wisal stuido
بۇزۇلۇپتۇ مىللىتىڭ دىسە






دىگىن


ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر

*
بۇزۇلۇپتۇ مىللىتىڭ دىسە ؟
بۇ بىردەملىك قايمۇقۇش دىگىن .
قىنى بەخت قۇشلىرى دىسە ،
ئ‍ىگەللىدى بىر ھۇۋقۇش دىگىن .
*
ئ‍ازلاپتىغۇ ئ‍الىملار دىسە ؟
بۇ ئ‍ەڭ چوڭ بىر يوقۇتۇش دىگىن .
ئ‍ەمدى نىشان نىمەڭلار دىسە ،
سەبىيلەرنى ئ‍وقۇتۇش دىگىن .
*
دىسە ئ‍ۇيقۇڭ بەك قاتتىق ئ‍ىكەن ،
بۇ ئ‍ەللەيگە مۇڭلۇنۇش دىگىن .
ئ‍ەمدى نىمە قىلماقچى دىسە ؟
قارا چۈشتىن ئ‍ويغۇنۇش دىگىن .
*
تەقۋاسىزلىق سەۋەبى دىسە ؟
مال - دۇنياغا چوقۇنۇش دىگىن .
يەنە باشقا سەۋەپچۇ دىسە ،
مەدىنيەتكە قوشۇلۇش دىگىن .
*
يەنە يوقمۇ سەۋەبى دىسە ؟
ئ‍ۆز - ئارا جەڭ توقۇنۇش دىگىن .
قانداق قىلىش كىرەكتۇر دىسە ؟
ھەقىقەتنى تونۇتۇش دىگىن .
*
ئ‍ەيىش ئ‍ىشرەت ئ‍ەۋجىكەن دىسە ؟
بۇ شەيتانغا ئ‍ەل بولۇش دىگىن .
قانداق قىلسا ئ‍وڭشىلار دىسە ؟
جاننى ھەققە تاپشۇرۇش دىگىن .
*
زەئىپ دىلنىڭ سەۋەبى دىسە ؟
ناخشىلارغا قول سۇنۇش دىگىن .
سەنئەت پايدا بەرمەمدۇ دىسە ؟
ئ‍ۇ غەپلەتكە كۈچ قوشۇش دىگىن .
*
بىشى تۆۋەن خەلقىڭنىڭ دىسە ؟
ئ‍ۈمىدسىزلىك قايغۇرۇش دىگىن .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئ‍امال سورىسا ؟
دىلنى ھەققە تولدۇرۇش دىگىن .
*
خەلقىڭ شۇنداق ناچارمۇ دىسە ؟
خاتا تەشۋىق ئۇختۇرۇش دىگىن .
بىزلەردىكى ۋەزىپە ئ‍ەسلى ،
جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش دىگىن .
*
سۆكسە قانداق ئ‍اقىۋەت دىسە ؟
بارغانسىرى يوقۇلۇش دىگىن .
شۇڭا مۇھىم ئ‍امىللار دىسە ؟
ئ‍ۆز - ئ‍ۆزىنى باشقۇرۇش دىگىن .
*

ئۈرۈمچى2016.10.6 .كۈنى . .

مەنبە: باغداش مۇنبىرى


كۆرۈلۈشى: 90 \ يوللانغان چېسلا: 2020-02-24
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: