wisal stuido
جۈپ - جۈپ كۆزلەر - (ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تارتىۋاتقان دەردىگە مىللىي نۇقتىنەزەردە تۇرۇپ ئېيتىلغان پىغانلىق ناخشا)
1 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 9002
يوللانغان چېسلا: 2014-12-28

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: مۇھاجىر \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-28
ھاجىمكا نېمە بولدى مىللەتچىلەردەك كۆك بۆرە دەپ قاپلىغۇ؟
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-28

ئۇكام مىللەتچى بۇلۇپ قالمىدۇق. تۆنۈگۈن يەكشەنبە كۈنى، بۇرۇن جىھاد قىلىش مودا ۋاقىتىدا مۇجاھىد بولۇپ، ئۇيەر-بۇيەردە جىھاد قىلىمەن دەپ خېلى يۈگىرەپ باققان، كېيىن ئەردوغان ھۆكۈمەت قۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئورگانلىرىغا ئىشقا كىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مائاشلىق خىزمەتچىسى بولۇپ، ئاق پارتىيەنىڭ مەستانىسى بولۇپ كەتكەن تۈرك مۇسۇلمانلار ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرىدە بامداد نامىزىنى مەسجىدتلەردە كوللىكتىپ ئوقۇش پائالىيىتى بار ئىدى. بۇرۇن ئۇلار بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر تونۇشلىقىم بولغاچقا، مېنىمۇ پائالىيەتكە چاقىرغان ئىدى. نامازدىن كېيىن كوللىكتىپ ھالدا مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىمىز، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات بېرىمىز دىگەچكە، مەنمۇ يېنىمدا بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىمىزنى ئېلىپ، تايلاندتىكى ئەسىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى ئاخباراتقا ئاڭلىتارمىز دەپ ئاتايىتەن بارغان ئىدىم. نامازدىن كېيىن قارىسام، شۇنداق دىمەسمۇ: بىز بۇگۈن پەقەت مىسىردىكى ئىخۋان ئۈچۈن شۇئار توۋلايمىز، بايانات بېرىمىز. مەن: ھازىر ئىخۋاندىنمۇ ئېغىر ھالدا قالغان 300 مۇسۇلمان ئەر-ئايال، ئۇششاق بالىلىرى بىلەن تايلاندتا ئۆلۈم گىرداۋىغا كىلىپ قالدى دىسەم، بىز ھۆكۈمەتتىن پەقەت ئىخۋان ئۈچۈن روخسەت ئالغانتتۇق دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم كېلىپ: سىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى بۇلار بۇنچىلىك بۇلار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. بۇرۇن سىلەر بىلەن مۇرىمۇ-مۇرە تىرەپ بىرگە جىھاد قىلغان قېرىنداشلىرىڭلار ھازىر سىلەرنى دېموكىراتچى ئاق پارتىيەنىڭ مەدىكارلىرى بولۇپ كەتتى دەپ، سىلەر بىلەن ئالاقىسىنى بىكارغا ئۈزمەپتىكەن. مەن دەيمەن 300 ئۇيغۇر مۇسۇلمان تايلاندتا ئۆلۈم گىرداۋىدا، سىلەر دەيسىلەر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى. سىلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنىڭ بۇنچىلىك تاتلىق كەپكەتكەنلىكىنى، سىلەرنى بۇنچىلىك ئۆزگەركەتكەنلىكىنى بۇگۈن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۇم، دىسەم، قېرىندىشىم بىز سىزنى بۇنچىلىك قاتتىق ئاچىقلىنار دەپ ئويلىماپتۇق. سىز بىزنىڭ كونا قېرىندىشىمىز، بىر-بىرىمىزنى بىلىمىز، تۇنۇيمىز. سىز بۇرۇن مۇسۇلمانلارنى ئاسان تەكفىر قىلمايتىڭىز، ھازىر خۇددى تەكفىرچىلەردەك گەپ قىلىۋاتىسىز، دەيدۇ.... 

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-28

... شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ: ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا سىلەرنى ئەيىپلىگەننى تەكفىرچى دەپ ئۆزەڭلارنى ئاقلايدىكەنسىلەر، سىلەرنىڭ كەمچىلىكىڭلارنى، خاتالىقىڭلارنى كۆرسىتىش تەكفىرچىلىكمۇ بولىدۇ؟!. سىلەرنىڭ شۇ قىلغان قىلىقىڭلار نۇرچى پەتۇللاھ گۈلەننىڭ پەلەستىنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن شېھىد بولغان، ئەسىر چۈشكەن مۇسۇلمانلارغا: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن روخسەت سورىشى كېرەكتى، دىگەن سۆزىدىن نېمە پەرقىڭلار بار؟ مۇسۇلماننىڭ دەردىنى، پەريادىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن روخسەت سوراش كېرەكمۇ، ھەمدە اللەنىڭ مەسجىدىنىڭ ئالدىدا، قېنى بۇنى ئۆزەڭلارنىڭ ئىمانىغا سوراپ بېقىڭلار. شۇنى ئۇنۇتماڭلار، ھۆكۈمەتنىڭ، ئەردوغاننىڭ تاتلىق مائاشى سىلەرگە بىر ئۆمۈر باقىۋەندە ئەمەس، اللەنىڭ ئازابىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار!» دېدىم ۋە ئارىغا چۈشكەن بىرقانچە مۇسۇلماننىڭ خاپا بولماڭ قېرىندىشىم، ئايرىم ئولتۇرۇپ سۆزلىشەيلى دەپ سالا قىلىشى بىلەن مەيداندىن ئايرىلدىم. ئاخشام تېلېۋىزۇردا خەۋەرلەردە قارىسام، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى تايلانتتىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن كوچىدا ئىمزا توپلاۋاتقاندا، بىر گۈرۇپ كۈرد كوممۇنىستلىرى خىتاينى ماختاپ شۇئار توۋلاپتىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كوچىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مىللەتچى تۈركلەر كوممۇنىست خىتايلارنى قوللاپ شۇئار توۋلىغان كۈرد كوممۇنىستلىرى بىلەن جىدەل قىلىپتۇ. ئارىغا ھۆكۈمەتنىڭ ساقچىلىرى چۈشۈپتىكەن، ساقچىلىرىنىمۇ قوشۇپ ئۇرۇپ، «ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق!.. ئەردوغان قوپقىنە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قاتىلى خىتايغىمۇ «ۋان مىنۇد» دىگىنە!» دەپ شۇئار توۋلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنىڭ ئەتىگەن نامازدا كۆرگەن ئاتالمىش مۇسۇلمان ھۆكۈمەتنىڭ مۆتىدىل مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئاخشام كۆرگەن تۈرك مىللەتچىلىرىنى ئىختىيارسىز سېلىشتۇرۇپ قالدىم.

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-28
ھازىر سىياسەت مۇسۇلمانلارنى بەك بۇزىۋەتتى. ياۋرۇپالىقلار سىياسەتنى دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن قوللانسا، مۇسۇلمانلار سىياسەتنى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا خىيانەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئەتراپىمغا قارىسام، مۇشۇ سىياسەتكە ئارىلىشىپ قالغان مۇسۇلمانلاردا سەمىمىيەت، ئىخلاس قالماپتۇ. نەدە مەنپەئەت بار، كىمدە پايدا بار، شۇنىڭ يېنىدا كەتمەن چېپىشنى سىياسەت دەپ چۈشىنىپ قىلىۋاتىدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-28

مەن 97-يىلى مىسىردا ئەرەبىستاندىن رامىزان ئۆمىرە قىلىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر قېرىدىشىمىزدىن شۇنداق ئاڭلىغان ئىدىم: ئۇ قېرىندىشىمىز كەبىنىڭ ئىمامى سۈدەيىسنىڭ ئالدىنى توسۇپ: ھازىر مۇشۇ مۇبارەك رامىزان ئايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە قاتتىق قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ. تەراۋىدە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا دۇئا قىلغاندا، اللەنىڭ كەبىسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسمىنى ئاتاپ دۇئا قىلغان بولسىڭىز، دەپ ئۈتۈنۈپتىكەن، سۇدەيىس شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋىرىم بار، ئەتىگەن مۇسلىمون گېزىتىدە د. ئابدۇلقادىر تاشنىڭ ماقالىسىنى ئوقىدىم. بىراق بىزگە پايتەخت رىيادتىن بۇ يىل تەراۋى نامازلىرىدا پەقەت پەلەستىنگە، كەشمىرگە دۇئا قىلىشقا روخسەت قىلىنغان. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ دۇئا قىلالمايمەن» دەپتۇ. مەن بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران قالغان ئىدىم. ئۇ دەۋىردە دىنىي سەۋىيەممۇ ئۇنچىلىك يوق ئىدى. كېيىن سۇدەيىسنىڭ بۇ سۆزىنى بىزگە ئۇستاز بولۇپ، بىز بىلەن بىللە تۈرىدىغان تۈرك خوجىغا دەپ بەرسەم: «سەئۇدىنىڭ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى بەلئاملار» دىگەن ئىدى. مەن: بەلئام دىگەن نېمە دىگەن گەپ؟ دەپ سورىسام: «ھۆكۈمەتنىڭ موللىرىغا، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە دىنىي ئىلمى بولسىمۇ، ئىلمى بىلەن ئەمەل قىلماي، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قاراپ ئىش قىلدىغانلارغا ئىسلام فىقىھىدا بەلئام دىيىلىدۇ دەپ، بەلئام بىن باۋۇرا ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ھاياتىمدا تەۋھىيد ئېتىقادىنى تۈنجى قېتىم مۇشۇنداق ئۈگەنگەن ئىدىم. كېيىن سۇدەيىسنىڭ اللەنىڭ كەبىسىنىڭ ئىمامى تۇرۇپمۇ دىگەن شۇ خائىنلارچە گەپلىرى كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەچمىكىن، ھازىرمۇ مۇشۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى دەپ اللەنىڭ دىنىنى پەسكە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى يۇقىرى چىقىرىپ قويغانلارنى كۆرسەم ئاجايىپ جۇدۇنۇم ئۆرلەيدۇ.

يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29

ھاجىم ئۇ يىللارنىڭ بەلئاملىرى نىمىلام دىمىگەن بىلەن: شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋىرىم بار، ئەمما... دەپ ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئىتىراپ قىلالايدىكەن. ھازىرقىلا بولسا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى فىقىھنىڭ ئۆزى كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا ئازراقمۇ ئۈكۈنۈش، ئەپسۇسلانمايدۇ. خۇددى ئىسلامدا فىقىھ دىگەن بىر ئىلىم يوقتەك، قىلغان ئىشى سىياسەتكە توغرا كەلسە، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ رەڭگى بىرئاز مۇسۇلمانىي بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئىشىنى مۇتلەق توغرا دەپ بىلىدۇ. سىز بۇ ئىشىڭلار خاتا، ئىسلامدا سىياسەت بار ئەمما ھارام ئىشلەپ، ھارام ئەمەللەر بىلەن قىلىنغان سىياسەت يوق دىسىڭىز، سىزنى بىلىمى يوق، سىياسەتنى بىلمەيدىغان، نادان، سەۋىيەسى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ.

يازغۇچى: ئابدۇللاھ ئەززام \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29

تەۋھىدسىز سىياسەت خىيانەتتۇر. - سەيىد قۇتۇب-

يازغۇچى: قۇتيار \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29

ھازىر قىلغان ئىشىنى اللەنىڭ كىتابىغا ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە سېلىپ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان سىياسەتچى موللاملار كۆپقۇ.

يازغۇچى: كارۋان \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29
دوستۇم بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ سىېنىڭ 90-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچى ياشلار ئارىسىدا مودا بولغان، كەينىگە تەڭرىتاغ ئوغلى دەپ يېزىلغان، ئالدىغا ھۇۋلاۋاتقان كۆك بۆرىنىڭ رەسمى بار ئاق مايكىنى كىيىپ يۈرگەن ھالىتىڭ كۆزۈمگە كەلدى. ئۇ رەسىملىرىمىز ھازىرمۇ مەندە بار.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29

مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن، دىنىي ساۋادىمىزمۇ يوق يىللار بولغاچقا، دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ سېرىق ئەجدىھاسى بولسا، بىزنىڭمۇ كۆك بۆرىمىز بار دەپ، بوينىمىزغا بۆرىنىڭ ھۇشۇقىنى تۇمار قىلىپ ئىسىپ يۈرگەن، بىلىمىزگە غىلاپلىق ئۇيغۇر پىچاقلىرىنى ئىسىۋالغان ۋاقىتلىرىمىزغۇ. دىنىي ئېتىقاد ئۈگىتىلمىسە، ئادەم ئاشۇنداق مىللەتچىلىك يولىغا كىرىپ قالىدىكەن.

يازغۇچى: كارۋان \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29

ئاغىنە بىزنىڭ ئۇ يىللاردىكى مىللىي روھىمىزنى ئۇنچىلىكمۇ چۈشۈرىۋەتمە. ھەپتىدە بىر ۋاقىت بولسىمۇ جۇمە نامازلىرىنى تاشلىماي ئوقۇشقا، خىتاي ئىچىدىغان ھاراقنى ئىچمەيمىز، تاماكىنى چەكمەيمىز، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىككى كۈنلۈك مابەت تۇتۇپ بۇلغىمايمىز دەپ ياشلىقنىڭ ھەۋەسلىرىگە بېرىلمەي، دىنىي ساۋادىمىز بولمىسىمۇ ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىشىمىزغا ئاشۇ مىللىي روھىمىز سەۋەبچى بولمىدىمۇ؟ ئۈرۈمچىدىكى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قەبرىسىگە بارغىنىمىزدا، ھۆسىنخەت بىلەن يېزىپ قويغان ماۋۇ شېئىرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ:
بىز ئۇيغۇر ياشلىرى قەلبىمىز قايناق،
قوللاردا لەپىلدەر ئاي يۇلتۇز بايراق.
كۆك بۆرە باشلىغان داغدام يول بىلەن،
ماڭىمىز ئەبەدكە يولىمىز پارلاق. 

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-29

مەن كېيىن ئىسلامنى ئۈگىنىپ، تەۋھىدنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇ شېئىرنى مۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتىم:
بىز ئۇيغۇر ياشلىرى قەلبىمىز قايناق،
قوللاردا لەپىلدەر ئىسلامىي بايراق.
رەسۇل اللە باشلىغان داغدام يول بىلەن،
ماڭىمىز ئەبەدكە يولىمىز پارلاق.

يازغۇچى: ئۇيغۇر روھى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-01

كارۋان ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك، ۋىسال ئەپەندىم سىز مىللىي روھنى بۇنچىلىك چۈشۈرۋەتسىڭىز بولمايدۇ. مىللىي روھمۇ ياشلىرىمىزنى نۇرغۇنلىغان يامان يولدىن توسۇپ قالغان. ھەممە ئىشنى دىنىي پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ ئانالىز قىلىش بىر تەرەپمىچىلىكتۇر، مەسىلىلەرگە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-01

ئۇكام گەپنى پەلسەپەدىن، مىللىي روھتىن ئېچىپ قالدىڭىز. مىللىي روھىمىز بىزنى ئۆز ۋاقىتتا قايسى گۈناھتىن توسۇپتۇ؟ خىتاينىڭ تاماكىسىنى چەكمىگەن بىلەن ئۇيغۇرنىڭ موخۇركىسى بار ئىدى، خىتاينىڭ ھارىقىنى ئىچمىگەن بىلەن ئۇيغۇرنىڭ كەيىپ قىلىدىغان مۇسەللىسى (پىۋىسى) بار ئىدى، تانسا ئوينىمىغان بىلەن قىز-ئوغۇل ئارىلىشىپ، بىر-بىرىگە قاش ئېتىپ، مىللىي مۇزىكىغا  بەل تولغاپ ئوينايدىغان ناخشا ئۇسۇل بار ئىدى، يەنە... يەنە...   گەپ قىلمىغانسېرى ئاغزىمنى تاتلاپ تۇرۋالدىڭلار. گۇناھنىڭ مىللىيچىسى، خىتايچىسى بولمايدۇ، ھارام ھارامدۇر، گۇناھ گۇناھتۇر. سىلەرمۇ ۋاقتىدا تۆۋە قىلىۋېلىڭلار ئاغىنىلەر، اللە قەبىردە مىللىتىڭ نېمە دەپ ئەمەس، دىنىڭ نېمە دەپ سورايدۇ. ئىچكىنىڭ، چەككىنىڭ، ئوينىغىنىڭ مىللىيچىمۇ، خىتايچىمۇ دەپ ئەمەس، ھارام يىدىڭمۇ، ھارام ئىچتىڭمۇ، ھارام ئوينىدىڭمۇ دەپ سورايدۇ.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: