wisal stuido
سىياسىەتنىڭ ئېھتىياجى






سىياسىەتنىڭ ئېھتىياجى
 

گەرچە بىزنىڭ سىياسەتكە چۈشمىسىمۇ ،
چۈشىدۇ سىياسەتنىڭ بىزگە ئېھتىياجى .
ھەر ئىككى – ئۈچ يىلدا بىر
ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ خۇلقى – مىجەزى.
 

دۇنيادىكى سىياسىدىن ئەڭ ئۇزاق بىر مىللەت ،
سىياسى دىگەن ئۇقۇمنىڭ نىمىلكىنىمۇ بىلمەي
ياشىماقتا سىياسەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن.
ئېڭەكتىكى- سىياسى ساقال.
ئېغىزدىكى – سىياسى ماقال.
قولدىكى – سىياسى كىتاپ .
كۆزدىكى - سىياسى خىتاپ.
باشتىكى – سىياسى ياغلىق.
نامازمۇ ھەتتا سىياسىغا باغلىق.
سىياسىەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ،
نېمە قالدى سىياسىغا باغلانمىغان ؟!
ئۈگىنىش ، خىزمەت ،
ھۈنەر ، تىجارەت ....
خۇشھاللىقتا ھېچقاچان كۆزلەر بۇنداق ياشلانمىغان.
 

سىياسىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن
قولىدىكى ئىككى مو يەرگە
قوناق ئورنىغا كىپەز تېرىيالمىدى دېھقان.
كالىدەك يۇۋاش ، مۇلايىم كادىر ،
سىياسەتكە باغلاپ خىزمەت قىلشتا ھەممىگە قادىر.
پىلانلىق تۇغۇت- دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى .
پىلانسىز تۇغۇلۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن نارسىدە بوۋاق ،
سىياسىنىڭ ئېھتىياجى.
قوتاندىكى بوردالغان كالا ،
سىياسىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن
موزايلىشى كېرەك بۇ زاماندا.
سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا بۇ كالا بۇقىمۇ ، ئىنەكمۇ ؟
تۇغۇت ئېيىغا كەلگەنمۇ- ياقمۇ ؟
خىزمەت سىياسىغا باغلانغاندا.
 

سىياسىنىڭ شۇنچە كۆپ ئېھتىياجىنى ،
بىر – بىرلەپ يىزىپ بولغۇچە
قىستاپ قويدى مېنى سىياسىنىڭ ئېھتىياجى.
قانۇنغا كۆز ئالايتىپ تۇرۇپ ،
ماڭا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ ،
سىياسەتنىڭ ئېھتىياجى
تۇغۇپ قويدى بۇ چالا قوشاقنى.
 

مەنبە: كۆكلەم مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1228 \ يوللانغان چېسلا: 2013-02-12
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: