تۈركىيە رەئىسى رەجەپ ئەردوغان: ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىز ھەل قىلايلى، غەرب بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشمىسۇن، غەرب مۇسۇلمانلارغا زۇلۇمدىن باشقا مەنپەئەت بەرمەيدۇ
1 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 1830
يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ئىخلاسمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14
رەئىس ئەردوغان ھەجەپ توغرا سۆزلەپتۇ. ئىسلامنىڭ قانچە يۈز يىللىق دەردىنى ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ.
يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14
ئىخلاسجان ئەمما رەئىسىڭىزنىڭ خاتا ماشىنىغا چىقىۋىلىپ توغرا يول ماڭىمەن دىگىنى چاتاقتە .
يازغۇچى: ئىخلاسمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14
سىز زادى نېمە دىمەكچى؟ ماڭا تەنە قىلىۋاتامسىز يا مازاق قىلىۋاتامسىز؟
يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

ئەردوغان چىقىۋالغان دېموكىراتىيە ئاپتۇۋۇزى ئەردوغاننى بارماقچى بولغان جايىغا ئاپارمايدۇ دەۋاتىمەن. ئىسلامىي مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئىسلامىي مىنھەج كېرەك.

يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14
ئارىدا بىر مۇشۇنداق تاتلىق چۈش كۆرىدىغانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇ رەجەب ئاخۇننىڭ ئۆزى ئوڭلىق يېتىم بولمىسا. شۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دۇنيادا بۇ ئامال يوق.
يازغۇچى: كۆزئەينەكسىز \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

شەخسەن مېنىڭچە ئەردوغانغا شەرىئەتكە قايتىشنىڭ پەرھىزلىكى،ئىسلام دۇنياسىغا خەلىپىنى قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىمۇ ئايان،بۇنى ئەردوغانننىڭ ھوقۇققا چىقىشتىن بۇرۇنقى سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز،ئەمما ھازىرقى ھالىدا بىراقلا ئۆزگەرتىش قولىدىن كەلمەيدۇ،ھىجابنىڭ قانۇنلۇق بولىشىنىمۇ .مىڭ خەتەردە قولغا كەلتۈردى،ئەمما ھازىر بىراقلا ئۆزگەرتەي دېسە ھۆكۈمەتنى ئارمىيە ئاغدۇرىدۇ،تەخىتىىن چۈشۈپ ھەق يولغا كىرەي دېسە ،بىرەر زىيادە مىللەتچى ياكى باشقا ئىزىمچىلار ،ياكى سىياسەت بىلمەيدىغان بىرى چىقىپ قىلغان نۇرغۇن يىللىق ئەجرىىنى يوق قىلىپ،مۇسۇلمانلار ھوقۇقى،مۇسۇلمانلىق يەنە زىيادە چەلىنىدۇ نۇرغۇن مۇسۇلمانلار قولغا ئېلىنىدۇ،باشقا تۈزۈكرەك ئاسانلىقچە باشقىغا مەنپەئەتكە ئېگىلمەيدىغان قوللايدىغان دۆلەتمۇ يوق،شۇڭامېنىڭچە ھازىر ئەردوغان مۇشۇ يودا مېڭىشقا مەجبۇرمىكىن،گەرچە ئىشدا نۇغۇن ھارام ئارلاشسىمۇ. ھازىر ئامال بار ئىسلام ئەللىرىنى بىر يەرگە توپلاۋاتىدۇ ،ۋە ئاستا -ئاستا بىرلىشىىشكە كۈچەۋاتىدۇ،بەلكىم شۇ ئارقىلىق يۇقۇرى تەرەپتىن ئوڭشىماقچىمىكىن،بۇرۇن يەنە ئېيتقىنىمدەك،قېرىنداشلار نى ھەركەتكە ئەمەس شەخسكە باھا بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن ،گەرچە ئۆزۈممۇ شۇنداق قىلغاندەك بولساممۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

بىزگە: ۋىسال سىتۇدىيىسى بىر قارىسا ئەردوغاننى بەك سۆكىدىكەنسىلەر، بىر قارىسا ماختاپ فىلىمىنى ئىشلەيدىكەنسىلەر، دىگەندەك ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاسلار بۇرۇنمۇ كۆپ كەلگەن ئىدى. قارىغاندا بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىزنىڭ ئەردوغانغا ۋە تۇتقان يولىغا نىسبەتەن كۆزقارىشىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق بىلدۈرۈپ قويىشىمىزنىڭ ۋاقتى كەلگەن ئوخشايدۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋىسال سىتۇدىيىمىزنىڭ ئەردوغانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئېنىق بىلدۇرۇپ ئۆتەي: ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولغان ۋە دۆلىتى تۈركىيە ئۈچۈن، مىللىتى تۈركلەر ئۈچۈن تىللارغا داستان بولغىدەك خىزمەتلەرنى قىلغان بىر ئىقتىدارلىق رەھبەر. ئارزۇسى تۈركىيەنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە كۈچلەندۈرۈپ، تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ئاساستا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىشغال ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرخىل سىياسىي، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى تۈركىيە ئەتراپىغا جەم قىلىپ، تارىختىكى دۇنياغا ئادالەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان، مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا باشپاناھ بولغان شانلىق ئوسمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ روھىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەردوغاننىڭ ئۆزى «بۈيۈك تۈركىيە ئارزۇسى» دەپ ئاتايدۇ. بىز بۇيەردە ئەردوغاننىڭ بۇ غايسىگە يېتىش ئۈچۈن تاللىغان يولى، قوللانغان مىتودىنى تىلغا ئالمىساقمۇ كۆپچىلىكىمىزگە ئايان. ھەم بۇ مىتودىنىڭ توغرا، خاتالىقىنى تالاش-تارتىش قىلىشمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئەمەس، تۈركلەر ئۆزلىرى يەتكۈچە تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ، قوللىغانلار قوللاۋاتىدۇ، قوللىمىغانلار بىتەرەپ تۇرۋاتىدۇ. ئەمدى ئەردوغاننىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىغا كەلسەك، ۋىسال سىتۇدىيىمىز بۇ جەھەتتە ئۆز كۆزقارىشىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ:

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

بىز ئۇيغۇرلار نېرىسى 150 يىل، بېرىسى 60 يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى خىتاي تەھدىتىدە ۋە ئىشغالىيىتىدە بولغان جانىجان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن بىزدىن بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز ھەر خىل يوللاردا ھەرخىل ئۇسۇل – چارىلەرنى قوللىنىپ باققان ئىدى. بەزىدە تاجاۋۇزچىلارغا قۇراللىق قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەتەن تۇپرىقىغا دەسسەتمەي، دۈشمەننىڭ دىنىنىڭ، تىلىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولسا، بەزىدە مىللىتىمىز بىلەن تىلى بىر، دىنى بىر، مەدەنىيىتى بىر دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ چەتئەلدىن ئۇستاز تەكلىپ قىلىپ خەلقىمىزنى تىل – يېزىق، مەدىنىي ئاقارتىش جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشقان. يەنە بەزىدە مىللىتىمىز بىلەن تىل، دىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ھېچقانداق ئورتاقلىق بولمىسىمۇ، ئۇ دەۋىردىكى ئىلغار پەن-تېخنىكىغا، كۈچلۈك سىياسىي كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي كۈچى بىلەن خىتايغا قارشى تۇرۇپ، ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ تۇزۇمى بىلەن خەلقىمىزنىڭ پەن، مەدىنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان، يەنە بەزىدە بۇلۇپمۇ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە يولىنى تۇتۇپ، خىتاينىڭ پەن – تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۈگىنىپ، خىتاي قانۇنلىرىدىكى بەزى يوچۇقلاردىن، يەنى ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قالماقچى بولغان. بۇ يوللارنىڭ ھەممىسى ئۆز دەۋىرىنىڭ شەرت –شارائىتىغا، سىياسىي ئېھتىياجىغا قاراپ تاللانغان بولىسىمۇ، ھىچبىرى ئۈزۈل – كېسىل نەتىجە بەرمىگەن، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

يېقىنقى تارىخىمىزغا قارىساق، بىزنىڭ مىللىتىمىزگە تەسىر قىلغان ۋە قىلىۋاتقان تۆت چوڭ ئارزۇ بولۇپ، دەسلەپتە سىتالىننىڭ دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇپ، سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا ئىشىنىپ، تەسىرلىنىپ كەتكەن رەھبەرلىرىمىز، بۇ يول ئارقىلىق مۇستەقىل بۇلۇشنى ئۈمىد قىلىپ، سىتالىننىڭ ئارزۇسىغا پۈتۈن مىللىتىمىزنى دەسمىي قىلىپ بەردى ۋە ئاقىۋەتتە ئىچىنىشلىق پاجىئەلەرگە دۇچار بولدى. بۇ پاجىئە 50 يىلغا يېقىن سۈرگەندىن كېيىن، بۇ قېتىم تالىباننىڭ خەلىپىلىك قۇرۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى قۇتقۇزۇش غايىسىدىن تەسىرلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ يېنىدا قۇرۇلىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۈچى بىلەن ۋەتىنىمىزنى خىتايدىن قۇتقۇزۇۋېلىش مەقسىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانىمىزنىڭ خىللانغان مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلىرىنى تالىباننىڭ ئارزۇسىغا دەسمىي قىلىپ بەردۇق، نەتىجىدە تالىباننىڭ يىقىلىشى بىلەن بىزنىڭ بۇ ئارزۇيىمىزمۇ گۇمران بولدى. ئەمدى ئەردوغاننىڭ بۈيۈك تۈركىيە قۇرۇش ئارزۇسىغا دەسمىي بولۇپ تۇرىۋاتىمىز. شۇنىڭدەك يەنە بەزىلىرىمىز ئامېرىكىنىڭ بۈيۈك دېموكىراتىيە قۇرۇش ئارزۇسىغا ئۆزىنى دەسمىي سىلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇيەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: خۇددى تالىباننىڭ ئارزۇسىدا بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە پايدىسى بولىدىغان تەرەپلىرى بولغاندەك، ئەردوغاننىڭ ئارزۇسىدىمۇ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە پايدىسى بولىدىغان تەرەپلىرى بار، ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسىدىمۇ ھەم ۋەتىنىمىزگە پايدىلىق تەرەپلىرى بار. مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم، بىز ئامېرىكىنىڭ ۋە ئەردوغانننىڭ ئارزۇسىغا ئۆزىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى دەسمىي قىلىپ بېرىش قارارىنى ئالغاندا بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىللىتىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىككى بۈيۈك پاجىئە سىتالىن ۋە تالىبان تەجرىبىسىدىن ئىبرەت ئالدۇقمۇ؟ سىتالىن ۋە تالىبان پاجىئەسىنى ياخشى ئانالىز قىلدۇقمۇ؟ ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

مەسىلەن: تالىبان پاجىئەسىدە مېنىڭچە بىز تالىبان ھەرىكىتىنى ياخشى ئانالىز قىلماي، بۇ ھەرىكەت قانچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ئەمىلىي كۈچى قانچىلىك... قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلاشمايلا، موللا ئۆمەرنىڭ سەمىمىيتىگە ۋە ئېغىزىدىكى سۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىمىزنى دەسمىي قىلىۋەتتۇق. ناۋادا تالىبان ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ قالسا ياكى ئېغىزىدىكى سۆزدىن يېنىۋالسا، ۋەياكى بىزگە سۆز بەرگەن موللا ئۆمەرنىڭ ئۇمرى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل قىلىشقا يەتمەي قىلىپ شېھىد بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان رەھبەرلەر، موللا ئۆمەرنىڭ ئارزۇسىنى ۋە بىزگە بەرگەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرمىسا، ئۇ چاغدا بىز قانداق قانداق قىلىمىز، ئۇ ۋاقىتتىكى ئىستىرادىگىمىز قايسى، B پىلانىمىز قانداق بولىدۇ، دىگەنلەرنى پۇختا ئويلاشمايلا قارار ئالدۇق. نەتىجىدە گەرچە تەلىيىمىزگە مەرھۇم موللا ئۆمەر سۆزىدىن يېنىۋالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆمۈرى قىسقا كېلىپ قىلىپ، بىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىمىزنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان بىباھا ئىنسان ۋە ئىمكانلىرىمىزنىڭ ئۆمۈرىمۇ قىسقا بولۇپ قالدى. ئەمدى ماۋۇ ئەردوغاننىڭ بۈيۈك تۈركىيە ئارزۇسىغا كەلسەك، ئارزۇسىنىڭ توغرىلىقىدا، ئۇلۇغۋارلىقىدا ۋە كەلگۈسىدە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە پايدىسىدا گەپ يوق. گەپ ئەردوغاننىڭ ئارمىنىغا چۇشلۇق دەرمانىنىڭ قانچىلىقىدا. بىز بۇ ئارزۇغا ئۆزىمىزنى دەسمىي سېلىپ بېرىشتە بۇ ئارزۇنىڭ ئەمىلىيلىشىش نىسبىتىنى، ئەمىلىيلىشىىدىغان ۋاقتىنى، ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان مىتودلىرىنى، ئەردوغاننىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمىلىيلەشتۈرەلەيدىغان يېتەرلىك قابىلىيەتلىك ھەمراھ ۋە خادىملىرىنىڭ (kadro, ekip)نىڭ بار يوقلىقىنى، ئەردوغاننىڭ شەخسىي سالامەتلىك ۋە ساغلىق ئەھۋالىنى، ناۋادا ئەردوغانغا ئەجەل يېتىپ قالسا، ئەردوغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان، ھەتتا ئەردوغاندىن بىر بالداق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئېلىپ چىقالايدىغان قابىليەتلىك ئىزباسارى بار يوقلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئىچكى - تاشقىي ۋەزىيىتى ھازىر ۋە ئەردوغاندىن كېيىن بۇ ئارزۇنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قالماي ئەمىلىيلىشىگە قانچىلىك ئۇيغۇن؟.. قاتارلىق سۇئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب تېپىپ ۋە ئۆزىمىزنىڭ تەدبىرىنى ئېلىپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى B پىلانىمىزنى تۈزۈپ ئاندىن بۇ يولغا كىردۇقمۇ... ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ..

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

ئۇمىدىم بىزنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرىمىز تالىبان پاجىئەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە شاھىد بولغاچقا، بۇ قېتىم قەدەمنى پۇختا ئويلاپ باستى، شۇڭا مىللىتىمىزنىمۇ ئىككىلەنمەي ئەردوغاننىڭ ئارزۇسىغا ياردەمچى بۇلۇشقا، قوللاشقا، سايلاملاردا ئەردوغانغا ئاۋاز بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، قول ئىلكىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئەردوغاننى توختىماي پەدەزلەپ، مەدھىيلەپ، ئۇنىڭ يولىغا چاقىرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
توغرا، رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئەردوغاننىڭ ئارزۇسىغا ئىشەنچ قىلىشتا ئۆزىگە چۇشلۇق يېتەرلىك ئاساسى بار. ئەردوغان بىزگە جەمئىيەت، دەرنەك قۇرۇپ بەردى، بىر قانچە يەردىن شەرقىي تۈركىستانىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن بىنالار تەسىس قىلىپ بەردى، ھەر يىلى ئۇچرىشىش، يىغىنلار ئۈچۈن يېتەرلىك ماددىي مەبلەغ ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ مەنزىرلىك يەرلىرىنى بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئۇچرىشىش يىغىنلاردا تۈركىيەنىڭ سەرخىل دىپلومات، پروفىسور، پارلامىنت ئەزالىرى، ھەتتا تالانتلىق مىت خادىملىرىنى لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ، ئۆزىمىز قابىلىيەتلىك دەپ تاللاپ كۆرسەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن تەربىيلەپ بېرىۋاتىدۇ.... بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ۋە قىلالمايدۇ. لېكىن شۇنى ھەم ئۇنۇتمايلى، تالىبانمۇ بىزگە كۆپ ياردەم قىلغان ئىدى، ئەسكىرىي لاگىرلار ئېچىپ بەرگەن، تانكا قاتارلىق ئېغىر - يىنىك تىپتىكى قۇراللارنى ئۆگىنىشىمىزگە پۇرسەت بەرگەن، نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇجاھىيد قوشۇنىمىزنى ئوزۇقلۇق تەمىناتى، ھەربىي خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. سىتالىننىڭ ياردەملىرىنى سۆزلىمىسەممۇ، ھەممىمىزگە ئايان، ھۆكۈمەت رەھبىرىدىن تارتىپ ئەسكىرىي گېنىرالغىچە ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلەپ، بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئارمىيسى، ئۆزىمىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمىتى، ئۆزىمىزنىڭ مىنىستىرلىكى، ئۆزىمىزنىڭ بانكىسى، ئۆزىمىزنىڭ پاسپورتى، ئۆزىمىزنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى بولغان رەسمىي بىر دۆلەت قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ھازىر بىز ئۈمىد باغلاۋاتقان ئامېرىكا قىلىپ بەرسە سىتالىنچىلىك قىلىپ بېرەر، ئەردوغان قىلسا يەنە شۇنچىلىك قىلار. ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

بىز ئۇيغۇرلار ئاقكۆڭۈل، ھېچكىمگە ئالدىراپ يامان نىيەتتە بولمايدىغان، ھېچكىمنىڭ ھەققىگە قارا سانمايدىغان بىر ئالىيجاناب مىللەت. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا بىزنىڭ بۇ ئالىيجانابلىقىمىز سىياسىي جەھەتتە بەك ساددا، خام بولۇپ بىزگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنچىلىك كۆپ ئالدانساقمۇ، شۇنچىلىك كۆپ يىقىلساقمۇ، يەنىلا ئىبرەت ئالمايۋاتىمىز. ھازىرغىچە يەنە ئەردوغاننىڭ، ئوبامانىڭ، باغدادىينىڭ، جولانىينىڭ ئېغىزىدىكى گەپكە ۋە قىلغان ئازغىنە ياردىمىگە ئۆزىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىنى دەسمىي سېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەتتا ئۆزىمىز ئەگەشكەن ئەردوغاننىڭ، ئوبامانىڭ، باغدادىينىڭ، جولانىينىڭ ئارزۇسىغا ئەگەشمىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايدىنمۇ بەتتەر دۇشمەن ھىسابلاپ يۈرىۋاتىمىز. ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14

توغرا، دۈشمىنىمىز خىتاي كۈچلۈك، بىز ئاجىز، بۇ بىر رىئاللىق. بىزدىن بۇرۇنقىلارغا ئوخشاش بىزمۇ ئەتراپىمىزدىكى خىتايغا قارشى چوڭ كۈچلەرنىڭ ھەرخىل ياردەملىرىگە مۇھتاج، بۇ بىر ھەقىقەت. شۇڭا ئەردوغاننىڭ، ئوبامانىڭ، باغدادىينىڭ، جولانىينىڭ ياردەملىرىنى ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. بۇ بىر ئەمىلىيەت. ئەمما ئۆتمۇش پاجىئەلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ئالغاندا ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۆزىمىزنى ۋە بىزگە ئەگەشكەن مىللىتىمىزنى بىراقلا دەسمىي قىلىۋىتىشتىن ساقلىنايلى. بىزنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىمىزنىڭمۇ ئەردوغاندەك، ئوبامادەك، باغدادىيدەك، جولانىيدەك بۈيۈك ئارزۇلىرى بولسۇن. ھەتتا ئەردوغاننى، ئوبامانى، باغدادىينى، جولانىينى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئارزۇسىغا خىزمەت قىلدۇرالايدىغان سەۋىيەدە بولسۇن. تارىختا بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تېخى تۈركىيە، ئامېرىكا دىگەن بىر دۆلەت يوقكەن، قاراخانىيلار ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ، دۇنياغا نىزام ۋە مەدەنىيەت تارقاتقان پاراسەتلىك مىللەتمىز. شۇڭا ئەردوغاننىڭ «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ لىدىرى» نامىغا، ئوبامانىڭ «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىسى» ئۇنۋانىغا، ياۋرۇپانىڭ «دۇنيا دېموكىراتىيە قوغدىغۇچىسى» ئاتىقىغا ھاياجانلىنىپ كېتىپ، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى تاپشۇرۋەتمەي، مەن سىلەر تېخى دۇنيادا يوقكەن دۆلەت قۇرغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادى، دۇنيادا تۈنجى دۆلەت باشقۇرۇش سىياسەتنامىسى «قۇتادغۇبىلىك»نى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ۋارىسى ئۇيغۇرمەن، سىياسەت ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق قىلىنىدۇ، دەپ ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل سىياسىي پىروگىراممىلىرىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە پايدا قىلىدىغان سىتىرادىگىيىلىرىمىزنى تۈزۈپ چىقىشىمىز، ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى كىم بىلەن ھەمكارلاشساق ھەمكارلىشايلى، كىمنىڭ ئارزۇسىدا ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسەك كۆرەيلى، ئەمما ئۇ ئارزۇغا مىللىتىمىزنى چاقىرغاندا، چوقۇم B پىلانىمىز، ھەتتا C پىلانىمىز بولسۇن. شۇنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايلى، ئەخمەتجان قاسىمى سىتالىننىڭ ئاتالمىش بۈيۈك ئارزۇسىغا قۇربان بولۇپ كەتكەندە پەقەت ئۆزىلا كەتمىدى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مىليونلارچە خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى ھەتتا دۆلىتى ۋەيران بولدى. ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-14
جانابىي اللە ئەزىزانە مىللىتىمىزنى مەيلى كوممۇنىست كاپىر بولسۇن، مەيلى كاپىتالىست كاپىر بولسۇن، مەيلى دېموكراتىك كاپىر بولسۇن، پۇتۇن كاپىرلارنىڭ، زالىملارنىڭ شەررىدىن، زىيانكەشلىكىدىن قوغدىسۇن. يا رەببى! ئىسلام دۈشمەنلىرى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جەڭ مەيدانىدا يېڭەلمىدى، سىياسەت مەيدانىدىمۇ يېڭەلمىسۇن. ئامين!... ئامين!...
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-15
اللە اكبر!... اللە اكبر!... ۋىسال ئاكا يەنە ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ ئەسەر يېزىپسىز. اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، اللە ۋىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. امين
يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-15

ۋىسال ئاكىمىز ھازىر ئوتتۇرىدا بولىۋاتقان جىدەل-ماجىرا، تالاش-تارتىشنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى ئىنتايىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ھەممىمىز دەرنەك، جەمئىيەت، تەشكىلات، قۇرۇلتاي، پارتىيە دەپ ئىسىم قويىۋېلىپ، ئەمىلىيەتتە ئەردوغاننىڭ، ئابامانىڭ، باغددىينىڭ تارماق دۇكىنىنى ئېچىۋېلىپ، دۇكىنىمىزغا خېرىدار تالىشىپ جىدەل قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ھەممىمىز ئەردوغانىڭ، ئوبامامنىڭ، باغدادىينىڭ ۋەكىللىكىنى تاشلاپ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سۆھبەتلەشكەن بولساق، بۇچاققىچە ئىتتىپاقلىشىپ خېلى ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپ كېتەتتى.

يازغۇچى: بىگان \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-15

يۇقىرىقى يازمىنى ئوقۇپ، ئۆز ۋاقتىدا تالىبان ئۇرۇشىدا ئۈزۈلۈپ كەتكەن بارمىقىم بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاغرىدى. يۈرەككە تەككىدەك يېزىۋىتىپلا ۋىسال ئاكا.

يازغۇچى: قەلەمشاھ \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-15

مەنمۇ ئەردوغاننىڭ سايلىمىدا بايراق تارقىتىۋاتقىنىمدا موتو سوقىۋىتىپ پۈتۇم قايرىلىپ كەتكەن. ياخشى بۇلالماي ھەپتە يېتىپ كەتكەن بولساممۇ، بۇ ئەمىلىم ئەجىر دەپ پەخىرلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. ھازىر بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك نادان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-15

ئىنىم ئۇنداق نادانلىق بىزنىڭ بېشىمىزدىنمۇ ئۆتكەن. تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىمىزدا، ھازىرقى ئاق پارتىيەمۇ يوق، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلا پارتىيىسى، يەنى ئەردوغاننىڭ ئۇستازى ئەرباكاننىڭ پەزىلەت پارتىيىسى بار ئىكەنتۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئەرباكاننىڭ شەۋقىي يىلماز دىگەن بىر خاتىپى بار ئىدى. ئۆزى بەك نۇتۇققا ئۇستا، سۆزلىرى ئادەمگە ئاجايىپ تەسىر قىلاتتى. شۇ: «ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ جىھاد دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ لىدىرى ۋە ئۈمىدى ئەرباكان خوجىمىزغا سايلامدا ئاۋاز بېرىش!» دىسە، راست شۇنداق ئوخشايدۇ، دەپ ئىشىنىپ كىتىپ، تۈركىيە پۇقراسى بولمىساممۇ، سايلام پائالىيەتلىرىگە بولسىمۇ ياردەم قىلىپ بۇ چوڭ جىھادتىن ئەجر ئالاي دەپ كوچىمۇ كوچا چۆگىلەپ يۈرۈپ سايلام ۋاراقچىسى تارقاتقان ئىدىم. بىر كۈنى ۋاراقچە تارقىتۋاتقىنىمدا يامغۇر يېغىپ كېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سايلام ۋاراقچىسى ھۆل بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئۇستۈمدىكى چاپان، كۆينەكنى سېلىپ دېموكراتىك سايلام ۋاراقچىلارنى مەھكەم يېپىپ قويۇپ، ئۆزەم يامغۇردا قېلىپ ئۆپكەمگە سوغ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ھازىر تەۋھىيدنى چۈشەنگەندىن كېيىن ھەر يۆتەلگىنىمدە ئەرباكاننى ئوننى تىللىسام، ئۆزەمنى يۈزنى ئەيىپلەيمەن.

يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-16

ۋىسال ئاكىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ماقالىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن. بىزدىكى قۇرۇلتاي، مائارىپ، ئىسلام پارتىيىسى ۋە دولەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تالاش-تارتىشغا قاراپ باقايلى، بىردە ئامىرىكا، ئەردوغان، دائىش، نۇسرانىڭ تالاش-تارتىشىغا قاراپ باقايلى. نېمىدىگەن ئوخشايدۇ-ھە. ھەممىمىز ۋەتەن دەيمىز، شەرقىي تۈركىستان دەيمىز، ئەمما تالاش-تارتىشىمىز، رەددىيەلىرىمىز ئامىرىكىنىڭ، ئەردوغاننىڭ، دائىشنىڭ، نۇسرانىڭ بىر-بىرىگە بەرگەن رەدىيەلىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. قاچانغىچە مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ دۇككىنىغا خېرىدار چاقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنى رەنجىتىپ يۈرىيدىغاندىمىز. قاچانمۇ تۈزىمۇ، گۆشىمۇ، تەمىمۇ، قازان بېشىدىكى ئاشپىزىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ بولغان تاماقنى ئېتىپ، مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز ئەتكەن تاماققا ھەمداستىخان بولۇشقا چاقىرامىز.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-16
توغرا دەيسىز. قاچانمۇ باشقىلارنىڭ تامىقىغا ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ تامىقىغا مىللىتىمىزنى چاقىرامىز؟!....
يازغۇچى: فارۇق \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-16
ھەي...ئەسىلى ۋىسال دىگەن بۇ قېرىندىشىمىزنى خېلى ئەقىدىسى دۇرۇس، تەۋھىدنى ياخشى چۈشەنگەن دەپ يۈرۈپتىمەن. لېكىن يەنىلا ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ نىجىس كېسەلنىڭ بىرى بولغان مىللەتچىلىك ئىددىيسىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى سۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. يەنە شۇ سېسېق كېسەلدە... قانداق قۇتۇلغىلى بولىدىكىن بۇ ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا چىققان ۋە پۈتۈن مۇسۇلماننىڭ بېشىغا چىققان بۇ كېسەللىكتىن..كاپىرلارنىڭ بىزنى ئالقىنىدا قونچاقتەك پىقىرتىپ ئوينىغىنىمۇ بىكار ئەمەستە.
يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-16

پاروقجووووووون ئاناڭلا ئۇيغۇردۇ. 

يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-16
شۇنى دەيمەن. ئۇيغۇرنىڭ دەردى ئۈممەتنىڭ دەردى ئەمەسمىكەن؟!...
يازغۇچى: فارۇق \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

ئۇيغۇر بولسا نېمە بولدى؟ قازاق بولسا، خىتتاي بولسا، ئەرەپ ئەجەم بولسا نېمە بولدى؟ ئەجىبا سىز ئۇيغۇر بولۇشنى تاللاپ تۇرۇپ ئۇيغۇر بولغانمۇ ؟ كىم تاللىدى شۇ ئۇيغۇر بولىشىڭىزنى ؟ باشقىلارنىڭ باشقا مىللەت بولىشىنى كىم تاللىدى؟ شۇ تاللغان زات سىزگە مىللىتى سەۋەپلىك باشقىلارغا جىنايەت يۈكلەشنى ياكى ئۆزىڭىزنى ئەۋزەل ساناشنى ئۆگەتكەنمۇ ؟ بۇ ئازغۇنلۇق بۇرادەرلەر، بۇ زۇلۇم! مەن پەقەت ۋىسال قېرىنداشتىن شۇنى سوراپ باقماقچىمەنكى، «سىزنىڭ ئىشلارغا باھا بېرىشتىكى، توغرا-خاتانى ئايرىشتىكى پىرىنسىپڭىز، ئۆلچىمىڭىز نېمە ؟» . (سوئالنى قىسقىلا سورىدۇم، سىزمۇ كېرەكسىز كۆپ جاۋاب يېزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، نەق سۇئالنىڭ ئۆزىگە جاۋاب بەرگەيسىز.

يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

بۇ ماقالە شۇنداق پاراسەت بىلەن يېزىلىپتۇ. ۋىسال ئاكىنىڭ قەلەم ۋە تەپەككۈر قابىلىيىتىگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم. ھېچقانداق بىر تەرەپنى ياقلىماي ياكى يەكلىمەي كىسەلنىڭ نەق ئۆزىنى يېزىپتۇ. چوڭلارنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار، ئاددى ئادەم كىشىلەر ھەققىدە گەپ قىلىدۇ، نورمال ئادەم ۋەقە-ھادىسىلەر ھەققىدە گەپ قىلىدۇ، دانىشمەن ئادەم ئىدىئولوگىيەلەر ھەققىدە گەپ قىلىدۇ. ۋىسال سىتۇدىيىسىدىكى دىنى تىمىلاردىمۇ، سىياسى تىمىلاردىمۇ، تارىخى تىمىلاردىمۇ ۋىسال ئاكىنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى ئوقىۋاتىمىز. ۋىسال ئاكىنىڭ يازغانلىرى ئادەتتىكى ئادەم يازىدىغان ئەسەرلەر ئەمەس. ئۇنداق ئەسەر يېزىش ئۈچۈن خېلى بىلىم، پاراسەت كېتىدۇ. شۇڭا گەپ بولسا ۋىسال ئاكىمىزنىڭ شەخسىيىتىگە ئەمەس، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ھەققىدە سۆزلەشسەك.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

ئەستەغفىرۇللاھ.. بارلىق مەدھىيە ۋە ماختاشلار پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى اللەقا خاستۇر. - فاتىھە سۈرسى 2-ئايەت- مەن كۈندە بەش ۋاقىت نامازىمدا ئوقىۋاتقان بۇ ئايەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزەمنىڭ ھەددىنى ۋە چىكىنى بىلىمەن تەجەللى قېرىندىشىم. شۇڭا ھەرقېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمدەك، مېنىڭ ھېچقانداق تالانتىم، قابىلىيىتىم يوق، ئارتۇقچىلىقىدىن كەمچىلىكى كۆپ بىر ئاجىز بەندىمەن. ھەتتا قولىمدا ئالىي مەكتەپ دىپلومىمۇ يوق. ئوقۇي دىسەم، ئۆز ۋاقتىدا ۋەقپىنىڭ مىللەتچى ئۇيغۇر مۇدىرى: ساقىلىڭنى چۈشۈرۈۋەتمىسەڭ سېنى مەكتەپكە خەت قىلىپ بەرمەيمەن، دەپ تەتۇرلۇك قىلغىنىدا، مەنمۇ: ساقىلىمنى چۈشۈرگەن بولسام تۈركىيەدە نېمە ئىشىم بار، ئۆزەمنىڭ ۋەتىنىدە ئوقۇيتۇم، مەن تۈركىيەنى مۇسۇلمانمىكىن، دەپ كەلگەن، دەپ، مىللەتچىلەرنىڭ «ئىللەتچىلىكى» يۈزىدىن ئوقۇيالماي قالغان دىپلومى يوق بىر قارا قوساقمەن. شۇڭا مېنى دانىشمەنلىك سەۋىيەسىگە چىقىرىپ قويسىڭىز ھەم ئىلىمگە، ھەم قولىدا ھۆكۈمەتنىڭ دىپلومى بولغانلارغا ھاقارەت بولۇپ قالىدۇ.
ئەمدى فارۇق قېرىندىشىمنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرسەم، مەن ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، دۇنيانى ياراتقان اللە دۇنيانىڭ ئىشىلىرىغىمۇ ئارىلىشىشى كېرەك، مىللەتنى ياراتقان اللە مىللەتنىڭ ئىشىلىرىغىمۇ ئارىلىشىشى كېرەك، دەپ ئىمان ئېيتىدىغان بىر بەندىمەن. شۇڭا مىللىتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئامېرىكىنىڭ، ئەردوغاننىڭ، يەنە ئاللىقانداق گورۇھلارنىڭ ئارىلىىشىۋالماي، پەقەت مىللىتىمىزنى ياراتقان اللەنىڭ ئارىلىشىشى، قېيىنچىلىقلىرىغا پەقەت اللەنىڭ دانا پەيغەمبىرىنىڭ مىنھەجى ۋە سۈننىتىدىن چارە ئىزدىشى، ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتى رەسۇل اللەنىڭ ھۆكۈم بېرىشى كېرەكلىكىگە ئىمان ئېيتىمەن. سىز مەندىن قىسقىچە جاۋاب تەلەپ قىلىپسىز، مەنمۇ قىسقىلا جاۋاب بەردىم. بۇنى ھەرگىز سىزگە قىلىنغان بىر ھۆرمەتسىزلىك دەپ چۈشۈنۈپ قالمىغايسىز. اللە ھەمىمىزنى الصِّرَاطَ الْمُسْتَق۪يمَۙ توغرا يولدا جەم قىلسۇن. ئامين

يازغۇچى: ئامىرىكا يولۋىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

ۋىسال ئەپەندى سىز ھەممە ئىشقا دىننى ئارىلاشتۇرۋالدىكەنسىز. دېموكىراتچى، دىنسىز دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي كۈچلۈك دۆلەتلەردىن ياردەم ئالساق بۇنىڭ نەرى خاتا؟

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

ئۇكا، بىز ئۇيغۇرلار: شامال قاياققا كۈچلۈك چىقسا شۇياققا يۈگۈرگەننى ئەخلەت دەيمىز.

يازغۇچى: فارۇق \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-18
ماشائاللاھ، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ۋىسال قېىرىندىشم. سىزنىڭ ئىشلارغا باھا بېرىشتىكى، توغرا-خاتانى ئايرىشتىكى پىرىنسىپڭىز، ئۆلچىمىڭىز كىتابۇللاھ سۈننىتى رەسۇلىللاھ بولسا، مېنىڭمۇ مۇسۇلماننىڭ بىردىنبىر ھەر ئىشقا ھۆكۈم بېرىشتە ئىسلام شەرئىتى بىلەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشىمنىڭ ھاجىتى يوقتەك تۇرىدۇ. ئۇنداقتا سىزدىن سورايمەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پايدا مەنپەئەتىنىڭ ئورنىغا ئىسلامنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەرباكان غوجىغا، ئەردوغان باشلىققا، سىتالىن كومىنىستقا ۋە ئاخىردا ئىنساپ بىلەن لىللاھ سۆزلەپ تۇرۇپ تالىبان مۇجاھىدلىرىغا ئەگىشىشنىڭ ھۆكىمىنى بايان قىلىپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن. (ئىمكان بولسا، شەرئىي دەلىللەر بىلەن سۆزلىرىڭىزنى ئىسپاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن)
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19

مەن ھۆكۈم بېرىش دەرىجىسىدە ئۆلىما ئەمەسمەن. پەقەت ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ تەھلىل قىلدىم. ئەگەشكەن يولىمىز توغرا بولسىمۇ، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بارمۇ؟ دەپ سۇئال سورىدۇم. ھەممە ئىش نىيەت بىلەن پۇتمەيدۇ، توغرا نىيەت ھەرۋاقىت توغرا نەتىجە بەرمەيدۇ. اللە ئۈچۈن بىر ئىشقا باشلىغاندا، يەنە اللە ئۈچۈن ئۇ يولنىڭ سالامىتى ئۈچۈن ھەر ئېھتىمالغا قارشى B پىلانىنى ئويلاپ قۇيۇشمۇ دىنىمىزدا ھارام ئەمەس، ھەتتا مەسئۇلىيەت دەپ ئەسلىتىپ ئۆتتۈم.

يازغۇچى: فارۇق \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19
ياق قېرىندىشم، بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئا، ب، پىلاننى ئويلاش مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى مەسىلىلەرگە ۋەقەلىكلەرگە قايسى پىرىنسىپ، ئۆلچەم بويىچە ھۆكۈم قىلىمىز ياكى چۈشەندۈرىمىز مەسىلىسى. بۇ بۈگۈن كۆپۈنچە مۇسۇلماننىڭ بېشىغا كەلگەن بىر ئاپەت. ۋاھالەنكى مۇسۇلمان دېمەك ھەرقانداق شەيىي ۋە ۋەقەلىكەرنى ئىسلامنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇ ھۆكۈم كۆڭلىگە ياقسۇن ۋە ياقمىسۇن شەرتسىز تەسلىم بولۇش ۋە بىردىنبىر توغرا ھۆكۈم دەپ قاراش دېگەنلىك بولىدۇ. (بۇ ھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسكەرتمىدىم.). لېكىن بۈگۈن كۆرىۋاتقىنىمىزدەك مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن ئىشنىڭ نەتىجىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاددى ئەقلىگە سېلىپ پەرەز قىلىشىپ، شۇ پەرەزلىرى ئارقىلىق ھادىسىلەرگە ھۆكۈم بېرىشىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، شۇنى ئۆلچەم پىرىنسىپ قىلىپ ، شۇنىڭغا توغرا كەلگىننى ياخشى توغرا كەلمىگىننى يامان دەپ ئېيتىشماقتا. ۋاھالەنكى ئۇلار ئىشنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمى بويىچە توغرا خاتانى بەلگىلەشكە بۇيرۇلغان ئىدى. ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ تەھلىل قىلىش ھەققىدە تۆۋەندىكى ھەممىگە تونۇشلۇق ساھابىلەرنىڭ بىر ۋەقىلىكى بىزگە روشەن دەرىسلىك بولالايدۇ دەپ قارايمەن. پەيغەمبىرىمىز مەدىنىدىن مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغاندا، مۇشرىكلار توسىۋېلىپ كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىۋاستە ئاللاھ ۋەھىي نازىل قىلىپ كېلىشىم تۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. ۋە تارىختا بۇ ‹ ھۇدەيبىيە كېلىشىمى ياكى ھۇدەيبىيە سۈلھىسى› دەپ ئاتلىدۇ. ۋاھالەنكى بۇ كېلىشىم ساھابىلەرنىڭ ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتابتەك كىشىلەرنىڭمۇ ئەقلىدىن ئۆتمەيدۇ. بۇنداق بولىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ كېلىشىمنىڭ ماددىلىرى ئىنسان ئەقلى بىلەن ئۆلچەنگەندە، خۇددى ئوپئوچۇق مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە زىيىنىغا بولغاندەك كۆرىنەتتى. ئەمما ئەقىل بىلەن بىلىش مۈمكىن بولمىغان بۇ مەسىلە، ئاخىرى پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىگە تەسساۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى زور غەلبىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلىللاھدىن بۇ كېلىشىمنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە ئىنكاس قىلغاندە، رەسۇلىللاھتىن كەلگەن ئىنكاس، ئەقلىي جەھەتتىكى بىرتالاي سىتراتىگىيەلىك چۈشەندۈرۈشلەر ۋە تەھلىللەر بولماستىن پەقە
يازغۇچى: فارۇق \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19
ئاخىردا يەنە بىر مەسىلە، ئەگەر سىز مەن ئسلامىي ھۆكۈمنى جىق بىلمەيمەن ، شۇڭا ھۆكۈم بېرەلمەيمەن دېسىڭىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىي يەكۈنىنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئورنىغا قويماستىن، شۇ ھۆكۈمنى بېرەلەيدىغان ئۆلىمالارنىڭ شۇ ھەقىتىكى ھۆكىمىنى كىشىلەرگە تارقىتىڭ ۋە نەشىر قىلىڭ. ئەمما ھەرگىز ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىسىز ئۆز ئەقلىڭىز ھۆكۈم قىىلىۋالماڭ چۈنكى بۇنداق قىىلسىڭىز بەلكىم ئاللاھ توغرا قىلدى دېگەننى خاتا قىلدى دەپ قېلىشىڭىز، ئاللاھ خاتا قىلدى دېگەن كىشىلەرنى توغرا قىلدى دەپ قېلىشىڭىز مۈمكىن. شۇڭا بۇنداق ئىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19

جاۋابىمنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلى بىلەن يازماي، ئۆلىمالارغا سوراڭ نەسىھەتىڭىزدىن باشلاي: ماقۇل مەن شۇنداق قىلاي، ھەتتا ھەممىمىز شۇنداق قىلايلى. ئەسلىدە ھەممىمىز شۇنداق قىلغان بولساق، بىر ئىشقا پىكىر يۈزگۈزۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە سورىغان بولساق، ئۆلىمالاردىن سورىغان بولساق ھەقىقەتەن ياخشى بۇلاتتى. پۈتۈن ئىختىلاپلار ئۆزىمىزنى بەك ئىلىملىك چاغلاپ، سورىماي، ئوقىماي، ئىزدەنمەي تۇرۇپلا ئەقلىمىزگە كەلگەننى ئاغزىمىزدا سۆزلەشتىن كېلىۋاتىدۇ. سىز دىگەندەك ئۆلىمالارغا سوراپ ئاندىن پىكىر يۈرگۈزسەك، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالماي ئىشنى ئەھلىگە تاپشۇرغان بولساق مىللىتىمىز ئەمەس، ئۈممىتىمىز نىجات تاپقان بۇلاتتى.
ئەمدى يەنە بىر نەسىھەتىڭىزگە كەلسەك، سىزگە بىر قانچە كىتاب تەۋسىيە قىلاي، ئالدى بىلەن ئوقۇڭ، ئاندىن سىزنىڭ بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن تەدبىر ئىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئايەتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ھۇدەيبىيەنى، ئەقىلنى، تەدبىرنى، ئىتائەتنى مۇلاھىزە قىلايلى.
 


 


ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: