تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم دىنىي ئۇستازلار قورقماستىن دۆلەت رەئىسىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيەلەر بەردى
2 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 2265
يوللانغان چېسلا: 2016-05-23

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24
ۋىسال ئاكا ياخشى رەددىيە بولۇپتۇ، بىراق سەل قىسقا بولۇپ قاپتۇ.
يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24
ئەردوغاننىڭ بىلجىرلاشلىرىغا جايىدا رەددىيە بولۇپتۇ. ئەمما قىسقا بولۇپ قاپتۇ. ئۇستازلارنىڭ رەددىيەلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن بولسا تېخىمۇ ئېسىل بۇلاتىكەن. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن. ئامين
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24

تۈرك ئۇستازلارنىڭ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىگە بەرگەن رەددىيەلىرىنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى بەرسەك سائەتلەرچە سۇردىغان پروگىرامما بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا پەقەت ئۇستازلارنىڭ رەددىيەسىنىڭ مەركىزى ئىددىيىسىنىڭ ئۆزىنى قىسقارتىپ بەردۇق.

يازغۇچى: باھادىر \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24
ھازىر تۈركىيەدە دۆلەت رەئىسىگە قوقماي مۇشۇنداق رەددىيەلەر بەرگىلى بولسا، تۈركىيەدە دىموكراتىيەدە خېلى ئىلگىرلەشلەر بولۇپتۇ.
يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24
بەزىلەر دىنىي رەددىيەنىمۇ دېموكىراتىيەگە باغلىۋالىدكەن توۋا.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24

شۇنى دەيمەن. بۇنىڭ دىموكراتىيە بىلەن نىمە ئالاقىسى بار. دونيادا تېخى دىموكراتىيەنىڭ سايىسىمۇ يوق ۋاقىتلار، «ئەگەر مەن خاتالاشسام قانداق قىلىسىلەر دەپ سورىغان خەلىپە ئەبۇبەكىرگە، سېنى قىلىچىمىز بىلەن تۈزەيمىز، دەپ جاۋاپ بەرگەن ساھابىلارنىڭ دىنى بۇ ئۇقۇپ قويۇڭلار.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24

ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە جاسارەت دېموكىراتىيە سەپسەتىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئىسلام شەرىئەتىدىن كەلگەن.

يازغۇچى: باھادىر \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم پىكىر ئەركىنلىكى ئىدى. دۆلەت رەئىسى بولسىمۇ مۇشۇنداق رەددىيە بېرىش ھازىر پەقەت دىموكراتىيەدە مۇمكىن بۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ دىموكراتىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى دەپ قارايمەن.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-24

ئۇكام مەن سىزگە تۈركىيەدە ئەردوغانغا رەددىيە بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، شامىلىغا ئەگەشمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي، دېموكىراتىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ، ئەيىبىمۇ ئۆزىڭىز قارار بېرىڭ. ھازىر تۈركىيەدە ۋەزىيەت ئەردوغاننىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى. بۇلار ئاساسەن ئەردوغان قۇرماقچى بولغان بۈيۈك تۈركىيە ئارزۇسىنىڭ مەنىۋىي ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان: «ھەنەفىي، سوفىي، ماتۇرىدىي» پىرىنسىپىغا يېقىن جامائەتلەر بولۇپ، ئەردوغان دېموكىراتىيەسىنىڭ نىمەتلىرىدىن بەھۇزۇر پايدىلانماقتا. باشقا جامائەتلەر بولۇپمۇ سەلەفىي سالىھىين ئەقىدىسىنى ۋە تەۋھىيدنى ھىمايە قىلىدىغان، دېموكىراتىيەگە، مىللەتچىلىككە قارشى تۇردىغان جامائەتلەر، جۇملىدىن سەلەفىيلەر ئىنتايىن ئېغىر كۈندە قالماقتا. ئەردوغان ئۆزى قۇرماقچى بولغان بۈيۈك تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەركەز قىلغان ھالدا «ئەنئەنىۋىي ئىسلام - geleneksel islam » دەپ نام بەرگەن «ھەنەفىي، سوفىي، ماتۇرىدىي» مەزھەبىنى ئۆزىنىڭ بۈيۈك تۈركىيە ئارزۇسىنىڭ ئاساسلىق مەزھەبى ھالىغا كەلتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا مىللەتچىلىكنى ئەمەس، ئۈممەتچىلىكنى ئاساسىي غايە قىلدىغان، مەزھەبنى ئەمەس، تەۋھىيدنى ئاساسىي يادرو قىلغان سەلەفىي سالىھىين ئېتىقادى ئەردوغاننىڭ كۆزىگە سانجىلغان زىخ بولۇپ قالماقتا. شۇڭا تۈركىيەدە سەلەفىيلەر ئەردوغاننىڭ ئېغىر بىسىمى ئاستىدا ياشىماقتا.  ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25

ئەردوغاننىڭ بىسىمى شۇنداق ئىككى خىل بولماقتا: 1) ئەردوغاننىڭ قارشىسىدا تىك تۇتۇپ رەددىيە بەرگەن سەلەفىي مۇسۇلمانلارنى ئىشىد، نۇسرا باھانىسى بىلەن بۆھتان چاپلاپ تۇتقۇن قىلىش. 2) ئەردوغانغا: «وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَّا عَبَدتُّمْ﴿٤﴾ وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ﴿٥﴾ لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ﴿٦﴾ - سىلەر چوقۇنغان (دېموكىراتىيە، مىللەتچىلىك) بۇتلىرىغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق، سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان اﷲ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق، سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» پوزىتسىيسىدە بولۇپ، كۆرىنىشتە ئەردوغانغا قارشى چىقماي، ئەمما تەسلىممۇ بولماي ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتىنى تەۋھىيد ئىتىقادىدا داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان سەلەفىي مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش، كەمسىتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيناش ئارقىلىق، ئۇلارنى تەۋھىدىي ئىرادىسىدىن ۋاز كەچكۈزۈش، ئەقىدىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ۋە تەدرىجىي ئەردوغانغا بەيئەت قىلغۇزۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. يەنى «قان چىقارماي جاننى ئىلىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي بىسىمى ئالدىدا كىشىلىك غورۇرى دەپسەندە قىلىنغان، ئېغىر خورلىنىش ھېس قىلغان سەلەفىي مۇسۇلمانلار شۇ ئىككى يولنى تاللاۋاتىدۇ: 1) تېخىمۇ رادىكاللىشىپ ئىشىدقا، نۇسراغا قاتنىشىپ كېتىۋاتىدۇ. 2) «ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى دەپ تۇرۇپ، ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە، ئامېرىكىغا بىر پاي ئوقمۇ ئېتىپ باقمىغان ئىراق - شام دۆلىتىگە ئامېرىكىنىڭ گۇماشتىسى» دەپ قارايدىغان بەزى سەلەفىي مۇسۇلمانلار بولسا، ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئەردوغانغا قارشى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مەھسۇلاتى ئىشىدتىن، نۇسرادىن پاناھ ئىزدەش ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قاراپ، يەنىلا تۈركىيەدە قىلىپ ئەردوغاننىڭ ئىقتىسادىي بىسىمىغا قارشى ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ھەر خىل ئىمكانلار بىلەن قوغداۋاتىدۇ. ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25

مەسىلەن: مەركەزىي شەھەرلەردە ئەردوغاننىڭ كۆزىگە مىختەك سانجىلىپ تۇرغاندىن، ئەتراپتىكى گەبزە، كوجائىلى، يالوۋا، بۇرسا، ساكارىيا قاتارلىق كىچىك شەھەرلەردە ياشاۋاتىدۇ. 4-5 سەلەفىي ئائىلە بىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ دۇكان ئىچىۋاتىدۇ، تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، ئاساسەن ئەرەبچە بىلىدىغان ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ «ئۆي، مۈلكچىلىك - Emlak»ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن ئەرەب بايلىرىغا يالوۋا، بۇرسا، كوجائىلى، گەبزە، ساكارىيا قاتارلىق مەنزىرىسى چىرايلىق، باھاسى مۇۋاپىق يەرلەردىن ئۆي، داچا، يەر-زېمىن سېتىش تىجارەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ يەنە كۆپىنچە سەلەفىي مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي بىسىمىغا بەراشلىق بېرىشى خېلى تەسكە توختاۋاتىدۇ. بۇرۇن دەھرى دۆلەت زۇلۇم قىلغاندا جىمسانىي زۇلۇم قىلاتتى، تۇتاتتى، تۈرمىگە سولايتتى، قىينايتتى، ئەمما ئېتىقادىڭ، ئەقىدەڭگە چېقىلالمايتتى. ئەمدىكى دېموكىراتىك ھۆكۈمەت تۈرمىگە سولىمىغان بىلەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئازابلاپ، روھىڭنى، ئېتىقادىڭنى پۇل ئارقىلىق تەسلىم ئېلىشقا، يۇمشۇتىشقا، پاسىپ ھالغا چۈشۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا. سەلەفىي مۇسۇلمانلار بۇرۇن دەھرى دۆلەت زۇلۇم قىلغاندا ئەتراپتىكى چېچەنىستان، بوسنىيە، ئافغانىستان، ئېراققا ئوخشاش دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ ئامېرىكا، روسىيەگە ئوخشاش ھۆكۈمى قۇرئاندا ئېنىق بولغان اللە دۈشمەنلىرى بىلەن جىھاد قىلىش يولىنى تاللاپتىكەن. ھازىر ھىجرەت قىلاي دىسە بۇنداق ھۆكۈمى ئېنىق كاپىر بولغان اللە دۈشمەنلىرى بىلەن جىھاد قىلغان بىر جىھاد ماكانى يوق، ھەممە يەر ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن سەلەفىي مۇسۇلمانلار قالاي دىسە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي زۇلۇمى، كېتەي دىسە جىھادنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۋالغان نائەھلىلەرنىڭ زۇلۇمى. ئىككى ئارىدا ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بولۇپ ياشىماقتا. بىر سەلەفىي قېرىندىشىمىز تېخى تۆنۈگۈن شۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ چەتكە قېقىش، كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە يەنە چىداپ كەتكىلى بۇلىدىكەن، ئەمما ماۋۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە خورلاش زۇلىمىغا بەرداشلىق بېرىش بەك تەس توختاۋاتىدۇ، سەن چىدىساڭمۇ، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىڭنىڭ چىدىمىقى تەسكە توختاۋاتىدۇ.» ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25

مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ شۇنداق دېدىم: «توغرا، دېموكىراتچى ھۆكۈمەتكە، مىللەتچى ئەردوغانغا لاالەالااللە دىيىشنىڭ بەدىلى ھازىر ھەقىقەتەن ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ. بىراق رىزىق ئەندىشەسى مىللەتچى ھۆكۈمەتكە لاالەالااللەنى ئەسلەتكەنلىكىمىزدىن بولىۋاتىدۇ، دەپ پۇشايمان قىلىش بۇ خاتا. ئەمىرۇل مەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىل مۇنكەر - ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشتىن توسۇش بىز مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن مەسىلىسى بولغان. ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ھۆكۈمەت بىلەن كۈرەش قىلىش بولغان. شۇڭا ئىبراھىيم ئەلەيھىسالام نەمرۇتنىڭ، مۇسا ئەلەيھىسالام پىرئەۋىننىڭ، ئەيسا ئەلەيھىسالام رۇم پادىشاھنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئەبۇجەھىل ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي زۇلۇملىرىغا دۇچار بولغان. شۇڭا ئەگەر بىزنىڭ قەلبىمىزدە ھۆكۈمەت بىلەن مەسىلىسى بولمىغان ئىمان بولۇپ قالسا، ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىدىن شۈبھە قىلىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى ھاكىمىيەتكە قارشى ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ:
من أتى أبواب السلطان افتتن
كىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ۋاقتىنى ئۆتكۈزسە، ئۇلار ئۇنى پىتنىگە دۇچار قىلىدۇ، پىتنىگە مەھكۇم بولىدۇ. -ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل-
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە شۇنداق دەيدۇ:
وما ازداد عبد من السلطان قربا، إلا ازداد من الله بعدا
بىر كىشى ھۆكۈمرانلارغا، ھۆكۈمەتكە قانچىلىك يېقىنلاشسا، اللەدىن شۇنچىلىك يىراقلىشىدۇ. يەنى اللەنىڭ رەسۇلى بىزنى: ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يېقىن تۇرماڭلار، ئەگەر يېقىن تۇرساڭلار، اللەدىن ، رەببىڭلاردىن يىراقلىشىپ كېتىسىلەر، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ . ... داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25

شۇڭا قېرىندىشىم، بىز توغرا يولدا، بىز رەسۇل اللەنىڭ يولىدا. ئاچ قالساقمۇ، قىينالساقمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە غالچىلىرىنىڭ ھەرخىل چەتكە قېقىشلىرىغا، كەمسىتىشلىرىگە، ئىقتىسادىي خورلاشلىرىغا دۇچار بولساقمۇ، ئەسلا ھۆكۈمەتكە ۋە مەدىكارلىرىغا خوشامەتچىلىك قىلمايمىز، يالاقچىلىق قىلمايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇيرىغان: « لا طاعة لمن لم يطع الله - اللەقا ئىتائەت قىلمىغانغا ئىتائەت قىلماڭلار» ئېتىقادىدىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، لاالەالااللەنى مىللەتچىلەرگە، دېموكىراتچىلارغا ئەسلىتىشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك» دېدىم. ئارقىدىن قوشۇمچە قىلىپ: «مەيۇسلەنمە، ئۇمىدۋار بولغىن. بەلكىم يېقىندا اللەنىڭ دۈشمىنى، پەيغەمبەرنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئېنىق بولغان خىتايلارغا قارشى جىھاد باشلىنىشى مۇمكىن. خىتاينى پەتىھ قىلىپ اللەنىڭ قانۇنىنى ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن سېنىڭ «اللەنىڭ دوستىغا دوست، دۈشمىنىگە دۈشمەن بولىدىغان» ئېتىقادىڭغا ئىھتىياج بار. ھەرگىز تەۋھىيد ئېتىقادىڭدىن، ئۈممەت ئۈچۈن جېنىڭنى پىدا قىلىش ئىرادەڭدىن ۋاز كەچمە، سېنى مىللەتچى ئەردوغان ۋە دېموكىراتچى ھۆكۈمىتى چەتكە قاققان، كەمسىتكەن بولسا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنى ھۆكۈمران قىلىش جىھادىدا سېنى بىشىمىزدا كۆتۈرىمىز» دەپ مەدەت بېرىپ روھىنى كۆتۈرۈپ قويدۇم.

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25
ھەممە يەردە ئەھلى تەۋھىيد مۇسۇلمانلىرى مۇشۇنداق خورلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ماۋۇ دېموكىراتىيە تۇزۇمىنىڭ زۇلىمى ئادەمنى ئۇدۇل گېلىدىن سىقىۋالغاچقا بەرداشلىق بېرىش قىيىنلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. بەزىدە تۇتۇپ، ئىتىۋەتسىمۇ بۇنچىلىك خورلىنىپ قالمايتۇق دەپ ئويلاپمۇ قالىدۇ ئادەم.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25

قانداقلا بولمىسۇن، قەتئىي مەيۇسلەنمەسلىك كېرەك قېرىندىشىم. زالىملارنىڭ ئەھلى تەۋھىيدكە نېمىشقا مەخسۇس ئىقتىسادىي زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ تەۋھىيد ئېتىقادىمىزغا قارشى، تەۋھىيد ئەقىدىمىزگە قارشى پىكىر بىلەن رەددىيە بېرىشكە ئاجىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن، پىكىرىمىزگە قارشى پىكىر بىلەن جاۋاب بېرىشكە قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتتىن دەلىل تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، بىزنى ئىقتىسادىي قامال قىلىۋىلىپ، مۇشۇنداق قوساق بېقىشنىڭ دەردىگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، تەۋھىيدىي پائالىيەتلەردە ۋە خىزمەتلەردە بۇلۇنماسلىقىمىزنى غەرەز قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ توزۇقىغا چۈشۈپ جان بېقىشنىڭ، قوساق بېقىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتسەك، لاالەالااللەغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچسەك، شۇ ۋاقىتتا ھەقىقىي خورلۇققا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك كەمسىتىشكە مەھكۇم بولىمىز. شۇڭا اللەنىڭ يىگانە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ تەۋھىيد خىزمەتلىرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. پەيغەمبىرىمىزمۇ لاالەالااللە دىگەنلىكى ئۈچۈن قەۋمى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى، پەيغەمبىرىمىزمۇ لاالەالااللە دىگەنلىكى ئۈچۈن قەۋمى تەرىپىدىن كەمسىتىلدى، پەيغەمبىرىمىزمۇ لاالەالااللە قا دەۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قەۋمى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي قىينچىلىققا مەھكۇم قىلىندى. ھەتتا ئاۋۋال پەيغەمبىرىمىزگە: «مۇھەممەد سېنىڭ دىنىڭ مىللىي بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقتا، مىللىي ئىتتىپاقلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەكتە، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئەگەر مەقسىتىڭ باي بولۇش بولسا، سېنى ئەڭ بايلىرىمىزدىن قىلايلى، لاالەالااللە دەپ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە ۋە مەنپەئەتلىرىمىزگە زىيان سېلىشتىن ۋاز كەچكىن» دەپ كەلدى، پەيغەمبىرىمىز: «ئوڭ قولىمغا قوياشنى، سول قولىمغا ئاينى بەرسەڭلارمۇ، مەن تەۋھىيد ئېتىقادىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، لاالەالااللەنى تەبلىغ قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مىللەتچى، مۇشرىك قەۋمى پەيغەمبىرىمىزنى ئائىلە، بالا-چاقىسى بىلەن قوشۇپ چەتكە قېقىپ، مۇناسىۋەت، ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئىقتىسادىي ئىمبارگو بىلەن 3 يىل چۆلدە ئاچ قويدى. ئەمما پەيغەمبەرىمىز يەنىلا تەۋھىيد ئەقىدىسىدىن، لاالەالااللەنى تەبلىغ قىلىشتىن ئەسلا ۋاز كەچمىدى. ...داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-25

بىز: «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ - ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ قا (يەنى ئاللاھ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (كۇپىرگە، پىتنىلەرگە، دۇنيانىڭ ئازدۇرغۇچى ۋەسۋەسىلىرىگە ۋە ماددىي، مەنىۋىي زۇلۇملارغا) قارشى مۇستەھكەم قىلىدۇ» دەپ خوش خەۋەر بەرگەن مۇھەممەد سۈرىسى 7-ئايىتىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلارمىز . شۇڭا تەۋھىيدكە خىزمەت قىلىشتىن، لاالەالااللەنى تەبلىغ قىلىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. بىز اللەنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلساق، اللە بىزنى رىزىقلاندۇرىدۇ، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ، مىللەتچىلەرنىڭ، دېموكىراتچىلارنىڭ پۈتۈن توسقۇنلۇق ۋە ئىچى تارلىق، ھەسەتلىرىگە قارىماي!!!!

يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

مۇنبەرگە دىنى تېما - ئىنكاس يوللىغۇچى قېرىنداشلار سەمىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋىسال قېرىندىشىم. ئەمەللىرىڭىزنى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي. ئىسلامىيەت .ئەقىلنى ئەمەس، نەقىلنى ئاساس قىلىدىغان، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئىلاھىي ۋەھىنى ئاساس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكى سىزگىمۇ ئايان. ھەدىس --- ئىككىنچى تۈردىكى ئىلھامىي ۋەھى بولغاچقا، ھەرقانداق ياخشى نىيەتتە بولغۇچى(مۇسۇلماندىن ئامال بار يامان گۇمان قىلمايمىز) قېرىندىشىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇردەك يالغان ھەدىسلەر كۆپ تارقىلىپ كەتكەن قەۋمگە دىنى خىزمەت قىلغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەندە، ئېلىنغان ھەدىس كىتاب نامىنى؛ مۇمكىن بولسا ھەدىس رەقىمىنى؛ مۇھەددىسلەرنىڭ ئۇ ھەدىسنى سەھىھ - زەئىف(يالغان)، دېگەنلىكى... قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ قويۇشى شەرت! بولمىسا ۋەھىگە ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ. ھېلىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ تاشقى سەۋەبلىرىنى دېمەي، ئىچكى سەۋەبلىرى توغرۇلۇق ئىزدەنگەندە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسىنىڭ ھەدىسنىڭ سەھىھ - زەئىفلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن، ھەرمەزھەب - پىرقىلەر قاراشلىرىغا ماس كەلگەن زەئىف - يالغان ھەدىسلەردە چىڭ تۇرۇۋېلىشىپ، بىدئەت - خۇراپاتقا چۈمۈپ، ئاللاھنىڭ: ئەگەر رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر(نۇر سۈرىسى 54- ئايەتنىڭ بىرقىسمى)، دېگەن شەرتىدىن بەكلا يىراقلىشىپ كەتكەچكە، ئاللاھنىڭ مەرمەمەتى، ياردىمىدىنمۇ قۇرۇق قالدۇق... ئاساسلىق گەپ: ئەگەر يۇرتىمىزدىكى ئەھلى ئىلىملار مەنبەسى يوق ھەدىسنى سۆزلەپ قالسا(بۇمۇ قەتئىي توغرا ئەمەس) كىتاب ئاز بولغاندىكىن، تاپالمىغاندۇ، دېيىلىشى مۇمكىن. ئەمما چەتئەلدە تۇرۇپمۇ بۇخىل سەۋەنلىك سادىر قىلىنسا ھېچيېرىنى توغرا كۆرگىلى بولمايدۇ. مەنبەسىنى تاپالمىساق، تاپالىغۇچە تۇرۇپ تۇرساق بولىدۇ - دە؟ چۈنكى، دىنغا مۇناسىۋەتلىك مۇنبەرلەردىكى يازمىلارنى ئوقۇغان قېرىنداشلار ئەستە ساقلىۋېلىپ، ياكى يېزىۋېلىپ باشقا قېرىنداشلارغا تەشۋىق قىلىدۇ. ‹‹تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم دىنىي ئۇستازلار قورقماستىن دۆلەت رەئىسىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيەلەر بەردى››، دېگەن تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىزدا ئۈچ ھەدىسنى دەلىل قىلىپسىز. گەرچە باشتىكى ئىككى ھەدىس سەھىھ بولسىمۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز. بۇ، ئاددى خاتالىق ئەمەس! ئاخىرقى ھەدىس يەنى: پەيغەمبەر ئ

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. ھەدىس ھەققىدە ياخشى چۈشەنچە بېرىپسىز. اللە رازى بولسۇن. يۇقىرىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاكىمىيەتكە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يالاقچىلىق قىلماڭلار دىگەن مەزمۇندا دەلىل كەلتۈرگەن ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكى فىلىمدە تېخىمۇ ئوچۇق تىلغا ئېلىنغان.
شىئەپەرەس مۇستاپا ئىسلام ئوغلىنىڭ ئەھلى سۈننەتنىڭ ھەدىس پىشىۋاسى ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەلگە قىلغان تۆھمىتى (3-قىسىم) http://www.wisalstudio.com/uy/watch.php?id=719

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : كىمكى :" اللەتىن باشقا ئىلاھ يوق ، اللە بۈيۈكتۇر " دېسە ،اللە ئۇنى تەستىقلاپ : "مەندىن باشقا ئىلاھ يوق ، مەن بۈيۈكتۇرمەن " دەيدۇ.
بەندە " يىگانە اللەتىن باشقا ئىلاھ يوق " دېسە ، اللە :" مەندىن باشقا ئىلاھ يوق ، مەن يىگانىدۇرمەن " دەيدۇ.
بەندە :" اللەتىن باشقا ئىلاھ يوق ، ئۇ يىگانىدۇر ، شىرىكى يوقتۇر" دېسە ، اللە " مەندىن باشقا ئىلاھ يوق ، مەن يىگانىدۇرمەن ، مېنىڭ شېرىكىم يوقتۇر" دەيدۇ.
بەندە " اللە تىن باشقا ئىلاھ يوق ، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر" دېسە، اللە :"مەندىن باشقا ئىلاھ يوق ، پادىشاھلىق ماڭغا خاستۇر، بارلىق ھەمدۇ سانا ماڭغا خاستۇر" دەيدۇ. بەندە :" اللە تىن باشقا ئلاھ يوق ، بارلىق كۈچ قۇۋۋەت اللەقا خاستۇر" دېسە، اللە :"مەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇرۋە بارلىق كۈچ قۇۋۋەت ماڭغا خاستۇر " دەيدۇ.
كىمكى كېسىلىدە بۇ سۆزلەرنى دېسە ئاندىن ئۆلۈپ كەتسە ، دوزاق ئوتى ئۇنى كۆيدۈرمەيدۇ.
تىرمىزى: 3430

يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27
ئاخىرقى ھەدىس يەنى: ‹‹پەيغەمبىرىمىزگە: «مۇھەممەد سېنىڭ دىنىڭ مىللىي بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقتا، ئىتتىپاقلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، ئەگەر مەقسىتىڭ باي بولۇش بولسا، سېنى ئەڭ بايلىرىمىزدىن قىلايلى، لاالەالااللە دەپ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچكىن» دەپ كەلدى، پەيغەمبىرىمىز: «ئوڭ قولىمغا قوياشنى، سول قولىمغا ئاينى بەرسەڭلارمۇ، مەن تەۋھىيد ئېتىقادىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، لاالەالااللەنى تەبلىغ قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.›› بۇ جۈملىلەر گەرچە ۋائىز، خاتىبلار ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن، مەزمۇنى ناھايىتى قايىل قىلارلىق كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنىڭ خەۋىرى بارمۇ يوق؟ قايسى ھەدىس توپلىمىدىن ئېلىندى؟ سەھىھمۇ ياكى زەئىف(زەئىف ھەدىس تۈرىگە بەك زەئىف، مۇنكەر، مەترۇك،يالغان... قاتارلىق ئون نەچچە تۈر كىرىدۇ)مۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاشقاندا بۇ جۈملىلەرنىڭ نە مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرىدا، نە سەھىھ ھەدىسلەر قاتارىدا بارلىقىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت سىرەتچى ۋائىزلارنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ نامىدىن توقۇۋېلىشقان يالغانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس! ئەگەر ئىشەنچلىك ھەدىس توپلاملىرىدا بار دېسىڭىز، ئوتتۇرغا قويۇڭ، مەن: ئاللاھ رەھىم قىسۇن، دەپ كەچۈرۈم سۇرايمەن. پەقەت بۇ جۈملىلەرنىڭ بىرقىسمىغا ئازراق يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ھەسەن(سەھىھ) ھەدىس مەۋجۇدتۇر: ئۇقەيل ئىبنى ئەبى تالىب شۇنداق دېگەن: قۇرەيىشلەر ئەبۇتالىب يېنىغا كېلىپ: مۇھەممەدنىڭ مەجلىسىمىزدە،مەسچىتىمىزدە بىزگە ئازار بېرىۋاتقىنىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ ئۇنى بىزگە ئازار بېرىشتىن توسقىن، دېيىشتى. ئەبۇتالىب ئوغلى ئۇقەيلگە: مۇھەممەدنى چاقىر، دېدى. ئۇقەيل بېرىپ رەسۇلۇللاھنى چاقىرىپ كەلدى. ئەبۇتالىب: ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! تاغاڭنىڭ ئوغۇللىرى(قۇرەيشلەر)نىڭ قارىشىچە، سەن ئۇلارغا مەجلىسلىرىدە، مەسچىتلىرىدە ئازار بېرىپسەن، ئۇنداق قىلمىغىن،دېدى. رەسۇلۇللاھ ئاسمانغا ئۇزاق قارىۋېتىپ: سىلەر قوياشتىن شام يېقىپ بەرسەڭلارمۇ سىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنى تاشلاشقا قادىر ئەمەسمەن، دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇتالىب: قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى يالغان گەپ قىلمىدى، قايتىڭلار، دېدى.--- ئەبۇجەئفەر بۇختەرى، ئىبنى ئاساكىرلار توپلىغان؛ ئالبانىي: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 92- نومۇرلۇقىدا: ھەسەن، دەپ باھالىغان.
يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27
ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغانىم: ۋىسال تورى مەن ۋە باشقا ھەقىقەت ئىزدىگۈچى قېرىنداشلار نەزەرىدىكى ساناقلىق مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، سىزدىن باشلاپ ھەرقانداق دىنى تېما - ئىنكاس يازغۇچى قېرىنداشلار ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرگەندە، ھەدىس مەنبەسىنى يەنى قايسى ھەدىس توپلىمىدىن ئېلىندى؟ مۇمكىن بولسا ھەدىس رەقىمى قانچە؟ قايسى مۇھەددىس سەھىھ، دەپ باھالىغان؟ دېگەنلەرگە رىئايە قىلىپ كەتسەڭلار. ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىس ئەتىراپىغا زىچ ئويۇشىدىغانلاردىن قىلغاي، ئامىن. ھۆرمەت بىلەن: سۈننەت ياقىلىغۇچى (مۇمكىن بولسا ئايرىم تېما قىلىپ چىقىرىپ قويسىڭىز)
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

قېرىندىشىم، مەن بۇ ھەدىس ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئادىرىسقا يازغان ئىنكاسلىرىمدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم:
http://www.wisalstudio.com/uy/readpost.php?id=3552

يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27
ھە، ئىىختىيارىڭىز. كۆردۈم، ئانچە مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈندى. تەپسىلىي توختالدىم، دېگەن گەپكە كەلسەك، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ھەدىسنىڭ مەنبەسى، سەھىھ - زەئىفلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەكىدى. خەير، ئاللاھقا ئامانەت.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

ۋىسال ئاكىمىز ھەدىسنىڭ مەنبەسى خەۋەردە دىمەپتۇ، خەۋەرنىڭ ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا تەپسلى بار دەپتۇ. ئۇلىنىش ئادىرىسىنى بەرگەندىن كىيىن خەۋەرنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا قاراڭلار. ھەدىسنىڭ مەنبەسىنى كۆرىسىلەر.

يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27
تەكرار ئوقۇدۇم. مەن ئىشەنچسىز، دەپ يازغان ھەدىسنىڭ مەنبەسى، سەھىھ - زەئىفلىقىغا قارىتا ھېچ گەپ يوق. مەنبە، دەپ يېزىپ قويغىنى ھەدىس كىتابى ئەمەس. ئۇنى مەنبە دېگۈلى بولمايدۇ. ئەرەبلەردە نېمە كۆپ؟ كىتاب كۆپ. تاللىماي ئەرەبنىڭ بولغاندىكىن خاتالاشماس، دېگۈلى بولمايدۇ. ئىككىلىمىزنىڭ ئىنكاسى ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن، بۇ يازمىدىكى ئىنكاس بىلەن ئۇ يازمىدىكى ئىنكاسنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەڭلارلا ھەقىقەت ئېنىق بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى بۇنچىۋىلا ئەسكەرتىپ كېتىشىمدىكى سەۋەب:ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نىجادلىققا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى ئاساسى ئامىل: ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىگە ئېسىلماي، ئىنساننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئېسىلىۋېلىشىدۇر. ئىنساننى ئىنساننىڭ كۆرسەتمىسى ھەرگىز نىجادلىققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. ئىنسانغا چوقۇم ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى كېرەك. بۇ كۆرسەتمە: دەك قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىستىن ئىبارەت! ئىشەنچسىز ھەدىسلەرنى رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىپ سۆزلەش: ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە شەخسى قاراشنى كىرگۈزۈۋېلىش . شۇڭا، مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا چىن قەلبىدىن ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ نامىدىن يالغان توقۇماسلىقى، توقۇغۇچىلارغا ئەگەشمەسلىكى لازىم. ئاللاھ نامىدىن يالغان توقۇغۇچىلارغا ئاللاھ مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن: ‹‹ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ سۈرە نەھل 116 - ئايەتنىڭ بىرقىسمى››؛ رەسۇلۇللاھ نامىدىن يالغان توقۇغۇچىلارغا قارىتا رەسۇلۇللاھ مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان: سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: كىمىكى مەن دېمىگەننى رەسۇلۇللاھ دېدى دېسە، ئورنىنى دوزاختىن تەييارلىسۇن. سەھىھۇلبۇخارى 109- ھەدىس. ھەفسەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاڭلىغانلىكى ھەدىسنى سۆزلەش - ئۇ ئادەمنىڭ كاززابلىقىغا يېتەرلىكتۇر. سەھىھ مۇسلىم 7- ھەدىس.....داۋامى بار....
يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27
زەئىف ھەدىسنى رەسۇلۇللاھقا كەسكىن ھالدا نىسبەت بېرىشنىڭ خاتالىقى ھەققىدە مۇھەددىسلەر مۇنداق قارارغا كېلىشكەن:مۇھەددىس ئىمام نەۋەۋى ئەلمەجمۇئ كىتابىدا شۇنداق بايان قىلغان: ھەدىسشۇناسلار ۋە باشقا ساھەدىكى دىنى ئالىملار شۇنداق دېيىشكەنكى، زەئىف ھەدىسنى: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى، مۇنداق قىلدى، بۇيرىدى، چەكلىدى ۋە ياكى ھۆكۈم قىلدى، دېگەندەك كەسكىن ئىبارە بىلەن رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىپ سۆزلەش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك، زەئىف ئەسەرنىمۇ: ئەبۇھۇرەيرە رىۋايەت قىلدى، مۇنداق دېدى، بايان قىلدى، خەۋەر قىلدى، ھەدىس سۆزلەپ بەردى، نەقىل قىلدى ۋە ياكى پەتىۋا بەردى، دېگەندەك كەسكىن ئىبارە بىلەن ئۇلارغا نىسبەت بېرىپ سۆزلەش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك، تابىئىن(ساھابە بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان كىشى)لار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر توغرىسىدا كەلگەن زەئىف خەۋەرنىمۇ ئۇلارغا كەسكىن نىسبەت بېرىپ سۆزلەش توغرا ئەمەس. يۇقارقىدەك زەئىف ھەدىسلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى چوقۇم رىۋايەي قىلىنىشىچە، نەقىل قىلىنىشىچە، ھېكايە قىلىنىشىچە، مۇنداق كەلگەن، بىزگە مۇنداق يەتكەن، ئېيتىلىدۇ، زىكرى قىلىنىدۇ، ھېكايە قىلىنىدۇ، رىۋايەت قىلىنىدۇ، ھەدىس دېيىلىدۇ، كۈچلەندۈرىلىدۇ، دېگەندەك كېسەل ئىبارە بىلەن بايان قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ كەسكىن ئىبارە بىلەن ئۇلارغا نىسبەت بېرىپ سۆزلەشكە بولمايدۇ. يەن ھەدىسشۇناسلار ۋە باشقا ساھەدىكى دىنى ئالىملار شۇنداق دېيىشكەنكى، رەسۇلۇللاھ دېدى، دەپ كەسكىن ئىبارە بىلەن سۆزلەش پەقەت سەھىھ ياكى ھەسەن ھەدىسكىلا توغرا بولىدۇ. كېسەل ئىبارە قوللىنىش سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىستىن باشقىلىرىغا قولىنىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىلگەن ھەدىسنىڭ زادىلا سەھىھ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. زەئىف ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ دېدى، دەپ رەسۇلۇللاھقا كەسكىن ئىبارە بىلەن نىسبەت بەرگەندە، رەسۇلۇللاھقا كاززابلىق قىلىش مەنىسى پەيدا بوپقالىدۇ. مانا بۇ كەسپىي ئەخلاقنى جۇمھۇر پەقىھلەر بەلكى جۇمھۇر ئەھلى ئىلىملەر ئۆز كىتابلىرىغا كىرگۈزگەن قائىدەدۇر. بۇ مەشھۇر قائىدىگە پەقەت بىر قىسىم ھەدىس ئىملىدىن خەۋىرى يوق كىشىلەرلا رىئايە قىلمايۋاتىدۇ. بۇ، ھەدىسكە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك! بۇ نادانلار كۆپىنچە سەھىھ ھەدىسنى؛ ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىندى دەپ؛ زەئىف(يالغان ھەدىسمۇ زەئىف تۈرىگە مەنسۇپ)ھەدىسنى پالانى رىۋايەت قىلدى، دەپ ئالماشتۇرۇپمۇ سۆزلەيدۇ.
يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

‹‹پەيغەمبىرىمىزگە: «مۇھەممەد سېنىڭ دىنىڭ مىللىي بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقتا، ئىتتىپاقلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، ئەگەر مەقسىتىڭ باي بولۇش بولسا، سېنى ئەڭ بايلىرىمىزدىن قىلايلى، لاالەالااللە دەپ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچكىن» دەپ كەلدى، پەيغەمبىرىمىز: «ئوڭ قولىمغا قوياشنى، سول قولىمغا ئاينى بەرسەڭلارمۇ، مەن تەۋھىيد ئېتىقادىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، لاالەالااللەنى تەبلىغ قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.›› ئۇنداقتا بۇ ھەدىسنىڭ مەنبەسى قېنى؟ قايسى ھەدىس توپلىمىدىن ئېلىنغان؟ قايسى مۇھەددىس سەھىھ دېگەن؟ ئىككى ئىنكاسىم يوققۇ؟ زەئىف ھەدىسنى رەسۇلۇللاھقا كەسكىن ھالدا نىسبەت بېرىشنىڭ خاتالىقى ھەققىدە مۇھەددىسلەر مۇنداق قارارغا كېلىشكەن: نىڭ ئاخىرىدىكى چىقماي قالغان بىر قۇر: بۇ، ھەقىقەتتىن بەك يىراقلاپ كەتكەنلىكتۇر. مۇھەددىس ئىمام نەۋەۋى: ئەلمەجمۇئ 1/63 .

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

مەن يۇقىرىقى ئىنكاسلارنى ۋە ھەدىسلەرنى يازغاندا پايدىلانغان مەنبەلەر تۆۋەندىكىچە: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن قۇرەيىش خەلقىنىڭ، بەنىي ھاشىم، بەنىي ئۇمەييە قەبىلىلىرىنىڭ يەنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيىسى، مىللەت چۈشەنچىسى، دىنىي ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئانالىز قىلغان بىر قىسىم كىتابلار:




ئۇستاز ئەبۇ مۇھەممەد ئەلمەقدىسى - «مىللەتى ئىبراھىيم»



سەييىد قۇتۇب - «قۇرئاننىڭ سايىسىدا شىرىك ۋە مۇشرىك»



2)   ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ھەدىسلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەر ھەققىدە پايدىلانغان كىتابلار:


سەئىد ھاۋۋا - «ھەدىسلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخى»





ئىبنى كەسىر - «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى»

 
 


تەۋھىيد يولىدا پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلىرى دۇچار بولغان ئازاپلار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

3) ۋىسال سەھىپىسىدە تەۋھىيد ھەققىدە ئېتىقادىمنى بايان قىلغاندا، ئىنكاس يازغاندا پايدىلانغان بەزى ئەسەرلەر:
 


ئۇستاز مۇھەممەد بىن ئەل قاھتانىي - «الولاء والبراء في الإسلام - ئىسلامدا دوست ۋە دۈشمەن»



ئۇستاز شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھاب - «تەۋھىيد»
 

 ئىمام مۇھەممەد ئەتتەمىمىي - «ھەممە جەھەتتە تەۋھىيد»






 ئۇستاز ئەبۇ مۇھەممەد ئەلمەقدىسىي - «دېموكىراتىيە دىندۇر»






يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27

سەلەفىي سالىھىين ئەقىدىسىدە تەكفىرجىلەرگە رەددىيەلەر


مانا بۇ يۇقىرىقى ئەسەرلەر ۋىسال سىتۇدىيىمىزنىڭ تەۋھىيد ۋە ئۈممەتكە بولغان ئەقىدە ۋە مۇھەببىتىنى، كۇپىرگە، شېىرىككە، مىللەتچىلىككە، دىموكىراتىيەگە بولغان غەزەب - نەپرىتىنى ئىپادىلەشتە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى، ھەممىسىنى بۇيەرگە قويۇشقا ۋاقىت ۋە ئىمكان يار بەرمىدى.
شەخسەن ئۆزەم ئۆلىما ئەمەس، پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىلىم ئۆگىنىشكە، ئۈگەنگەن ئىلىمگە ئاجىزانە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ئىلىم ھەۋەسكارىمەن. مەن ئالدى بىلەن ئۆگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئەمەل قىلىشنى ئەمەس، ئۆگەنگىنىمنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش ئارقىلىق تېخىمۇ پۇختا ئۈگىنىش يولىنى تاللىغانمەن. چۈنكى ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۈگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئەمەل قىلىمەن دىسەك، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدىكەن، مىللىتىمىزگە خىزمەت كىچىكىپ كېتىدىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى بىز ئۈگىنىپ بولۇپ مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلغىچە، باشقىلار بىز بوش قويۇپ قويغان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مىللىتىمىزنى كۇپىر، شېرىك پاتقىقىغا تېخىمۇ بەك پاتقۇزىۋىتىدىكەن. شۇڭا كۈچىمىزنىڭ يەتكىچە ئەزىزانە مىللىتىمىزگە تەۋھىيدىي جەھەتتە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. غەيرەت بىزدىن، ياردەم اللەدىن. خاتالىشىش بىزگە، مۇتلەق توغرىلىق اللەغا مەنسۇبتۇر. ئەگەر ئۆلىما ئۇستازلىرىمىزدىن بېرى: مەن ئىلىمىمنى ئۈگىنىپ بولدۇم، ئەمدى خىزمەت قىلىمەن دىسە، ئورۇننى بوشىتىپ بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييارمىز. يىتەركى ئەزىزانە مىللىتىمىزگە ئىسلامىي خىزمەت قىلىش ساھەسى بوش قالمىسۇن، نائەھلىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن. جانابىي اللە ھەمىمىزنى الصِّرَاطَ الْمُسْتَق۪يمَۙ توغرا يولدا جەم قىلسۇن. ئامين!!!

يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋىسال قېرىندىشىم. يازغان ئىنكاسلىرىڭىزدىن، بولۇپمۇ سەلەفىيلەرنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئالاھىدە دەرسكە ئىگە بولدۇم. شۇ ئەسنادا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەر مەنبەسى ئەجەب ئەسكەرتىلمەپتا؟ دەپ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئىشەنچسىز ھەدىسنى كۆرۈپ: مەسىلىلەرنى شۇنچە ئىنچىكە تەھلىل قىلىۋاتقان قېرىندىشىمنىڭ مۇنۇ مۇھىم مەسىلىگىمۇ دىققەت قىلماپتۇ. بۇنىڭغا ئەسكەرتىش بېرىپ، بۇ قېرىندىشىم ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىدا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دەپ ئىنكاس يازسام، جاۋاب جايىدا كەلمەي قالدى. كېرەك يوق، ھەركىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق خارەكتېرى بولىدۇ - دە؟ مۇنۇ ئىنكاسنى يېزىشىمدىكى سەۋەب: رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرەيشلەر بىلەن بولغان سۆھبىتى ۋەقەسىنىڭ سىز كەلتۈرگەن نۇسخىسىنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى(يەنى ئۇ ھەدىسنىڭ قوياش ۋە ئاي سۆزلىنىدىغان قىسمىنىڭ ساھابە، تابىئىن يوق ئەتبائ تابىئىن نامىدىنلا قۇرەيش ۋەقەلىكى باشلىنىدۇ. پۈتۈن قىسمىنىڭ ھېچ ھەدىس توپلىمىدا سەھىھ ياكى زەئىف مەنبەسىمۇ يوق)، سەھىھ مەنبەسى بار دېسىڭىز دەلىلنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز، دېسەم بىرمۇنچە كىتابلارنى يوللاپسىز، ھېچقايسىسى ھەدىس توپلىمى ئەمەس! قارىغاندا ئۇ ھەدىسنىڭ ساغلام مەنبەسى بولمىغاچ تاپالمىغانلىقىڭىز ئايان. مېنىڭ سىزدىن ئەمەل تالاشقۇممۇ يوق؛ شۇنداقلا ئىنكاسىڭىزدىكى ‹‹ئالدى بىلەن ئۆگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئەمەل قىلىشنى ئەمەس، ئۆگەنگىنىمنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش ئارقىلىق تېخىمۇ پۇختا ئۈگىنىش يولىنى تاللىغانمەن.››،غا قارىتا: ھەقنى يەتكۈزۈشتە مانچىلىك ئوقۇپ ئاندىن ھەقنى يەتكۈزسۇن، دەيدىغان ئۆزگەرمەس پىرىنسىپمۇ يوق.چۈنكى رەسۇلۇللاھ: مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرىغان(سەھىھۇلبۇخارىي3461- ھەدىس). سۆزۈمنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز: بىلگەننى يەتكۈزسىڭىز، بىلمىگەننى بىلىپ بولۇپ ئاندىن يەتكۈزسىز، دېمەكچى. بۇ، مۇناسىۋەتلىك ئايەت - ھەدىسلەر رۇھىغا ئۇيغۇن. تەكرار تەلەپ: مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، ئىشەنچسىز ھەدىسلەرنى زادىلا تەشۋىق قىلمىغۇلۇق.ھازىر ئىشەنچسىز ھەدىسلەرگە ۋە ئەرەبچە ھەدىسلەرگە مۇھتاج بولماي تۇرۇپمۇ(دىننى ياخشى چۈشىنەي دېگەن ئادەمنىڭ ئەرەبچە ئۆگىنىشى شەرت) ئۇيغۇرچە ھەدىس كىتابلىرىدىن نورمال بەھرىلەنگۈلى بولىدۇ. مەسىلەن،ئۇيغۇرچە ھەدىس توپلاملىرىدىن، جەۋاھىرۇلبۇخارى(1200دىن ئارتۇق )، ھەدىس
يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28

ۋىسال ئاكىمىزنىڭ ئىلمىگە چاقچاق قىلمىساڭلار بۇلامدىكىن. ماقۇل دەپ تۇرۇپ بەرسە بەك سەكرەپ كىتىۋاتىسىلەر. ھەر ئىشنىڭ چېكى بار.

يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28
بۇ سۈننەتچى قارىم ئىسمىنى سۈننەت ياقلىغۇچى دەپ قويىۋىلىپ، مىللەتچىلەرگە رەدديە بەرگەن ھەدىسنى يوققا چىقىرىمەن دەپ ئىككى كۈندىن بېرى ئاۋارە. قارىغاندا باشقا سۈننەتچى ئوخشىمامدا. ۋىسالدىغۇ كىچىك باللا يوق بولمىسا، ھەممەيلەننىڭ سۈننىتى خېلى راۋرۇس بوپ بولغان.
يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28

ۋىسال ئاكا مۇشۇنداقلار بىلەن ئاۋارە بولمىسىڭىز بوپتىكەن. قارىماملا، ئۇنىڭ سىلى كۆرسەتكەن كىتابلارنى ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. ھەدىسلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخى دەپ يوغان يېزىقلىق تۇرسىمۇ بىرمۇ ھەدىس كىتابى يوقكەن دەپ سەكرەپ كەتكىنىنى. قالغان كىتابلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى يازغان دىنىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ئىكەنلىكىنى، ئىچىدە ئايەت، ھەدىس دىگەنننىڭ توننىلاپ بارلىقىنىمۇ بىلەلمىگىدەك دەرىجىدە بىلىملىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرمامدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28

قېرىنداشلار! ئىلىم مۇشۇنداق ئۈگىنىلىدۇ. ئىلىم مەيدانى مۇشۇنداق بولسا مەنپەئەتى بولىدۇ. مەن قېرىندىشىمىزنىڭ ھەدىسنىڭ مەنبەسى نەدە؟ سەھىھمۇ، زەيىپمۇ ياكى ئۇيدۇرمىمۇ؟ دەپ سورىغان جاسارىتىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئەگەر ھەممىمىز ئىلىمگە مۇشۇنداق ئەھمىيەت بېرىدىغان روھتا بولغان بولساق، ئارىمىزدا مىللەتچىلەر، دېموكىراتچىلار بۇنچىلىك بازار تېپىپ كەتمىگەن بۇلاتتى. مىسىردا ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا ئىمام شەئراۋىنىڭ بىر سۆزى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان ئىدى: «بىز ئەرەبلەرنى «ئىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئۈگىنىڭلار» دىگەن ئۇيدۇرما گەپنى ھەدىس دەپ يىللارچە ئالداپ كەلدى. شۇڭا بىز ئەرەبلەر خىتاي دىسە بۇ «ھەدىس» يادىمىزغا كىلىپ، خىتايلارغا ياخشى نەزەر بىلەن قاراپ كەلدۇق. ھالبۇكى خىتاي يەھۇدىيغا، ئامېرىكىغا ئوخشاشلا اللەنىڭ دۈشمىنى، ئىسلامنىڭ دۈشمىنىدۇر!». ئىمام شەئراۋى دىگەندەك ھەدىسلەرگە دىققەت قىلمىساق ۋە ئەھمىيەت بەرمىسەك، دۈشمەنلىرىمىز ئۇيدۇرما سۆزلەر بىلەن ئەقىدىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى بۇلغايدۇ، ئۆزىنىڭ رەزىل يولىغا دىن دەپ بىزنى باشلاپ كېتىدۇ.
ئەمدى قېرىندىشمىز سورىغان «ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى، سول قۇلۇمغا ئاينى بەرسەڭلارمۇ، مەن داۋامدىن ۋاز كەچمەيمەن» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنبەسى: ئىبنى كەسىر « السيرة النبوية لابن كثير - 1/474; ئىبنى ھىشام 1/266; بەيھاقىي 2/63; تەبارىي220- 2/218

يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28
ھازىر ئىشەنچسىز ھەدىسلەرگە ۋە ئەرەبچە ھەدىسلەرگە مۇھتاج بولماي تۇرۇپمۇ(دىننى ياخشى چۈشىنەي دېگەن ئادەمنىڭ ئەرەبچە ئۆگىنىشى شەرت) ئۇيغۇرچە ھەدىس كىتابلىرىدىن نورمال بەھرىلەنگۈلى بولىدۇ. مەسىلەن،ئۇيغۇرچە ھەدىس توپلاملىرىدىن، جەۋاھىرۇلبۇخارى(1200دىن ئارتۇق )، ھەدىس شەرىپتىن ئۈنچە مارجانلار(1900غا يېقىن )، ياخشىلار باغچىسى(60تەك زەئىف ھەدىس بار، پات ئارىدا ئەسكەرتىلىشى مۇمكىن،1900غا يېقىن)، مىشكاتۇل مەسابىھ(6000دىن ئارتۇق)، سەھىھۇلجامىئ(8000)، جەمئۇلفەۋائىد(ھەيسەمى ۋە رەزىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ كۆپى زەئىف10000 ئەتىراپىدا)، سەھىھ ھەدىسلەر(5000)،قىرىق ھەدىس(ئىككى دانە زەئىف ھەدىس بار)، سەھىھۇلبۇخارىي(قىسقارتىلمىسى)، سەھىھ مۇسلىم(قىسقارتىلمىسى)، سەھىھ ئىبنى ماجە،ھەدىس قۇدسى ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر... قاتارلىق كىتابلار. ئېسىمدە بارى مۇشۇ.ش ئاللاھقا ئامانەت، ئارىدا باشقىچە چۈشىنىشسىزلىكلەر پەيدا بولۇپ قالمىسا.
يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28
قېرىندىشمىز سورىغان «ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى، سول قۇلۇمغا ئاينى بەرسەڭلارمۇ، مەن داۋامدىن ۋاز كەچمەيمەن» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنبەسى: ئىبنى كەسىر « السيرة النبوية لابن كثير - 1/474; ئىبنى ھىشام 1/266; بەيھاقىي 2/63; تەبارىي220- 2/218 --------------------------------------------------- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ھەدىسنى مەن باشتىكى ئىنكاسىمدىلا: ‹‹قوياش ۋە ئاي سۆزلىنىدىغان قىسمىنىڭ ساھابە، تابىئىن يوق ئەتبائ تابىئىن نامىدىنلا قۇرەيش ۋەقەلىكى باشلىنىدۇ.››، دەپ ئىشەنچسىزلىكىنى ئەسكەرتىپ قويغان. يەنە تەكرار ئىزاھات بېرەي: بۇ ھەدىسنى ئىبنى كەسىر، بەيھەقىي، تەبەرىيلار ئوخشاشلا ئىبنى ھىشامنىڭ‹‹سىيرەتۇ ئىبنى ھىشام 1- جىلد 240- بېتى›› دىن نەقىل قىلغان. ئىبنى ھىشام بولسا بۇ ھەدىسنى ماڭا يەئقۇب ئىبنى ئۇتبە مۇنداق سۆزلەپ بەردى: شۇنداق ھەدىس سۆزلەندىكى،قۇرەيشلەر ئەبۇتالىبقا بۇ سۆزنى دېگەن چاغدا... دەپ باشلىنىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىشەنچسىز دېيىشىمدىكى سەۋەب: يەئقۇب ئىبنى ئۇتبە ھىجرىيە 128 -يىلى ۋاپات بولغان كىشى بولۇپ، تەبىئى تابىئىن(زەھەبى: سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلائ). بۇ ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر تابىئىن، بىر ساھابە شەرت ئىدى، ئەمما بۇ ھەدىسنى سۆزلىگۈچى بىلەن رەسۇلۇللاھ ئارىسىدا ئىككى راۋى يوق بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ نامىدىن سۆزلەنگەن بۇ ھەدىس ئىشەنچسىز. شۇڭا، بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى، دەپ بايان قىلماڭ، ئاللاھتىن قورقۇڭ. بۇنداق دېسەم: ئاللاھتىن قورقمىسام دەۋەت بىلەن شۇغۇللانمايتتتىم، دېيىشىڭىز تەبىئىي. ئەمما، ئاللاھتىن قورقۇشمۇ قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىس ئاسىسىدا بولۇشى كېرەك. شۇڭا، تەكرار گەپ: ئىشەنچسىز ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ نامىدىن بايان قىلماڭ، دەلىل ئۈچۈن پەقەت قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىسلا يېتەرلىكتۇر.
يازغۇچى: سۈننەت ياقىلىغۇچى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-28

مۇھاجىرمەن ئىسىملىك تورداش! ھەدىس مەنبەسى شەرىپىگە نائىل ھەدىس توپلىمى --- ئىمان بابىدىن باشلىنىپ ئىسلامنىڭ ھەممە ساھەسىگە ئالاقىدار بولغان ھەدىسلەر توپلانغان؛ ھەربىر ھەدىس بېشىدا ئۈچتىن ئونغىچە(ياكى كۆپ) راۋى ئىسمى بايان قىلىنىدىغان، مەسىلەن، سەھىھۇلبۇخارىيدىكى‹‹ئەمەللەر تۈگەنجىسىگە باغلىق››، دېگەن ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي سەئىدتىن، ئەبۇغەسساندىن، ئەبۇھازىمدىن،سەھلدىن، رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان. بارلىق ھەدىسلەر مۇشۇ شەكىلدە توپلانغان، ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىس توپلىمىنى دېمەكچى. بۇنىڭدا ھەدىس راۋىلىرىنى تەكشۈرۈپ، سەھىھ - زەئىفلىقىنى بىلىش ناھايىتى قۇلايلىقتۇر.
ئەمدى سىرەت - رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجمھال كىتابلىرىغا كەلسەك: بۇ تۈردىكى كىتابلاردا ئاساسەن ھەدىسنىڭ سىرەت قىسمىلا بايان قىلىنىدۇ. كۆپىنچە سىرەت كىتابلىرىدا بارلىق راۋى ئېلىنمايدۇ،ھەدىس توپلاملىرىدىن سىرەت ھەدىسلىرىنى ئۈزۈپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. بىرقىسىملىرىدا ئەسلى ھەدىس كىتاب ئىسمىمۇ ئەسكەرتىلمەيدۇ. شۇڭا سىرەت كىتابلىرى ھەدىس مەنبەسىلىكىگە يارىمايدۇ. ئاۋۇ كىتابلارنى ئوقۇغان ئوقۇمىغانلىقىم توغرۇلۇق غەيبكە ھۆكۈم سۈرۈپ ئۈلگۈرۈپسە، تەرەپبازلىق يولىدا بولغىنى. ئىبنى كەسىرنىڭ سىرەتىنىڭ ئەسلى تولۇق نۇسخىسى بولغان‹‹ئەلبىدايە ۋەننىھايە››نى ئوقۇيمەن. دوكتورسەئىد ھەۋۋا يازغان سىرەتكە كەلسەك: يازغۇچىسى بارلىق يالغان - ياۋىداقنى ئايەت - ھەدىسكە قوشۇپ، كىشىلەرنى سۈننەتتىن بىدئەت- خۇراپاتقا- سۇپىزىمغا دەۋەت قىلىدىغان كىشى بولۇپ، ئىخۋانلارنىڭ تەشۋىقاتچىسى. شۇڭا بۇ ئادەم يازغان تەرجىمھالنى ئوقۇمايمەن، بىلىپ قوي. چۈنكى، مەن ساغلام بولغان كىتابنى ئوقۇيمەن. 

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-29
بۇرادەر سۈننەتنى ياقلاڭلار، ئادەم تىللىماي. سەئىد ھاۋۋا ئىلىم يولىدا جېنىنى بەرگەن مۇجاھىيد ئالىم. بىر ئالىمغا ئىخۋانچى، ئۇچى، بۇچى دىيىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن ھاياتىنى ئوقۇڭلار. قۇلاقتىن ئاڭلىۋالغان گەپنى دىسىلا سۈننەتنى ياقلىغۇچى بولمايدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-29

مېنىڭچە ئىلمىي ساھادە باھا بەرگەندە بىر كىشىنىڭ سىياسىي تاللىشىغا ئايرىم، ئۇنىڭدىكى ئىلىمگە ئايرىم باھا بېرىش كېرەك. شۇڭا ئىمام بۇخارىي خارىجىيلەردىن ھەدىس ئالغان. چۇنكى خارىجىيلەر بۈيۈك گۈناھلار كىشىنى كاپىر قىلىدۇ، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيتتى. ھالبۇكى خارىجىيلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دىگەندەك: «ئوقنىڭ يايدىن چىقىپ كەتكىنىدەك دىندىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر» ئىدى. 
ئەمدى ئىخۋان ھەققىدىكى كۆزقارىشىمنى ئىزاھلاپ ئۆتسەم، ئىخۋاننىڭ سىياسىي تاللىشىنى مەنمۇ قوللىمايمەن. دېموكىراتىيەگە ئەگىشىمەن دەپ قاراپ تۇرۇپ مىسىردا  بىكاردىن بىكار نەچچە ئون مىڭلىغان ئىخۋان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە مەنمۇ ئۈكۈنىمەن. ئەگەر ئىخۋان دېموكىراتىك سايلامغا قاتنىشىمەن دەپ مەيدانلارغا توپلىغان مىليونلىغان ئىنسانلار بىلەن، سايلامغا خەجلىگەن مىلياردلىغان پۇللىرى بىلەن جىھاد قىلغان بولسا بەلكى بۇنچىلىك كۆپ قىرىلىپ كەتمىگەن بۇلاتتى، ھەتتا ئىسلامىي ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ پۇختا ۋە مۇستەھكەم قۇرغان بۇلاتتى. بۇ مۇسىبەتكە ئىخۋاننىڭ يىللاردىن بېرى تاغۇت ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتىدا ئولتۇرىۋىلىپ زالىم مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ جامائىتى ئىسلام مەنسۇبلىرىغا قىلغان زۇلۇملىرىغا، خالىد ئەل ئىسلامبۇلى ۋە ھەمرالىرىنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا، ئۇستاز شەيخ ئۆمەر بىن ئابدۇراخماننىڭ ۋەھشىيلەرچە قىيىن - قىستاققا دۇچار بۇلىشىغا قاراپ تۇرغانلىقىنىڭ بەدىلىنى ئۆتىدى، دەپ قارايمەن. اللە ئىخۋاننى دېموكىراتىيە سەپسەتىسىنى تاشلاپ، تەكرار ئىمام ھەسەن بەننا، ئۇستاز سەييىد قۇتۇب كۆرسەتكەن رەسۇل اللەنىڭ  مىنھەجىگە قايتىشىغا نىسىپ قىلسۇن، ئامين. ...داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-29

ئەمدى سەئىد ھاۋۋا مەسىلىسىگە كەلسەك، مەرھۇم سەئىد ھاۋۋا سۈرىيە ئىخۋانىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەسەد تاغۇت ھۆكۈمىتى بىلەن يىللارچە مۇجادىلە قىلدى. ھاياتىدىكى يىگانە خاتالىق ئەسەد تاغۇت ھۆكۈمىتىگە قارشى شېھىد ئۇستاز مەرۋان خالىد رەھبەرلىكىدىكى قۇراللىق جىھادقا قاتناشماسلىقى، ھەتتا جىھادقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدۇر. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا سەئىد ھاۋۋا تېخى ياش ئىدى، ھەمدە ئىخۋان بىلەن تېخى يېڭى تونۇشقان ۋە ئىنتايىن قاتتىق تەسىرىدە قالغان ئىدى. كېيىن زالىملار بىلەن ئامېرىكا كۆرسەتكەن دېموكىراتىك يول بىلەن ئەمەس، رەسۇل اللە كۆرسەتكەن جىھاد يولى بىلەن كۆرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇمۇ چۈشۈنۈپ يەتتى، 1982-يىلدىكى ھاما جىھادىغا قۇراللىق قاتناشتى.
سەئىد ھاۋۋا ھەققىدە بۇ قىسقىچە ئىزاھاتتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئەسىرىنى دەلىل ئىلىشتا ئۇنىڭ ئىخۋانچى كىملىكىگە قاراپ ئەمەس، ئىسلامىي بىلىمىگە قاراپ ئالدىم. چۈنكى ئىسلامىي ئىلىم ساھەسىدىكى ئۆلىما، ئۇستازلار سەئىد ھاۋۋانىڭ سىياسىي يولىنى تالاش-تارتىش قىلسىمۇ، ئەمما يازغان ئەسەرلىرىگە رەددىيە بەرمىگەن، ھەتتا مۆتىۋەر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرى شۇ مىتودنى ياخشى بىلىدۇ: ئىلىم باشقا، سىياسىي تاللاش باشقا. ئىلىم سەۋىيەسى ئىسلامىي ئۆلچەمگە يەتسە ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىشقا بولىدۇ، خۇددى ئىمام بۇخارىينىڭ خارىجىيلەردىن ھەدىس ئالغانلىقىغا ئوخشاش.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-05-29
ۋىسال ئاكىمىز ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۇپتۇ. بىر كىشىنىڭ بىر خاتالىقىنى دەپ، پۈتۈن ھاياتىنى، ئىلىمىنى يوققا چىقىرىۋىتىش تەكفىرچىلىكتۇر.
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: