wisal stuido
خەلق پۇلى كاۋاپ ئەمەس


خەلق پۇلى كاۋاپ ئەمەس
 

خەلق پۇلىنى كاۋاپقا ئوخشۇتىشقا بۇلىدۇ، چۇنكى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ دۆلەت ئىچىدە قىممىتى چۇشىپ، دۆلەت سىرتىدا قىممىتى ئىشىش شامىلىدا، كاۋاپتەك ئۇياق-بۇياققا ئۆرىلىپ، ئوتقا قاقلىنىپ، مايلىرى ئىقىپ، پۇخرالارنىڭ ھەميىنى ئىسقا تۇشىپ كەتتى.
ئاۋام پۇقرا خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ مۇقۇم بۇلىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ
يىقىندا ئىلان قىلىنغان « جۇڭگۇ-ئامىرىكا ۋاشىنگىتۇن قوشما باياناتى » دا ” پىرىۋۇت نىسبىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە داۋالغۇشىغا ھۇشيار بۇلۇپ، خەلق پۇلىنىڭ پىرىۋۇت نىسبىتىنى كۇچەيتىش “ كۆرسىتىلدى. جۇڭگۇ بىلەن ئامىرىكا خۇددى ” ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق “ دىپلىمااتىيەسىنى داۋاملاشتۇردى.
ئەگەر خەلق پۇلىدىن ئىباراەت كاۋاپنى ئۆرىپ قاقلاش جەريانىدا، دۆلەت ئىچىدە قىممىتى ئىشىپ، دۆلەت سىرتىدا قىممىتى چۇشكەن بولسا، تۇلىمۇ ئوبدان ئىش بۇلاتتى.
30 يىلدىن بۇرۇن ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا ئۇچ بىكەت ماڭسا 4 فۇڭ ئىلىناتتى، ھازىر بىر يۇەن ئالىدۇ، ئىلگىركىدىن 25 ھەسسە ئوستى. بۇ خەلق پۇلى قىممىتى چۇشىشنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ئەمەس، چۇنكى ئاممىۋى ئاتۇبۇس بىلىتىگە دۆلەتنىڭ تۇلۇقلىمىسى بار.
30 يىل بۇرۇن سىزنىڭ بىر مىليۇن يۇەن پۇلىڭىز بولسا، بىرەر كورپۇس بىنانى سىتىۋالالايتىڭىز، ئەگەر شۇ بىر مىليۇن پۇلنى ئامانەت قۇيغان بولسىڭىز 2011-يىلغا كەلگەندە، قىممىتى 150 مىڭ يۇەنگە چۇشۇپ قىلىپ، بۇ پۇلغا چوڭ شەھەردە ئۆي تۇرماق ھاجەتخانىمۇ سەتىۋالالمايدىغان بولدى.
خەلق پۇلىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى قىممىتىنىڭ ئىشىشىنى دىسەك، بىر نەچچى يىل بۇرۇن بىر ئامىرىكا دوللىرى 8.3 يۇەن خەلق پۇلى ئىدى، بىراق 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۇنى پەقەت 6.59 يۇەن خەلق پۇلى بۇلۇپ، بىر نەچچى يىل تىرىشىش ئارقىلىق خەلق پۇلىنىڭ %25 قىممىتى ئاشتى.
بەلكىم، بەزىلەر ئىيىتقاندەك خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۇشىشى، ئىقتىساتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدا چۇقۇم تۇلەشكە تىگىشلىك بەدەل بۇلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ پۇتۇنلەي خاتا، ئەگەر بىزنىڭ پۇل سىياسىتىمىز توغرا بولسا، خەلق پۇلىنىڭ دۆلەت ئىچىدە قىممىتى ئىشىپ، دۆلەت سىرتىدا قىممىتى چۇشىشى كىرەك ئىدى.
مەن بۇ يەردە ھەقىقى بولغان « 50 يىلدىن بۇرۇنقى ئامىرىكا دوللىرى ئامانەت چىكى ۋە خەلق پۇلى ئامانەت چىكى » ھىكايىسىنى سۆزلەپ بىرەي.
1957-يىلى ئامىرىكىنىڭ ئوكلاخۇما شىتاتى، شىتات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتىدە، كىشىلەر ئەينى دەۋىر تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زاۋۇتتىن يىڭىلا چىققان بىر دانە ” بىرۋىد “ ماشىننى كۇمىپ قويغان، ھەمدە ماشىنا بىلەن بىرگە بىر دانە ئامىرىكا بايرىقى، شۇ يەردە ئىشلەنگەن بىر يىشىك پىۋا، بىر پارچە 100 ئامىرىكا دوللىرى ئامانەت چىكىنى ماشىننىڭ كەينى ساندۇقىغا سەلىپ قويغان.
2007-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۇنى كىشىلەر بۇ ” ۋاقىت شاھىدى “ نى قىزىپ چىققان بۇلۇپ، ھىلىقى 100 ئامىرىكا دوللىرى ئامانەت چىكىنىڭ قىممىتى 1000 ئامىرىكا دوللىرىدىن ئىشىپ، قىممىتى 10 ھەسسە ئاشقان.
2006-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۇنىدىكى « خاڭجۇ گىزىتى » دە، شىئەن ماشىناسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى خۇاڭ دەيدۇڭ 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۇنى ئۇيىدىكى نەرسىلەرنى يۇغۇشتۇرىۋەتىپ، 1954-يىلى جۇڭگو خەلق بانكىسى خۇنەن تارمىقى تىئەنشىن ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ 1000 يۇەن ئامانەت چىكىنى بايقىغان بۇلۇپ، بۇنى جۇڭگۇ سودا-سانائەت بانكىسى خۇنەن تارمىقى جۇجۇۋ شەھەرلىك تىئەنشىن تارماق بانكىسىغا ئاپارسا، خىزمەتچى خادىملار تەكشۇرىپ، بۇ 1000 يۇەن ئامانەت پۇلى جۇڭگۇنىڭ 1-يۇرىش خەلق پۇلى بۇلۇپ، ھازىرقى خەلق پۇلى قىممىتى بۇيىچە سۇندۇرۇپ ھاساپلىسا قىممىتى 10 پۇڭغا تەڭ بۇلۇپ، ئۇسۇم ھىساپلانمىغان. يەنى 1954-يىلدىكى 1000 يۇەن خەلق پۇلىنىڭ ھازىرقى قىممىتى 10 پۇڭ بۇلۇپ، قىممىتى 10 مىڭ ھەسسە تۇۋەنلىگەن يەنى ئوخشاش بىر تارىخى دەۋىردىكى ( جۇڭگۇنىڭ ئامانەت چىكى ئامىرىكىنىڭكىدىن 3 يىل ئارتۇق ) ئامىرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى 10 ھەسسە ئاشقان، بىراق جۇڭگۇنىڭ 10 مىڭ ھەسسە تۇۋەنلەپ 10 پۇڭغا ئۆزگەرگەن بۇلۇپ، ھازىر ھاجەتخانىغا كىرىشكىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ ئىشتىن بىز ھەچ بولمىغاندا، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىق پۇلغا ئايلىنىشتىن قانچىلىك يىراق ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايمىز.
شۇنى ئويلىماي بولمايدۇكى، بىر دۆلەتنىڭ پۇلى ئالتۇن بىلەن زىچ باغلانغان بۇلىدۇ، خەلقئارالىق ئوبرۇت پۇلغا ئايلانغاندا شۇ دۆلەت ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە كۇچلۇك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. بىز ھەرگىز جۇڭگۇنىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى يىتەرلىك ۋە غايەت زور ئىقتىسادىي جۇغلانمىغا ئىگە، خەلق پۇلىنىڭ تەبىئى قىممىتى ئاشىدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مۇقىم بولسا، كاۋاپتەك تۇلا ئۆرىپ مىيىنى ئىقىتىۋەتمىسەك بەلكى ئالتۇندەك مەڭگۇ قىممىتىنى ساقلىسا كىرەك.

ۋىي ياخۇا ئىمزالىقىدىكى بۇ ماقالە « 特别文摘 » ئايلىق ژورنىلىنىڭ 2011-يىلى 11-سانىغا بەسىلغان.
تىلماچ: قادىر رۇزى دولان

                                                                 مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 861 \ يوللانغان چېسلا: 2013-02-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: