wisal stuido
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايى


ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايى

 

قانۇننى كۆزگە ئىلمىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.
ئاپتۇنۇم قانۇنى بويىچە ھوقۇق مەنپەئىتىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز لازىم. تۆۋەندىكىسى زۇلپىقار بارات ئاكىمىزنىڭ بىر توردىكى ئىنكاسى:

مەن بۇ قانۇننى جەنۇپتىكى رامىزاندا ئاچماسلىقنى قارار قىلغان ھەر بىر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ يوغان بېسىپ چىقرىپ، تامغا چاپلاپ ئسىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇقىملىقنىڭ يوشۇرۇن ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئشىلار كۆپيىپ كېتىۋاتىدۇ. رامىزاندا ئاشخان ئېچشقا زورلاش، مەسچتنىڭ ئۈستىگە بايراق قاداش، ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ ئشىنى بېجىرىپ بەرمەسلىك، مېيت نامىزىغا كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى يېزىدىن تەستىق سېلىپ بېكتىشىش قاتارلىق بىمەنە ئشىلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ. جۈملىدىن مەزكۇر قانۇنغا خىلاپ.
مەن ئۇيغۇر ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىنى، بۇ ئشىتا بوزەك قىلىنۋاتقان ئاممىغا يول كۆرستىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھېلىمۇ سۈكۈتلىرىمىز يېتەر.بولۇپمۇ ئەمدى ماۋۇ ئادىل قانۇندەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈچەيدىغان ۋاقتى كەلدى.
ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەزكۇر قانۇنغا ئاساسلانغاندا:
1. پۇقرالارنىڭ رامىزاندا ئاشخانا ئېچىش ئاچماسلىقى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، سودا-سانائەت ئىدارىسنىڭ ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ بۇيرۇقى قانۇنغا خىلاپ، جۈملىدىن مەزكۇر قانۇن بىلەن چەكلىنشكە تېگشلىك.

2. ھىجابلانغان ئاياللارنى دوختۇرغا ئالماسلىق، كەسپىنى بېجىرىپ بەرمەسلىك ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەزكۇر قانۇنغا خىلاپ. ئەرىز قلىش كېرەك.

3. مەسچىتنىڭ ئۈسىتىگە بايراق ئېسىش ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەزكۇر قانۇنغا خىلاپ، بۇ قىلمىشنى پەيدا قىلغۇچى ئورۇن ئۈسىتدىن يۇقىرىغىچە ئەرىز قىلىش كېرەك.

4. ساقالغا چەك قويۇشمۇ بۇ قانۇنغا خىلاپ.

دېمەك ھازىر، قانۇنسىز بەلگىلىملەر قانۇنلۇق ئشىلارنى قانۇنسىز قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھېچقاچان بۇنداق بەلگىلىمە چىقارغان ئەمەس. بۇنداق ئشىتا كوللكېتىپ بولۇپ، ھاياجانلانماي تۇرۇپ بېيجىڭغىچە ئەرىز قىلىپ بېرىش كېرەك. چىڭ تۇرسە ئاخىرى ئۇتۇپ چىقىش مۇمكچىنلىكى بار.

مەن ئۇيغۇر، ئەمما تروروچى ئەمەس. مەن مۇقىملىقنى سۆيىمەن، ئەمما مۇقىلىمقنى بۇزۇۋاقتىنى مەندەك پۇقرالار ئەمەس، مۇشۇنداق قانۇنسىز بەلگىلىملەرنى چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىگە تاجاۋۇز قىلۋاتقانلار.

مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن. ۋەتەننىڭ بىر پۇقراسى بولۇش سۈپتىم بىلەن ھۆكۈمەتكە بۇنداق تەكلىپ بېرىش ھوقۇقۇم ھەم مەجبۇريتىم بار. باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق.
ھازىر تۆۋەندە مۇقىملىقنىڭ يوشۇرۇن ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتقىنى ئاۋام ئەمەس، ھوقۇقىنى قالايقىمغان ئشىلىتىپ، ئۆرپ-ئادىتمىزگە بۇزغۇچنلىق قىلىدىغان، غۇرۇرىمىزنى پايخان قىلىدىغان قانۇنسىز بەلگىلىملەرنى چىقرىۋاتقان ئاز بىر قسىم ئەمەلدارلار. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاشۇنداق يرگىنشلىك ئەمەلدارلارغا نەپرەت بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ قىلۋاتقىننى يۇرتىمىزنى ئەمىن قىلىش پلانىغا زىت. ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭغا ئېتراز بىلدۈرىدۇ.

غۇرۇرىمىز ئوچۇقتىن ئوچۇق پايخان بولۇۋاتىدۇ. خۇسۇسەن مەن بۇنداق توشقانچە ياشاشتىن
جاق تويدۇم.

توشقانچە ياشاشنى سالماقلىق ۋە سۈكۈت دەپ چۈشەنگەن بارلىق ئۇيغۇر زىياللىرىغا شۇنداق دەپ ۋارقىغۇم بار: «سۈكۈت جىنايەت». سىلەرنىڭ ئاشۇ سالماقلىق، سۈكۈت ئۆلچمىڭلار بارلىق مەسللەرنىڭ مەنبەسى.
بىز بۇ ئەھۋالدا قانۇنلۇق يوسۇندا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟

1. تېلېفون ئۇرۇپ، ئاڭلسۇن ئاڭلىمسۇن شۇ ئورگانغا نارازىلىقىمزنى بىلدۈرسەك تامامەن بولىدۇ. بۇنداق تېلفون قانچە كۆپ بولسا ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى بولىدۇ. ھاياتىڭىزدا بىرەر قېتىم تېلفون قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
2. مۇشۇنداق تېمىلارنى نەچچە نۇسخا بېسىپ مۇناىسۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىپ بەرسەك ھامان ئۈنۈمى بولىدۇ.
3. قانۇنسىز ئشىلار توغرۇلۇق توختىماي ئەرز-شېكايە قلىش كېرەك.
4. يوللارنى توراپ قانۇنسزلىق قىلۋاتقان كۈزەتكۈچى ئېنى-سڭىللىرىمىزنىڭ ناھايىتى سەسكىنشلىك ئىش قىلۋاتقىنىنى، نومۇسلۇق ئىش قىلۋاتقىنىنى چىرايىلىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەك.
5. بۇنداق پاكتىلارنى ئىزدەپ-سوراپ، سىنغا-كامېرغا ئېلىپ تورغا چىقرىشىمىز كېرەك.
6. ئۇيغۇر ئادۋوكاتلار توردا باشقا ئسىمدا كىرىپ بولسىمۇ بۇ ئشىلاردا يول كۆرستىشى كېرەك.
7. مۇھەممەد سالىھ داموللا، مىرسۇلتان ئوسمانوف، مۇھەممەد رەھىم، توختى باقى، غازى ئەھمەد قاتارلق يېشى 80نىڭ ئۆپچۆرىسنى ئالغان زىيالىلار ئاپتونوم رايونغا ئىمزالىق تەكلىپ سۇنۇشى كېرەك.
8. ئەڭ ئاخىرىدا «مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن !» دەپ ياشاۋاتقانلار، توشقاندەك ئاۋايلاپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر زىيالىلار تۆۋە قىلىشى كېرەك.

9. بۇ تىرشچانلىق بىلەن ھېچش ئىش قىلالمىغان تەقدىرىمۇ «بۇ ئشىلار بلەن نېمە ھەل بولاتتى، ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي» دەۋاتقانلار ئاغزىنى يۇمۇشى كېرەك. ھېچبولمىسا باشقىلارنىڭ قىزغننلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىكى كېرەك.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ مەنىسى چوڭقۇر ۋە ھازىر رېئاللىقىمىزدا ئسىپاتلىنىۋاتقان ماقال قايسى؟

قورقۇنچاق مىڭ قېتىم ئۆلىدۇ.

بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى ئسىتىمالغا ۋە راھەتكە ئىنتلىپ يەنە ئادەمدەك ياشغىلى ۋە ۋەتەننى چىن مەنىسى بىلەن سۆيگىلى بولامدۇ؟
بولمايدۇ. ئىككى سۆيگۈنىڭ بىرسى يالغان بولغان بولۇپ چىقىدۇ. راھەتپەرەسلىك ۋە يۇقىرى ئسىتمال غۇرۇرنى ئۆلتۈرىدۇ.

بىر تېما ئېسمگە كەلدى: «گالدىن ئىلىنىش ۋە لالمىىشىش» 
 

                                                                   مەنبە: كۆكلەم مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 808 \ يوللانغان چېسلا: 2012-11-29
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: