wisal stuido
جۇڭگودىكى "يېڭى سولچىللار" نىڭ ساداسى كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ


جۇڭگودىكى "يېڭى سولچىللار" نىڭ ساداسى كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ


جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ۋەزىپىدىن چۈشۈپ كەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بوشىلەينىڭ قوللىغۇچىلىرى جۇڭگو سىياسىي ساھەسىدىكى ئىناقسىزلىق سادالىرىنىڭ ئاھاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھازىرقى كومپارتىيە رەھبەرلىرى يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ تەڭسىزلىكنى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك تەنقىدلىدى.  
بۇ "يېڭى سولچىللار" ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى يەنىلا بىرقەدەر كىچىك بولۇپ ،كىشىنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغاپ كەتمەيدۇ.شۇنداقلا يۈرگۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالمىشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بىراق تور ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى دەۋرىدە جۇڭگو كومپارتىيە يۆلىنىشىنى چۆرىدىگەن ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ كۈرىشى تىز سۈرئەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر ۋە يېپىق يىغىن زاللىرىدىن ئاممىنىڭ نەزىرىگە كېڭىيىپ جۇڭگو كومپارتىيىسىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ تەنقىدلىرى جۇڭگو رەھبەرلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
يېڭى سولچىللار بولسا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى زاتلار ،ئەمىلى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ،يازغۇچىلار ۋە چەتئەلدىكى پائالىيەتچى زاتلارتەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان بىر چېچىلاڭغۇ مەزھەپ بولۇپ ،ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد پىلانىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋاستە قوللۇنىشىنى تەكىتلەيدۇ ،شۇنداقلا ماۋزىدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان قىممەت قارشىغا قايتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.يېڭى سولچىللار "ئۆتكەن 30يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى كىرىم پەرقىنى ناھايىتى چوڭايتىۋەتتى "دەپ بىلدۈردى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار بوشىلەينىڭ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىغا قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بوشىلەي ئىلگىرى يېڭى سولچىللارنىڭ ئەڭ مەشھۇر رەھبىرى ئىدى .
يېڭى سولچىللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن جۇڭگو كومپارتىيىسى مەلۇم دەرىجىدە تەڭپۇڭلۇق يۈرگۈزىشى كېرەك .دائىم دېموكىراتىيە ياكى كىشىلىك ھوقوقنى باھانە قىلىپ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرىدىغان سىياسىي پائالىيەتچى زاتلار بىلەن بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ،يېڭى سولچىللار ماۋزىدۇڭنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن بېكىتكەن كېلەچىكىنى قوغدايدۇ. يېڭى سولچىللارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بەلكىم جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرنى سەزگۈر مەسلىگە دۇچار قىلىشى،سىرتتىكىلەرنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تۈپ ئاساسىغا گۇمانىنى قوزغىشى مۇمكىن.
يۇتا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پروفېسسورى لىمىڭچى "بوشىلەينىڭ تەخىتتىن چۈشىشى، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ،ئىجتىمائىي مەسىللەر كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئىقتىسادىي ئەركىنلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى "دېدى.لىمىڭچى يېڭى سولچىللارنىڭ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ئادىل بايلىق تەقسىماتىغا بولغان تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. 
لىمىڭچى" تىرىشىپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش،تىرىشچانلىق بىلەن يەرلىكتىكى خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى يارىتىشنى ئۇنتۇش بولسا ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا چىقىرىلغان ئاساسلىق ئۇچۇرى"دەپ كۆرسەتتى،ئۇ قىزىل جۇڭگو تورىنى يۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشتى ،بۇ بىر كۈچلۈك دىققەت ئېتىبار قوزغىغان، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان تور بەت بولۇپ ،بوشلەي دېلوسىغا قارىتا ئىزچىل نېمە بولسا شۇنى دەپ كەلدى.
ئۇ "كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا بىز ئوخشاش بولمىغان زىددىيەتلەرنى،مەسىللەرنى ،ئىقتىسادىي جەمئىيەت كىرزىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئاشقانلىقىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن"دىدى .
سىياسىي ئانالىزچى زاتلار ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ياپۇنىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقىنى ،كۆك ياقىلىق ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ماۋزىدۇڭ رەسىمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،يۇقىرى ئاھاڭدا شۇئار توۋلىغان كۆرۈنۈشلەر ئايان بولغانلىقىنى ئېيتتى.جۇڭگو رەھبەرلىرى يېڭى سولچىللارنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى.نۇرغۇن نامايىشچىلار زىيارەت قوبۇل قىلغاندا كۆچ كۆرسۈتۈش ھەرىكىتىنىڭ بىرخىل نارازىلىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ،ئۇلارنىڭ جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى ئاجىز،بېيجىڭنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىقتىدارى كامچىل دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەركىتىدە جۇڭگو يېڭى سولچىللار تەپەككۇرچىسىنىڭ رەھبىرىدىن بىرى بولغان خەندېچاڭ بىر بوۋاينى بىر شاپىلاق سېلىپ ، بوۋاينىڭ ماۋزىدۇڭنى ھاقارەتلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ قول تەككۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر توردا تىز سۈرئەتتە تارقىلىپ ،تورداشلار بۇ ئىشقا قارىتا كۈچلۈك مۇنازىرە يۈرگۈزدى.بۇ ئىش خەلقنىڭ ماۋزىدۇڭنىڭ مىراسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساتتا ئۆتىگەن رولىداچوڭقۇر ئىختىلاپ مەۋجۇتلىقىنى ئاشكارىلىدى. 
گەرچە ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتى خەلق پۇلىدا نامايەن بولغان بولسىمۇ،سۈرئىتى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئېسىقلىق بولسىمۇ ،بىراق جۇڭگونىڭ يېقىنقى بىرقانچە رەھبىرى ئىزچىل ماۋزىدۇڭنىڭ كوممۇنىزىم تەجىربىسى ۋە جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ئېشىش ئوتتۇرسىدىكى چەك-چېگرانى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئايرىپ كەلدى.ماۋزىدۇڭ يېتەكچىلىك قىلغان بىرقاتار كوممۇنىزىم تەجىربىلىرى ئىچىدە نەچچە ئون مىلىيونلىغان جۇڭگولۇقلار ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي داۋالغۇش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن
ئۆتكەن 30يىلدا ،جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىككى خانىلىق سۈرئەتتە ئېشىپ ھەمدە تورمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ناھايىتى ئاز گۇمان پەيدا قىلغان .بىراق يېڭى سولچىللار ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئانالىزچى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە پۈتكۈل يەرشارى خارەكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىلىدە يېڭى سولچىللارنىڭ سادالىرى بارغانسېرى ئۇلغايغان.
يېڭى سولچىللار جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ باي نامراتلىق پەرقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىگە،ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشىگە شۇنداقلائۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگونىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا،ھازىرقى رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە كومپارتىيە پارتىيە قۇرۇش پىرىنىسىپىدىن چەتنەپ كەتتىمۇ يوق دىگەندەك مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.جۇڭگو كومپارتىيىسى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېچىلىدىغان، ھەر ئون يىلدا بىر كىلىدىغان رەھبەرلىك ئالمىشىش قاتلىمىغا تەييارلىق كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا بۇخىل گۇمان ئاۋازلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
سىياسىي ساھەدىكى كۈچلۈك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە زات شۇنداقلا ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى سىياسەت بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرىشىدىن ئۈمۈد بولغان نامىزات بوشىلەي يېڭى سولچىللارنىڭ كۈچلۈك ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ،2007-يىلدىن 2012-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر چۇڭچىڭدا چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خىزمىتىنى ئۆتىگەن. ئۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر قاتار ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەمدە شۇ شەھەردىكى نامرات نوپۇسقا ياردەم بېرىپ، بىر مەيدان چىرىكلىشىشكە قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرگەن .ئۇ يەنە ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىكى نۇرغۇن ئۇسۇللارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ،مەسىلەن قىزىل ناخشا ئېيتىش دىگەندەك.
بۇيىل ئۈچىنچى ئايدا بوشىلەي چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ ،مۇشۇ يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى پارتىيىلىكتىن قالدۇرۇلدى.ئۇ بەلكىم پارىخورلۇق ۋە ئايالى گۇكەيلەيگە قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ تەكشۈرىشىدە ھوقوقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دىگەندەك شىكايەتلەر سەۋەبلىك سوتلىنىشى مۇمكىن .بۇيىل 8-ئايدا گۇكەيلەيگە ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا چۇڭچىڭدىكى بىر مېھمانسارايدا ئەنگىلىيىلىك سودىگەر خېلۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن دىگەن جىنايەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلدى.
دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرى بوشىلەينى تۇرمۇشى چۈشكۈنلەشكەن ،جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ بېكىتكەن رەھبىرىي كادىرلار ھەرىكەت مىزانىنى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەر دەپ تەسۋىرلىدى. بىراق بوشىلەينىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ توردا يەنىلا زور تەسىرى كۈچى بار، ئارىسىسىكى نۇرغۇن كىشى مىكروبىلوگ ئارقىلىق پىكرىنى بايان قىلىدۇ. يېڭى سولچىللارنىڭ پائالىيەتچىسى سىمانەننىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدىكى ئەگەشكۈچىسى 500مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ دائىم سىنا مىكروبىلوگى ئارقىلىق بوشىلەي دېلوسىنى مۇنازىرە قىلىدۇ.
قانچىلىغان دىققەت ئېتىبارى كۈچلۈك ماۋزىدۇڭ ئېدىيىزىمچىلىرى تور بەتلىرىنىڭ بوشىلەي ۋەقەسى سەۋەپلىك ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئورگىنى تەرىپىدىن نەزەرگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. يۇتا ئونۋېرسىتىتى پىراففېسورى ماجۈنچى ئۆزى يۈرگۈزۈشكە قاتناشقان قىزىل جۇڭگو تورىنىڭ بۇيىل 3-ئايدا تۇنجى قېتىم خاككىرلارنىڭ ھوجۇم قىلىش ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇيەنە بۇيىل 4-ئايدا بوشىلەي سىياسىي بيۇرودىن قوغلانغاندىن كېيىن، قزىل جۇڭگو تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سولچىل تور بەتلەر پۈتۈنلەي تاقىتىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تور بېتىنىڭ چەتئەلدە ناھايىتى تېز قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق توربەتنى تاقىتىۋەتكىنلىكى توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلمىدى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى يەنى بوشىلەي پارتىيىلىكتىن ئېلىپ تاشلانغان كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيىسى باشقۇرغان "نۇر گېزىتى"توربېتىدە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، بوشىلەي ئاقىۋىتى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مىخانىزىمىنىڭ بىر تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى دېيىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگىنى 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە داۋاملاشقان جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.
9-ئايدا ھوقوق تۇتىۋاتقان چوڭلاردىن بىرى بولغان يېڭى سولچىللار تەشەببۇسچىسى خەندېچاڭ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن توردا بىرپارچە ماقالە ئېلان قىلىپ ئىنكاسىنى بىلدۈردى. بۇ ماقالە سولچىل توربەتلەر تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلدى، ئېنىقكى بۇ ماقالە جۇڭگو تور تەكشۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرىۋېتىلمىدى. ماقالىدە، بوشىلەي ئوتتۇرىغا چىقارغان چۇڭچىڭ ئەندىزىسى پەقەت چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىزچىل خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە بوشىلەي خىزمىتىدىن قالدۇرۇلىشتىن بىرقانچە يىل بۇرۇن يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ چۇڭچىڭغا بولغان ئالقىشلىرى چۇڭچىڭ ئەندىزىسىنىڭ ئىلگىرى جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن زىت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان
9-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىرقانچە كۈندە نەچچە مىڭ ئامما ياپۇنىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، قاتتىق ئېھتىيات بىلەن تۇرغان كونسۇلخانىغا تۇخۇم ۋە سۇلياۋ بوتولكىلارنى ئاتقان،9-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپۇنىيە كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىدا خەندېچاڭ بىر بوۋاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ شۇنىڭدىن كىيىنلا پۈتۈن دۆلەت ئىچى مىقياسىدىكى بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان تىمىغا ئايلىنىپ قالغان.  
خەندېچاڭ توردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىككى ياشنىڭ "ماۋجۇشى! بىز سىزنى سېغىندۇق"دىگەن خەت يېزىلغان بىر كىرلىكنى ئېگىز كۆتۈرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر بوۋاينىڭ يېقىنلىشىپ رەئىس ماۋزىدۇڭنى ھاقارەتلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. باياناتتا خەندېچاڭ بۇ بوۋايغا قايتۇرما زەربە بېرىپ بوۋاينى خائىن دەپ بوۋاينى بىر شاپىلاق سالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەندېچاڭ مۇخبىرلار زىيارىتىنى رەت قىلدى، بوۋاينىڭ سالاھىيىتى بولسا تېخىغىچە ئاشكارىلانمىدى. خەندېچاڭنىڭ بوۋاينى ئۇرغان قىلمىشى جۇڭگودا ئومۇمىي يۈزلۈك تەنقىدكە ئۇچىرىدى، خەندېچاڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، باياناتىدا باشقىلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش رەھبىرىنى ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى ئېيتتى. 
 

تەرجىمە قىلغۇچى: قەلبىنۇر
مەنبە: http://cn.wsj.com/gb/20121008/bch092003.asp?source=whatnews2


                                                                         مەنبە: سودىگەرلەر تورىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 5383 \ يوللانغان چېسلا: 2012-11-26
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: