wisal stuido
پۇقرالىرىنى ئەڭ قوغدايدىغان دۆلەت - جۇڭگو


پۇقرالىرىنى ئەڭ قوغدايدىغان دۆلەت

 

دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ پۇخرالىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى پەرقلىق بولىدۇ. بەزىلىرى پۇخرالىرىنىڭ ئۆلەر تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. دەۋاتقانلىرىمىز چەتئەلگە چىققان پۇخرالار ھەققىدە. بەزى دۆلەتلەر بىر ئادەتتىكى پۇخراسى چەتئەللەردە بىر نېمە بولسا تىك تۇرۇدۇ. ئىلگىرى تۈركىيەنى مانا شۇنداق دەپ قارىشاتتى. ئەمما كېيىنكى چاغلاردا تۈركىيەمۇ پۇخرالىرىغا ئىگە بولالمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ، نېمە. تۇققان يوقلاپ كەلگەن تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنىنى ھۆكۈمىتىمىز ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن تۈرمىلەرگە قاماپ قويۇپ، قورقۇتقان ئىشلار بولغان بولسىمۇ، تۈركىيە ھىچنېمە دېيەلمەي ئولتۇردى.
ئامېرىكىنى بەك ماختىشىدۇ، بىر پۇخراسى ئۈچۈن جېنىنى تىكىدۇ، دەپ. ئەمما ئۇ ھەقتىكى مىساللارنىمۇ كۆرۈپ باقتۇق. ئانچىۋالا ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسكەن. لېكىن، دۇنيادا پۇخرالىرىنى ياخشى كۆرۈش، قوغداش، ئاسراش جەھەتلەردە جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ دەپ قارايمەن.

بۇنداق دېسەم سىلەر چوقۇم مېنى ئىنقىلابىي كادىركەن دەپ قالارسىلەر ھەقىچان. ئەمما مەن سىلەرگە ئۆزەم بىلىدىغان ئەمەلىي پاكىتلارنى دەپ بەرسەم چوقۇم قايىل بولماي قالمايسىلەر.

بىر ساياھەت ئۆمىكىنىڭ بىر قېتىملىق تۈركىيە ساياھىتى ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى دەي. ھازىر تۈركىيەگە پات-پات ساياھەتچىلەر بېرىپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى، بىلىسىلەر. (يالقۇن روزىمۇ بېرىپ كەپتۇمىشقۇ، ئاينىكا). بۇنىڭغا قاتنىشىش شەرتلىرى شۇنداق: بىر ھەپتىلىك ساياھەت ئۈچۈن 20000 سوم، زاكالەت ئۈچۈن 30000 سوم تاپشۇرۇش كېرەك. بۇ زاكالەت دېگىنى ساياھەتكە كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ تالادا شامالداپ قالماسلىقى ئۈچۈن. بۇندىن باشقا، دۆلەتتىن مائاش ئالىدىغان ئىككى نەپەر خىزمەتچى كېپىل بولۇپ قول قويۇشى كېرەك، بۇمۇ ساياھەتچىنىڭ تالادا شامالداپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۆيۈنۈپ بولۇۋاتقان ئىش (پارتىيە ئۆزى ۋاكسىنا ئۇرۇۋەتكەن ۋە شامالدىمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلەرگە بۇنداق كېپىللىك تەلىپى بولماسلىقىمۇ مۈمكىن. بۇنى يالقۇن روزىدىن سوراپ بىلىشكە بولۇدۇ) . مانا شۇنداق قىلىپ، 20كۈن كۈچكە ئىگە دەپ تامغا بېسىپ قويۇلغان پاسپورت تەييار بولۇدۇ. ئەمما بۇ پاسپورت ئاق رەڭلىكمۇ؟ كۆك رەڭلىكمۇ پاسپورتقا رەسىمى چاپلانغان ساياھەتچى ئۇنى كۆرمەيدۇ. ئۆمەك باشلىقىنىڭ سومكىسىدا تۇرۇدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ، يەسلى بالىلىرىدەك قاتار تىزىلىپ، ئايىسىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشىدۇ. پاسپورت كونترولىغا كەلگەندە قاتاردىكى كىشىنىڭ پاسپورتىنى چىقىرىپ، ساقچىغا بېرىدۇ. ساقچى ئۇنىڭغا سېلىشتۇپ، تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن پاسپورتنى يەنە ئۆمەك باشلىقىغا تاپشۇرۇدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنىلا پاسپورتىنى كۆرمەي، ئۆمەك باشلىقىنىڭ سومكىسىدا بارلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ھالدا مېڭىشىدۇ.

تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئايروپورتتا ئۆمەك باشلىقى شاپاشلاپ يۈرۈپ بۇ ئوقۇمىغان دىھقان بوۋايلار، شۇنىڭدەك گالۋاڭ ئادەملەرنى قاتارغا تىزىپ، گەپ تاپىلىغاندىن كېيىن، ئۆزى ئۇچقاندەك پاسپورت كونترول كانتىرىغا كېلىدۇ-دە، بىرىنچى ئادەم تۆشۈكنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەنلا، بىرىنچى ئادەمنىڭ پاسپورتىنى چىقىرىپ ساقچىغا سۇنۇدۇ.

ئەسلىدە تۆشۈك ئالدىغا بىردىن كېلىش پۈتۈن دۇنيادا ئومۇمىي قائىدە بولغاچقا، ئۆمەك باشلىقىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋېلىشى ساقچىغا غەلىتە تۇيۇلۇدۇ.

— Siz geçiniz دەيدۇ ئۇ.
— مەن دېگەن ئۆمەكنىڭ مەسئۇلى، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرى مەندە. شۇڭا ئۇلارنى تونۇپ، پاسپورتنى ئۆزەم تېپىپ، سىزگە سۇنۇپ تۇرۇشۇم كېرەك.
— Allah, Allah! Bunlar birer salak mı yoksa, kendi pasaportları tutamıycak kadar? (ئاللا، ئاللا، بۇلار ئۆزىنىڭ پاسپورتلىرىنى تۇتالمايدىغان دەرىجىدە كالۋامۇ؟)
ئەمما قەيسەر ئۆمەك باشلىقى قىلچىلىك قىزارمايدۇ. چۈنكى تاپشۇرۇق شۇنداق، ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ؟ مانا شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆتۈدۇ. بىرھەپتە ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ مەلۇم يەرلىرىدە ئايلاندۇرۇپ، خۇددى تۈگمەنگە ئاپىرىپ سۇغارماي ئەكەتكەندەك، (پاسپورت داۋاملىق ھېلىقى سومكىدا) ئۇلار كۆرمەكچى بولغاننىڭ كەينىگە كىرمەي، بۇلار ئۆزى ئۇقۇشقان ئاقمىغان يەرلەردە ئايلاندۇرۇپ، قايتىشىدۇ.

ئەمدى ئەمەلىي بىر ئۆرنەكنى دەيلى: مەن تونۇيدىغان بىر بوۋاي بارىدى. بۇ ئادەمنىڭ تۈركىيەدە بىر جىيەن ئوغلى ياشايتى. خېلى ئۇزاقنىڭزى كۆرۈشمىگەچكە بالىلىرىغا يىغلاپ، بۇ ئۆمەككە يېزىلدۇرۇدۇ. قېرىغان ئادەمنىڭ ساياھەتكە قىزىقمايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، بولۇپمۇ ساياھەتكە ئادەتلەنمىگەن ئۇيغۇر قېرىلىرى تېخىمۇ شۇنداق. ئانام دەيدىغان ئادەم قېرىغانسېرى جاھان تاتلىق بولۇپ كېتىدىكەن دەپ. خۇددى شۇنداق بۇ ئادەمگە ئوخشىغان قېرىلار ئۈچۈن ساياھەتنىڭ قىزىقى يوق، ئەكسىچە پۇل تېخىمۇ تاتلىق بولۇدۇغۇ؟ بىزنىڭ بۇ بوۋاي ئەسلىدە بۇ ئۆمەككە يېزىلىپ تۈركىيەگە بارسام، ساياھەتنى قويۇپ جىيەنىمنىڭ ئۆيىدە تۇققانچىلىقنىڭ ھەسرىتىنى يېشىپ، پۇخادىن چىقىپ كەلمەمدىم دەپ ئويلىغان-دە.

مانا شۇنداق قىلىپ، يوقۇرىدا زىكرى قىلىنغاندەك تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسى بەجا كەلتۈرۈلۈپ، پۇللار تاپشۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەت مەمۇرىنى تېپىپ كېپىللىككە قول قويدۇرۇپ. سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. سەپەردىن بۇرۇنلا خەۋىرى بولغان جىيەن ئاشۇ كۈنى ئايروپورتتا كۈتۈپ تۇرۇدۇ. شۇ يەردە چالا كۆرۈشكەندىن كېيىن مەلۇم بولۇدۇكى، بوۋاينىڭ خەجلىگەن پۇلى بىكارغا كەتكەندەك تۇيۇلۇدۇ.

— يولدىن كەلدى، ھېرىپ كەتتى، دەم ئالمىسا بولمايدۇ، — دەپ ئاسرايدۇ ئۆمەك باشلىقى.

بۇ ئاسرىلىش بوۋايغا بەك يېقىپ كەتمەيدۇ. كىچىك بالىلارمۇ ئۆزلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي، زىيىنىغا قەغىشلىك قىلىدۇ ئەمەسمۇ. توغرا چۈشۈنۈشكە بولۇدۇ.

جىيەن يىگىت ئەتىسى كۈندۈزدە مىھمانخانىغا بارسا ئۇلار ئەتتىگەندىلا ساياھىتىنى باشلاپ كېتىپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن تاكى قايتىدىغان چاغقىچە تاغىسىنى كۆرەلمەيدۇ. ھەركۈنى ئۇقۇشۇپ تۇرغاچقا، ئۇلار مىھمانخانىغا قايتىپ كەلگەن ئاخشىمى جىيەن يېتىپ بارىدۇ. ۋە ھېلىقى ئۆمەك باشلىقى ياش قىزغا يالۋۇرۇشنى باشلايدۇ. مۇشۇ ئاخىرقى كېچىنى بولسىمۇ مېنىڭكىدە قونۇپ قالسۇن، مەن ئەتە سەھەردىلا ئەكىلىپ تاپشۇرۇپ بېرەي دەپ قاخشايدۇ. ئەمما، پىرىنسىپجان قىز قەتئىي ئۇنىمايدۇ. "يولدىن كەلدى، دەم ئالمىسا بولمايدۇ!" "بولمىسا سىزمۇ بىللە بېرىڭ" "قالغانلارغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك، ئۇلارنى تاشلاپ قانداق كېتىمەن؟" "ئەمىسە، ھەممىڭلارنى تەكلىپ قىلاي"

مانا شۇ يېرىگە كەلگەندە قىز ئىلاجىسىز راست گەپنى قىلىدۇ: "ئەسلىدە مېنىڭ سىز بىلەن سۆزلۈشۈپ ئولتۇرۇشۇممۇ توغرا بولمايتى، مېنى مەجبۇرلىماڭ، تەڭقىسلىقتا قالدۇرماڭ. رۇخسەت بېرەلمەيمەن. مەن بۇلارنى ساق-سالامەت تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەكەلدىم، ساق-سالامەت ئاپىرىپ تاپشۇرۇشۇم كېرەك" ۋاي، بۇ قېرى ئادەمگە بۇ يەرلەردە خېرىدارمۇ يوق، ئۇنى بۆرى يەپمۇ كەتمەستى. ... ئەمما قىز قەتئىي رەت قىلىدۇ. ھېرىپ كەتكەن قىز جىيەن ئوغۇلنىڭ غەۋغاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاخىرى:

— ئەتە ئىككى سائەت رۇخسەت بېرەي، ئائىروپورتقا چىقىشتىن تۆرت سائەت بۇرۇن. سىز ئۆزىڭىز ئائىروپورتقا يەتكۈزۈپ ئەپچىقىپ تاپشۇرۇپ بېرىڭ ئەمىسە.
ئۇھ، مانا شۇنداق قىلىپ جىيەن قايتىدۇ. تاغا –جىيەن بەئەينى كاككۇك –زەينەپنىڭ كۈنىگە قالغاندەك بولۇدۇ.

ئەتىسى يەنە بارىدۇ. ئۆمەك باشلىقى كادىر قىز ئەسلىدە ئۇنى زېرىكىپ كەلمەسمىكىن دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۇنى كۆرۈپ تەرى تۈرۈلۈدۇ. "مانا بىللە بولۇۋاتىسىلەر، بولمىدىمۇ، ئائىروپورتقا چىقىدىغان چاغقىچە بىللە بولۇپ، كېيىن بىز بىلەن بىللە چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ زادى نېمە قىلماقچىدىڭىز؟" دەيدۇ ئۇ. جىيەن ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئەسلىتىپ تۇرۇۋېلىپ، ئاخىرى تاغىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ. نېمە قىلاتتى دەيسىز، بىز خەق يولداشلاردەك ئىككىمىز بىريەرگە كەلسەكلا تاماق گېپىنى قىلمىغان بىلەن تاماقنىڭ ئۆزىنى قىلمىساق ئۇنىمايمىز ئەمەسمۇ؟ خۇددى بىرسى ئاچ قالغاندەكلا، تاماق بېرىۋالمىساق ھىچنەرسىنى ھىساپ قىلمايمىز.

ئۆيدە تەييارلىق تەل ئىدى. كېلىشىگىلا تاماق داستىخانغا كېلىدۇ. ئەمما بوۋاينىڭ تاماق بىلەن نېمە ئىشى، ئۇيغۇرچۇلۇق-دە، تاماق بولمىسا بولمايدىغاندەك. شۇنداق قىلىپ، ئاشنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ، سائەت ئېسىدىن چىقىپ كېتىدۇ! بىر چاغدا قارىسا ئىككى سائەت ئۆتۈپ بولغان! ئەسلىدە بۇ ئايروپورتتا ئۇچرۇشۇش ۋاقتى. گەرچە ئۇچاققا كەڭ تاشا ئۈلگۈرۈدۇغان بولسىمۇ، كادىر قىزغا بەرگەن ۋەدە بار-دە.

ھاپىلا-شاپىلا تالاغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇچرىغان بىر تاكسىنى توسۇپ ئۇنىڭغا يۈكلۈنۈشىدۇ-دە ئايروپورتقا ئاتلىنىدۇ. مانا شۇ يول ئۈستىدە جىيەننىڭ يانپۇنى چالىدۇ. قارايدۇكى، ئۇزۇن يوللۇقتەك قىلىدۇ.

— ئالو! — مەلۇم بولۇدۇكى، تېلىپۇن يۇتتتىن، بوۋاينىڭ ئۆيىدىن كەلگەن. "نېمە گەپ ئۆزى؟"

"خاپا بولماي دادىمىزنى قويۇپ بەرگەن بولسىڭىزكەن، بىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن... " دەپ يىغلاپ كېتىدۇ بوۋاينىڭ ئۆيىدىكىلەر. چۈشەنمىگەن جىيەن ئوغۇل: "بۇ نېمە گەپ؟ مەن تاغامنى باغلىۋاپتىمەنمۇ؟ نەدىن تاپىسىلەر مۇشۇنداق گەپنى؟"

— شۇئاندا سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىمىشقۇ؟ ئۇنى ماڭدۇرۇۋەتمىسىڭىز بىزگە چاتاق بولۇدۇ. ھازىر ھېلىقى ئىككى كېپىل بىزنىڭ ئۆيدە يېتىۋالدى، بۇلارنىڭ نالىسىگە چىدىماي تېلىپۇن قىلىۋاتىمىز، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئاڭلاڭ ئەمىسە، — بىردەمدىكىن سۆزلىگۈچى ئالمىشىدۇ، — ھاجىم، كېپىل بولغانغا تويغۇزامسىلەر بىزنى؟ بىزنىڭمۇ بالا-چاقىلىرىمىز بار ئەمەسمۇ؟.... — يىغا –زار يۈرەكنى ئېزىدۇ.
— ماڭا قاراڭ، بۇ زادى نېمە گەپ؟ مەن چۈشەنمەيۋاتىمەن.
— بىز كېپىل بولغان تاغىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ئەپكېتىپ، تۇتۇپ قاپسىز، شۇڭا يوقۇرىدىن تېلىپۇن كېلىپ، بىزنىڭ شەھەرلىك ھېلىقى يەرگە كايىپتىكەن، شەھەرلىك ھېلىقى يەردىكىلەر بىزنىڭ ئىدارىغا تېلىپۇن قىلىپ، ئىشتىن ھەيدەشنى تەلەپ قىپتۇ. بىزنىڭ يا تىجارەت قىلغۇدەك پۇلىمىز بولمىسا، بالىلىرىمىزنى قانداق باقىمىز؟...
— ھە، بولدى، يىغلىماڭ، مانا مەن تاغامنى ئېلىپ ئايروپورتقا كېتىۋاتىمەن، خاتىرىجەم بولۇڭلار، مەن بۇ قېرىغان ئادەمنى يۇرتىدىن ئايرىپ ئېمەتتىممۇ؟ قېرىغان ئادەم ئۆزىمۇ يات يەرگە كۆنەلەمدۇ؟ بولدى قىلىڭە، مەن ئاشۇ ئۆمەك باشلىقىغا تېلىپۇن قىلاي.
ئۇچۇر دەۋرى ئەمەسمۇ، مانا شۇنداق چاققان. ئون مىنۇت كېچىكىش بىلەنلا كادىر قىز بوۋاينىڭ شامالداپ قېلىشىدىن ۋايىم يەپ، دەرھال ھېلىقى نازارەتكە تېلىپۇن قىپتۇ. نازارەتتىن يەرلىككە، قەدەممۇ-قەدەم بۇيرۇقلار يېغىپ، ئاخىرىسى ھېلىقى ئىككى كېپىل تۇتۇلۇپتۇ. كېپىللەر بولسا بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ يېتىۋاپتۇ.

مانا بۇ ھىكايىنى مەيلى ئىراندىن كەلگەن بىرىگە، مەيلى سادام دەۋرىدە ئىراقتىن قاچقان بىرىگە، مەيلى كېرىموۋتىن قاچقان ئۆزبىككە سۆزلەپ بەرسىڭىز ئۇلار كۆڭلىڭىزگە يارىشا شۇنداق دېيىشى مۈمكىن: "ياخشى ھىكايىكەن، سىز يازغۇچى ئوخشىمامسىز؟"

"ياق، بۇ دېگەن بولغان ئىش، مۇشۇ دەۋردە بولۇۋاتقان ئىش! "

بۇ تونۇشىڭىز چوقۇم سىزدىن قېيدايدۇ. ھەتتا ئۇرۇشۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن: "نېمە سىز مېنى بالا دەپ ئويلامسىز، مۇشۇنداق بىمەنە گەپلەرگە ئىشىنىۋېرىدىغان؟" ھىچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيسىز! پۈتۈن دۇنيا ئىشەنمەيدۇ. يالغانچى بولۇپ قېلىۋېرىسىز. يەنى، دۇنيادا ئەڭ دىكتاتور دەپ داڭقىسى چىققان دۆلەتلەرنىڭ پۇخرالىرىنىمۇ ئىشەندۈرەلمەيسىز.
 

                                                                مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

 

كۆرۈلۈشى: 1060 \ يوللانغان چېسلا: 2013-01-19
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: