wisal stuido
مەنپەئەتكە، ھوقۇققا، پۇلغا قۇل بولۇش

قۇلچىلىق تەتقىقاتى
مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋەلى تەرجىمىسى
 

بىر تۇپراقتا قۇلچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدا ئىككى خىل سەۋەپ بار دەپ قارايمەن: ئۇنىڭ بىرى مەنپەئەتخۇمارلىق، يەنە بىرى ھۇقۇقپەرەسلىك. ئادەم پايدا – مەنپەتنى دەپ ھەرقانچە پەسكەش ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەۋرى –تاقەت كۈچى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدۇ. ئۆزىنىڭ قۇلچىلىق قىلىش دەرجىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نېرۋېلىرى «ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش» دىگەن ئىبارىلەرگە قارتا سەزگۈرلۈگىنى يوقاتقان بولىدۇ. ھۇقۇقپەرەسلىكنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى يەنىلا مەنپەئەت ئۈچۈندۇر. ھۇقۇق ئۈچۈن ھەرقانچە قىلىش، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىككى پۈكلىنىپ، تازىم بەجا كەلتۈرۈشمۇ قىلچە يۈز كېتىدىغان ئىش ھىساپلانمايدۇ. بەزىلەر بۇ قۇلچىلىقنى ئەقىلغا مۇئاپىقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا «ئەدەپ- يۇسۇن» دىگەن چىرايلىق ئىسىمنى قويۇۋالغان. ئادەمنىڭ ئادەمگە تىزلىنىشىمۇ بىر خىل ئەدەپ – يۇسۇن ئەمەسمۇ. بۇ ئەدەپ – يۇسۇن بولغاچقا، ھەرقانداق قۇلچىلىق قىلىشمۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. بىراۋنىڭ مەلۇم ئەمەل دەرىجىسى، مۇئەييەن دائىرىسى بولسىلا، ئۇنىڭ ئىتىگىگە باش قويىدىغانلار بىر تالاي چىقىدىكەن. بۇ بىر تالايلارنىڭ ھەممىسى قۇلچىلىق قىلىدىغانلار، قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشدىغانلار، شۇڭا ئەزەلدىن «خوجايىن بولۇش ناھايىتى يىنىك ئىش» دەپ ئېيتىلىپ كەلگەن. چۈنكى، ھۇقۇق بىلەن مەنپەئەت ئاللىبۇرۇنلا كىشىلەرنى قۇل قىلىپ بولغان، خۇددى بىر پارچە تۇپراق يېتەرلىك نەملىكنى ھازىرلىۋالغاندەكلا.

بەلكىم سەن «خوجايىننىڭ ئالدىدىلا قۇل بولىدۇ» دەيدىغانسەن. بۇ گەپ تامامەن توغرا ئەمەس. قۇلچىلىق ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزگۈرۈپ تۇرۇدۇ. ئەگەر خوجايىننى پالاكەت باسسا، مەسىلەن، مەلۇم ئەمەلدار تەخىتتىن غۇلىسا، ئۇ دەرھال ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە باقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىر تۈۋەن دەرىجىلىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالدىدا كۈچۈكلىنىشى، بىر ئەمەلدارنىڭ بىر زەردار ئالدىدا تۆۋەنچىلىك كۆرسىتىشى ھەرگىزمۇ ھوقۇققا ئىخلاس قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى مەنپەئەتنى نىشان قىلغانلىقتۇر. پۇلى بار بىر كىشى باشقىلار بىلەن «مەن مەلۇم بىر ئەمەلدارنى چاقىرغان ھامان ئالدىمغا ئۈنىدۇ» دەپ دو تىكىشەلەيدۇ. ئەمەلدار پەقەت پۇلدارنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ ئەمىلى قانچە تۈۋەن بولسا، قۇلچىلىق دەرجىسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جىسمىدىن غۇرۇر دىگەننى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلار بۇنى باشقىلارنىڭ زورى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە قىلىدۇ. قايسىبىر ئادەمنى ياكى خوجايىننى ئەمەس، بەلكى مەنپەئەتنى، ئۆزىنى ئويلىغاندىلا، بۇ قۇلچىلىق كۈچىنى كۆرسىتەلەيدۇ ۋە ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ.

بىرەر ئەمەلدارنىڭ سەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسا، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ بولمىسىمۇ كۈنۈڭ ئوخشاشلا ئوبدان ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. بىراق سەن بۇنداق ئويلىمايسەن، ئۇ دىگەن ئەمەلدار تۇرسا، ھوقۇقى، كۈچى بار تۇرسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ قالسامچۇ؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا ھاجىتىم چۈشۈپ قالسىچۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلايسەن – دە، ئۇنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ ،ئىسسق يۈزۈڭنى ئۇنىڭ مۇزدەك قوڭىغا يېقىشقا باشلايسەن. قۇلچىلىق بەزى كىشىلەرنى سۇئالغا ئېغىزىدا ئەمەس، بۇرنىدا «خىڭ- خىڭ» قىلىپلا جاۋاپ بىرىدىغان، تولىمۇ تەكەببۇر قىلىۋېتىدۇ. بىراق قۇلچىلىقنىڭ ئېتى ھەرگىزمۇ ھېرىپ قالمايدۇ. قۇلچىلىق قىلىش پۇرسىتىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەتنى ھىچكىممۇ قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. ئۇنداق كىشىلەر باشلىقى بىلەن سۆزلەشكەندە، سۆز- جۈملىلەرنى راۋان ئۇختۇرالمايدۇ ياكى ئەسلىدە بىر ئوبدان ئېنىق، رەت- رېتى بىلەن سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، باشلىق بىر ئېغىزلا گەپ قىستۇرۇپلا قويسا، قىلىۋاتقان سۆزىدىن ئېزىپ كېتىدۇ. ئادەتتە باشلىق بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ قالغاندا، بېشىنى تۆۋەن سالماي ياكى بېلىنى ئېگىپ تازىم قىلمايمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى بولۇدۇغۇ، لېكىن، ئۇنداقلار بېلىم يېتەرلىك ئىگىلمەي قالغاندىمۇ، دەپ ئەندىشىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بەزى ئىشلارنى بىر كىم يوليۇرۇق بەرمىسىمۇ قىلىپ كەتكىلى بولىۇدۇ. بىراق، كەمتەرلىكنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت يوق بولۇپ قالىدۇ. باشلىقنى ئىككى ئېغىز تەكلىپ – پىكىر بەردۈرەلمىسە، ئۆزىنىڭ باشلىق ئالدىدىكى تۆۋەنچىلىكىنى ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بۇ قۇلچىلقنىڭ ئاخىرقى مەخسىتى «تاماخورلۇق»تا ئىپادىلىنىدىكەن. «ئۇنىڭ ھۇقۇقى بار، بەلكىم ماڭا ئەسقېتىپ قېلىشى مۈمكىن. ھۇقۇق قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھاياتلىق يۇلىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇ سىياسەت، تۈزۈم ھەتتا قانۇن- بەلگىلىمىلەردىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە نورمال كىشىلەرنىڭ يولىنىمۇ توسۇيدۇ، شۇڭا مەن قۇلچىللىق قىلىمەن، بار زېھنىم بىلەن نامايەن قىلىشقا تىرىشىمەن.» جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قۇلچىلىقىنىڭ يىلتىزى مانا بۇيەردە.

ھوقۇقتىن قورقۇش، ھوقۇققا بەيئەت قىلىش، ھۇقۇقپەرەسلىك قىلىش، ھۇقۇق ئالدىدا قۇلچىلىقىنى ئاشكارىلاش... بۇنداق ئۇمۇملۇقتا كىم نەگە بېرىپ دېموكراتىيە دەۋاسى قىلالايدۇ؟ كىم دېموكراتىيە دەۋاسى قىلسا، شۇ قۇلچىللىقنى نامايەن قىلىشتا باشقىلاردىن كېيىن قالىدۇ. جۇڭگۇدا ئادەم شۇنچە كۆپ ، رىقابەت شۇنچە كەسكىن تۇرسا، كىممۇ باشقىلاردىن كېيىن قېلىشنى خالايدۇ؟ شۇڭا نۇرغۇن ئىشلاردا قۇلچىلىققا تايانماي بولمايدۇ.

              «تۇرپان ژۇرنىلى» 2004-يىل 1- ساندا ئېلان قىلىنغان

                                                                           مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1111 \ يوللانغان چېسلا: 2012-09-10
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: