wisal stuido
جۇڭگو ئاۋىئاماتكىسى ساندا بار، ساپادا يوقمۇ؟

 

جۇڭگو ئاۋىئاماتكىسى ساندا بار، ساپادا يوقمۇ؟
 تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇرئاي
 

جۇڭگونىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىسى راستلا "ساندا بار، ساپادا يوقمۇ؟"

جۇڭگونىڭ لياۋنىڭ ناملىق تۇنجى ئاۋىئاماتكىسى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كىيىن بۇ ھەقتە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولدى ، مەسىلەن :"نىيورىك ۋاقىت گېزىتى " گە بېسىلغان بىر پارچە ماقالىدە دېيىلىشىچە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دېڭىز ئارمىيە ئەمەلدارلىرى "جۇڭگوغا ئىلھام بېرەيلى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاۋىئاماتكا ياسىشى ئۆز كۈڭلىنى خوش قىلغانلىق "دېگەن . بىر چەتئەللىك مۇتەخەسسىس جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىسى ساندا بار ساپاسى يوق ، بىر دۆۋە ئەخلەتتىن ئىبارەت دەپ باھا بەرگەن .
چەتئەللىكلەرنىڭ دېگىنىدەك لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا راستلا بىر پەشۋاغا يارىمامدۇ؟
 

لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا ھازىر دۇنيانىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىسىدە تۇرىدۇ

ھازىر دۇنيا بۇيىچە پەقەت جەمئىي 22 دانە ئاۋىئاماتكا بار بولۇپ ،جۇڭگو قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتكە تارقالغان ، مەيلى سان جەھەتتىن ياكى ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ، سۇ چىقىرىش مىقدارى ۋە ياكى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىدىن بولسۇن ئامېرىكا ھەقىقى چوڭام بولۇشقا لايىق ، ئۇلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 10 دانە نىمىتزى ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۇلۇق سۇ چىقىرىش مىقدارى 9 توننىدىن ئاشىدۇ ، لېكىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى بۇنىڭدىن كۆپ ئاز ، نىمىتزى ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد يادرو ئىنىرگىيىلىك ئاۋىئاماتكىسى بولۇپ بۇ بىر قاتار ئاۋىئاماتكىلارغا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئادىمىرالى نىمىتزىنىڭ نامى قۇيۇلغان ، شۇڭا كېيىنكىلىرىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان ، تۇنجى ئاۋىئاماتكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 -يىللىرىدا ياسالغان بولسىمۇ بىراق ھازىرغىچە سۈر ھەيۋىسىنى يوقاتمىغان ، ئامېرىكىدىن قالسىلا فرانسىيىنىڭ دېگول ناملىق ئاۋىئاماتكىسىمۇ يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاۋىئاماتكا بولسىمۇ، بىراق باشقا جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئامېرىكىنىڭ كۆپ كەينىدە تۇرىدۇ.
لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا ئەسلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى پۈتتۈرەلمىگەن ۋالىيانكا ناملىق ئاۋىئاماتكا بولۇپ ھازىر رۇسىيە ئىشلىتىۋاتقان كۇزنېتسوۋىيە ناملىق ئاۋىئاماتكا بىلەن ئاچا-سىڭىل، شۇڭا مەلۇم ئوخشاشلىقلار بار، ئىككىلىسى ئوتتۇرا تىپتىكى ئاۋياماتكىلاردىن ھېسابلىنىدۇ، بىراق بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاماتكىسى بولغان بىلەن بىرىنىمۇ ئۆزى ياسىمىغان (جۇڭگو ۋالىيانكىغا يىڭى بىر ئاۋىئاماتكا ياسىغانچىلىك ئىش قوشۇپ ئىشلىگەن) بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو ناملىق ئاۋىئاماتكىسى دەل فرانسىيىنىڭ چېكىندۈرۈلگەن ئاۋىئاماتكىسى ، ھىندىستان ئىشلىتىۋاتقان ۋېرلات ناملىق ئاۋىئاماتكىمۇ ئەنگىلىيە چېكىندۈرۈۋەتكەن ئاۋىئاماتكا بولۇپ سۇ چىقىرىش مىقدارى لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۈسكۈنىلىرى كونا، ئىقتىدارى چەكلىك .
جۇڭگونىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىسى سۇ چىقىرىش مىقدارى ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ بىراق برازىلىيە ، ھىندىستانلارغا سېلىشتۇرساق كۆپ ئىلغار. لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئىگە بۇلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
 

ئاۋىئاماتكا نېمىشقا شۇنچە قالتىس؟
چۈنكى ئۇ ھەربىي ئىشلارنى يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوڭ رول ئوينايدۇ ، ئاۋىئاماتكىنى بىر يۆتكىلىشچان جەڭ قىلىش سۇپىسى دەپ قارىساق ئۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ، دېڭىز ئارمىيىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ، يەنى ئايروپىلان ئۇچۇشتا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ ، بۇلتۇرقى بىر سانلىق مەلۇماتتا دېيىلىشىچە ئامېرىكىنىڭ 1964-يىلدىن بۇيان باشقا دۆلەتلەرگە قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتى 200 قېتىمدىن ئوشۇق بولۇپ ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانى 130 نەچچە قېتىمغا يىتىدىكەن ئېنىقكى بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا ئاۋىئاماتكا توپى بىلەن ھەرىكەت قوللىنىلغان ، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار ئۇچۇرنىڭ شۇنچىلىك تېز ، توغرا بۇلىشىمۇ مۇشۇ 11 دانە ئاۋىئاماتكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
ئاۋىئاماتكا ئۇنىڭ ئىنگلىزچە نامىدىكى aircraft carrier دېگەن مەنىسىگە ئوخشاش ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر ئايروپىلان توشۇغۇچ ، ئاۋىئاماتكىغا سەپلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان سونارغا قاتارلىقلار يەنىلا جەڭ ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە يەتمەيدۇ ، ھەم ئاساسى كۈچمۇ ئەمەس ، ئاۋىئاماتكىدىكى ئايروپىلان يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن باشقۇرۇلىدىغان سونارغا سەپلىنىپ ھۇجۇم قىلىش كۈچى تولۇقلىنىدۇ ،(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇشۇنداق مىسال بار ) "نىيورىك ۋاقىت گېزىتى "نىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىنى كېرەكسىز نەرسە دەپ قارىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭدا جەڭ ئايروپىلانىنىڭ بولمىغانلىقىدا ، چۈنكى جۇڭگو ھازىرغىچە ئايروپىلانلارنىڭ قونۇش ، ئۇچۇش مەشىقىنى قۇرۇقلۇقتا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بىراق 2012-يىلى 25- سېنتەبىردىكى "قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت "پىراگگىراممىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى يەنى ئاۋىئاماتكا پالوبىسىدا ئايروپىلاننىڭ چاق ئىزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ ، يەنە تېخى ئاۋىئاماتكا قازنىقىدا بىر دانە ئايروپىلانمۇ بار ، بىراق ئۇ ئايروپىلاننىڭ ھەقىقى ئايروپىلان گەۋدىسى ياكى ئايروپىلان مودېلى ئىكەنلىكىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار ، بەزىلەر بۇ ئىزلارنى ئايروپىلان قونۇش مەشىقى قىلغاندا قالدۇرغان ئىز دەپ قارايدۇ.
ئۇندىن باشقا لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىدا يەنە 4 دانە يېقىندىن كونترول قىلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ، 4دانە يىڭى تىپتىكى زەمبىرەكتىن ساقلانغۇچ سەپلەنگەن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئەگەر تەتقىق قىلىش ،مەشىققە ئىشلىتىلسە بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقتى .
ئۇنداقتا لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىغا زادى قانداق ئايروپىلان سەپلەنگەن؟ نۇرغۇن كىشىلەر يوقىتىش15 تىپلىق ئايروپىلان دەپ قارايدۇ، چۈنكى رۇسىيىنىڭ كۇزنېتسوۋىيە ناملىق ئاۋىئاماتكىسىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايروپىلان سەپلەنگەن ، تىڭشۈن ھەربىي ئىشلار تورى ھەرقايسى جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرغاندا يوقىتىش 15 تىپلىق ئايروپىلان فرانسىيىنىڭ دېگول ناملىق ئاۋىئاماتكىسىغا سەپلەنگەن ئۆتكۈنچى شامال ناملىق جەڭ ئايروپىلانىغا يەتمىسىمۇ لېكىن تېخىمۇ كۆپ جەڭ قۇراللىرنى سەپلىگىلى بولىدۇ ، بىراق يوقىتىش 15 تىپلىق ئايروپىلان 2009 –يىلى ئۇچۇشنى سىناق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ رەسمىي ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە يەنە 5يىلدىن 8–يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچقۇچىلارنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئەلىم –تەلىمىنى بىلىشىگىمۇ ۋاقىت كېرەك ، بۇنىڭدا ئەڭ قىيىن يېرى كۆتۈرۈلۈش ۋە قونۇش . ئامېرىكىنىڭ 10 دانە ئاۋىئاماتكىسىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى پۇرژىنىلىق ئاتقۇچ بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ ،پار كۈچى بىلەن دەقىقە ئىچىدە ئۇچۇش تېزلىكىگە يىتىپ بولىدۇ ، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا قاتارلىق باشقا ئاۋىئاماتكىلاردىكى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى سېرىلىپ ئۇچىدىغان بولۇپ بۇنداق ئۇچۇش پۇرژىنىلىق ئاتقۇچ بىلەن ئۇچۇشتىن ئاددىي پەقەت پالوبىغا بىر يانتۇ تاختا ئورۇنلاشتۇرسىلا كۇپايە ، ئايروپىلانلار يۇقىرىغا چىقىش جەريانىدا ئىتتىرىش كۈچى بىلەن ئاسانلا كۆتىرلىيەلەيدۇ ، بىراق پۇرژىنىلىق ئاتقۇچ بىلەن كۆتۈرۈلگەندە تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلان قاچىلىغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئايروپىلانلارنى قوزغاتقىلى ، جەڭ قىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
ئايروپىلاننى قوندۇرماق تېخىمۇ قىيىن بولۇپ ئەگەر سىرتقى كۈچ توسۇۋالمىسا پالوبىنىڭ ئۇزۇنلۇقى چەكلىك بولغاچقا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكىلى ئارانلا تۇرىدۇ ، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋىئاماتكىلىرى بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ يىڭى ئاۋىئاماتكىسى بولسۇن ھەممىسىلا توسۇق ئارغامچىغا(ناھايىتى قاتتىق بىر خىل پولات سىم ) تايىنىپ ئايروپىلانلارنى قوندۇرىدۇ ، يەنى ئايروپىلان قونغاندا قۇيرۇق قىسمىغا شۇنى ئىلىپ قۇيۇپ ئايروپىلان تارتىۋېلىنىدۇ . شۇڭا مەيلى جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ سەپلىنىشى بولسۇن ياكى ئۇچقۇچىلارنىڭ تېخنىك سەۋىيىسىدىن بولسۇن لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا يەنىلا خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ .
 

مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئاجىز ، ماسلىشىپ جەڭ قىلىش توپىغا ئېھتىياجلىق

بەزىلەر ئاۋىئاماتكىنى دېڭىزدىكى "جەسەت ساندۇقى" دەپ ئاتىغان بولۇپ سەۋەبى ئاۋىئاماتكىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ بىراق مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ ، ماسلىشىپ جەڭ قىلىش توپىغا ئېھتىياجلىق (ئامېرىكا ھازىر زەربە بېرىش توپى دەپ ئاتىلىدۇ )سىنگاپورلۇق بىر مۇتەخەسسىسنىڭ دېيىشىچە ۋيېتنام رۇسىيىدىن سېتىۋالغان ئايروپىلانلىرى بىلەنلا جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىسىغا تەھدىت سالايدىكەن ، بەزى تەھلىللەردە يەنە جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىسىنىڭ چۆكتۈرۈلۈپ يوقىتىلىش ئېھتىمالىنىمۇ يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ دېيىلگەن ، شۇڭا ھاۋا ھۇجۇمى ۋە سۇ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالايدىغان جەڭ قىلىش توپى بولغاندىلا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ .
جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز يېرى شۇكى جەڭ قىلىش ئايروپىلانلىرىنى قانچە ياخشىلىغان بىلەن ئۇنىڭدا ماسلىشىپ جەڭ قىلغۇچ توپى يوق .
بىر ئاۋىئاماتكىغا زادى قانچىلىك ماسلىشىپ جەڭ قىلغۇچى كۈچ بولسا يېتەرلىك بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ لېكىن چارلىغۇچى پاراخوت ، قوغلىغۇچى پاراخوت ،تەمىنات پاراخوتى ، سۇ ئاستى پاراخوتى دېگەندەكلەر ئەڭ ئەقەللىي سەپلىمىلەر ھېسابلىنىدۇ ، بەزى چەتئەللىك تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە جۇڭگودا بۇنداق سەپلىمىلەر بەك ئاز ، ھاۋا ھۇجۇمى ۋە سۇ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولغان قوغلىغۇچى پاراخوت C052نى مىسالغا ئالايلى ، بۇنىڭدىن دۆلىتىمىزدە پەقەت ئىككىلا بار ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگودا 093 تىپلىق يادرو ئىنىرگىيىلىك يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ، ئاۋىئاماتكىغا ماسلىشىپ جەڭ قىلايدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئاران ئىككىسىلا بار دەپ خەۋەر قىلغان .
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا C052 ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ۋە سۇ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بولغانA 054 تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخودجىددى ياسىلىۋېتىپتۇ ، ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلغار بولغان D052 تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت بۇلتۇر 8-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا كەلسەك ، نەچچە يىلدىن كىيىن تېخىمۇ ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياسىلىپ چىقىشىدا ئۈمىد زور .
ھەرقانداق نەرسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى ، مۇكەمەللىشىگە ۋاقىت كېتىدۇ ، ئاۋىئاماتكىغا تېخىمۇ شۇنداق ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ ، چۈنكى ئاۋىئاماتكىغا نۇرغۇن ئەسلىھەلەر سەپلىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئىگىسىدىن جەڭ قىلىش ئىدىيىسى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ ، مەسىلەن رۇسىيە كۇزنېتسوۋىيە ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بولۇشقا ئاز كەم 20يىل سەرپ قىلغان ، جۇڭگو بىر ياقتىن ئۆگەنگەچ بىر ياقتىن ياساۋاتقان تۇرسا ھازىرقى ئەھۋالنى چۈشىنىشكە بولىدۇ .
 

يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا پەقەت تۇنجى قەدەم خالاس

كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئاۋىئاماتكىنى نۇرغۇن چىقىم قىلىپ ياسىغان بىلەن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، ئاسان ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، مۇداپىئەسى ئاجىز شۇڭا ياسىمىسۇ بولىدۇ دەپ قارىغان بىلەن ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش تۈپى ھازىرچە مەيلى رايون خاراكتېرلىك بولسۇن ياكى دۇنيا خاراكتېرلىك بولسۇن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى بەلگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ھالقىلارنىڭ بىرى ، شۇڭا بۇ جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئامېرىكىمۇ يىڭى بىر ئەۋلاد ئاۋىئاماتكا گىرانفوردنى ياساۋاتىدۇ ،ئەنگىلىيىمۇ ئايال پادىشاھ ئېلزابىد ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ياساۋاتىدۇ ، ھەتتا ھىندىستانمۇ نىمكەش مالنى ئىشلىتىۋېرىشنى خالىماي ئۆز ئالدىغا بىرنى ياساۋاتىدۇ .
ئاۋىئاماتكا توغرۇلۇق گەپ بولۇنسا كىشىلەر "زەڭگەر رەڭلىك قوشۇن " دېگەن گەپنى كۆپ قىلىدۇ ، بۇ دېگىنى دېڭىز قىرغاقلىرىدىن يىراق زەڭگەر رەڭ دېڭىزدا ياكى چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوشۇننى كۆرسىتىدۇ ، جۇڭگو ئەزەلدىن يېقىن ئەتراپتا مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى ، يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز ، ئاۋىئاماتكا بولسا دەل شۇ ھەممە ئادەم كۆز تاشلاۋاتقان "زەڭگەر رەڭلىك قوشۇن " قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى .
ئادەتتە بىر "زەڭگەر رەڭلىك قوشۇن " قۇرۇپ چىقىشتا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئاۋىئاماتكا بولمىسا بولمايدۇ ، شۇڭا جۇڭگونىڭ ماڭىدىغان يولى تېخى ئۇزۇن ، بىراق لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ياسىلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت جۇڭگونىڭلا ئاۋىئاماتكىسى بولماسلىقتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بەردى ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور .

تىڭشۈن تورىدىن ئىلىنغان بۇ يازما "نادىر ئوقۇشلۇقلار" ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

                                                                    مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 954 \ يوللانغان چېسلا: 2013-02-02
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: