ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەپ







ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەپ


ئۆلۈم ھەق ھەر بىر تىرىك جانغا، سۇئال قويماس ئىماندارلار،
ئۆلۈمدىن بىخەۋەر ئەمما، تىنەپ يۈرگەن تۈمەن جانلار.
ئۆلۈم كەلسە تەبەسسۈمدە، نە غەم بار رەببىگە قايتقاندا،
ھاياتى ئەھسەنۇ ئېھساندا، ئەجر تۆھپە بىلەن ئەلگە تونۇلغانلار.

بۈگۈن ئەلگە مۇسىبەت كۈن، ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن ئەفغان،
بىزىمدەك كۆپ ئىزىلگەننىڭ يۈرەگى داغدا بىدەرمان.
ئەمەسمىدۇق ئەجەب مۇھتاج، سىزىندەك مەخسۇمغا كۆپ زامان،
ئەلۋىدا ئەي ھەكىم ئۇستاز، ئىلىم ئاسمانىدا چولپان!

ساھابە سۈپەتلىك ھەم سۇباتلىق بىر جەسۇر ئوغلان،
ئىدى بۇ زات كۆپ پەرھىزكار، پەرز سۈننەتلىدە ساغلام.
سىراتەل مۇستەقىم يولى، شۇغۇل ئېھساندا جۈپ قولى،
زىكىر فىكىردە ئەلباشى، ئەدەب ئەخلاقتا چوڭ بولغان!

ئالىم دىگەن مىللەتكە مىسلى نۇرلۇق چىراقكەن،
ئالىمىدىن ئايرىلماق، زەپمۇ مۈشكۈل فىراقكەن!
"ئىلەيھى راجىئۇن" دەبان، زىمىندا كۆپ قېرىنداشلار،
سەبىردە كۆپ دۇئا ئەيلەر، ئىگەم پەرمانى شۇنداقكەن.

ئابدۇلھەكىم ئۇستازغا رەببىم رەھىم ئەتسىڭىز!
ساھىب جىنان ئىنسانغا، ئالى مەقام بەرسىڭىز!
گۇناھىنى ئەلغفۇرـ ئەۋف ئىتىپ يۇيسىڭىز!
ئەھلى ئىسلام ئۇيغۇرغا، كۆپلەپ ئالىم بەرسىڭىز!

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى 22- دېكابىر 2016
 

مەنبە: تور سەھىپىلىرى



كۆرۈلۈشى: 504 \ يوللانغان چېسلا: 2016-12-24
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: