wisal stuido
« كارامەت گەپلەر »

« كارامەت گەپلەر »
 

پېقىرنىڭ بىر قىزىقىشى بار ، چىرىكلىككە قارشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن، بولۇپمۇ ھېلىقىدەك ئەسلىي قىياپىتى ئاشكارىلانغان ، قانۇن تورىغا چۈشكەن پارازىت قۇرتلارنىڭ دېگەن گەپ - سۆزلىرىگە ئالاھىدە قىزىقىمەن . بۇلاردىن ئۆزۈملا بەھىرلەنمەي دەپ بىر قانچىسىنى تاللاپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم :
- «ئەگەر مېنىڭ بىر تىيىنلىك مەسىلەم بولسا ، مېنى ئون يىل تۈرمىگە تاشلاڭلار ؛ ئون مىڭ يۈئەنلىك مەسىلەم بولسا ،ئېتىۋەتسەڭلەرمۇ بولىدۇ. » ( «قانۇن تۈزۈم تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەلەر توپلىمى گېزىتى »نىڭ 2010-يىلى 28 - ئاۋغۇستتىكى سانىدىن ئېلىندى .)
بۇ 5 مىليون 70 مىڭ پارە يېگەن ، جىيەن لى ناھىيەسى دۆلەت زېمىن بايلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى خۇاڭ جىيەنچىڭنىڭ تەپتىش ئەمەلدارىغا بەرگە قەسىمىدۇر .
مۇلاھىزە : ئىدارە باشلىقى خۇاڭ جىيەنپىڭنىڭ قىلغان قەسىمىدىن كىچىك چاغلىرىمدا سەھرادا باشقىلارىن ئاڭلىغان «ئەگەر يالغان سۆزلىسەم ، چاقماق چېقىپ ئۆلەي »ياكى ،«ئەگەر بۇ ئىشنى مەن قىلغان بولسام ئادەم بولماي ھايۋان بولۇپ كېتەي » دېگەندەك قەسەملەر يادىمغا كەلدى. ناۋادا «ئەمەلىيەتنى ئاساس ، قەسەمنى ئۆلچەم قىلىش»قا ئۆزگەرتىدىغان بولساق ، خۇاڭ ئىدارە باشلىقى 507قېتىم ئېتىلىپ ئۆلگەن بولار ئىدى. ئەجىبا ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ جېنى بارمىدۇ ؟

- «بېشىمدىكى قىزىل قالپىقىم چوڭ ، نازىر دەرىجىلىك رەھبەرمەن ، ئۇلار چوقۇم ئاۋۋال مېنى ئەمەس، سېنى تەكشۈرىدۇ ، شۇڭا سەن چىڭ تۇرۇشىڭ ، سېمۇنتتەك ئەمەس، بەلكى پولاتتەك ئىرادەڭ بولۇشى لازىم .» («تەپتىش خىزمىتىدىكى بوران - چاپقۇن» ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 16 - سانىدىن ئېلىندى.)
بۇ جېجىئاڭ ئۆلكىسىدىكى باش نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر ۋاڭ شيەنلوڭنىڭ ئاشنىسىغا قويغان تەلىپى.
مۇلاھىزە : پارىخور ئەمەلدار بىلەن ئۇنىڭ ئاشنىسى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى ھوقۇققا تايىنىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ . سىز ھوقۇقىڭىزغا تايىنىپ ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى بويسۇندۇرىسىز ، ئۇ بولسا گۈزەللىكىگە تايىنىپ ھوقۇقىڭىزنى قولغا چۈشۈرىدۇ . ئۆزىڭىزچە ئاياللارنى كولدۇرلىتىمەن دەپ ئويلايسىز ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار سىزنى كولدۇرلىتىدۇ. ئۇ ئىككىسى ھەم ئوخشاشلىققا ھەم پەرققە ئىگە بولغان دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئەمدى ئويۇندىن چاتاق چىققاندا ، ئۇنى پولاتتەك ئىرادەڭ بىلەن مېنى قوغدا دېسەڭ ، ئۇمۇ ئەخمەق ئەمەس ، ئۇ خىزمەت كۆرسىتىپ جىنايىتىمنى يەڭگىللىتىمەن ، دەيدىكەن چوقۇم سېزنى تارتىپ چىقىرىشى ،شېرىن خياللىرىڭىزنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇشى كېرەك - دە .

- «ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىلىق ئورنىدا تۇرىدىغانلا بولسام ، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە جىنايەت سادىر قىلماسلىقىم مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ، ئۆزۈمنىڭ قىممەت قارىشىدىن سىرت ، يەنە نۇرغۇن كىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان يوشۇرۇن تۈزۈممۇ بار.» («تەپتىش گېزىتى »نىڭ 2009 - يىللىق 9 - ئاپرىلدىكى سانىدىن ئېلىندى.)
بۇ يۈننەندىكى « مۇلايىم پارىخور » دەپ نام ئالغان مالىپو ناھىيەسىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى جاۋ شيۇڭنىڭ ئاتالمىش « يوشۇرۇن تۈزۈم »نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر سۆزلىرى .
تەرجىماندىن ئەسكەرتىش : يۈننەن ئۆلكىسى مالىپو ناھىيەسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى جاۋ شيوڭ : «پۇلنى ئېلىۋېلىپ ئىشنى بېجىرىپ بەرمەيدىغان ئادەمنى ‹زوراۋان پارىخور›، مەندەك باشقىلارغا ياخشى ئىش بېجىرىپ بېرىپ ئازغىنە پۇل ئالىدىغان ئادەمنى ‹مۇلايىم پارىخور›دېسەك بولىدۇ . شۇڭا ئۆزۈمنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇلايىم پارىخور شۇجىسى دەيمەن» دېگەن . ئۇ 4 مىليون يۈەئەندىن ئارتۇق پارە يېگەن ۋە پارە بەرگەن . 500 مىڭدىن ئارتۇق پۇلغا خىيانەت قىلغان .2009 - يىلى 29 - ئىيون بىرىنجى سوتتىن ئۇنىڭغا پارا ئېلىش ۋە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز 18يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ، 6 مىليون 5يۈزمىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال - مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنغان . (بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى .)
مۇلاھىزە : ئۇنىڭچە بولغاندا ، ئۇ پارە بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن . ئەمەلىيەتتە ، ئۇ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئىچكى ئامىلنىڭ ئاساس ، تاشقى ئامىلنىڭ شەرت ھەققىدە تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك . ناۋادا ئۇ پاك - دىيانەتلىك بولغىنىدا، « يوشۇرۇن تۈزۈم»مۇ ئۇنىڭغا كار قىلالماس بولغىيتتى ؟

- « قايسى قانۇندا ئەرلەر ئايالىدىن باشقا ئاياللار بىلەن كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭسا بولمايدۇ ، دېگەن بەلگىلىمە بار ؟»
بۇ ئاشنىسى بىلەن بازار ئايلىنىۋاتقاندا ئايالىغا ئۇچراپ قالغان ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئىدارە مۇئاۋىن باشلىقنىڭ نىكاھتىن ئاجىرىشىش سوتى نەق مەيدانىدا ئېيتىلغان « ھەتتا سوتچىنىمۇ چۆچىتىۋەتكەن» بىر جۈملە سۆزدۇر .
مۇلاھىزە : ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭسا ھېچنېمىنى ھېس قىلالمايدىغان ، ئاشنىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭسا ياشلىقىغا قايتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ ، قىن - قىنىغا پايتمايدىغان ئادەملەرمۇ بار ....... بۇنداق يوشۇرۇپ ئاشنا ئويناش قانۇنغا خىلاپ بولمىغىنى بىلەن ، ئەخلاق چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ، باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ .

«فىليەتونلار ئايلىق ژورنىلى»نىڭ 2011-يىللىق 8-ئايلىق 1-سانىدىن ئاسىمجان ئابلىمىت تەرجىمىسى .

                                                                      مەنبە: ئەنۋەر سوفىت مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1327 \ يوللانغان چېسلا: 2012-09-23
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: