرلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن شەھەر ۋە يېزىلاردىن بولۇپ، مەنسەپدار بولسۇن، باققال بولسۇن، گۆرۈكەش بولسۇن، مەيلى ئەپيۇنكەش بولسۇن مىللىتى خىتاي بولغان، يېشى 13 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان 36 خىتاينى يىغىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن مىراس قالغان ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى سالدۇرۇپ، كالتە كەمزۇل كەيدۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى كەستۈرۈپ، نىل رەڭلىك ئەسكەرچە كىيىم بىلەن ياساندۇردى. مادوتەي ھېچقانداق ئەسكىرى تەلىم- تەربىيە كۆرمىگەن، مېڭىش- تۇرۇشنى بىلمەيدىغان بۇ قارا قوساق خىتايلارنى قەشقەرنىڭ رەستە، بازارلىرىنى چارلاش خىزمىتىگە قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھەر كۈنى كوچا ئايلىنىپ، مارشقا دەسسەپ، خەلققە ھەيۋەت كۆرسىتىپ، ئايلىنىپ يۈرۈشكە باشلايدۇ. مادوتەي بۇ قىلىقى ئارقىلىق خەلقنى، ھېلىقى مىللى ئەسكەرلەرنى بۇلار باشقۇرىدىكەن دېگەن قاراشقا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
 

قەشقەرگە قىلىنغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم
جەمئىيەتنىڭ قارار قىلىشى بىلەن 1933- 2- ئاينىڭ 2- كۈنى (سەيشەنبە) تاڭ سەھەردە ئوسمان ئېلى قۇماندانلىقىدا ئاتۇش تەرەپتىن كەلگەن قىرغىزلار ، ئاتۇشلۇق ياشلار مىلتىق، قېلىچ، پالتا، گۈرجەكلەرنى يەنە بەزىلىرى ياقۇپبەگ بەدۆلەت زامانىدىن قالغان چوقۇما يەنى قارا مىلتىقلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئاتلىق ۋە پىيادە ھالدا قەشقەرگە ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇم باشلىدى. ئاللاھۇ ئەكبەر ساداسى بىلەن تەڭ ھەر تەرەپتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مۇجاھىتلارنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان خەلق ئامىن، ئامىن دەپ توۋلىشىپ، ئۇلارغا مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلماقتا ئىدى. دۈشمەنلەرگە بۆرىدەك ئېتىلغان بۇ مۇجاھىتلار كۆرۈنگەنلا خىتاي ئەسكەرلىرىنى جەھەننەمگە ئۇزاتتى. ئۇلار يارباغ دەرۋازىسىغا يېقىن بىر يەردىن يېقىنلىشىپ كېلىپ سېپىلگە ياماشتى. باشتا ئاتلىقلار ئۇندىن كېيىن پىيادىلەر سېپىل ئۈستىگە چىقىپ، ھەممىسى بىر ئاۋازدىن تەكبىر ئېيتىشتى. تەكبىر ئاۋازىنى ئاڭلىغان خىتاي ئەسكەرلىرى قورقۇپ يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولۇشۇپ تەسلىم بولۇشقا باشلىدى. نۇرغۇن خىتاي ئەسكىرى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئەسىر ئېلىندى.
 

ھۇجۇمچى يىگىتلەر سىپىل ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇپ يارباغ دەرۋازىسى ئۈستىگە كەلگەندە، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھۇجۇم پىلانى بويىچە شەھەر ئىچىدىكى مادوتەي قوشۇنىدىكى پەرغانىلىك ئەسكەرلەر قوراللىق ھالدا ئوردىدىن چىقىپ، ئۇدۇل كەلگىنىچە يارباغ دەرۋازىسىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسىنى مۇجاھىتلارغا ئېچىپ بەردى. شەھەر ئىچىدىن پەرغانىلىك ئەسكەرلەر، سىرتتىن ئاتۇشتىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى، خەلقنىڭ بۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن قەشقەر شەھىرى ئاخىرى ئازات بولدى.
 

پۈتۈن شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ مۇجاھىتلار قولىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن، ئىسىملىرىنى مادوتەينىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام ئاخۇنغا ئۆزگەرتىشكەن مۇسۇلمان خىتايلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆيلىرىدە مەخپى ساقلاۋاتقان قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىشىپ، مۇجاھىتلارنى ئېتىشقا، قىلىچلىرى بىلەن چېپىشقا باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قىياپەتلىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇنى كۆرگەن شەھەر خەلقى ناھايىتى قاتتى غەزەپلەندى ۋە خىتاي دېگەن بەرىبىر خىتاي، قارا خىتاي مۇسۇلمان بولماس، قېرى دۈشمەن دوست بولماس دېيىشىپ، قارشىلىق قىلغان خىتايلاردىن ھىچ بىرسىنى
ساق قويمىدى.
 

قەشقەر پۈتۈنلەي مۇجاھىتلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قۇلىغا ئۆتمىگەن پەقەت مادوتەي قامىلىپ تۇرغان دوتەي يامۇلى قالغان ئىدى. مۇجاھىتلار يامۇلنى قورشاپ ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى ۋە مادوتەينى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىدى. مادوتەي بولسا خىتاي ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى يامۇلنىڭ تام ۋە پوتەيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاخىرغىچە قارشىلىق قىلماقچى بولدى.
 

كاشغەردە تۇنجى دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشى
نەچچە ئايدىن بىرى مۇشۇ پەتھىي كۈنىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ھاجىخانىدا يېتىپ قۇپۇپ كېلىۋاتقان ئىستىقلال جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن خانىي ئەپەندى ۋە بۇ سەھىپىلەرنى قارا بوياپ تۇرغۇچى كەمىنە ئىككىمىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يارباغدىكى ئۇلارنىڭ زامانىدا باج خانا قىلىنغان جاينىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان باغ ۋارانلىق ئۆيلىرى كۆپ، كەڭرى مەيدان- سەينالىرى، چوڭ- چوڭ ئامبارلىرى بار بىر قورونى ھويلىسى بىلەن قۇشۇپ ئېلىپ دوختۇرخانا قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. بىز ئالدى بىلەن كوچىلاردا، سىپىل ئۈستىدە، شەھەر ئىچىدە ئوق تىگىپ يىقىلغان، ئاھ- ۋاھ بىلەن پەرياد قىلىپ ياتقان يارىدارلارنى خەستەخانىغا (دوىتۇر خانىغا) ئېلىپ كەلدۇق. بىر تەرەپتىن ياغاچچى ئۇستىلارنى چاقىرىپ چارپايە (كارۋات) لار ياساتتۇق. يارىدارلارنى داۋالاش ئۈچۈن شۇ چاغدا كاشغەردە تۇرۇۋاتقان تۇرغۇن ھېكىمنى ئەكەلدۇق. ھەكىم ئىسپىرت، پاختا، يود، خىن، ئاسپىرىن، يودا قۇرم دېگەن دورىلارنى ئۆز ئۆيىدىن ئەكىلىپ يارىدارلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭدى. مەنمۇ ئەندىجان كوچىسىدىكى بەززازلىق (گەزمالچىلىق) دۇككىنىمدىن شىپاخانىغا كېرەكلىك گەزلىمە، بىگىز، داكا كېرەكلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زۆرۈر نەرسىلەرنى تېزلىكتە كەلتۈردۈم. يارىدارلارنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن بارا- بارا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرگەندە بىزنىڭمۇ يۈزىمىزگە كۈلكە يۈگۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەتەر چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قالغىنىغا چەكسىز شادلاندۇق ۋە بۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن جانابى ئىگىمىزگە مەدھىيە، ئالقىشلارنى ئېيتتۇق. شۇ كۈنى شام نامىزىدىن كېيىن يارىدارلارنىڭ ئاتا- ئانا، ئاكا- ئۇكىلىرى ئۇلارنى ئىزدەپ خەستەخاناغا كېلىپ ئۇلارنىڭ تىنچ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلار خوشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. ھەققىمىزدە ساناپ تۈگەتكۈسىز خەيىرلىك دۇئا قىلىشتى. خەستە خانا بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن رەتلەندى. دېمەك دوختۇرخانىمىز ئابدۇللاھ خانىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە تاشكەنت شىپاخانىسىدىن، مېنىڭ قارىشىمچە كابۇل شىپاخانىسىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان بىر شىپاخانىغا ئايلاندى.
 

ھاياتتىكى ماددى ۋە مەنىۋى لەززەت
ھاياتتا لەززەت مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ دېيىشىدىكەن: بىرى ماددى لەززەت، بۇنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىنىڭ جىما (جىنسىي يېقىنچىلىق) ئىكەنلىكىگە ھەر كىم قايىل بولسا كېرەك. ئىككىنچىسى مەنىۋىي لەززەتتۇر. بىلىمدار ۋە ئەقىلدارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. بىرى بۇ مەنىۋى لەززەتنى بايلىق، باياشاتلىق دېسە، يەنە بىرى ئىززەت، ھۆرمەت دەيدۇ. بىرى كەيىپ- ساپا، خوشال- خۇراملىق دېسە، يەنە بىرى بىلىم، ھۈنەر دەيدۇ. يەنە بىرلەر بولسا مەنىۋى لەززەتنىڭ ئەڭ يوقۇرسى دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتۇر، دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ تەبىرلەردىن پەقەت بىرنىلا قوللاپ، قالغانلىرىنى يوققا چىقىرىش سالاھىيىتىمىز يوق. غالىپ بولۇشتىكى لەززەتنىڭ خوشلىقى باشقا ھەرقانداق ماددى لەززەتتىن ئۈستۈن كېلىدۇ. مەن شۇ چاغدا ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن، يېڭى ئۆيلەنگەن يىگىت ئىدىم. ھايات يولدىشىم 14 ياشلاردىن ئاشقان ئىدى. ئادەتتە ئائىلەم بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بولماي، ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ يۇرتداشلارنىڭ غەلىبە شادلىقىدىن راھەتلىنىشلىرىگە ئەگىشىپ مەنمۇ راھەتلىنىپ قالار ئىدىم. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، بىر ياندىن جان، بىر ياندىن قان بېرىپ، پۇل- ماللىرىمنى سەرپ قىلىپمۇ يەنە چارچىمايتتىم. ئىشقا تويماس ئىدىم. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە 4 ئۇرۇندىكى (شىپاخانا، مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، باش ۋەكىل "باش مېنىستىر" مەھكىمىسىدىكى) ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقىپ ئۈلگۈرەتتىم.
 

شۇنداق قىلىپ شىپاخانىنى قۇرغانلار بۇ قۇرلارنى يېزىپ تۇرغۇچى كەمىنە ئاجىز بەندە بىلەن خانىي ئەپەندى ئىككىمىز بولدۇق. مېنىڭ شىپاخانامنىڭ ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ كېلىۋاتقان خانىي ئەپەندىدىن ھىچ ئارقىدا قالغۇم كەلمەيتتى. كېچە- كېچىلەپ ئىشلەپ كېتەتتىم، شۇ يەردە ئۇخلايتتىم.، ئۇرۇش بولۇپ قالغان كۈنلىرى شىپاخانا خادىملىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاقساتماي ئۇرۇنداپ بېرەتتىم. بۇ قىزغىنلىق، بۇ ھېرىپ- چارچىماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ ... كەمىنە غايەت قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ زادىلا ئىشتىن چارچاپ قالمىغان بولساممۇ، بىراق، كۈتۈلمىگەندە ئاغرىپ قالدىم. ئاغرىپ 26 كۈن بولغاندا ئۆيگە قايتىپ كىردىم. بىرنەچچە كۈنلا ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىش ئورنىغا چىقىپ كەتتىم. شۇ يوسۇندا 19 كۈن ئۆتكەندە ئىككىنچى قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا پۇرسەت بولدى. شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەنە شۇنداق تىنىمسىز ئىشلەش، تىرىشىش، پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۇيقۇ- ئارامنى ھارام قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلدى.
 

ما دوتەينىڭ تەخىتتىن چۈشۈپ يۇنۇس بەگنىڭ ۋالى بولۇشى
1933- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۆنى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ تۆمۈر غازى باشچىلىقىدىكى قوشۇنى قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ كەلدى. تۆمۈر غازى ۋە قەشقەردىكى مۇجاھىت قىسىملار بىرلىكتە مادوتەي ئەسكەرلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ، ئۇلارنى قاتتىق ھالسىراتتى. بۇ ۋاقىتتا مازىخۇي ئارىغا چۈشۈپ، مادوتەينى مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشقا كۆندۈردى. مادوتەيمۇ تۇڭگانلارنىڭ ھەربى ۋە مۈلكى خادىملىرىنى يېڭى شەھەردە تۇرغۇزۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆمۈر غازى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مادوتەي پۇل ۋە مال- مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، يامۇلنى بوشىتىپ چىقىپ كەتتى. تۆمۈر غازى يامۇلغا تەنتەنە بىلەن كىرىپ كەلدى. يۇنۇس بەگمۇ ياردەمچىلىرى بىلەن يامۇلغا كىرىپ مەنسىپىگە مۇناسىۋەتلىك تامغىلار ۋە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ، ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ شۇ كۈنىسىدىن باشلاپ ئۆز خىزمىتىنى باشلىدى.
 

تۆمۈر غازى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، بىرمەزگىلدىن كېيىن خوتەن ئىنقىلاپچىلىرىنىڭ سابىت دەموللام ۋە مۇھەممەت ئېمىن بۇغرانىڭ چوڭ ئىنىسى ئەمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى قىسمىمۇ قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ كەلدى.
 

بۇ ۋاقىتلاردا قەشقەردە، قەشقەردىكى يەرلىك مۇجاھىتلار، يۈسۈپجان باشچىلىقىدىكى ئۆزبېك ئەسكەرلەر، خوجانىياز ھاجىمنىڭ گېنىرالى تۆمۈر غازىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ئوسمان قىرغىز باشچىلىقىدا قىرغىز ئەسكەرلەر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى.
 

سابىت دەموللام ۋە ئەمىر ئابدۇللالار قەشقەرگە كەلگەندى كېيىن ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈركىلىشلەر ۋە بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈزبەردى. ئەمما سابىت دەموللام تىللاردا داستان بولغىدەك ئەقىل پاراسىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، تەۋرەنمەس ئىرادىسى، پۈتمەس، تۈگىمەس ئىشەنچ ۋە ئۈمىتكە تولغان تەڭداشسىز،ئىختىدارلىق بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردىكى بارلىق ئىنقىلابچى كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش شارائىتىنى ھازىرلىدى.
 

ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئېچىلغان قۇرۇلتاي
ۋاقىت سائىتى- كېلىپ، ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتىدە چوڭ قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلدى. بارلىق قەلەمدار، ئەلەمدارلار قۇرۇلتاي سورۇنىغا توپلاندى. بىرقانچە باسقۇچلۇق قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قۇرۇلتايدا ھەممە بىرنەۋا، بىر ئاھاڭ بولۇپ، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشى ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا جىددى كېڭەشكەندىن كېيىن، ئاخىردا ھەممە بىردەك دۆلەت نامىنى شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپ بېكىتىشكە قارار قىلدى. ئارقىدىن تۈرلۈك قۇرۇلۇش لاھىيەلەر تۈزۈلدى. ھۆكۈمەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. مانا شۇ ئارىلىقتا ماڭا، «ئەپەندىم سىز نازارەتلەرنىڭ بىرىدە خىزمەت قىلىشىڭىز لازىم» دېگەن گەپ بولدى. ئەمما مەن نازارەتتە خىزمەت قىلىشقا لايىق ئەمەسلىكىمنى بىلدۈرگەن بولساممۇ ئۇلار، «سەھىيە نازارىتى ياكى مالىيە نازارىتىدەك بىرەر ئۇرۇننى قوبۇل قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، سىز مۇشۇنداق خىزمەتلەرگە تازا لايىق كېلىسىز» دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇلارغا:
- «سۆزۈڭلارنىڭ سەمىمى بولغانلىقىدىن ھەممىڭلارغا رەخمەت ئېيتىمەن. ئەمما مەن نازارەتتە ئىشلەشنى ئويلۇمۇدۇم، ئەمما مەن ئەل- ۋەتەننىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئەگەر مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدە مۇنداق بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان بولسام، شۇ ئارقىلىق ئىككى قېرىنداش دۆلەتنىڭ ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن خىزمەتلەرنى قىلغان بولسام. شۇنىڭ ئۈچۈن كەمىنىلىرى ئىچكى ئىشلار بىلەن ئارىلىشىپ قالماي سەربەست ‹بىر چەتتە› تۇرسام» دېدىم. مەجلىس ئەھلى بۇ سۆزۈمنى ئالقىشلىدى ھەم قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا سەھىيە نازارىتىگە ۋاقىتلىق مۇئاۋىن نازىر، مائارىپ نازارىتىگە مۇستەشار ‹مەسلىھەتچى› لىق ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

مەجلىس شۇ كۈنى كەچكىچە داۋام قىلدى. لايىھىنى ئەمىللىلەشتۈرۈش ئەتىسىگە قالدى. ئەتىسى ئوردىغا ئەسكىرى بويىچە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇشقا قۇشۇلغان قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلار قوشۇلغانلىقىغا دائىر ئىمزالىرىنى قويۇشتى. تامغا- مۆھۈرلەر بېسىلدى. دۆلەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك قوماندان، ئوفىتسىرلىرىنىڭ سانى 35 كىشىگە يەتتى.
 

بۇلار قائىدە بويىچە قەسەم ئىچىشلىرى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن نەدىمبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا كېلىپ، شىرە ئۈستىدە تۇرغان قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ،«ئۇشبۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن دۆلەتكە خىزمەت قىلىمەن، ۋەتىنىمگە، دىنىمگە خىزمەت قىلىمەن. ھۆكۈمىتىمگە خىيانەت قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەمياد قالىمەن» دەپ قۇرئان كەرىمنى سۆيۈپ بېشىغا قويدى. ئۇنىدىن كېيىن جەرخىل ساھىپ باشلىق بارچە قوماندان ۋە ئوفىتسېرلار مەھمۇد نېدىم بەگنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە مېنىڭ تەرجىمانلىق قىلىشىم بىلەن ھەممىسى بولۇپ 35 كىشى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىرە ئالدىغا كېلىپ، قۇرئان تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشقا، دىنىگە، ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىشقا قەسەمياد قىلىشتى. ئاخىردا ھەممەيلەن بىر- بىرىگە مۇبارەك بولسۇن دېيىشىپ ھۆكۈمەتنى تەبرىكلەشتى.
 

قەشقەردە نامايىش كۈنى
ئەتىسى (1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى) سائەت ئونلاردا ھەربى قوماندانلار ، مۈلكىي ئەمەلدارلار ، يۇرت نامايەندىلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىق ئىستىقلال جەمئىيىتى، نەشرىيات، مائارىپ جەمئىيىتى، ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەتلىرى دارىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللى مارىشىنى ئوقۇپ، مىللەتنىڭ دەرتلىك كۆڭلىنى ئېرىتىپ رەتلىك مېڭىپ تۈمەن بويىغا، يىغىن مەيدانىغا يىغىلدى. بۇ نامايىشقا ئەسكەردىن يەتتە مىڭ كىشى، خەلقتىن ئون ئۈچمىڭ كىشى بولۇپ يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. نامايىشنىڭ ھەيئەت رىياسىتى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىقۇرۇلۇشىنىڭ ئۇشبۇ باياننامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى:
 

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ باياننامىسى
ئاللاھ نىڭ ياردىمى ۋە مىھرىبانلىقىغا ۋە رەئىسى مۇئەززەم خوجانىياز ھاجى ئىبنى ئەمىن نىياز ھاجىم ۋە ھەزرەتلىرىنىڭ لاياقەتلىك ۋە سالاھىيەتلىك ۋەكىللىرى نىڭ ئىتتىڧاقىگە ۋە پۈتۈن لەشكىرى ئىسلام باشلىقلىرى، قۇماندانلىرىنىڭ ۋە بارچە پۇقرا (رەئىيەت) نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سۆيۈنۈپ مۇستەقىل دۆلىتىمىز شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت ھۆكۈمىتى تۆۋەندە بايان قىلىنغان تەرىقىدە قۇرۇلدى.
باش ۋەكىل (باش مىنىستىر): سابىت ئابدۇلباقى.
ئىچكى ئىشلار نازىرى (مىنىستىرى): يۇنۇسبەگ سەئىيدزادە.
تاشقى ئىشلار نازىرى: قاسىمجان ھاجى.
مائارىپ نازىرى: ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم.
ئەفقاف نازىرى: شەمسۇددىن تۇردى ھاجى.
ئەدلىيە نازىرى: زەرىيىف قارى ھاجى.
مالىيە نازىرى: ئەلى ئاخۇنباي.
دىھقانچىلىق، سودا نازىرى: ئەبۇل ھەسەن ھاجى.
سەھىيە نازىرى: ئابدۇللاھ خانىي.
مۇپەتتىش: ھاجى ئەئىلەم ئاخۇنۇم.
 

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرلىشى
باش ۋەكىلنىڭ (باش مىنىستىرنىڭ) خىتابى
باياننامە ئوقۇلغاندىن كېيىن، باش ۋەكىل سابىت ئابدۇلباقى ئومۇم خەلققە قاراپ تۆۋەندىكى خىتاپنى ئوقۇدى:
- ئەزىز مىللىتىم، مۆھتەرەم ۋەتەنداشلىرىم، ئاللاھ تەئەلاغا ھەمدە بىھەت، پەيغەمبىرىمىزگە دورىدى بىناھايەت بولسۇنكى، دۆلىتىمىز قۇرۇلدى!
 

ئۇلۇغ تۈركىستان ئۈچۈن ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق قوبۇل قىلىندى. دۆلەت گىربىمىز ئۈچۈن ئىككى باش بۇغداي ئوتتۇرسىغا ئېلىنغان ئاييۇلتۇز قوبۇل قىلىندى. ھەر بىر كىشىنىڭ مال- مۈلكى، جېنى ۋە شان-شەرىپىدىن خاتىرجەم بولۇشى ۋە دۆلىتىمىزگە ئىشىنىشى كېرەك.
 

دۆلەت قۇرۇشتىن مەقسەت- مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىدا كۆپ ۋاقىتتىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ھۆكۈمەتسىزلىك سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا چىققان ئۆز بېشىمچىلىقلارنى يوق قىلىپ، يۇرتتا تىنچلىق ۋە ئەسايىشتەلىكنى جارى قىلىشتۇر. ئەسكەرى ۋە ھەربى ۋەزىپەلەر، ئىخلاسلىق، لاياقەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇلدى. بارچە يۇرتداشلارنىڭ سىياسىي، دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرى ھۆكۈمەتنىڭ كەفىللىگى ئاستىندادۇر.
 

قوشنا، چېگرىداش دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەمەلدار لىرى، خادىملىرى ۋە خەلقى، خاتىرجەم ھالدا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسا بولىدۇ. بۇرۇندىن تارتىپلا يېقىن ئۆتۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھېچ بىرسىگە ئاداۋەت تۇتمىدۇق. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ پاك تەبىئەتلىك ۋىجدانىغا تەرجىمان بولۇشقا ۋارىسلىق قىلىمىز. بۇرۇندىن تارتىپلا يېقىن ئۆتۈۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن سەمىمى دوستلۇقىمىزنى ئىنشا ئاللاھ داۋاملاشتۇرىمىز.
 

باش ۋەكىل سابىت دەموللامنىڭ يالقۇنلۇق خىتابى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە باشقا دەۋلەت رەھبەرلىرىمۇ سۆزگە چىقىپ تەنتەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆز تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن شادلىق مۇراسىمى باشلىنىپ مىللى مۇزىكا چېلىنىشقا باشلىدى. قىرىق بىرپاي توپ ئوقى ئېتىلدى. توپ ئېتىلغان ھامان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى، مىللىي كۆك بايرىقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. ئاييۇلتۇزلۇق مىللى كۆك بايرىقىمىز كۆك باغرىدا لەپىلدەشكە باشلىدى. بىر تەرەپتە ئوقۇغۇچىلار بىر ئاۋازدىن:
بايرىقىمىز كۆك بايراق
ئوردىمىز ئالتۇن ئوردا
تۈركىستان تۈركنىڭ يۇردۇ
تۈركنىڭ ئولاجاق
 

دېگەن دۆلەت مارىشىنى ئوقۇشۇپ دەرتلىك كۆڭۈللەردىكى غايىلەرنى ياڭراق ئاۋازلىرى بىلەن ساپ تۈرك تىلىدا سۆزلەپ تۇردى. بۇ كۈنى مەيدانغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتى پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى. خۇشلۇقىدىن كۈلۈپ تۇرغان چىھىرلەرنى ، ئۆزىنى تۇتالماستىن يىغلاپ تۇرغان شاد كۆزلەرنى، يائاللاھ، بۇ بەخىتلىك كۈنلەرگىمۇ ئۇلىشىدىكەنمىز، ئاللاھ غا تۈمەنمىڭ شۈكرى، دەپ ئۆتمۈشنىڭ قارا تۇتقۇنلۇق دەۋرىگە نەپرەت ياغدۇرۇپ تۇرغان كىشىلەرنى ھەر يەردە كۆرگىلى بولاتتى. خەلق خۇشلۇقىدىن سەرخۇش (خوشكەيىف) ھەيرەت كۆزلىرى بىلەن نامايىشقا پۈتۈن بارلىقى بىلەن بېرىلىپ قاراپ قالغان ئىدى. خەلقىمىزنى بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ھاڭ تاڭ قالدۇرماقتا ئىدى. چېلىنىۋاتقان مىللى مۇزىكىلار ۋە گۈمبۈرلەپ ئاتىلىۋاتقان شادىيانە توپلارنىڭ ئاۋازى يىراق- يىراقلارغا كەتمەكتە ئىدى. باياننامە تارقىتىپ بىرىلگەن بولۇپ، خەلق ئۇنى توپ- توپ بولۇپ ئوقۇشۇپ، بىر- بىرىگە چۈشەندۈرۈشۈم ئۆز كۆڭۈللىرىنى كۆتۈرۈشمەكتە ئىدى. بۇ ۋاقىتتا نامايىشچىلار توپى شەھەر سىرتىدىكى تۈمەندىن شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇدۇل ھېيتكا مەيدانىغا كېلىپ توختىدى. دەسلەپ باش ۋەكىل سابىت دەموللام ئاندىن كېيىن ھەرقايسى نازىرلار، ناتىقلار، تەشۋىقاتچىلار ئارقا- ئارقىدىن خىشتىن سېلىنغان ساراينىڭ ئۆگزىسىدىكى پەشتاققا چىقىپ سۆز قىلدى. سۆز قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا كاشغەردىكى قوراللىق قىسىملار سەپ- سەپ بولۇپ ئاتلىق ۋە پىيادە ھالدا ھېيتگاھ مەيدانىدا كۈرەكتىن ئۆتۈپ تۇردى.
 

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيى ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە جىددى تۇتۇش قىلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى. شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئابغانىستان، تۈركىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن ئەلچىلەر، تىجارەتچىلەر، شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىشتى.
 

جۇمھۇر باشلىقى غوجا نىيازھاجىم شۇ ۋاقتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئېھتىياجلىق مەسىلىلەردىن بىرى بولغان قورال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇمھۇر باشلىقى نامى بىلەن ئەنگىلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە خەت يازدى.
 

باش قوماندان مەخمۇت مۇھىتىمۇ بارلىق ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىپ ھەرقايسى قىسىملارنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەت ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى.
 

كاشغەردىكى مائارىپ ئىشلىرى
مائارىپ مۇدىرى ئابدۇلكەرىمخان مەخدۇم ئەتراپىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن بىرىنچى قىلىپ قاشغەر نۇربېشىدىكى بۇتخانىنىڭ بىر قىسمىنى چېقىپ، قايتىدىن ياساپ دارىل مۇئەللىمىنگە ئۆزگەرتتى.
 

بىر كۈنى شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يىغىلىپ كېلىپ، كاتتا داغدۇغا بىلەن دارىل مۇئەللىمىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا تۆمۈر غازى (سىجاڭ) ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى، ۋالى يۇنۇسبەگ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بىلەن بىرگە باشقا چوڭ- كىچىك ھەربى قوماندانلار، شەھەرنىڭ بايلىرى، تىجارەتچىلىرى، ئالىملار، ئەدىپلەر، زىيالىيلار، ئىلغار كىشىلەر ۋە باشقا ئالاقىدار كىشىلەر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم قاتناشتى... .
 

بىر كۈنى مائارىپ ئىدارىسى مۇدىرىنىڭ نامىدىن ئىلمىي ھەيئەتكە ھەيئەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ يىغىنغا كېلىشى ئۇقتۇرۇلغان بىر چاقىرىق خەت كەلدى. كەمىنە ئۇ چاغدا خەستە خانىدا بولغاچقا يىغىنغا كېچىكىپرەك باردىم. قارىغاندا مەسلىھەت قىلىشىدىغان بىرەر مۇھىم ئىش باردەك قىلاتتى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر توپ كۈلرەڭ لەمبۇغ تۇراتتى. مەجلىس باشلىنىشى بىلەن ئابدۇلكەرىمخان مەخدۇم ماڭا قاراپ شۇنداق دېدى:- «ئەپەندىم ئوبدان كەلدىڭىز، بىزلەر دارىل مۇئىللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈستى بېشىنى كەمزۇل، شىم بىلەن ئاق سەللىدىن قىلىشنى ئويلاشقان ئىدۇق. بۇنى شۇنىڭغا ئىشلەتكىلى ئېلىپ كەلدۇق» دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان لەمبۇققا قاراپ ئىشارەت قىلدى ۋە ماڭا:- «بۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ پىكرى قانداق» دېدى. مەن،- «ئەھلى مەجلىسنىڭ قارارىچە بولسا بولغىدەك، بىزمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىمىز» دېدىم. بىراق مۇدىر بۇ گەپ بىلەن بولدى قىلماي يەنىلا ئۆز پىكرىمنى بىلدۈرۈپ بېقىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن:- «قاراردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىش ئاقىلانە ئىش ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئۆز پىكرىمنى دەپ بېقىشىم كېرەك بولسا، مېنىڭ پىكرىم- بۇ ئىدارە مائارىپ ئىدارىسى، ئىلمى ھەيئەت مەجلىسىدە ئويلىشىۋاتقان بۇ ئىش، مىللەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. شۇڭلاشقا بۇ ئىشتا مىللەتچىلىك نۇقتا، نەزىرىدىن سۆز ئىچىش ئورۇنسىز ئەمەس» دەپ، ئوتتۇردىكى گەزماللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم:- «بۇ گەزلىمە كۆپ ياخشى ئىكەن، چىرايلىق ئىكەن. ئەمما شۇغىنىسى چەتئەلنىڭ مېلى. سېۋىتتىن كىرگەن قىممەت پۇللۇق ماللاردۇر. مېنىڭچە كاشغەرنىڭ ئۆزىدە خەلقىمىزنىڭ قولىدا توقۇلغان چەكمەنلىك (خام) نىڭ بىرىنچى خىلىدىن ئېلىپ ئۇنى بوياقچىلىرىمىزغا مۇۋاپىق رەڭدە بوياتساق، مانا شۇلارنى ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا كىيىملەر تىكىلسە تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ؟ شۇنداق بولغاندا مىللى سانائىتىمىزنىمۇ قەدىرلىگەن بولىمىز. چۈنكى پاختا، يىپ، تۇقۇش، بوياش، يىپنى ئېگىرىش، تىكىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدىن بولۇپ، پۇل ياتلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ سۆزۈمنى ئاياغلاشتۇردۇم. ئابدۇلكەرىم مەخدۇم بۇ سۆزۈمنى قىزغىن ئالقىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن بۇ گەپكە قوشۇلۇپ، لەمبۇقنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چەكمەنلىكتىن كەمزۇل قىلىشقا كېلىشتى ھەمدە بۇ ئىش شۇنداق ئەمىللەشتى.
 

بىر قانچە مىنىستىرلىكنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا قىسقىچە نەزەر
تۆۋەندە شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت تەركىبىدە يېڭىدىن ئىشقا كىرىشكەن بىرقانچە مىنىستىرلىكنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ ئۆتىمىز:
 

سودا نازارىتى: بۇ نازارەتنىڭ باشلامچىلىقىدا قەشقەر يارباغ دەرۋازىسى سىرتىدا بىر مىللى بانكا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سودا نازارىتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ سودىگەرلەرنى سىرتتىن مال كىرگۈزۈش ئىشلىرىغا يېقىندىن جەلپ قىلىش ئۈچۈن تامۇژنا رەسمىيەتلىرىنى يەڭگىللەتتى. يەنە بىر بۆلەك ماللاردىن باجنى كۆتۈرۈۋەتتى. يۇرتقا مەتبەئە، ئىلىكتىر بۇيۇملىرىى كەلتۈرگەن سودىگەرلەردىن باجنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلدى. نازارەت يەنە ئۇندىن باشقا مىللەتكە پايدىلىق ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.
 

ھەربى نازارەت: بۇ نازارەتنىڭ خىزمىتى جەڭ ئىشلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، چىقىم- خىراجەتلىرى باشقا نازارەتنىڭ خىراجەتلىرىنى نەچچە قاتلايتتى. شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى.

مالىيە نازارىتى: بۇ نازارەتكە نازىر قىلىپ سايلانغان ئەلى ئاخۇنباي تېخى خىزمەتكە ئولتۇرا- ئولتۇرماي رەئىس جۇمھۇر خوجانىياز ھاجىمنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئاقسۇغا كەتتى. باش مىنىستىرلىقنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇرۇن باسارلىققا كەمىنە ئاجىز بەندە تەيىنلەندىم. ... مەن شۇنىڭدىن باشلاپ يېرىم كۈن مالىيە مىنىستىرلىكىدە ئىشلىسەم، يېرىم كۈن سەھىيە مىنىستىرلىكىدە ئىشلەيدىغان بولدۇم.
 

شۇ كۈنلەردە بىرنەچچە مىنىستىرلىكنىڭ خام چوتىغا پۇل چىقىرىپ بېرىشكە توغرا كەلدى. بولۇپمۇ ھەربى ئىشلار نازارىتى قاتتىق پۇل قىيىنچىلىقىدا قالغان ئىدى. باش قوماندان ۋە باشقا ساقچى باشلىقلىرىدىن كەلگەن تەلەپنامىلەر باش ۋاكالەت نامىدىن توغرىدىن- توغرا «ئىجرا قىلىنسۇن، تەمىنلەپ بېرىلسۇن» دېگەن تەستىققا ئېرىشىپ، ئۇدۇللۇق مالىيە نازارىتىگە يوللىنىپ تۇراتتى. ھالبۇكى مالىيە نازارىتىنىڭ خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارغا تىگىشلىك پۇلنى بىرەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا بۇ ئارلىقتا مالىيە نازارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە زۆرۈر ئىشى خەزىنە تولدۇرۇش، خەزىنىگە كېلىدىغان پۇل، ئىقتىسادنىڭ مەنبەسىنى ساغلاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا خەزىنە قۇپقۇرۇق بولۇپ، تۇڭگانلار ئوردىدىن چېكىنگەندە خەزىنىدىكى بايلىقلاردىن بىرنى قويماي ئالىپ كېتىشكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ھۆكۈمەتكە قاتتىق ئىقتىسادى بېسىم چۈشۈۋاتاتتى. مەن بۇ ئەھۋاللارنى باش مىنىستىرنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدۈم. نىھايەت مىنىستىرلار مەجلىسىنىڭ قارارى بويىچە پۇل بېسىپ چىقىرىشقا ۋە يەنە سابىق ئۇلارنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى ھۆكۈمىتىدىن قەرز ئالغان قەرىزدارلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئۈندۈرۈشكە، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مال- مۈلۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ ھەممىنى توپلاپ مالىيە مىنىستىرلىكىگە ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە ھۆكۈمەتتە ھەققى بار كىشىلەر بولسا ئۇلارنىڭ ھەققىنى تۆلەپ بېرىشكە باش مىنىستىر سابىت دەموللام تەرىپىدىن پەرمان چىقىرىلدى. شۇندىن باشلاپ مالىيە نازارىتى پۇل چىقىرىش ئىشلىرىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن چىقىرىلىدىغان پۇلنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈش كېرەك بۇلاتتى. بۇ ئىشنى خىزمەتدىشىم مۇھتەرەم سۇپىزادە بىلەن مەن ئۈستۈمگە ئالدىم. ئەمما پۇلنى بېسىپ چىقىرىش ئىشى ماڭا تاپشۇرۇلدى. ئاللاھ غا شۈكرىلەر بولسۇنكى، بۇ ئىشمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. قەغەز پۇللارغا باش ۋاكالەتنىڭ تامغىسىنى بېسىش ئىشلىرىغا باش مىنىستىر سابىت دەموللا ھاجىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بەزىلىرى ياردەم قىلىپ، رەخمىتىمىزگە لايىق بولدى. بۇ بىرسەرلىك ئاقچىدىن بىرنەچچىنى نەمۇنە قىلىپ مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ كەلگەن بولساقمۇ، مىڭ ئەپسۇسكى مۇھاجىرەتتىكى ھايات ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى تۇرمۇش ئاغرىقچىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ نەمۇنە قولىمىزدىن غايىپ بولدى.
 

زېمىن يۈزىدىكى يەتتە قىتئەنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان ئۇلۇغ خەلقىمىزگە مۇراجىئەت قىلا، قىلا ئاخىرى ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەندىشىمىز مۆھتەرەم غۇلامىدىن پاختا ئوغلىدىن مەزكۇر ئاقچىنىڭ قېلىپى بارلىقى خەۋىرىنى ئالدۇق. بىز بۇ يەردە غۇلامىدىن ئەپەندىگە چۇڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئاتىسى ئەخمەت پاختىغا جانابى ھەقتىن رەخمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز.
 

بۇ ماقالە مۇسا تۈركىستانىنىڭ، "شەرقى تۈركىستان پاجىئەسى" ناملىق كىتاۋىدىن پايدىلانغان ئاساستا يېزىلدى.
2013- يىلى. تۈركىيە- ئىستانبۇل
مەنبە: تور سەھىپىلىرى


 

كۆرۈلۈشى: 587 \ يوللانغان چېسلا: 2016-11-11
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: