wisal stuido
تەيۋەن دېموكىراتىيىسى قانداق شەكىللەنگەن؟


تەيۋەن دېموكىراتىيىسى قانداق شەكىللەنگەن؟

گومىنداڭ تەيۋەندە بىرمۇستەبىت پارتىيە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى جەھەتلەردىن خەلقنى بوغدى، دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تەيۋەن جەمىئىيىتىدە گومىنداڭنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنى، پارتىيەئىچىدىكى پارخورلىق، ئىستىل جەھەتتىكى مەسىللەرنى تەنقىد قىلىدىغانلار پەيدا بولدى ۋە بۇخىل كىشىلەر پەيدىن-پەي بىرخىل سىياسى تەشەببۇسچى سۈپىتىدە بىركۈچ بۇلۇپ شەكىللەندى، گومىنداڭ بۇخىل كۈچنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
1986-يىلىغا كەلگەندە تەيۋەندە دېموكىراتىيە تېخىمۇ چۇڭقۇرلىشىپ، سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. گېزىتلەردىكى بىرقىسىم "چەكلەنگەن سۆز" لەر بىكار قىلىنىپ، ئاخباراتتا چەكلەنگەن سۆز بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
1986-يىلى 9-ئايىنڭ 28-كۈنى ، 135نەپەر قارشىلاشقۇچى تەيبىي شەھرى يۈەنشەن مېھمانخانىسىدا " دېموكىراتىك ئالغا بېسىش پارتىيىسى"( مىنجىن داڭ) نى قۇردى ھەم پارتىيە پىروگىراممىسىنى بىكىتىپ، " تەيۋەن خەلىقى ئۆزئىشىدا ئۈزىنى ئىدارە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق" دېدى. شۇكۈنى باش ساقچى ئىدارىسى بىرمەخپى دوكلاتنى ئېلىپ كىرىپ جاڭجىنگوغا بىرىدۇ، بۇ دوكلات مىنجىن داڭ پارتىيىسنىڭ شۇكۈنى كەچ مەخپى يىغىن ئاچىدىغانلىقى ۋە يىغىن قاتناشچىللىرىنىڭ ئىسىملىكى چۈشۈرۈلگەن مەخپى ھۆججەت ئىدى. باش ساقچى " مىنجىنداڭدىكى ئەكسىل ئىنقىلاپچىلار گومىنداڭغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۈگۈن ئۇلارنى بىريۇلىلا قولغا ئېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى" دەيدۇ. ئەمما جاڭجىنگو بولسا: " بىزنى نازارەت قىلىدىغانلار بولسا بىزگە ياخشى ئەمەسمۇ، دەۋرى ئۆزگەردى، زامان ئۆزگەرمەكتە، خەلىق دېموكراتىيەگە تەلپۈنمەكتە، گومىنداڭ پارتىيىمىز بەك چىرىكلىشىپ كەتتى، ئىسىتىلىمىز بەك قوپاللىشىپ كەتتى، پارتىيە ئەزالىرىمىز بەك كىبىرلىشىپ كەتتى... ئادەم تۇتۇپ قولغا ئېلىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكىسچە خەلقنى تېخىمۇ بىزارقىلىمىز" دېدى. بۇنى ئاڭلاپ باش ساقچى ھاڭ-تاڭ قالدى، چۈنكى باش ساقچىنىڭچە بولسا بۇ ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى بىراقلا قولغا ئېلىش كېرەك ئىدى. ھەم گومىنداڭ ئىلگىرى شۇنداق قىلىپ كەلگەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن تەيۋەندە "مىنجىنداڭ پارتىيسى" نىڭ قۇرۇلىشىغا شارائىت يارتىلدى. گەرچە جاڭجىنگو بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان پارتىيىنى باستۇرۇشنى تەستىقلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇپارتىيىەنى ئىتىراپمۇ قىلمىغان ئىدى. ۋەھالەنكى بۇخىل قاراش، جاڭجىنگونىڭ بۇ يېڭى پارتىيىنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتىۋالغىنى ئىدى. مانا بۇ جاڭجېشى مۇستەبىت ھاكىمىيىتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى جانجىنگونىڭ دېموكىراتىيەلىشىش مۇساپىسى بۇلۇپ قالدى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تەيۋەندە يەنە نۇرغۇن پارتىيە قۇرۇلدى، ئاساسىلىقى تۆت چوڭ پارتىيە بۇلۇپ، گومىنداڭدىن باشقا يەنە مىنجىنداڭ(دېموكراتىك ئىلگىرلەش پارتىيىسى)، چىنمىنداڭ(خەلقپەرۋەرلەرپارتىيىسى)، تەيۋەن ئىتىپاقداشلار بىرلەشمىسى. بۇ پارتىيەلەر تەيۋەن دېموكراتىيىسى، ئەركىنلىكى، جەمىئىيەتنىڭ ئادىللىقى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشماقتا. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ،ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىلىرىنى نازارەت قىلىپ، تەنقىت قىلىپ، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىپ تۇرماقتا. خەلق ئۆزى قارشى ئالمايدىغان پارتىيەنى سايلام ئارقىلىق جازالىيالايدۇ ۋە ئۇنى تاللىماستىن، باشقا پارتىيەنى ئۆزىگە رەھبەر قىلىپ سايلىيالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەن ئەمەلدارلىرى خەلىقتىن قورقىدۇ ۋە خەلىقنى قاقشىتىشتىن يىراق بۇلۇپ، ھەرخىل ناچار قىلمىشلاردىن خالى ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكتە.
ئەمەلىيەتتە تەيۋەن خەلىقى بۇلار ئۈچۈن جانجىنگوغا تەشەككۇر بىلدۈرمەي تۇرالمايتى.

 تىڭشۈن تورىدىن قىسقارتىپ تەرجىمەقىلىندى.
http://news.qq.com/zt2012/twhistory/06.htm

                                                                             مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

كۆرۈلۈشى: 1214 \ يوللانغان چېسلا: 2012-09-08
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: