wisal stuido
ئىسىت 20يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم


ئىسىت 20يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم
 

كىشلىك ھايات مۇساپىسىدە ئادەمنىڭ كىچىككىنىە خاتالىقى ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن. مەن 1992-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى سىىنپىنى پۇتتۇرۇپ 9-ئايدا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.2009 -يىلغىچە ئىزچىل يېزا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم،2009-يىلى مەكتەپلەرنى قوشۋەتكەندە ناھىيە ئىچىگە كەلگەندىم. بۇ 20يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق مۇساپەمدە ئۆزەمگە، ۋەتەنگە، خەلىققە يۈز كىلەلىگىدەك ياخشى ئىشلەپ ناھىيە ۋە يېزا دەرجىلىك شان- شەرەپلەرگە، دەرس لايىھەلىرىم ۋە ماقاللىرىم دۆلەت ئاساسىي مائارىپ ۋە ۋىلايەت ئويۇشتۇرغان ماقالە مۇسابىقىللىرىدە بىرىنجى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك شەرەپلەرگە ئىرىشكەن، ئۆزەممۇ كەسپىمنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيەتتىم. بىراق تولىمۇ ئەپسۇس! 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى شوپۇرلۇققا ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا بېرىپ بۇ تەقدىرىمنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندىم.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20كۈنى سائەت بەش ئەتراپىدا مەكتەپتىكى خىزمەتدىشىم تۇرسۇنجان ئالدىنقى كۈنى دىيشىكىنىمىز بۇيچە تېلڧىفۇن قىلدى، مەن تېلڧفۇننى ئېلىپ يەنە بىر خىزمەتدىشىم مۇتەللىپنىڭ ماشىنىسىنى گاز قويۇش رەسمىيتنى بىجىرگىلى بارىدىغانلىقىنى، ئىككىمىزنىڭ شۇ ماشىنغا چىقىۋالدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم بۇ ماشىنغا چىقىشنى قەتئى قوبۇل كۆرمىسىمۇ، بىراق خىزمەتدېشىمنىڭ زورلىشى بلەن چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ تۇرسۇنجان ھېلىقى خىزمەتدىشىمغا تېلڧۇن قىلدى، مەن كىتىۋىرەي دىسەم بىللە كىتىمىز دىدى، ئەتتىگەن بىللە كەلگەندىكىن يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىلەن ماقۇل بولۇپ ھېلىقى خىزمەتدېشىمىزنىڭ يېنىغا باردۇق، ئۇ ماشىنىسنى رەتكە تىزىپ نۆۋەت ساقلاپ تۇرغانىكەن، بىز بىردەم تۇرساق بىر خەنزۇ يولداش كىلىپ ماشىننىڭ ئالدى كېپىگىسىنى ۋە ئارقىسىنى ئېچىپ تەييار قىلىپ تۇرۇڭلار دىدى، ھېلىقى خىزمەتدېشىم نىمە دەۋاتىدۇ دىدى، مەن تۈزلۈك بىلەن شۇ گەپنى تەرجىمە قىلىپ بەدىم. بىر ئازدىن كېيىن كىلىپ كۆرۇپ ئىمزا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن بىز شەھەرگە قاراپ يول ئالدۇق. كىرەم باغ دوختۇرخانىسى ئالدىدا بىر ئاشخاندا تاماق يىدۇق، ئاندىن مەن يەنە باھانە كۆرسۇتۇپ كىتەي دەپ ئويلاپ ئۇلارغا: «مېنىڭ ھېيىتكاردا ئازراق ئىشىم بار ئىدى، ماڭغاچ تۇراي» دىسەم، مۇتەللىپ: «ناماز ئوقۇساڭلار يېنىمىزدىلا 8تاش مىچىتى بار ئوقۇپ چىقىڭلار» دىدى. ناماز ئوقۇمايىتتىم باشقا ئىشىم بارئىدى دىسەم، مۇتەللىپ: «ئاداش خاپا بولماي مۇشۇ ئىشىمنى بىجىرشىپ بەسەڭلار، مەن نىمە دىگىننى بىلمىگەندىكىن قىينىلىپ قالدىكەنمەن» دىسە، ماشىنىسىغا چىققاندىكىن يۈز كىلەلمەي بىللە ماشىنغا باشقۇرۇش ئورنىغا ماڭدۇق. مېنى نىمە ئىشلار كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەي ئۇلار بىلەن بىللە قەشقەر ماشىنا باشقۇرۇش تارماق ئەتىرىتى ھويلىسىغا كىرىپ ماشىنىنى توختۇتۇپ، رەسمىيەت بىجىردىغان زالغا مۇتەللىپ بىلەن كىرىپ كەتتۇق، تۇرسۇنجان ماشىندا ساقلاپ قالدى.
يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بىزگە نۆۋەت كەلمىگەندىن كېيىن مۇتەللىپ: يەنە ناماز ئوقۇساڭلار ئوقىۋېلىڭلار دىدى، مەن ئۇنۇڭغا كىم ناماز ئوقۇيدىكەن، مەنمۇ سىلىگە ئوخشاش ھاراق ئىچىپ يۇرسەم دىمەي، نەچچە كۈندىن بېرى چۈشۈم بۇزلۇپ، كۆڭلۇم تازا ئارامىدا بولماي كىلۋاتاتتى، ھەم باشقىلاردىن «مۇشۇ ئەھۋال بولسا بىر ۋاخ ناماز ئوقىۋەتسە شۇ خىل ئەھۋال يوقىلىدۇ »دىگەننى ئاڭلىغاندىم، مۇتەللىپنىڭ بۇ گېپى ھەمدە تۇرسۇنجاننىڭ: «ئالدىنقى ھەپتە بىز يەركەنگە تويغا بارغاندا بىر ئوقۇتقۇچى يولدا ناماز ۋاقتى بولۇپ ماشىننى توختۇتۇپ ناماز ئوقىۋېلىپ ماڭدى، بىز قاچانمۇ شۇنداق بۇلار، ھاراق ئىچىپ يۇرىۋىرەمدۇق»دىگەن بۇ گېپى بىلەن مەن ماشىندىكى سۇنى ئېلىپ سىرىتقا چىقىپ تەرەت ئېلىپ كىردىم، بۇ چاققىچە مۇتەللىپ ماڭا ماشىندىكى جاينىمازنى ئېلىپ: «مانا بۇ يەر پاكىزكەن، مۇشۇ يەردە ئوقۇڭلار» دىدى، مەن ئاڭسىز ھالدا ماشىنا باشقۇرۇش قوروسى ئىچىدە بىر ۋاق ناماز ئوقۇۋاتسام، تويۇقسىز خەنزۇچە نىمە ئىش قىلۋاتىسە دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندىلا ئۆزەمنىڭ ج خ ئورنىدا ناماز ئوقۇغانلىقىمىنى ھىس قىلىپ ئۇلگۇرگەندىم. بىراق ئاللا بۇرۇن كىچىككەندىم. ئۇلار مىنى قورشاپ مىلتىق بىلەن يالاپ ئېلىپ ماڭدى. ھەمدە مەندىن ھەممە ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ھېچنەرسە چىقمىغاندىن كېيىن، مىنى سىياسىي كومسارغا تاپشۇرۇپ بەردى، مەن سىياسىي كومسار ئىشخانىسىدا: «مەن نىمە دىگەن دۆت، كىم ناماز ئوقۇيدىكەن، نىمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسە» دىمەپتىمەن. ئىككىسى مەكتەپ باشلىقلىرى بىلەن يېقىن بولغاندىكىن مۇشۇنداق قىل دىدىمۇيا دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. ئۇلار ناھىيىگە تېلڧفۇن قىلىپ ج خ ئىدارىسىدىن، مائارىپ ئىدارسىدىن، مەكتەپتىن ئادەم كېلىپ مېنى ئەپكەتتى، ھەمدە ئۇدۇللا توختۇتۇش ئورنىغا ئاپىرىپ ئۇدا ئۈچ كۈن سۇراق قىلدى. مېنىڭ يۇقارقى بايانلىرىمغا ساقچىلار ۋە رەھبەرلەر قەتئى ئىشەنمىدى، مېنى: «سەن ناماز ئوقۇشنى نەدىن ئۈگەنگەن؟ كىم ئۈگەتتى؟» دەپ قاتتىق سۇاق قىلدى، مەن: «كىچىگىمدە مەھەللىدىكىلەر بىلەن قارىلارنىڭ ئۆيىگە ئەگىشىپ كىرەتتۇق، شۇ چاغدىكى ئۈگەنگەنلىرىمگە ئاساسەن ئوقۇدۇم» دىسەم، ئىدارە باشلىقى: 30«يىلنىڭ ئالدىدىكى نەرسىنى بىلدىغان قانداق ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىكەن، سەن نىمىلەرگە بىر ھۆججەت 7قېتىم ئوقۇپ بەرسەم بىلىشمەيسە» دەپ تىللىدى، كىمىڭنى ئالدايسەن، مەسىلەڭنى تاپشۇر دەپ ماڭا: «ئەگەر ئىقرار قىلمىساڭ بىز سىنى تۆمۇر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزىمىز، ئۆيۈڭنى قايتا ئاقتۇرۇپ بىرەر نەرسە ئەپكىرىپ قويۇپ سىنى جايلاشنى بىلىمىز، ئۇ چاغدا ئايالىڭمۇ چېتىلىپ قالىدۇ» دىدى، مەن ئايالىم ۋە باللىرىمىنى ئويلاپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى، بىراق يىغامىنى زورغا بېسىپ ئۆيەمىنى نىمىشقا ئاقتۇرغانلىقىنى، نىمىلەرنى ئەپچىققانىلىقىنى سورىدىم، ئۇلار: «كومپىيۇتېرىڭىنى، ئىككى تال بارماق دىسكىنى ئەپچىقتۇق، بىرنەرسە چىقمىدى» دىدى، مەن باللىرىمنىڭمۇ بۇ ئىشنى بىلگەنلىگىنى ھىس قىلىپ ئۇلارنىمۇ قورقىتۋەتكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ قاتتىق ئۇيالدىم. سوراق 4-كۈنگىچە توختاپ قالمىدى، ماڭا ئەزەلدىن كۆرشۇش نىسىپ بولمىغان سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، كادىررلار ئىدارسىنىڭ رەھبەرلىرى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرى كۈندە ماڭا: «مەسىلەڭنى تاپشۇر، بولمىسا خىزمەت يوق» دەپ يوقلاپ تۇردى. مائارىپ ئىدارسى باشلىقى ماڭا: «سەن ج خ كادىرلىرىغا ئاكتىپ ماسلاش بولمىسا خىزمەت يوق ساڭا، »بىر ۋاخنى قانچىلىك ۋاقىت ئوقۇدۇڭ، بەش ۋاقنىچۇ؟ خىزمەت ۋاقتىدا قانداق قىلدىڭ؟
«مىنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەي: «ئۆزەڭنى چوڭقۇر تەكشۇرمەپسە، مۇشۇنداق جاھىللىق قىلساڭ خىزمەت يوق دەۋەردى، مەن ئاخىرى چىداپ بولالماي ساقچىغا: «سىلە مەسىلەمنى يېزىڭلار، مەن قول قويۇپ بېرەي، نىمە دىگەن تۈگمىگەن سوراق بۇ» دىدىم. ساقچى ئۇنچىلارمۇ قارلىۋەتنەيمىز دەپ قويدى. ئۇلار ئاخىرى بۇ دىلونى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسا كېرەك، سۇراقچىلارنى 3-قېتىم ئالماشتۇردى، ئۇلار مېنى ھەر تۈرلۈك سىلىق گەپلەر ۋە تەھدىتلەرنى بىرلەشتۇرۇپ سۇراق قىلدى، ئاخىرى ئۇلارمۇ زېرىكىپ: «كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن، بىز سېنىڭ ئوقۇغۇچۇڭ ئەمەس، بىز سەندەك ئەپەندىدىن نەچچە مىڭنى جايلىغان» دېدى. كۆڭلۇم قاتتىق يېرىم بولدى، شۇنۇڭ بىلەن ئۇلار نىمە دىسە شۇنداق، ھەئە، توغرا دىن باشقىنى دىمەي ئولتۇردۇم، ئۇ گەپ سوراۋېتىپ ئۇخلاپ قالدى، ئۇ بىرەر سائەت ئۇخلاپ قوپۇپ سوراق خاتېرسىنى يېزىپ بولۇپ قول قوي دىدى، مەن ئىككىلەنمەي، ئوقۇمايلا قول قويدۇم. چۈنكى بىر ۋاق ناماز ئوقۇغانغا تۆت كۇننىڭياقى سوراق تۇگمەيۋاتاتتى، مىنى ئەجەپلەندۇرگىنى مەندىن ھېچنىمە تاپالماي ئىزچىل تۇتۇپ تۇرشى ئىدى. شۇنداق قىلىپ 4-كۈنى ماڭا «قەشقەر
ماشىنا باشقۇرۇش تارماق ئەتىرتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت بىجىرشىگە دەخلى قىلغان» دەپ 10كۈنلۈك توختۇتۇشقا قەغەز چىقاردى، شۇنداق قىلىپ 10كۈنلۈك جاپالىق توختۇتۇشنىمۇ باشتىن كەچۇردۇم. چىققان كۈنى قىزىم مەندىن: «ئاكام سېنى ساقچى تۇتۇپ كەتتى دەيدۇ راستمۇ؟» دەپتى، ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش تۆكۇلدى. ئۇلاردىن ئەپچىقىپ كەتكەن كومپىيۇتېر ۋە بارماق دىسكىلارنى ئەچىقىپ كىتىشكە كىرسەم، يېڭى كومپىيۇتېرنىڭ ئارقىسدىكى پىچىتىنى يىرتىۋىتىپتۇ، بارماق دىسكىدىن بىرنى رەسىم باركەن دەپ بەرمىدى، مەن شەندوڭدا چۇشكەن رەسىمىمدىن باشقا رەسىم يوق دىسەم ئاڭلىماسقا سالدى، مەن بوپتۇ دۇنياغا ھامان بىركۈن تۇيارسەن دەپ ئىچىمدە يېنىپ چىقتىم ،G 8 بارماق دىسكىمۇ يوق بولدى. مېنىڭ ئىشىم مەسئۇل بولغان بىرساقچىنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىغان بولسا كېرەك، «بارماق دىسكىنى نىمىشقا بەرمەيدىكەن، ئۆزى ھېچنىمە يوقكەن دىگەن تۇرسا، مەن تېلفڧۇن قىلىپ ئېلىپ بېرەي» دىدى، بىراق تېلڧفۇن ئۇلانمىدى،مەن: «بولدىلا،خىزمەتتىنمۇ ئايرىلىپتىمە، بىر بارماق دىسكا نىمىتتى، دىمەيلى» دىدىم. 2012 - يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۇمىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سانلىق يىغىنىدا مىنى خىزمەتتىن قالدۇرۇپتۇ.5-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ ئۇقتۇرۇش ماڭا يەتكۇزۇلدى. شۇنداق قىلىپ بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن 20يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم ئاخىرلاشتى. بىزنى «ھايۋان، باندىت، دېھقان، تەلۋە» دەپ تىللايدىغان مەكتەپ باشلىقلىرىمۇ، بىردىنلا مېنى ئەپچىقىپ كىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يىغىن ئېچىپ تىللاشقا باشلىدى. دىمەك بىزگە ۋاقتى كەلگەندە ھېچكىم مەسئۇل بولمايدىكەن، بۇ بالا مانداراق بالىتتى، بىز تەربىيلەپ كىتىمىز دەپ چىقىدىغان باشلىقلىرىمىزدىن بىرسىمۇ بولمايدىكەن، ھەممسى ئۆز جېنى بىلەن بولىدىكەن.
ئەگەر 20يىلدىن بىرى بىر توخۇ باقساممۇ توخۇ فىرمىسى قۇرالايىتتىم، قوي باقسام بىر پادىدىچى بۇلاتتىم، سودا قىلغان بولسام بىر سودىگەر بۇلار ئىدىم، يەر تېرىسام پىشقان دېھقان بۇلار ئىدىم، ئەپسۇس! تولىمۇ ئەپسۇس مەن ئەمدى ئەپسۇسلۇق بىلەن شۇنى دەيمەنكى: ھەرقانداق بىر كىشى چوقۇم بىر كەسىپ ئىگەللەش لازىمكەن، مىنىڭ خىزمىتىم بار دەپ ئىشىنىپ كىتىشكە بولمايدىكەن، مانا مەن ھېچقانداق كەسىپسىز، تولىمۇ تېڭىرقاپ قالدىم، ھەممە ئىشىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى.
بۇرۇنقىلارنىڭ «ئەركىشىكە 72خىل ھۇنەر ئازلىق قىلىدۇ» دىگەن ئۇلۇق سۆزنى ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ، ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ، ھەربىر كىشىنىڭ ئەستائىدىل ئويلۇنۇپ كۆرىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن!!!
ئادەم ئەتىسىنى پەرەز قىلالايدۇ، لېكىن بىلمەيدۇ. ئادەمنىڭ بىرەر ئىېغىز گېپىمۇ ئۇنىڭ ئەتىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشى مۇمكىن، راسىت گەپنى ئاڭلايدىغانلارمۇ كۆپ، راسىت گەپنى ئاڭلاشىنى خالىمايدىغان، ھەقىقەتتىن ئۆزىنى قاچۇردىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، بۇ مېنىڭ ھەقىقىي كەچۇرمىشىم، بەلكىم نۇرغۇن كىشلەر بۇنى يېزىشنىڭ نىمە زۆرۇرىيتى دىيشى مۇمكىن، بىراق بۇ بىر ھەقىقەت، باشقىلارنىڭ جەمئىيەتنى، كەلگۈسىنى چۈشىنىشكە پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ھازىر ئۆزىمىزنى قانچىلىك چۈشىندىغانلىقىمىزنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلمىسەك كېرەك؟!؟

                                                                 مەنبە: ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 2259 \ يوللانغان چېسلا: 2012-10-29
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ئابدۇللاھ \ يوللانغان چېسلا: 2012-10-30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،ئۆزىڭىز بىر ئىنسان،بىر بەندە بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىق ئىشلىرىڭىزنى قىلىۋېرىڭ(ئىتلار قاۋاۋىرىدۇ،كارۋانلار كېتىۋىرىدۇ!بۇ جاھان ئۆتنە جاھان).بۇ بىر سىناق،سىز ئاللاھنى ئويلىىغانكەنسىز ئاللاھمۇ سىزنى ئويلايدۇ ئىنشائاللاھ!ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ئۆزىگە باش ئۇرغۇزۇپ ئۇنى تاشلاپ قويمايدۇ.ئاللاھ سىزگە ۋە بارىلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رەھمەت قىلسۇن ئامىن!
يازغۇچى: torbajin \ يوللانغان چېسلا: 2012-10-31
نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق. تاسلا قالدىم ئۆزەمنى قويىۋىتىپ تولىغىلى.ھەي راستىنلا ئېچىنىشلىق تېراگىدىيە دىسەكمۇ بۇلىدىكەن.
يازغۇچى: رامىلە \ يوللانغان چېسلا: 2012-10-31
كوڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولدى . مۇتەللىپ دىگەنمۇ بىزدىن ھە ؟؟؟؟
يازغۇچى: boz togay \ يوللانغان چېسلا: 2012-10-31
alladin korkmay bir bandidin korkup namaz okuyman digan gapni yuraklik diyalmay,masqitta okux imkaniyitingiz bar turup yana maxiniga qikip mangginingizning jazasi ...iman`ga xak kaltursak akiwitimiz mana muxundak bulidu...alladin sizga koptin-kop hidayat tilayman...qin dillirngiz bilan iamn`ga kilixingizni alladin har wakit ham tilayli.......
يازغۇچى: yagilak \ يوللانغان چېسلا: 2012-11-01
بىزگە ئەڭ مۇھىمى بىلىم ۋە بىرلىك . دوستقا چۇشەندۈرمىسەڭمۇ ئۇ بىلىدۇ ،يات ياۋلارغا ھەرقانچە چۈشەندۈرسەڭمۇ چۈشەنمەيدۇ . ئىسىمىزدە بولسۇن قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ .
يازغۇچى: نۇردۇن \ يوللانغان چېسلا: 2012-11-01
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي قېرىندىشىم.....
يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2012-11-01
سىزگە بىر ئېغىز سۆز سوۋغا قىلاي:بىر كۈنلۈك ئۆمرىنى بەرگەن ئاللاھ بىر كۈنلۈك رىزقىنىمۇ قېتىپ بېرىدۇ!
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: