ئۇستازىم! بالام ئۆلدى، كۈرىشىم ئەمەس!
2 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 1616
يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

بۇ فىلىمنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدىكى رولى چوڭ بولۇپ، مەنمۇ بىر قېتىم ئائىلەم، بالىلىرىم بىلەن ئىمتىھان بولۇنۇپ، ۋىسالنى قىلىش ياكى ئائىلەمنى تاللاش قاتتىق سىنىقىغا دۇچ كەلگەندە، ھەتتا ئىمتىھاننىڭ قاتتىقلىقىدىن ۋىسالنى تاقىۋىتىش قىرغىقىغا كىلىپ قالغاندا ئۇستاز سەئىد ھاۋۋانىڭ بۇ نەسىھىتى مېنى اللەنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمغا ۋەسىلە بولغان ئىدى. اللە بىزگە ئىمتىھانلار ئالدىدا تەۋرەپ، تەمتىرەپ قالمايدىغان ئىمان ئىھسان قىلسۇن. اللە ئىمتىھانلىرىمىزنى قولاي، خىزمىتىمىزنى دائىم قىلسۇن. ئامين

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

شۇڭا ۋىسال ئاكا سىىلىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ كۈچى، تەسىرى بۇلىۋاتىدۇ. يالغۇز بىر جىنىڭىز بىلەن خېلى - خېلى ئادەملەرنىڭ بىرلىشىپ قىلالمىغان ئىشىنى قىلىۋاتىسىز. سىلىدىكى سەمىمىيەت ۋە ئىخلاس ھازىر نۇرغۇنلىغان ئەھلى ئىلىمدە قالمىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ 10 سائەت سۆزلىگىنى سىزنىڭ شۇ 5 مىنۇتلۇق فىلىمىڭىزدەك تەسىر قىلمايۋاتىدۇ، 100 بەت يازغان كىتابى سىزنىڭ تۆت قۇر يازغان ئىنكاسىڭىزدەك تەسىرى بولمايۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24
ئەستەغفىرۇللاھ.. مەندە ئۇنچىلىك ۋاي دەپ كەتكىدەك قابىلىيەت يوق. ئارتۇقچىلىقىدىن كەمچىلىكى كۆپ بەندىمەن. شۇندىمۇ ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ئۇكام. رىغبەتلەندۇرۇپ، روھلاندۇرۇپ قويدىڭىز. خەيرلىك دۇئالىرىڭىزدا ئۇنۇتمىغايسىز. سالام ۋە دۇئا بىلەن
يازغۇچى: دۆڭكۆۋرۈك بالاڭزا \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

 باشتا ۋىسال بۇرادىرىمنىڭ ئۇرۇمچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. كېيىن ئىستانبۇلدىكى بىر غۇلجىلىق ئاغىنىمىزنىڭ تويىدا كۆرۈشكىنىمىزدە قارىسام ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە مېنىڭدىن بىر سىنىپ يۇقىرى ئوقىغان ساۋاقداش، مەكتەپداش چىقىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈزىگىلا: ئاغىنە ما دىن ئىشى چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ھەم ئەزەلدىن بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن دىنى خىزمەت قىلىدىغان ئادەم چىقىپ باقمىغان. شۇڭا دىنغا ھەقانچە ھەۋىسىڭلار بولسىمۇ، خىزمەتنى ئەھلىگە بېرىپ، باشقا ئىش قىلساڭلار بولمامدۇ؟ پەندىمۇ مەكتەپ بويىچە ئەلاچى بولۇپ ئوقىغاندىن كېيىن، دىنغا ئىسىلۋالغىچە ئۆزەڭلار بىلىدىغان ئىشنى قىلساڭلار بولمامدۇ، دىگەن ئىدىم. ھەتتا چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ: دىن دىگەن قەشقەر، خوتەنلىكنىڭ قولىدىن بىزگە ئىشىپ باقمىغان. شۇڭا دىنى خىزمەتنى قەشقەلىككە تاشلاپ بېرىپ، ئۈرۈمچىلىكتەك ئۆزەڭگە ماس كىلىدىغان ئىشنى قىلغىن دىگەن ئىدىم. ھازىر ۋىسال ئاغىنەمنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆرۈپ دىگەن گەپلىرىمگە خىجىل بولۇپ قالىمەن. خۇدايىم يولىنى ئوچۇق قىلسۇن.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-24

ئەسلەپ قاپسەن ھە.. مېنىڭ نىمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىممۇ ئىسىڭدە بارمۇ: ئاداش قەشقەر، خوتەنلىك مۇسۇلماننىڭ بالىسى، بىز خىتاينىڭ بالىسىمۇ؟ بىزنىڭمۇ جەننەتكە ئىھتىياجىمىز، اللەنىڭ رەھمىتىگە ئۈمىدىمىز، ئەل - ۋەتەنگە خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىز يوقمۇ؟ قەشقەر، خوتەنلىككە ئوخشاش بىز ئۈرۈمچىلىكنىمۇ ئاللاھ ياراتقانغۇ، رىزىقلاندۇرۋاتىدىغۇ، ئاللاھنىڭ زېمىنىدە ياشاپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى يەپ - ئىچىپ پايدىلىنىۋاتىمىزغۇ. ئىبادەت پەقەت جەنۇپتىكىلەرگىلا ئەمەس، بىز شىمالدىكىلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان، رەببىمىزنى بىلىش، دىنىمىزنى بىلىش، پەيغەمبىرىمىزنى تونۇش بىزنىڭمۇ ۋەزىپىمىز، جەننەتكە بىزنىڭمۇ ئىھتىياجىمىز بار، ئاللاھنىڭ سۇئال سورىقى بىزنىڭ بىشىمىزدىمۇ بار. ماۋۇ ئۈرۈمچىلىككەن، غۇلجىلىقكەن، قارىمايلىقكەن دەپ ھىساب سورىماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش يوق. قىيامەت رەھىم قىلمايدۇ، مەھشەر يۇرت ئايرىمايدۇ، ئازاب مەلائىكىلىرى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەن ئۈرۈمچىلىك ئىدىم، شۇڭا ئۇقماي قاپتىمەن باھانىسى ئاقمايدۇ. جانابىي ئاللاھ ئۈرۈمچىلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي رىزقىنى، نىمىتىنى قانداق  بېرىۋاتقان بولسا، ھىسابىنىمۇ شۇنداق ئالىدۇ. شۇڭا ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش، ئىبادەتلىرىگە ئىتائەت قىلىش ساڭىمۇ، ماڭىمۇ، پۈتۈن ئۈرۈمچىلىككىمۇ پەرز!... شۇنى ئۇنتۇپ قالما: خىتاي ئۈرۈمچىلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك دەپ ئايرىغان بىلەن اللە ئايرىمايدۇ. شۇڭا ئۆزەڭنىڭ ئۈرۈمچىلىك ئىكەنلىكىڭگە بەك ئىشەنچ قىلىپ كەتمە، ئاللاھقا قىلغان بەندىچىلىڭگە ئىشەنچ قىل. دۆڭكۆۋرۈكنىڭ (ئەردوچوۋنىڭ) كەچلىك بازىرىغا ئوخشىمايدۇ قەبىرنىڭ قاراڭغۇ زىمىستانى، سەنشىخاڭزىدىن (رابىيە داسادىن) ئالغان كىيىمگە ئوخشىمايدۇ كىپەننىڭ سۈرى، خاڭچىڭدا سەنئەت مەكتەپنىڭ ئالدىدا قىز ساقلىغانغا ئوخشىمايدۇ مەھشەردە ئاللاھنىڭ مەلائىكىلىرىنىڭ ھىساب سورىشىنى ساقلىماق!!!!

يازغۇچى: دۆڭكۆۋرۈك بالاڭزا \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-25

جىنىم ئاغىنەم دىگەنلىرىڭغۇ بەرھەق توغرا. ئەمما ماۋۇ فىرانسىيەدە دىنى مۇھىت بەك بولمىغاچقا ئىستانبۇلدا باشلىۋالغان نامىزىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم، دىگىنە. ئەمما جۇمە نامازلىرىغا خۇدايىم بۇيرىسا بېرىۋاتىمەن.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-25

توردىكى رەسىملىرىڭگە قارىسام ئۈرۈمچىدىكىگە ئوخشاش فىرانىسيەدىمۇ دىبانى تېپىۋاپسەن. مەندىن ساڭا نەسىھەت، شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇكى، دىباغا كىرگەندەك ئاخشام كىرسەڭ ئەتتىگىنى چىقالمايسەن قەبىردىن، ئۇقۇپ قوي.

يازغۇچى: قۇملۇق \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-25
«قىزىم ئۆلدى، داۋام ئەمەس» «داۋام» نىڭ مەنىسى نېمە؟ ھېچ چۈشىنەلمىدىم.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-25

كۈرەش، مۇجادىلە دىگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ.( فىلىمنىڭ ماۋزۇسىنى ئەمدى ئۆزگەرتىپ قويدۇم). ئەگەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كىلىدىغان سۆزنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز مەسلىھەت بەرسە، فىلىمنى ئۆزگەرتىپ يېڭىدىن ئېلان قىلساق بولىدۇ.

يازغۇچى: نۇرباغ \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-25
تور بىتىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئۈرۈمچى سىتۇدىيىسى دەپ قويغان بولسىڭىزمۇ، شۇنداق يارىشىدىكەنتۇق.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-06-25
يۇرتۋازلىقنى بىز كۆپەيتىمىسەكمۇ، ھېلىمۇ يېتىپ ئاشقىچە بار. ئۈرۈمچىگە ئەمەس، ئۇيغۇرىمىزغا خىزمەت قىلىدىغان سەھىپە بولغاندىن كېيىن شۇڭا ۋىسال دەپ ئىسىم قويدۇق.
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: