wisal stuido
ئۈرۈمچىدە دۆڭكۆۋرۈك
1 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 2175
يوللانغان چېسلا: 2014-09-27

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: لاچىن \ يوللانغان چېسلا: 2014-09-27
ناخشىنىڭ تېكىستى بەكمۇ مەزمۇنلۇق ئىكەن. ئۈرۈمچى ئۇيغۇرنىڭ، سۆزلىرى ماڭا بەك يارىدى.
يازغۇچى: ئېلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-09-27

تېكىستىنى مۇختار بۇغرا يېزىپتۇ. مۇختار بۇغرانىڭ شىئىرلىرى ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق، ئۇيغۇرچە پۇراق كۈچلۈك يازىدۇ. ئاڭلىشىمچە ئەرداۋچونى دۆڭكۆۋرۈك دەيمىز ، ئاتا-بۇۋىمىز قويغان ئىسىم بۇ دەپ خېلى غۇلغۇلا قوزغاپتىكەن.

يازغۇچى: سۇئالىم بار \ يوللانغان چېسلا: 2014-09-27

ۋىسالدىكى بۇرادەرلەر سىلەرگە ئۇزۇندىن بېرى سوراي دەپ كىلىۋاتقان بىر سۇئالىم بار ئىدى. بۇگۈن سوراپ باقاي، خاتا چۈشەنمەي جاۋاپ بېرەرسىلەر: مەن سىلەرنىڭ تورىڭلارنى ۋەتەندىمۇ كۆرگەن ئىدىم. خېلى تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بەكمۇ ياقتۇرۇپ كۆرەتتۇق. كېيىن تاقىلىپ قېلىپ ۋەتەندە كۆرگىلى بولمىدى. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن مالايسىيادا كومپىيۇتېردا تۈنجى قېتىم ئاچقان تور بېتىم سىلەرنىڭ ۋىسال تورىڭلار بولدى. سەھىپەڭلارنى كۆرۈپ خۇددى ئۇزۇندىن بېرى كۆرىشەلمىگەن بىر تۇققان قېرىندىشىمنى كۆرگەندەك بولۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. تۈركىيەگە كەلگەندىمۇ ئىزچىل سەھىپەڭلەرنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. شۇغىنىسى سىلەرنىڭ پىروگىراممىلىرىڭلارنى كۆرگەنسېرى شۇ سۇئال كاللامنى مەشغۇل قىلىۋالدى: سىلەرنى سەلەفىي ئېتىقادتىمىكىن دىسەم ناخشا-مۇزىكا قويىدىكەنسىلەر، مىللەتچىمىكىن دىسەم خېلى ياخشى تەۋھىيد فىلىملىرىڭلار باركەن. تەۋھىيد ئەھلىمىكىن دىسەم دېموكراتچى ئەردوغاننىڭ فىلىملىرىنى ھەممىدىن كۆپ سىلەر تەرجىمە قىلىپسىلەر. ئۇنداقتا دېموكراتچىمىكىن دىسەم شەرىئەتنى ۋە ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىنى مۇداپىيە قىلىدىغان فىلىمىڭلار خېلى كۆپكەن. مەن سىلەرنىڭ ئەقىدە ۋە ئېتىقادىڭلارنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-09-27

ئۇكام بىزگە قالپاق كىيگۈزەلمەي ئاۋارە بوپكىتىپسىزدە. گەپنى ئەگىتىپ يۈرگىچە «قارىسام چەتئەلدىكى تور بەتلىرىنىڭ مىللەتچى، مائارىپچى، دېموكراتچى، ئىشىدچى دەپ قالپاقلىرى باركەن. قالپاق كىيمىگەن مۇشۇ ۋىسال تورى قاپتۇ. شۇڭا قايسى قالپاقنى كىيگۈزسەك بۇلار دەپ قالپاق تاپالماي قىينىلىپ قالدىم» دەپ ئوچۇق يازسىڭىز بولمامدۇ؟!.. ئۇكام ئىسلامىي خىزمەتنى قالپاق كىيمەي قىلالىغاندا، ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ. تۈركىيەدىكى جامائەتلەرگە قاراپ بېقىڭ، شۈنچە ئىسىل خىزمەتلىرى ئۇچى، بۇچى دەپ قالپاق كىيىپ قالغاچقا خىزمەتلىرى جامائەتنىڭ سايىسىدا قىلىپ، ئاپتاپ كۆرمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: