wisal stuido
«مۇستەبىت» دېگەن ئاتاقنى كىملەر ئۆزىگە ئېلىۋالدى؟


«مۇستەبىت» دېگەن ئاتاقنى كىملەر ئۆزىگە ئېلىۋالدى؟
 

خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايتتىم، لېكىن، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا بەك چوڭ ئىشلار بولدى، گەپ قىلماي تۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن، «سىياسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش: دۆلەتنىڭ ئۆزگۈرىشىدىكى ھەل قىلغۇچى شەرت»، «ئوتتۇرا شەرق پارچىلانماقتا»، «دۇنيا مۇستەبىتلەرنى ۋەھىمىگە سالماقتا» سەرلەۋھىلىك ئۈچ پارچە ماقالە يېزىپ، يۈزەكى قاراشلىرىمنى دەپ باقتىم.
«دۇنيا مۇستەبىتلەرنى ۋەھىمىگە سالماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە چەتئەلدىكى ئىشلار سۆزلەنگەن ئىدى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا توغرىلىق بىرەر ئېغىزمۇ گەپ بولمىغان ئىدى، شۇنداقلا يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنىڭ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن.
كەمىنە مۇئەللىپكە مەخسۇس ستون ئېچىپ بەرگەن بىر تور بېكەتتىن بىرىنچى بولۇپ خەۋەر كەلدى: سەزگۈر مەزگىلدە ئېلان قىلماي تۇرايلى دېيىشتۇق. توۋا دەيمەن: ئادەتتىكى چاغلارغا ئوخشاش تۇرمامدۇ، ۋەزىيەت چوڭ ياخشى، ھەممە يەردە ئىناقلىق بولىۋاتسا، «سەزگۈر» بولۇپ قالغىنى قانداق گەپتۇ؟ يېرىم كۈن ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىدىم.
ئارقىدىنلا يەنە بىر تور بەت تەھرىرىدىن خەت كەلدى: ئېلان قىلىشنى قىلدۇق، لېكىن قانچىلىك ۋاقت ئۆچۈرۈلمەي تۇرىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئۇۋال بولغاندەك ئويلاپ قالدىم، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى مۇستەبىتلەر ھەققىدىكى بىر ماقالە قانداق بولۇپ ئادەم قورقۇتىدىغان ماقالە بولۇپ قالغاندۇ؟ تەھرىر خاتا دېمەپتىكەن، ماقالە تۆت كۈندىن كېيىنلا ئۆچۈرۈلدى، شۇ بەت ئېچىلمىدى.
ئۈچىنچى تور بەت تەھرىرىدىنمۇ خەت كەلدى: بېسىم بولغانلىقتىن ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق. كۆڭلۈم غەش بولۇپ، شۇ بەتنى چېكىۋېدىم، «بۇ ماقالە تەستىقلىنىۋاتىدۇ ياكى ئۆچۈرۈلگەن» دېگەن ئۇچۇر چىقتى. بۇمۇ تۈگىشىپتۇ. كۆزۈمگە ياش كەلدى، «بىچارە ماقالەم، سەن قانداق يالغان گەپلەر بىلەن پۈتۈلگەن بولغىيتىڭ، سەن نىمانچە شور پىشانە» دېدىم ئىچىمدە.
راستىنى ئېيتقاندا، ماقالىدە باشقا گەپلەرمۇ يوق ئىدى. ئىشەنمىسىڭىز، گوگېلنى ئېچىپ «چېن شىڭجى، دۇنيا مۇستەبىتلەرنى ۋەھىمىگە سالماقتا» دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىڭىز، بىر تالاي تور بەتكە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈسىز. بەزى تور بەتلەردە «سىز زىيارەت قىلماقچى بولغان تور بېتى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ ئۇچۇر چىقسىمۇ، كۆپ قىسىم تور بەتلەردە بۇ ماقالە يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. ئوقۇپ باققانلار بىلىدۇ، بۇ ماقالىدە راستىنلا باشقا گەپلەر دېيىلمىگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، تەھرىرلەر نىمىشقا شۇنچە قورقۇپ، ئۆڭسىلى ئۆچۈپ كېتىدىغاندۇ؟ قەيەرلەردىن بېسىم بولغاندۇ؟ مەن سورىماپتىمەن، تەھرىرلەرمۇ دەپ بەرمىدى، مۈجىمەل پېتى قالدى.
كۆڭلۈمدە يەنىلا تەن بەرگۈم كەلمىدى. پەنجىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلاندىم. نېمە ئۈچۈندۇر، توساتتىن ھەيران قالدىم: «مۇستەبىت» دېگەن ئاتاقنى ئۆزىگە ئېلىۋالغان ئادەملەر بار ئوخشىمامدۇ؟ مۇستەبىتلەر ھەققىدە يېزىلغان بۇ ماقالە كىملەرگىدۇر تېگىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ شۇ ئادەملەرنىڭ ئىرادىسى مەلۇم يوللار بىلەن يەتكۈزىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ بىزگە گەپ قىلىش ئۇسۇلىڭنى ئۆزگەرت دەپ ئىشارەت قىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا، دۇنيادىكى زالىم-مۇستەبىتلەرنى نېمە دەپ ئاتىساق بولىدىغاندۇ؟ ئادالەت-ھەققانىيەتنى يەنە مەنىۋىي تۈۋرۈك قىلالارمىزمۇ؟ بۇ تۈۋرۈكتىن ئايرىلساق، تىك تۇرالارمىزمۇ؟ ئەگەر قەددىمىزنى تىك تۇتالمىساق، ئىنسانلىقىمىزنى قانداقمۇ نامايان قىلارمىز؟
ھەي، كىتاب مەستانىسى دېگەن شۇ كەندە. كىتابنى ئوقۇۋېرىپ، كاللاڭدىن كېتەي دەپ قاپسەن. «دۇنيا مۇستەبىتلەرنى ۋەھىمىگە سالماقتا» دېگەن نېمە گەپ ئۇ؟ ۋەھىمىنىڭ نېمىلىكىنى ئۆزۈڭ ئاۋال تېتىپ باققىنا!

ئاپتورى: چېن شىڭجى.
مەنبە: سىنا تورى.
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4605e7430100us9r.html
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورىدىن پاۋان.


كۆرۈلۈشى: 616 \ يوللانغان چېسلا: 2012-12-14
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: