wisal stuido
جۇڭگودا ئەمەلدار بولۇش


رەھبەرلىكتىن ئايرىلىپ قىلىش خەتەرلىك
 

رەھبەرلەر ئاممىدىن ئايرىلىپ قىلىش خەتەرلىك دەيدۇ، مەن رەھبەر ئەمەس ئاممىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ نىمە خەتىرى بارلىقىنى بىلمەيمەن، كۆپ يىل بۇرۇن ئۇرۇش تىمىسىدىكى كىنولارنى كۇرۇپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتەرلىك ئىكەن دەپ ئويلىغان، ئۇ يىللاردا سەن ئاممىدىن ئايرىلىپ قالساڭ،جىددىي ئەھۋالدا ئامما سىنى قوغدىمىسا ھاياتىڭ خەۋىپكە ئۇچرايتتى، بىراق ھازىردىگەن تىنىچلىق دەۋرى رەھبەرلەر ناھىيىتى بىخەتەر ئاممىنىڭ قوغدىشى بىھاجەت، بىراق رەھبەر دىگەننى يۇقۇرى دەرىجىلىك تەيىنلەيدۇ يەنى « تەشكىلنىڭ غەمخورلىقى ۋەتەربىيىلىشىنىڭ نەتىجىسى » بۇلۇپ ئامما بېلەت تاشلاپ سايلىمايدىغان تۇرسا، ئاممىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ نىمە خەتىرى بولسۇن؟.
مەن ئاممىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ نىمە خەتىرى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ بىراق رەھبەرلىكتىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىمەن.
كونىلارئادەم يۇقۇرىغا ماڭىدۇ، سۇ تۇۋەنگە ئاقىدۇ دەپتىكەن، يۇقۇرىغا مىڭىش دىگەن نىمە؟
تۇۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئاندىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا كۆتۈرىلىش يۇقۇرىغا مىڭىش بۇلىدۇ؛ يەنى ئادەتتىكى خادىمنىڭ ئەمەلدار بۇلىشى، كىچىك ئەمەلدارنىڭ چوڭ ئەمەلدار بۇلىشى يۇقۇرىغا مىڭىش بۇلىدۇ، يۇقۇرىغا مىڭىش تاققا چىققاندەك مۈشكىل بىر ئىش، ئەڭ مۇھىمى سەن ئاشۇنداق شارايىتنى تىرىشىپ ھازىرلىشىڭ كىرەك، بولمىسا قۇرۇق گەپ قۇرۇق قۇلاققا خوشياقمايدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا باسما قۇدۇققا سۇ قۇيمىساڭ سۇ چىقمايدۇ دىگەن گەپ، ئۇندىن باشقا ئىددىيە جەھەتتە ياراملىق بۇلىشىڭ كىرەك، ئىددىيە جەھەتتە ياراملىق بۇلۇش دىگەن شۇنداق بىر دىيىلگەن گەپ،ئىددىيىسى ناچار كىشىلەر ئالىي ئوقۇتقۇچى، مۇدىر ۋىراچ، چوڭ ئەمەلدار بۇلالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئىددىيە جەھەتتە ياخشى-يامان بۇلىشنىڭ مۇقىم ئۆلچىمى يوق،بۇنىڭغا ھېچكىم ھۇكۇم قىلالمايدۇ پەقەت رەھبەرلەر سىنىڭ ئىددىيەڭنى ياخشى دىسەياخشى بۇلىدۇ يامان دىسە يامان بۇلىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا رەھبەر سىنى ياخشى دىسە ئەسكى بولساڭمۇ ياخشى بۇلىسەن، ئەگەر ناچار دىسە ياخشى بولساڭمۇ ناچاردىگەن گەپ، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە سەن رەھبەردىن ئايرىلىپ قالدىڭمۇ يوق؟،ئەگەر سەن رەھبەردىن ئايرىلىپ قالساڭ ھەرقانچە ياخشى بولساڭمۇ سىنى نەس باسقىنى شۇ.
بەزىلەر، ئۆزەمنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلسام، ئۆسىشنى،ئۇنۋان ئېلىشنى ئويلىمىسام باشلىقتىن ئايرىلىپ قالسام بۇلىدىغاندۇ؟ دەيدۇ، نىمەدىگەن ھاماقەتلىك!، ئالايلۇق سەن تەتقىقاتچى بۇلۇپ ئاكادىمىك بۇلىشنى ئويلىمىدى دەيلى، سەن باش كۇتۇرمەي تەجرىبە ئىشلىسەڭ، چوڭ تۇرنى تەتقىق قىلساڭ، سىنىڭ ئاشۇ تەتقىقات تۇرىڭنىڭ قىممىتى بار-يوقلىقىغا ھۇكۇم قىلىدىغان ئادەم كىم؟
دەل سىنىڭ رەھبىرىڭ. ئەگەر سەن رەھبەردىن ئايرىلىپ قالساڭ، رەھبەرلىك سىنىڭ تەتقىقات تۇرىڭنىڭ قىمىتى يوق دىسە، سىنىڭ تەتقىقات تۇرىڭگە راسخۇت بىرىلمەيدۇ، ئۇنداقتا سەن نىمىنى تەتقىق قىلىسەن؟، شۇنىڭ ئۇچۇن مەيلى چەتئەلدەئۇقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر بولسۇن ياكى مۇشۇ جايدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسۇن، پۇتۇن زىھنىنى تەتقىقاتقا قاراتماستىن بەلكى يۇقۇرى-تۇۋەن چېپىپ،رەھبەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ تۈر ھەل قىلىشقا قارىتىشنىڭ سەۋەبى شۇ.رەھبەرلىكتىن ئايرىلمىساڭ سىنىڭ تەتقىقات تۇرۇڭ تەستىقلىنىدۇ، بۇنچىلىك ئاددىي ساۋاتنى بىلمىسەڭ تەتقىقاتچى بۇلالمايسەن، باشلىقنىڭ بىر ئىغىز گىپى سىنىڭ تەغدىرىڭنى بەلگۇلەيدۇ.
پۇخرالا ئەمەس بەلكى رەھبەرلەرمۇ رەھبەرلەردىن ئايرىلماسلىق لازىم، يەنى كىچىك رەھبەر چوڭ رەھبەردىن، تۇۋەندىكى رەھبەرلەريۇقۇرىدىكى رەھبەردىن ئايرىلماسلىق لازىم. 2000-يىلى 3-ئايدا خۇبىي ئۆلكىسى چىپەن بازارلىق پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى لى چاڭپىڭ دادىللىق بىلەن جۇ روڭجى زوڭلىغا خەت يىزىپ« دىھقانلار جاپادا قالدى، يىزىلار بەك نامرات، يىزىلار خەتەر ئىچىدە » دەپ يىزىلاردىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى ئىنكاس قىلغان، بۇ ئىنكاس گەرچە مەركەزنىڭ « ئۇچ يىزا »مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ بىراق شۇيىلى 9-ئايدا لى چاڭپىڭ سەۋەپسىزلا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، خىزمەتتىن ھەيدىلىپ ئىشلەمچى بولغان، نىمە ئۇچۈن بۇنداق بۇلىدۇ؟
سەۋەبى ئۇ شۇجايدىكى رەھبەرلىكتىن ئايرىلىپ قالغان، چۇنكى يەرلىك رەھبەرلەر ھەدەپ يۇقورىغا « دىھقانلار باياشات، يىزىلار گۇللەپ ياشنىدى » دەۋاتسا، لىچاڭپىڭ قۇپۇپ « دىھقانلار جاپادا قالدى، يىزىلار بەك نامرات، يىزىلار خەتەر ئىچىدە» دەپ يۇقۇرىغا راست گەپ قىلسا، شۇجايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ يۇزىگە قارا سۈرىتكەن بولمامدۇ؟، مۇشۇنداق راس گەپ قىلىدىغان رەھبەرنى يەنە ئىشلىتىش كىرەكمۇ؟.
2009-يىلى3-ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىڭمۇ ناھىيەسى « شىڭمۇ ناھىيەسىنىڭ ئومۇمى خەلق ھەقسىز داۋالىنىشنى يولغا قۇيۇش چارىسى » نى تۇزۈپ يولغا قويغان بۇلۇپ شۇ جايدىكى ئاۋامنىڭ ئاپىرىن ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان، بۇ چارىنى ئىلان قىلىپ يولغا قويا-قويمايلا ناھىيەلىك پارتىكۇم شۇجىسى تىزلىكتە بىكار قىلىۋەتكەن، نىمە ئۇچۈن بۇنداق بۇلىدۇ؟،چۇنكى بۇ ناھىيە يۇقۇرىدىكى رەھبەرلەرنى ئۇسال ئەھۋالغا چۇشۇرۈپ قويغان، سەۋەبى يۇقۇرى رەھبەرلىك « پۇخرالارنىڭ داۋالىنىش قىيىن بۇلىش مەسىلىسىنى بۇنداق بىراقلا ھەل قىلماي، ئاستا-ئاستا ھەل قىلىش » توغرىلىق كۆرسەتمە بەرگەن تۇرسا، يۇقۇرىرى رەھبەرلىك بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمسا بولمايدۇدە!.
شىڭمۇ ناھىيەسىدەك نامرات ناھىيەنىڭ پۇل چىقىرىپ پۇخرالارنىڭ داۋالىنىش قىيىن بۇلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، پۇل مەسىلىسى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئەمەلدارلارنىڭ قەلبىدە پۇخرالارنىڭ بار-يوقلىقى مەسىلىسى، باج تۇلىگۇچىلەرنىڭ پۇلىنى نەگە ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. راس گەپ قىلىپ ئەمىلىي ئىش قىلسا رەھبەرلىكتىن ئايرىلىپ قىلىپ، ئەمەل تاجىسىدىن قۇرۇق قالسا، يەنىلا قۇرۇق گەپ قىلىپ ئاۋامنى ئالداپ ياشاش ئەڭ بىخەتەر ئوخشايدۇ!.

لاۋ ۋاڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما « فىلياتۇن تاللانما ژورنىلى » نىڭ 2012-يىلى 5-ئايلىق 2-سانىغا بېسىلغان.
تىلماچ: قادىر رۇزى دولان
 

                                                            مەنبە: سىرداش تورىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1069 \ يوللانغان چېسلا: 2013-02-28
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: