ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەدىرلىك ئۇستازى، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولدى


ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەدىرلىك ئۇستازى، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولدى


ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋىرى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ قەدىرلىك ئۇستازى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بۈگۈن ئىستانبۇلدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ھايات ۋاقتىدا پۈتۈن ئىلىم ۋە قۇۋۋىتىنى ئىسلام ئۈچۈن، جۇملىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىك - باراۋەرلىكى ۋە ئىسلامىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئىدى.

چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققان خەلقىمىزنىڭ بىر قىسمى چەتئەلدىكى ھەر خىل سىياسىي ئېقىملارنىڭ، مەزھەبلەرنىڭ، توغرا بولمىغان ئېتىقادىي پىكىرلەرنىڭ، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىنى، مېلىنى، نۇمۇسىنى ھالال كۆرىدىغان تېرورچىلىق گورۇھلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمى دىندىن پۈتۈنلەي ئۇزاقلىشىپ غەربنىڭ ئەيشى - ئىشرەت، كەيىپ - ساپا، دۇنيادىن باشقا غېمى بولمىغان دېموكىراتىيە پەلسەپەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن بىر ۋەزىيەتتە، ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئۆزىنىڭ ئىسلامىي تەلىم - تەربىيە پروگىراممىلىرىدا خەلقىمىزنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۋاتقان مۇشۇ ئىغىر مەسىلىگە چارە ئىزدەش ئۈچۈن ھەم دېموكىراتىيەگە ئەگىشىپ قالغان ئامېرىكا، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا خىزمەت ئىشلەپ كۇپىر پاتقىقىدىن تارتىپ چىقىرىش، ھەمدە دائىش، نۇسراغا ئەگىشىپ قالغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەپ تەكفىر ئازگىلىدىن تارتىپ چىقىرىش ۋە بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى خەلقىمىزنى ئوتتۇراھال بىر يولدا جەم قىلىپ، خەلقىمىزنى بىزنىڭ دىنىي، مىللىي خاراكتىرىمىزگە زىت پىكىر ۋە ئىدىيەلەردىن قۇتقۇزۇشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىدىن يەنە بىرى ئۇيغۇر دىنىي ساھەسىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئاجىز بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۈرۈپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى سىياسەت، مائارىپ ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدە قىلغان جەمئىيەتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا بىر تۈركۈم ئېتىقادلىق، قابىليەتلىك، پاراسەتلىك ياش رەھبەرلەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ بەردى.
جانابىي ئاللاھ مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى قۇبۇل قىلسۇن. ئامين .

بىز ۋىسال سىتۇدىيىسىدىكى بارلىق خادىملار نامىدىن مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز ۋە سەۋىر تىلەيمىز، جانابىي ئاللاھدىن مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن پەيغەمبەرلەر ۋە سىددىقلار بىلەن بىرگە قىلىشنى، مەغپىرەت ۋە جەننەتىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز. ئامين!
 

                                                                                    - ۋىسال سىتۇدىيىسى -

 


كۆرۈلۈشى: 637 \ يوللانغان چېسلا: 2016-12-22
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: