wisal stuido
ئاسىيا مىللەتچىلىگى دېڭىزدا

 

ئاسىيا مىللەتچىلىگى دېڭىزدا

ئاپتورى: جوسىف ناي
 

شەرقىي ئاسىيا دېڭىز ساھەسىدە ئۇرۇش پارتلامدۇ؟ جۇڭگو ۋە ياپونىيە مىللەتچىلىرى تىغمۇتىغ تۇرۇپ، جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلى دەيدىغان ياپونىيە بولسا سېنكاكۇ ئاراللىرى دەيدىغان ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان يەرنى تالاشقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چېڭدۇ شەھىرىدە نامايىشچىلار غەزەپلەنگەن ھالدا:«بارلىق ياپۇنلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى» دەپ توۋلىدى.
ئوخشاشلا، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى سىكاربورگ شوئال ئارىلى (جۇڭگو خۇاڭيەن ئارىلى دەيدۇ) دا تىركىشىشى مانىلادا ئېتراز بىلدۈرۈش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتىنىڭ جەنۇبىي كورىيە دوكدو ئارىكى، ياپونىيە تاكېشىما ئارىلى دەپ ئاتايدىغان، ئامېرىكا بولسا لىيانكورت قىيا تېشى دەپ ئاتايدىغان قاقاس ئارالنى زىيارەت قىلىشى ياپونىيە-جەنۇبىي كورىيەنىڭ چوڭقۇرلاپ ھەمكارلىشىش ئۈمىدىنى بەربات قىلدى.
ئەمما ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىكلىكىنى زىيادە ئاشۇرۇپ تاشلىماسلىق كېرەك. ئامېرىكا «ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى» نىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى (1972-يىلى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئوكىناۋا ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان) جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىكاربورگ شوئال ئارىلى تىركىشىشىمۇ تىنجىپ قالدى، گەرچە ياپونىيە دوكدو ئارىلى ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس.
ئەمما تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، جۇڭگو 1974-يىلى ۋە 1988-يىلى ئەجەللىك قورال كۈچى بىلەن پاراسىل ئاراللىرى (شىشا تاقىم ئاراللىرى) دىكى ۋېيتناملىقلارنى ئىككى قېتىم قوغلىۋەتكەن ئىدى. جۇڭگو يەنە بۇ يىل كامبودژادا ئېچىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى قىلمىشى نىزامنامىسىنى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئاخباراتنى ئېلان قىلىشنى مۇۋەپىقىيەتلىك توساپ قالدى، بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ 40 يىللىق تارىخىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلماسلىقى ئىدى.
شەرقىي ئاسىيادىكى ئاشقۇن مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى كىشىنى ئەندىشىگە سالسىمۇ، ئەمما يەنىلا كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرىدە. گەرچە گرىتسىيە گېرمانىيەنىڭ جىددىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى قوللىشىدىن ئاغرىنسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يېقىن بولۇپ كەتتى. ئەمما ئاسىيادا مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باققىنى يوق، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى تالاش-تارتىشلار يەنىلا ئېسىلىپ قېلىپ ھەل بولمىدى، بىر تەرەپلىمە دەرسلىك كىتاب ۋە ھۆكۈمەت سىياسەتلىرى ماجىرالىشىۋاتقان مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يامانلاشتۇرۇپ تاشلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئاللىقاچان كوممۇنىزمغا ئىشەنمەس بولدى. ئەكسىچە، تېز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە خەن مىللەتچىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. 1894-1895 يىللىرىدىكى جۇڭگو ياپونىيە ئۇرۇشى ۋە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا ئۇرۇش قوزغىشى سىياسىي جەھەتتە ناھايىتى پايدىلىق بولدى، چۈنكى ئۇرۇش قوزغىشى بىلەن جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ماكرولۇق گەۋدىسىگە بۇزغۇنچىلىق دەل ماس كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ بەزى دۆلەت مۇداپىئە تەھلىلچىلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىستراتىگىيىسى ھۇجۇم خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇ ئىستراتىگىيە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى كېڭەيتىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخوت تېخنىكىسىنىڭ تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە جۇڭگو دېڭىز قىرغىقىدىن تەيۋەن، ياپونىيەگىچە بولغان «بىرىنچى ئاراللار زەنجىرى» گە تەۋە دېڭىز ساھەسىنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
بەزىلەر جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيىسى زىددىيەتلىك، قالايمىقان، بىر-بىرىگە زىت بولغان ئەمەلدارلىق مەنپەئەتىگە تولغان دەپ قارايدۇ. ئۇلار 2008-يىلى ئىقتىسادىي كىرزىستىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ چوڭ گەپ قىلىدىغان سىياسىتىنىڭ سەلبىي ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ ئكتتى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ سىياسىتى جۇڭگونىڭ بارلىق قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان سالدى.
مەسىلەن 2010-يىلدىكى سېنكاكۇ ۋەقەسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ كېمىسىگە ئۈسكەن جۇڭگو كېمە باشلىقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتسادىي ئۆچ ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. نەتىجىدە ياپونىيەلىك تەھلىلچى ئېيتقاندەك، «جۇڭگو ئۆزىنىڭ نىشانىنى تۇرغۇزىشى بىلەن»، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۆتىدىل ۋە ئىككى تەرەپلىك سىياسىنى دەرھال ئۆزگەرتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، گەرچە جۇڭگو نەچچە مىليارد خەلق پۇلى سەرپ قىلىپ ئاسىيادىكى يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرلىرى ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قالدى.

مەن جۇڭگولۇق دوستۇم ۋە جۇڭگو ئەمەلدارىدىن جۇڭگونىڭ نېمىشقا مۇنچە ئەكسىچە سىياسىينى يولغا قويىدىغانلىقىنى سوراپ باقتىم. ئۇلارنىڭ بەرگەن رەسىمىي جاۋابى بولسا جۇڭگو ئاۋام پارتىيىسى (گومىنداڭ) دەۋرىدىكى خەرىتە سىزىش ئۇسۇلى ۋە زېمىن تەلىپى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، خەرىتىدىكى 9 تال ئۈزۈك سىزىق پۈتكۈل جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنى دېگۈدەك جۇڭگونىڭ زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، سۇ ئاستى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالاقىدار دېڭىز ساھەسىدىكى بايلىقلارنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىن ۋاز كېچىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. 2009-2010 يىللىرى، بەزى ئوتتۇرا قاتلام ئەمەلدارلار ۋە ئوبزورچىلار ھەتتا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنى تەيۋەن ياكى تىبەتكە ئوخشاش جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەت دائىرىسىگە كىرگۈزمەكچى بولدى.
ئەمما جۇڭگو رەھبەرلىرى «9 تال ئۈزۈك سىزىق» ھەقىقىي ئورنىنى ئەزەلدىن بېكىتىپ باققان ئەمەس، بىزنىڭ تەلىپىمىز پەقەت مەلۇم يەر شەكلى ياكى تېخىمۇ كەڭرى دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقبوسۇغۇسى دەپ ئېنىق بىلدۈرگەن ئەمەس. جۇڭگو نېمىشقا تەلىپىنى ئېنىق قىلمايدۇ دەپ سورالغاندا، جۇڭگولۇقلار بەزىدە مۈشكۈل سىياسىي ۋە بيۇكرات مۇرەسسە قىلىش، يەنە ئېھتىمال دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتچىلەرنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن دېدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار بەزىدە جۇڭگونىڭ بەك بالدۇرلا كوزىرىدىن ۋاز كەچكۈسى يوقلىقىنى ئېيتتى. 1995-يىلى ۋە 2010-يىلى، ئامېرىكا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنى «1982-يىللىق ب د ت دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسى» نىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنۇشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى (قىزىقارلىقى ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىمىدى)، ئەمما ئامېرىكا زېمىن تەلىپىگە پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكا سۆھبەت ئارقىلىق توقۇنۇشۇۋاتقان زېمىن تەلىپىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
2002-يىلى، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قانۇننىڭ چەكلەش كۈچى بولمىغان توقۇنۇش باشقۇرۇش مىزانى ھاسىل قىلدى، ئەمما جۇڭگو چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىچىك دۆلەت بىلەن ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزسە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارىدى. بۇ ئىدىيەگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، جۇڭگو كامبودژاغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يازدا ئەڭ ئاخىرقى ئاخبارات ئېلان قىلىشىنى توساپ قالدى.
ئەمما بۇ بىر خاتا سىياسەت. چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگو ھەر قانداق ئەھۋالدا چوڭ تەسىر كۈچى بولۇشى كېرەك، قىلمىش ھەرىكەت مىزانىغا ئىمزا قويۇش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشنى كونترول قىلىشى كېرەك.
سېنكاكۇ/دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە، ئەڭ ياخشى تەكلىپ «ئىقتىسادشۇناسلار» ژورنىلىدىن كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمەت كېمىسىنى ياپونىيە دېڭىز ساھەسىگە ئەۋەتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ھەمدە ياپونىيەگە قارىتا قىزىق لىنىيە تەسىس قىلىپ، مىللەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرزىسنى باشقۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان نېفىت-گازلىقلارنى ئورتاق ئېچىش رامكىسىنى قايتىدىن باشلىشى كېرەك، ياپونىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەخىسلەردىن بۇ قاقاس ئارالنى سېتىۋېلىشى ھەمدە خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان قوغداش رايونى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك.
شەرقىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر چېرچىلنىڭ:«ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش ھەمىشە ئۇرۇش-تالاش قىلىشتىن ياخشى» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەك.

ئىزاھات: ئاپتورى جوسېف ناي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى بولغان، ھازىر خارۋاد ئۇنۋېرسىتىتىدا پىرافىسسور.

                                                                مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1128 \ يوللانغان چېسلا: 2012-10-18
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: