ئۆزى ھىجرەت قىلسىمۇ ئېتىقادىنى ، غايىسىنى ، چۈشەنچىسىنى ئۆزلىرى بارغان دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قۇربان قىلىۋەتمىگەن ساھابىلەر
1 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 1445
يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

مەن ھەرقېتىم فىلىمدىكى بۇ ھىجرەت مەيدانىنى كۆرگىنىمدە، ساھابىلارنىڭ ئىسلامغا ساداقىتى، ھارامدىن قورقىشى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مىنھەجىگە بولغان سادىقلىقى مېنى ئىنتايىن تەسىرلىنىدۇ. قايتۇرىۋېتىش تەھلىكىسى بولسىمۇ، ئادەمگە ئىگىلىش دىنىمىزدە ھارام، دەپ دۆلەتنىڭ رەئىسىگە، پادىشاھقا ئىگىلمەيدۇ، ئۆلۈم تەھدىتى بولسىمۇ، ئەيسا اللەنىڭ ئوغلى ئەمەس، پەيغەمبىرى دەپ ئىسلامىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزىنى قۇرئان بىلەن مۇداپىيە قىلىدۇ، سىياسىتىنى قۇرئانغا قاراپ ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر قايتۇرىۋەتسە كاپىرلار بىزنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، قانداق قىلايلى ئەمدى، دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداقكەن دەپ ھۆكۈمەتكە تازىم قىلىشنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپە-ئادىتى شۇنداقكەن دەپ، ئەيسا ئەلەيھىسالامغا اللەنىڭ ئوغلى دىيىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ئەكىسچە تەۋھىيد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا پادىشاھقا سېنىڭ ئېتىقادىڭ، سىياسىتىڭ خاتا دەپ، لاالەالااللە نى چۈشەندۈرىدۇ. ئۆلۈم تەھلىكىسىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز ھارام بىلەن كىرلىتەلمەيدۇ، ھارامغا مەجبۇرلىيالمايدۇ، ھارامغا پەتىۋا ئىزدەتمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ جىسمىڭلار ھىجرەت قىلدى، ئەمما روھىڭلار، ئەقىدەڭلار مەككىدە، ئىسلامدا قالسۇن. ئۆزەڭلار بارغان دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئېتىقادىڭلارنى، غايەڭلارنى، ئىدىيەڭلارنى قۇربان قىلىۋەتمەڭلار» نەسىھەتىنى ساداقەت بىلەن ئورۇنلايدۇ. بىز ھازىرقى دەۋىرنىڭ مۇسۇلمانلىرى بولسا تېخى ھىجرەت قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىمىز بارماقچى بولغان دۆلەتنى كۆرمەي تۇرۇپ، سىياسىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى ئاتىۋېتىمىز. بۇرۇن ھىجرەت قىلىپ بولغانلارغۇ كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، ئۆزىنىڭ تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىدىنمۇ خىجىل بولىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان . ھەتتا ئۇ دۆلەتنىڭ بايراملىرىنى يەرلىك خەلقتىنمۇ بەتتەر قۇتلايدۇ. ئۆتكەندە توردا ئامېرىكىدىكى خېلى ئەقلى - ھۇشى جايىدا، ئىلمى بار دەپ ھۆرمەتلەيدىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى دەپ سورۇن تۇزەپ، ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ چوڭ توخونى پىشۇرۇپ، ھاراق بىلەن داستىخانغا تىزىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچىنغان ئىدىم. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

... كېيىن باشقا بىر كۈنى قارىسام ئامېرىكىنىڭ جادىگەرلەر بايرىمىنى تەبرىكلىدۇق دەپ، قىزىنى بەئەينى ئالۋاستىغا ئوخشاش كىيىندۇرۇپ، رەسىملىرىنى تورغا پەخىرلىنىپ چىقىرىپ قويۇپتۇ. باشقا دۆلەتلەردىكى ياۋرۇپالىشىپ كەتكەن، تۈركلىشىپ كەتكەن، ئەرەبلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىساممۇ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. ھالبۇكى ساھابىلار ئۆزلىرى ھىجرەت قىلغان دۆلەتكە ئاسمىلاتاتسىيە بولۇپ كېتىش، سىياسىتىگە قۇربان بولۇپ كېتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھىنى مۇسۇلمان قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ۋە خەلقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇزغان ئىدى. بىز بولساق ئوباما بىلەن ئەردوغاننى تالىشىپ، دېموكىراتىيەنى، ئەردوغاننى قوللايمەن دەپ تاس قالىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ياقا سىقىشقىلى، باغدادىي بىلەن جولانىينىڭ ئارىسىدىكى زىدىيەتكە ئارىلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا، ھەتتا بىز بىلەن ئوخشاش غايىدە ھىجرەت قىلغان مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىندىشمىزغا قۇرال تەڭلەۋاتىمىز. ئۇنداق قىلمايلى، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بولسىمۇ ئىچىمىز ئاغرىسۇن، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بولسىمۇ ئاسىرايلى. بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت، مۇسۇلمانلىقىمىز تىلىمىزدە قېلىپ قالمىسۇن، ئىسلامنى ئۆگىنەيلى، رەھبىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يولىغا، مىنھەجىگە ئەگىشەيلى، ساھابىلارنى ئۆرنەك ئالايلى!....

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-17

ۋىسال ئاكا يۈرەكتىكى سۆزلەرنى بەك ئىسىل يېزىۋىتىپسىز. فىلىممۇ شۇنداق تەسىرلىك چىقىپتۇ. ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، ئاللاھ ۋىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. ئامىن.

يازغۇچى: ئاتۇش كاۋىپى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-18

بىز پەقەت ئايرىم ئايرىم داھىيلارغا ئەگىشىۋىلىپ، بىر-بىرىمىز بىلەن جىدەل قىلمايۋاتىمىز. دىموكىراتىيەگە ئەگەشكەنلەر يەنە ئۆز ئىچىدە قۇرۇلتاي، سۈگۈندە ھۆكۈمەت دەپ دۇكاننى ئىككى قىلىۋىلىپ، ئەردوغان خوجامغا ئەگەشكەنلەر مائارىپ، قۇتادغۇبىلىك، ئۇيغۇر ئىسلام دەپ بىرقانچە دەرنەك ئىچىۋىلىپ، جىھاد يولىغا ئەگەشكەنلەر دائىش، نۇسرا دەپ ئىككىگە بۆلىنۋېلىپ، بىر-بىرى بىلەن خىرىدار تالىشىپ سوقۇشۇپ، قايسى يولنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە مىللىتىمىزنى گاڭگىرتىپ قويىۋاتىدۇ. زادى ھىجرەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قەتئى ئۈگىنىشىمىز كىرەك.

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-18

بۇرادەرلەر جەمىيەت. تەشكىلاتلارنى دۇكانغا ئوخشىتىپ يامان ياخشى قىلدى. ئىشنىڭ ئچىدە ماددى مەنپەئەت بولغاچقا مۇشۇنداق بىر مەقسەتتە ھىجرەت قىلسىمۇ، بىر يەرگە كەلگىلى ئۇنىماي دۇكاننى بىر قانچە قىلىۋالىدىغان گەپ. ھازىر مۇشۇ ئامىركىدا، ياۋرۇپادا، تۈركىيەدە، ئافغانىستان، سۈرىيەدە دۇكان ئىچىپ كەينىگە مىللىتىمىزنى ئەگەشتۈرۋالغانلارغا قاراپ بېقىڭلار، بۇ دۇكاننىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيى، ماشىنىسى بار، ماددى ئەھۋالىمۇ ياخشى، ياخشى يەپ، ياخشى ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارغا دۇكان ئىچىپ بەگەن چوڭ لىدەرلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە دەسىمى قىلىپ بەرگەن مىللىتمىزنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ ئۇلارنى ماددى جەھەتتە تەمىنلەۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-18

ئەسكەرتىش: قېرىنداشلار! بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىسلاھ قىلىش، ھاقارەت قىلىش ئەمەس ئالدى بىلەن بۇنى بىلىۋالايلى. بىزنىڭ جەمئىيەت، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سىلەر دىگەندەك ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىقتىسادىي ياردەم ئىلىۋاتقانلىقى توغرا. ئەمما شۇنى ئۇنۇتمايلى، خىتايدىن بىۋاستە ماددىي ياردەم ئىلىپ، چەتئەللەردىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىمىزنى قالايمىقان قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان جەمئىيەت ۋە تىجارەتخانىلارمۇ ئاز ئەمەس. تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى» بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى. شۇنىڭدەك پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئاتالمىش شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى! بىز بۇ تىمىنى مۇلاھىزىگە ئاچقاندا قانداقتۇ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۆز شەرت-شارائىتىغا يارىشا ئاز-بولسۇن، كۆپ بولسۇن خىزمەت قىلىۋاتقان جەمئىيەتلىرىمىزنى سۆكۈش ئۈچۈن ئاچمىدۇق. مەيلى دېموكىراتىيە ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى مىللەتچىلىك ساھاسىدە بولسۇن، مەيلى جىھاد ساھاسىدە بولسۇن ئۇمۇمىيۈزلۈك بىزنىڭ ھىجرەتتىكى خىزمەتلىرىمىزدە كۆرۈلىۋاتقان بەزى سەۋەنلىكلەرنى، يېتەرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما بەزى قېرىنداشلار بۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي قوساق ئاغرىقىنى چىقىرىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان بىر سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويماقچى بۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ۋىسال سەھىپىمىز روخسەت قىلمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ ئىنكاسىمنى نېمىشقا ئېلان قىلمايسىلەر دەپ سورىغان، قىيدىغان قېرىنداشلار يۇقىرىدا بۇغراخاننىڭ ئىنكاسىنى سىلەرگە ۋاكالەتەن ئىلان قىلدىم، ۋە ئۆزەمنىڭ تىگىشلىك جاۋابىنىمۇ بەردىم. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئىنكاس يازغاندا كاللىنى سىلكىۋىتىپ، دوست-دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈپ يازارسىلەر.

يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-18

بىز ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكىلىرى شى جىن پىڭ خىتاينىڭ بۇيۈك جۇڭگو چۈشىگە، ما چەتئەلدىكىلىرى بىسىمىز ئوباما قارىۋاينىڭ بۇيۈك دېموكىراتىيە خىيالىغا، بىسىمىز ئەردوغان ئاق پىشماقنىڭ بۈيۈك تۈركىيە ئارزۇسىغا، بىسىمىز ئىشىد يالماۋۇزىنىڭ بۈيۈك خەلىپىلىك ئارمانىغا قۇربان بولاپ كېتىپ، مۇشۇندا سىلى دىگەندەك بىر-بىرىمىز بىلەن كىلىشەلمەي، ئازراقلا يوچۇق تاپساق چۇچاق كۆرسىتىپ تۇرىۋالدىكەنمىز. ھىجرەت كۈلپەت بولاپ قىلۋاتىدا. بىز مىللەت قاچانما ئۆزىمىزنىڭ تامىقىنى ئۆزىمىز ئېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىغا، ئۆزىمىزنىڭ ئارمىنىغا مىللىتىمىزنى ھەمداستىخان بولاپ بېرىشكە چاقىرامىز؟!....

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-18

ۋەتەن ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ باشقىلارنىڭ چۈشىنىڭ ئارقىسىدا يۈگۈرەپ يۈرگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئەي پىقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر، دەپ بىرئاز ئالدىراپ قالدىمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. بولسا بىز مىللەتكە يەنە بىرئاز ئۇخلاڭ، چۈشىڭىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ چۈشىنى، ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇسىنى كۆرۈشنى ئۈگىنىڭ دىيىش كېرەككەن.

يازغۇچى: ئەنقەرە \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19

بىز 90-يىللاردا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەندە ئۇيغۇرلاردا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تۇران ئارزۇسىغا ئەگىشىۋېلىش مودا ئىكەنتۇق. بۇ تۇران ئارزۇسى نىمە دەپ سورىسام، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىرلىك بولۇپ، تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بۈيۈك تۇران دۆلىتىنى قۇرۇش ئارزۇسى ئىكەن. ئەگەر تۇرك مىللەتلىرى جەم بولۇپ بۈيۈك تۇران دۆلىتى قۇرالىسا ئاندىن بىزنىڭ ۋەتەنمۇ مۇستەقىل بۇلىدىكەن. ھازىر ئەمدى ئەردوغاننىڭ بۈيۈك تۈركىيە ئارزۇسى مودا بۇلىۋاتىدۇ. بۇ تۈركلەرنىڭ خىيالپەرەسلىكىگە ئاجايىپ ھەيرانمەن.

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19

بۇ تۇرانچىلار دىگىنىڭىز نامايىشلىرىمىزدا بىزگە ئانچە-مۇنچە ئۇچۇراپ تۇرىدىغان، قۇلىنى ئۈچ بۇرجەك قىلىۋېلىپ بۆرىنىڭ سالپاڭ قۇلىقىنى چىقىرىۋالدىغانلار شۇمۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-04-19

تۇران ئارزۇسى تۈرك مىللەتچىلىكىنى دۇنياغا ھۆكۈمران قىلىش ئىدىيىسى بولۇپ، بىز ۋەتەندە ئوقىۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىزگىمۇ تەسىر قىلغان ئىدى. دەپتەرلىرىمىزگە كۆك بۆرىنىڭ رەسىملىرىنى سىزىۋالاتتۇق، قوللىرىمىزغا، بىلەكلىرىمىزگە كۆك بۆرىنىڭ سۆرىتىنى چىكىۋالاتتۇق، ھەتتا ئاتايىتەن 100 كويغا بۆرىنىڭ ھوشۇقىنى موڭغۇللاردىن سېتىۋېلىپ، بوينىمىزغا تۇمار قىلىپ ئىسىۋالاتتۇق. ھەتتا دوستلىرىمىز بىلەن قۇرغان تەڭرىتاغ ئۇچقۇنلار تەشكىلاتى نامىدا:
بىز ئۇيغۇر ياشلىرى قەلبىمىز قايناق،
قوللاردا لەپىلدەر ئاي يۇلتۇز بايراق.
كۆك بۆرە باشلىغان داغدام يول بىلەن،
ماڭىمىز ئەبەدكە يولىمىز پارلاق.
 

دەپ ھۆسىنخەت بىلەن يىزىپ تەشكىلاتتىكى دوستلىرىمىز بىلەن ئۇرۇمچىدىكى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قەبرىسىنىڭ گۇمبەز تىمىغا ئىسىپ قويغان ئىدۇق. كېيىن تۈركىيەگە چىقىپ تۇرانچىلارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ۋە تەۋھىيدنى چۈشەنگەندىن  كېيىن، ئۇ يازغان شېئىرىمنى مۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتىم:
بىز ئۇيغۇر ياشلىرى قەلبىمىز قايناق،
قوللاردا لەپىلدەر ئىسلامىي بايراق.
رەسۇل اللە باشلىغان داغدام يول بىلەن،
ماڭىمىز ئەبەدكە يولىمىز پارلاق.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: