wisal stuido
مۇستەقىل ئىددىيىگە قاچان ئىگە بۇلىمىز؟

 

مۇستەقىل ئىددىيىگە قاچان ئىگە بۇلىمىز؟
 

ۋىن جاباۋ زوڭلى يىقىندا ياشلارمۇستەقىل ئىدىيىگە ئىگە بۇلىشى كىرەك دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆز كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدۇ ،مۇستەقىل ئىددىيىگە ئىگە بۇلىشنى كىممۇ ئويلىمىسۇن؟.
ھەر بىر ئادەم كاللىسىغا تايىنىپ تەپەككۇر قىلىدۇ، ھەر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلىك ھاياتى، ئوخشىمىغان مۇھىتى، ئوخشىمىغان ئورنى، ئوخشىمىغان كەچۇرمىشى ئۆزگىچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە بولغان بۇلىدۇ. مۇستەقىل ئىدىيىسى يوق ئادەم روھسىز تەنگە ئوخشايدۇ. مۇستەقىل ئىددىيىسى يوق مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ.
بۇ گەپنى دىيىش گەرچە ئاسان بولسىمۇ بىراق ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىش بەسى مۈشكۈل. بالىلىرىمىز تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئەڭ كۆپ بىرىلىدىغان تەربىيە « ئىتائەتچان » بۇلۇش. ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان، سىرىتتا چوڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان، مەكتەپتە مۇئەلىمنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان بۇلۇشتىن ئىبارەت، كىم گەپ ئاڭلىمىسا تەنقىتكە ئۇچراپ، تەدبىھ بىرىلىپ، ياخشى ئوقۇغۇچى، سىنىپ كادىرى بۇلالمايلا قالماي، قۇلىقىنى تارتىپ،كۇتىگە تىپىپ، مەجبۇرىي گەپ ئاڭلايدىغان قىلىمىز. بالام ماڭا دائىم سىنىپ باشلىقى بۇلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى دەيدۇ، سەۋەبىنى سۇرىسام « سىنىپ باشلىقى بولمىسا باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان گەپ، سىنىپ باشلىقى بولساڭ باشقىلار سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلايدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى، ئۇ يەنە ماڭا « سىنىپ باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوقۇغۇچىنى مۇئەللىمگە دوكلات قىلىش » دىدى. مەن « بۇنداق سىنىپ باشلىقلىقنى بولدى قىلمىغىن، چەتئەلدە سىنىپ باشلىقى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش، زۇرۇر بولسا باشلامچىلىق بىلەن ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇنازىرلىشىدۇ » دىدىم. يۇقۇرقى ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئىددىيىسىنى يىتىلدۇرىشكە پايدىلىق؟، بۇ ئەلىۋەتتە ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان.
چوڭلارغا نىسبەتەن، جوڭگونىڭ ئەنئەنىسى «ئىتائەت قىلىش »، ئائىلىدە ئاتا-ئانىغا، جەمىيەتتە چوڭلارغا، ئورگاندا باشلىققا،پۇتۇن دۆلەت مەركەزگە شەكسىز ئىتائەت قىلىش كىرەك، بۇنداق مۇھىتتا مۇستەقىل ئىددىيىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىنمۇ؟،
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، پادىشاھ « خۇدا »،پادىشاھنىڭ ئەمرى « ۋاجىپ »، پادىشاھنىڭ مەپىسى « تۇسالغۇسىز »، پادىشاھنىڭ دىگىنى ئەڭ ئالى « يوليۇرۇق » تۇرسا، كىممۇ بويسۇنماسقا پىتىنالىسۇن؟، سىماچەن بويسۇنمىسا« ئاختا » قىلىندى، يۇ فىي بويسۇنمىسا ناھەق ئۆلتۇرىلدى، جۇن ئەن بويسۇنمىسا «ۋەھشىلەرچە چانالدى ».
شىنخەي ئىنقىلاۋى پىۋۇداللىق سۇلالىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسىمۇ، پىۋۇداللىق ئىددىيىنى تۇگۇتەلمىدى. ئەينى چاغدا جاڭ جىشى « بىر داھىي،بىر پارتىيە، بىر مەسلەك » نى تەرغىپ قىلىپ مەخسىدىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئەتراپىمىزدىن كەتمىدى. 1957-يىلدىكى « ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش »دا، مۇستەقىل ئىددىيىگە ئىگە تۇمەنلىگەن كىشىلەر بىر كالتەك بىلەنلا ئۇجۇقتۇرۇلدى،ھازىر ئويلىسا كىشىنىڭ كۆڭلى ئاغىدۇ. پىڭ دىخۇەي مۇستەقىل ئىددىيىگە ئىگە بولسىمۇئۇنىڭ « تۇمەن خەتلىك دوكلاتى » داھىينىڭ نەزىردىن ئۆتمەي پارتىيىگە قارشى گورۇھنىڭ كاتىبىشى قىلىنىپ، كۇزى ئۇچۇق كەتتى. « مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى » دا،داھىنىڭ سۆزى « ھەقىقەت »، « بىر جۇملىسى مىڭ جۇملىگە تەڭ » دەپ داۋراڭ سىلىپ،ئامما « قۇرۇق پانۇس » قا ئايلاندۇرۇپ قۇيىلدى. « ئىنقىلاپ قىلىش يوللۇق » دەپ تاۋلىغان « كىچىك گىنىراللار » باشقىلارنىڭ پايدىلىنىش قۇرالىغا ئايلىنىپ، شەخىسكەچۇقىنىشنىڭ ئۆلگىسىنى ياراتتى.
تارىخ 21-ئەسىرگە كىرگەن بولسىمۇ ئىددىيەمۇستەقىل بولدىمۇ؟
تۇلىمۇ ئەپسۇس، جاۋاپ يەنىلا ئادەمنى قانائەتلەندۇرەلمەيدۇ.
يىغىنلاردا يەنىلا قۇرۇق گەپ، قېلىپلاشقان گەپلەر دەۋىر سۇرمەكتە، كاتىپ بولمىسا ئىش قىلالمايدىغان، ئارگىنالدىن ئايرىلساسۆزلىيەلمەيدىغان ئەمەلدارلار تۇلۇپ يىتىپتۇ، « ھەممىدە بىردەكلىكنى ساقلاش »ئىزچىل تەكىتلىۋاتقان ئەھۋالدا، مەملىكەت بۇيىچە بىرلا كاللا بولسىلا كۇپايە، ئارتۇق كاللىنىڭ نىمىگە ھاجىتى بولسۇن؟.
گىزىتكە بىسىلغىنى يۇقۇرىدىن تۇۋەنگىچە قېلىپلاشقان كۆرسەتمە، چوڭ نەتىجە، يىڭىلىق، خۇشاللىق، باياشاتلىق....،ئەمىلىيەتتە يۇقۇرى تۇۋەننى بۇلىغان، باشلىق پۇخرانى بۇلىغان، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى بۇلىغان، نەگە قارىسا ناھەقچىلىق تۇلۇپ يېتىپتۇ، ئاۋامنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئاخبارات ئورنى يوق، ئاخبارات ئورنى ماختاش بىلەن جان بىقىۋاتىدۇ، نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى ئاۋامنى ئالدايدىغان ساختىلىق بىلەن تولغان، نۆۋەتتىكى قەغەز ئىسراپچىلىقىغا بىرنىمە دەپ بولمايدۇ.
تىلىۋىزورلاردا قۇيۇلغىنى مۇشلاش، ئۇرۇش، خانسارىيىدىكى سەتچىلىك بىلەن تولغان، ئاۋامنى يىڭىلىققا باشلايدىغان تەپەككۇردىن سۆزئاچقىلى بولمايدۇ، قايسى كانالنى ئاچسىڭىز « ياشىسام دەيمەن 500 يىل يانا » ، «ياشىغايلا، ياشىغايلا، تۇمەن مىڭ يىل ياشىغايلا » دىگەن بىلەن تۇشۇپ كەتكەن، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر » مۇ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل «رەھبەرلەر ناھايىتى ئالدىراش، دۆلەت ئىچى بەك ياخشى، بىزدىن باشقا دۆلەت قالايمىقان» دىگەن ئۇچ بۇلەكتىن ھالقىپ كىتەلمىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاخبارات-نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا تا بۇگۇنگىچە مۇستەقىل ئىددىيە ھاسىل بولمىدى.
ئەدىپلەر مۇنبىرىنى پو ئىتىش، ماختىنىش قاپلاپ،مۇستەقىل ئىددىيە ئېقىمىغا ئىگە ئەسەرنى تىپىش دىڭىزدىن يىڭنى ئىزدىگەندىنمۇ مۇشكۇل بۇلۇپ قالدى، ئەدىپلەر مۇنبىرىنى پىتنىخورلىق قاپلاپ، كۇرەلمەسلىك، ھەسەتخورلىقنىڭ سورىنىغا ئايلىنىپ قالدى.
ئەمەلدارلار كۇندۈزى سىياسىي نەتىجىنى، كىچىسى بايلىق توپلاشنى ئويلايدىغان، يەپ-ئىچىشى ھۆكۇمەتتىن، كۇندۈزى خىزمەت، كەچتە قىمار،بىر نەچچە يەردە داچىسى نەچچە ئون ئاشنىسى، بۇگۈنى پاكلىقنى تەكىتلەپ ئەتىسى چىرىكلىشىپ ،تۇرمىغا كىرىش ئادەتتىكى ئىش بۇلۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ھۇقۇق،پۇل، سەتەڭدىن باشقا يەنە قانداق ئىددىيە بۇلىشى مۇمكىن؟.
مۇتەخەسىسلەر نەگە بارسا ھۇقۇقدار گۇرۇھنىڭ كەتمىننى چېپىپ ، بىر دەم « چىرىكلىكتىن ساقلىنىش تەس » دىسە، بىردەم « يۇقۇرى كىرىملىكلەر ئىسلاھاتنىڭ مۇقەرەر نەتىجىسى » دەپ تاۋلىسا، يەنە بىردەم « يۇنداياغ سالامەتلىككە زىيان يەتكۇزمەيدۇ » دىگەن، يەنە بىردەم « زەھەرلىك كاپسۇل ئادەم ئۆلتۇرمەيدۇ » دەپتوۋلاۋاتقان ،يەنە تېخى تەپتارىتماي « ئەرىزقىلغانلارنىڭ %90 ئى رۇھى كىسەل » دەپ ئاۋامنى ئانىي تىپىشلىرى كىشىنىڭ ئوغۇسىنى كەلتۇرىدۇ.
ئاۋام بولسا دەردىنى ئېيتىدىغان يەر تاپالماي،« خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ ئالدىدىكى سۇرلۇك شىر ھەيكىلى » دىن ئەيمىنىپ، ئادىللىقنى ئىزدەپ تاپانلىرى تىشىلدى، « ئادالەت » نى تاپالمىغاندىكىن ئەمەلدارنى قارغاپ،ئەمەلدار دىسە چىش-تىرنىغىغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتتى، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا يەنەپاكلىق، ئادىللىقتىن سۆز ئىچىش مۇمكىنمۇ؟.
.................
يۇقۇرقىدەك ئەھۋالدا كىشىلەر مۇستەقىل ئىددىيە سەن نەدە؟ دەپ ئۇنلىك خىتاپ قىلىدۇ.
پىقىرنىڭ قارىشىچە، مۇستەقىل ئىددىيەدىمۇ دىموكراتىيە مۇھىتىدا ۋۇجۇتقا كىلىدۇ، دىمۇگىراتتىيە يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە، نىمەئۇچۇن ئۇ غەرىپتە بۇلىدۇ؟، چۇنكى ئۇ دىمۇگىراتتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۇرۈپ، خەلق ئۇچۈن ھاكىمىيەت يۇرگۇزىشنى ھەقىقى مەناغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئەرباپلار «ھۇقۇقىدىن ئايرىلىشتىن، پارتىيەدىن چىقىرىلىشتىن، تۇرمىغا كىرىشتىن، ئۇلىمدىن،خۇتۇنىنىڭ ئاجرىشىشىدىن قورۇقماي » راس سۆزلەيدۇ، دىمەكچى راس سۆزلەشتە خەتەردىن،زەربە يىيىشتى قورىقمىغاندىلا مۇستەقىل ئىددىيە ئاندىن قەپەزدىن چىقىدۇ.
مۇستەقىل ئىددىيە ئەركىن مۇھىتتا بەرپا بۇلىدۇ،تارىختىن بۇيانقى پىكىر دوگمىچىلىقى، پىپەن قىلىش، بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرىش بىزنىڭ پىكىر ئەركىنلىگىمىز دۇچ كەلگەن پاجىئە. ھەممە ئېقىملار بەس- بەستە سايرىغاندىلا مۇستەقىل ئىددىيە يۇرۇقلىققا چىقىدۇ. پەيلاسوپلار « سىنىڭ قارىشىڭغا قۇشۇلمىساممۇ، لىكىن سىنىڭ قاراش ھۇقۇقىڭنى قوغدايمەن » دەپتىكەن، پەقەت كۆپچىلىك ئۆزلىگىدىن باشقىلارنىڭ ئەركىن بولغان باشقىچە كۆزقاراشتىكى ھۇقۇقىنى قوغدىغاندىلا، مۇستەقىل قاراشقا ئۇمىد پەيدا بۇلىدۇ.
مۇستەقىل ئىددىيە ئادىل قانۇن شاراھىيتىدە يىتىلىدۇ.ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۇپ قانۇنى، سۆز ئەركىنلىگى، يىغىلىش ئەركىنلىگى، ئاخبارات ئەركىنلىگى ئاساسىي قانۇن پۇخرالارگە بەرگەن ھۇقۇق. ئەگەر ئاساسىي قانۇن سۆزئەركىنلىگىنى جىنايەت دەپ قارىسا ئۇنداقتا ھەقىقەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئەگەرھۇقۇق قانۇندىن ئۇستىن بولسا، قانۇن ئۇزىنىڭ رۇلىنى يۇقىتىدۇ، ھەر قانداق ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۈچى پارتىيە ۋە بارلىق تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتى قانۇن رامكىسى ئىچىدە بولسا مۇستەقىل ئىددىيە نۇرمالنى يۇرىشىدۇ.
مۇستەقىل ئىددىيە پۇخرالار ساپاسىدىن ئۇستىن تۇرىدۇ.ھازىرقى جەمىيەت پۇخراسى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى بىقىندا خەلق ئەمەس بەلكى قۇل بۇلىشنى خالىمايدىغان ھۆر خەلق. بىز كاللا ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان، ئەبىدىي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە، يىڭىلىققا ئىنتىلدىغان، ئىددىيە كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىددىيە ئاسارىتىدىن بۆسۈپ چىقىدىغان خەلق. بىز ھەقىقەت يۇلتىزىنى چاقنىتالىساقلا، مۇستەقىل ئىددىيە بىزگە كۇلۇپ باقىدۇ.
كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى، بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىسىشقا تىگىشلىك يول تۇلىمۇ ئۇززاق.

يى جىچىۇ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما « ئاۋام فىلياتۇن تۇرى » دا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۇنى ئىلان قىلىنغان.
تىلماچ: قادىر رۇزى دولان
 

                                                            مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 973 \ يوللانغان چېسلا: 2013-02-12
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: