wisal stuido
كارۋات ئۇستىدىن رەئىس سەھنىسىگىچە


 كارۋات ئۇستىدىن رەئىس سەھنىسىگىچە
 

جۇڭگودا سۆز بايلىقىنىڭ موللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. جۇڭگولۇقلارنى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. مەيلى قەدىمىقلەرنىڭ گەپ – سۆزلىرى، يازمىلىرىدا بولسۇن ياكى كۈنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن چىقىۋاتقان ھەررەڭ – سەرەڭ گەپلەر بولسۇن ھەممىسدە يۇمۇرىستىك ئامىللار كۆپ. بەزىلىرى كۈلكىڭىزنى قىستىسا، بەزىلىرى غىدىقىڭىزنى كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ زۇۋانىدىن چىقىۋاتقان < قارا يۇمۇر > لارنى ئاڭلىسىڭىز يا كۈلىشىڭىزنى يا غەزەپتىن يېرىلىشىڭىزنى بىلمەي قالىسىز . قېنى ئەشۇ < ئەمەلدار بەگ > لەرنىڭ سۆزلىرىنى ئىشتىپ كۆرەيلى:

1 . چىرىكلىشىشتە مەنمۇ ئاز جاپا تارتىمىدىم.
ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈجۇۋ شەھرى ( 安徽省滁州市 ) خەلق كۇ#رۇلتىيىنىڭ سابىق ئورۇنباسار مۇدىرى 陈兆丰 ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلەپ قىلغان سورىقى جەريانىدا << سىلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ جاپا تارتساڭلار ، مەن چىرىكلىشىپ بولالماي جاپا تارتىمەن ، مېنىڭ چىرىكلەشمىكىممۇ ئاسان ئەمەس … >> دەيدۇ.
ئادەتتە بىز كىشىلەرنىڭ خىزمەت ياكى ئەمگەك قىلىپ جاپا تارتقانلىقىنى – چارچىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمما ، چىرىكلىشىش، پارا ئېلىش، مال – دۇنيا يىغىش، راھەت – پاراغەتتە ياشاش ئۈچۈن جاپا تارتىپ – چارچىغاننى ئاڭلاپ باقىمغان ئىدۇق.
ئەمما ئويلاپ باقساق، بۇ مۇدىرنىڭ دېگەنلىرىمۇ ھەق ئىكەن. چىرىكلىشىمەن دېسە ، پارا ئالىدىغان گەپ، كىم ئىشەنچىلىك ، كىمدىن ئېلىش كېرەك ، قانچىلىك ئېلىش كېرەك ؟ كۆپ ئېلىپ قويسا تېخى قاملاشمايدۇ، پۇل -بايلىق كۆپەيسە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ بىرگەپ، ئۆيدە قويۇشقا تېخى بولمىغان، بانكىدا تېخى، بولۇشىغا خەجلەي دېسە كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان گەپ … دېمەك مۇشۇ ئىشلارنىڭمۇ ئېپى – جىپىنى ئويلاپ تېپىش كېرەك. يېگەن ئېغىز ئۇيۇلار دېگەن گەپ بار، خەقتىن ئالغاندىن كېيىن جاۋاب تەرىقىسىدە ئىشىنى بېجرىپ بېرىدىغان گەپ … مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى باشنى ئاغرىتىدىغان ئىشلار ئەمەسمۇ ؟ بىچارە ئەمەلدارلار مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇسى ئۇيقۇ بولمىغان، پاش بولۇپ قالسام قانداق بولۇپ كېتەرمەن دەپ، كۈنبۇيى دەكە – دۈكىدە يۈرگەن ، دېمىسىمۇ ئۇلارغا < جاپا > كەن ئەمەسمۇ ؟ …

2 . ئەلدىن ئالغاننى ، ئەلگە قايتۇرۇش
خۇنەن ئۆلكىسى شياڭ شەھرى ( 湖南省临湘市 ) نىڭ ئورۇنباسار شەھەر باشلىقى 余斌 چىرىكلىشىش جىنايىتى بىلەن سۇئال – سوراق قىلىنغاندا << پاراۋانلىق – ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پارا ئالدىم >> دېگەن مەشھۇر گەپنى دەيدۇ. ئۇ ئۆز گېپىنى شەرھىيلەپ، مەن ئالمىسام باشقىلار ئالىدۇ ، باشقىلار ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتسا مەن ئالغان پارىلارنى ساخاۋەت – پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتىم. مەن ئەلۇ خەلقنى بىر كۈنمۇ كۆڭلۈمدىن نېرى قىلمىدىم، بۇنى ئەلدىن ئېلىپ ئەلگە قايتۇرۇش دەيمىز ، سىلەر مېنى ماختاپ مۇكاپاتلىمغان تەقدىرىڭلاردىمۇ ، مېنى جازالىسىڭلار بولمايدۇ …

3. چىرىكلىشىشمدىكى سەۋەب يۇقىرىدا، كىم مېنى ئۆستۈرسۇن دەپتۇ ؟
خۇبىي ئۆلكىسى يېز – بازار كارخانىلىرى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ( 湖北省乡镇企业培训中心 ) ئورۇنباسار مۇدىرى 王毛弟 ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا مۇنداق دەيدۇ: << چىرىكلىشىپ بۇ ھالغا قېلىشىمدىكى ئەيىب تەشكىلنىڭ مېنى باشلىق قىلىپ ئۆستۈرگەنلىكىدە، ئەگەر يۇقىرى مېنى باشلىق قىلمىغان بولسا مەنمۇ چىرىكلەشمەيتتىم، ھەم بۇ كۈنگىمۇ قالمايتتىم … >> بۇ مۇدىر خىيالىدا يۇقىرى باشلىق قىلىپ ئۆستۈرگەن كىشى چوقۇم چىرىكلىشىدىغان چېغى ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە بىرمۇ باشلىق بولماسلىقى كېرەك ئوخشايدۇ. نېمە دېگەن بىمەنە تەپەككۇر – ھە ؟

4. تەكشۈرۈلۈش نۆۋىتى مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولسا ئەلھەكمۇللاھ ، تەلىيىم كاژكەن !
جياڭشى ئۆلكىسى 赣州市 شەھرى تاشيول ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى 李国蔚 زور دەرىجىدە پارا يەپ چىرىكلەشكەنلىك جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن تەكشۈرلگەندە : << مېنىڭ بۇ ئىشلارنى سادىر قىلىشمدا جەمئىيەتنىڭ تەسىرىمۇ بار، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى كەيپىياتى ناچار ، تەكشۈرۈش مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولسا ، ئەلھەكمۇللاھ ، پىشانەم راستىنلا كاژكەن ! >> . ما گەپنى كۆرسىلە، لاۋلىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئۇنىڭ تەلىي كاژ بولماي ئوڭ بولغان بولسا يەنە داۋاملىق پارا ئېلىپ، چىرىكلىشىپ يۈرۈۋەرگىسى بار ئىكەن. جەمئيەتتە باشقا تەلىيى ئوڭ باشلىق – ئەمەلدارلار ھە دېگەندە چىرىكلىشىپ يايراپ يۈرۈشىپتۇ – دە !

5. مەن سىزنى كارۋاتتىن تاكى رەئىس سەھنىسىگىچە بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن …
<< ئۇمىقىم سىز ياش ھەم مەدەنىيەتلىك ، مەن سىزنى كارۋات ئۈستىدىن تاكى رەئىس سەھنىسىگىچە بىر قوللۇق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن. سىزنى يېزنىڭ بىرىنچى قولى ، ناھىيلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قىلىمەن. >> ____ بۇ ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچىڭ شەھەرلىك ( 安徽省宣城市 ) پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئورۇنباسار شەھەر باشلىقى 赵增军 زىشى ناھىيىسىگە ( 绩溪县 ) ھاكىم بولغان مەزگىلىدە، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن چىرايلىق ئاشنىسىغا بەرگەن ۋەدىسى. لاۋجاۋ ھەقىقى << لەۋزىدە تۇرىدىغان ئەركەك >> بولۇپ، دېگىنىنى ئەمەلىدە كۆرسەتكەن. ھېلىقى سەتەڭ ئاشىنىسى ھە ھۇ دەپلا يېزىلىق ھۆكۈمەت پارتكومىنىڭ ئورۇنباسار سېكرتارى، خەلق ك#رۇلتاينىڭ مۇدىرى بولغان، كۆپ ئۆتمەيلا << راكتا >> سۈرئىتىدە ئۆرلەپ، ناھىيلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە رەئىس بولغان، تېخى لاۋجاۋ ئاغىينىمىز شۈەنچىڭ شەھرىگە ئورۇنباسار شەھەر باشلىقى بولغاندا، مەزكۇر شەھەرلىك خەلق كۇ#رۇلتىيىغا يۆتكىلىپ خېلى كۆرۈنەرلىك ئەمەل تۇتقان. لاۋجاۋ سەتەڭ ھىيلىسىغا مەستخۇش بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى شەخسىي بۇيۇم سۈپىتىدە كۆرۈپ ، ئۇنى خالىغانچە ئاشنىلىرىغا كۆڭۈل ئوۋلاش سوۋغىسى سۈپىتىدە بېرىۋەرگەن.

                                                                 مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1088 \ يوللانغان چېسلا: 2013-02-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: