wisal stuido
قېرى پارىخور ياخشىمۇ ، ياش پارىخورمۇ؟


قېرى پارىخور ياخشىمۇ ، ياش پارىخورمۇ؟
 

ﻟﯘﺷﯜﻧﻨﯩﯔ «ﻳﺎزﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎرﯨﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﺘﯩم.
ﻟﯘﺷﯜن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى: «ﻳﺎز ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى، ﺋﻪﺗﻪ-ﺋﯚﮔﯜن ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎرات ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﯜرﮔﻪ، ﭘﺎﺷﺎ، ﭼﯩﯟﯨﻦ. ﻣﯘﺑﺎدا ﺑﯩﺮەر ﺋﺎدەم ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎراﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺴﻪن؟ دەپ ﺳﻮﺋﺎل ﻗﻮﻳﺴﺎ، ھەم چوقۇم ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈﺷﯜڭ ﺷﻪرت ، دﯦﺴﻪ ۋە ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ <<ﻳﺎﺷلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯩﺘﺎﺑلار>> ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺟﺎۋاﺑﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎﻧﺪەك ﺟﺎۋاﺑﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇﺷﻘﺎ رۇﺧﺴﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻣﻪن ﺑﯜرﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﻤﻪن، دەﭘلا ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻣﻪن» دەپ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ.

ﭼﯧﮕﯩﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ: ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ «ﻗﯧﺮﯨﻐﺎﻧﺴﯧﺮى ﺟﯘﺷﻘﯘﻧﻠﯩﺸﯩﭗ»، »ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺮﯨﻐﺎﻧﺴﯧﺮى ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎرﯨﺨﻮر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ»؛ ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ «ﺟﺎﺳﺎرەت ﺑﯩﻠﻪن» ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن «ﺷﯩﺠﺎﺋﯩﺘﻰ» ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﺪۇ. ﻣﯘﺑﺎدا ﺑﯩﺮەرﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎ «ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺴﻪن؟» دەپ ﺳﻮﺋﺎل ﻗﻮﻳﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﭼﻮﻗﯘم ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﻰ «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈﺷﯜڭ» ﺷﻪرت دﯦﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ۋاز ﻛﯧﭽﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﻳﻮل ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪا ﻣﻪن ﻗﯧﺮى (ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮڭ) ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﻤﻪن، دەﭘلا ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن. ﺑﯘ «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻛﯚرۈپ ﻳﯧﻨﯩﻜﺮەﻛﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاش» دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪن ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮق، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎم ﻏﻪزەﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪن.
ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ﺑﻮﻟﺴﯘن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩلا رەزﯨﻞ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻪﺑﯩﮫ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ «ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ» ﺑﻮﻟﯘپ زﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮڭ.

ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ دﯦﮕﯜدەك ﺷﻪرەﭘﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﺑﺎر. ﺋﯘلار ﻳﺎ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﭽﯩﺴﻰ، ﻳﺎ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ، ﻳﺎ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﻗﻘﺎن. ﺋﯘلار ﮬﺎﻳﺎت ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪە ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻗلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜرۈپ، ﺗﺎلاي ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﯜرﻟﯜك ﺗﯚﮬﭙﻪ-ﺋﻪﺟﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎرﻟﯩﻘﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪا ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎدﯨﺸﯩﭗ، ﻳﯜرﯨﻜﻰ ﻗﺎرﯨﺪاپ، ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗلاپ ﻗﺎلاﻟﻤﺎي، ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﯘﻧﺴﯘرﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ داغ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈۋﯦﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪالارﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘلار ﻳﺎش، ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﭘﯘﺧﺘﺎ، ﺋﺎرﻗﺎ ﺗﯩﺮەﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﺑﯘرۇﻧلا ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚز ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن دەۋران ﺳﯜرۈپ، ﺧﯘددى «ﺑﺎﻟﺪۇر ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻗﯘلاﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻣﯜﯕﮕﯜز ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪەك» ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.

ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى«ﻏﻮرﯨﮕﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش»ﻗﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﭘﺎرﯨﺨﻮرﻟﯘق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﻣﯩﻠﻴﻮﻧلاپ، ﺋﻮن ﻣﯩﻠﻴﻮﻧلاپ ﮬﺎرام ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯚزى ﻗﯩﻴﻤﺎي، ﺋﯘﻳﻪر-ﺑﯘﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺗﯩﻘﯩﭗ، ﻳﻮﺷﯘرۇپ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، دﯦﻠﻮ ﭘﺎش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻣﺎن ﭘﺎﻛﯩﺘلار ﺋﺎﺳﺎﻧلا ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ. دۆۋە-دۆۋە ﭘﯘل، ﺗﯘﺗﺎم-ﺗﯘﺗﺎم ﭼﻪك ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯘلار ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﻣﯘﺗﺘﻪﮬﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩلاﻟﯩﺴﯘن! ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﮬﺎرام ﭘﯘﻟلارﻧﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﭗ دۆﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن زﯨﻴﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎزاﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪﯨلا ﻗﺎﻗﯟاﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﺟﻠﻪپ، ﻳﻪپ-ﺋﯩﭽﯩﭗ، دوﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘزۇپ-ﭼﯧﭽﯩﭗ، «ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﻗﯘﻳﺮۇﻗﺘﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﻪلا» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﻳﻮق، ۋاﻗﺘﯩﺪا ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﻗﺎﻧﯘن ﺗﻮرﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﭘﯘل ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻤﺎي، ﺳﯘدەك ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺋﯧﻨﯩﻘلاش ﻗﯩﻴﯩﻨﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ، دۆﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﺪۇرۇۋاﻟﻐﯘﺳﯩﺰ زﯨﻴﺎﻧلارﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ.

ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﺧﯘددى ﻛﻪچ ﻛﯜزدﯨﻜﻰ ﭼﯧﻜﻪﺗﻜﯩﺪەك ﺋﯚز ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘزاﻗﻘﺎ ﺑﺎرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﻳﺎش، ﻛﯜچ-ﻗﯘۋۋەﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن، ﻛﯜﻧﺴﯧﺮى ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘلار ﻧﯩﻘﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﯩلا ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻳﯩﻞ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩلالاﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪل-ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜپ، ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﺪۇ. ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪۇ-دە، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن زﯨﻴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزەر داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎر، ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ، ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﮔﻪردﯨﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮى ﭼﻮﻟﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﺎﺗﺎق ﭼﯩﻘﺴﯩلا ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪي، ﺋﯧلاﺟﯩﺴﯩﺰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ. ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ ﻛﯚرﮔﻪن-ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﻛﯚپ، ﭼﻪت ﺋﻪل ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ، ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎلاﻳﺪۇ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺷﯟﯦﺘﺴﺎرﯨﻴﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻓﻮﻧﺪ ﺳﺘﯧﺮﻟﯩﯖﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﭽﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﺎﻧﻪت ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪۇ. ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎزراﻗلا ﺳﻪزﮔﻪن ﮬﺎﻣﺎن ﻗﯘﻳﺮۇﻗﯩﻨﻰ ﺧﺎدا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﯟﯦﺘﯩﺪۇ-دە، «ﻗﺎﻣﭽﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﭘﺘﯘ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك، ﺷﯘ دۆﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺨﺎراﻣﺎن ﻳﺎﺷﺎۋﯦﺮﯨﺪۇ.

ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار دﯦﮕﻪن ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﻗﯧﺮى-ﻳﺎش، ﺋﻪر-ﺋﺎﻳﺎل ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩلا ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯚرﯨﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق دۈﺷﻤﯩﻨﯩﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻛﻪﯕﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﻗﺎﻧﯘن ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎزالاش ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎددە ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺳﯘ ﻳﯜزﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﯜﻛﺘﻪك ﻟﻪﻳﻠﻪپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘن ﺗﻮرﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳلارﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺷﯘ ﺟﺎﻳلاردا ﻗﺎﻧﯘن ﺗﻮرﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﺎران 26 ﻳﺎش ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯘ دﯦﻠﻮلار ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪن ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ دﯦﻠﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﻰ «26 ﻳﺎش ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻗﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯜﻣﻠﻪپ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن «59 ﻳﺎش ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﻰ» ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﺪۇ دﯦﺴﻪك، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلاردﯨﻜﻰ «26 ﻳﺎش ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﻰ» ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋەﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ، دﯦﻤﻪي ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ، 26 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرﺳﺎ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﮕﯜﻟﯜك ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﺪى، ﺗﻮۋا دەپ ﻳﺎﻗﺎ ﭼﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪ ﭼﺎرە! ﻣﯘﺑﺎدا ﺋﯘلارﻏﺎ ﺷﺎﻣﺎﻟلا ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪڭ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻛﻰ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﯩﺪۇ، دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ. ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪن ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق ﮬﻪ! ﻣﻪن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار-ﭘﺎرازﯨﺘلارﻏﺎ ﭼﯩﺶ-ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﯩﻤﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚچ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇﺗﯘۋﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻟﻪﻧﻪﺗﮕﻪردى ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎش ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ رەﮬﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەك!
«ﻳﺎزﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎرﯨﺘﻰ»ﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا، ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻟﯘﺷﯜﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﻣﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن.

(ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ«ﻓﯧﻠﻴﻪﺗﻮن ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ژۇرﻧﯩﻠﻰ»ﻧﯩڭ-2002ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 01-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﮬﻪﺳﻪن ﺑﻮزﻗﯩﺮ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪى)
 

                                                           مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 626 \ يوللانغان چېسلا: 2013-01-24
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: