ۋەتەن بايرىقى ئەسىرگە چۈشسە ، ۋەتەن بايرىقىنى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزماي تۇرۇپ جۇمە نامىزىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ! - (تۈركىيە خەلقىنىڭ فىرانسىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى شۇئارى)
2 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 1661
يوللانغان چېسلا: 2016-08-22

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22
ۋىسال ئاكا ھارمىغايلا. بەك ياخشى فىلىمدىن بىرسى ئىشلىنىپ كېتىپتۇ مانا. ئاللاھ ئىككى دۇنيا ئەجىرلىنى بەرگەي. ئامين
يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22
ۋىسال چارچاپ قالمىسۇن، ۋىسال ھېرىپ قالمسىۇن، ۋىسال توختاپ قالمىسۇن. ئامىن، ئامىن
يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22

ۋىسالدا فىلىملەر ئىلان قىلىنماي پىشكى توختاپ قىپتى، ئەنسىرەپما قالغانتىم. ۋىسالغا كۆز تەگمىسۇن ئىلاھىم. ھازىر ۋىسالدەك ئىزچىل توختىماي داۋام قىلىۋاتقان، ھەم يۈرەكنىڭ دىگەن يېرىگە برىۋاتقان تور سەھىپىلىرى قالمىدى. باشقىلىرىدا ئۆزىگە نان بەرگەن ھۆكۈمەت، تەشكىلاتلىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىغان. قۇرۇق گەپ، قۇرۇق خەۋەردىن باشقا مىللەتنى دىنىي جەھەتتە ئويغىتىدىغان، تەربىيلەيدىغان ئىش يوق. شۇڭا ۋىسال ئاكا جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ۋىسال سەھىپىسىنى توختىتىپ قويماڭلار. ھازىر سىلىدەك ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ ئېغىپ كەتمەي، لىللا ئوتتۇرىدا تۇرۇپ توغرىغا توغرا، خاتاغا خاتا دەيدىغان، دىيەلەيدىغان ئەھلى ئىلىم بۇرادەرلەر ۋە تور سەھىپىلىرى قالمايۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىگەم ئۆزى ۋىسالغا ياردەم قىلغاي، دۇشمەنلىرىنى خار زەبۇن قىلغاي. ئامىن ئامىن

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22

قېرىنداشلار ياخشى كۆڭلۈڭلارغا، خەير دۇئالىرىڭلارغا رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن. سىلەردەك خالىس، سەمىمىي ۋىسال دوستلىرىنىڭ خەيىرلىك دۇئاسى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋىسال سەھىپىمىز نۇرغۇنلىغان ماددىي، مەنىۋىي قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىچكى-تاشقى  دۈشمەنلەرنىڭ، ھەسەتخورلارنىڭ ، پىتنىخورلارنىڭ، كۆرەلمەسلەرنىڭ توزاقلىرىنى بىتچىت قىلىپ، دوستنى كۈلدۈرۈپ، دۈشمەننى يىغلىتىپ، رەببىمىزنى رازى قىلىپ بۇگۈنگە كەلدى. ئەتىدىمۇ، كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىدۇ، ئىنشائاللاھ. ۋىسالنىڭ ھەر بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىشى دۈشمەنلەرنى، ھەسەتخورلارنى ئاياق ئاستىدا ئەزسە، دوستلىرىمىزنىڭ خوشاللىقىغا، خەير دۇئالىرىغا سازاۋەر بولماقتا. ۋىسال ھازىر بەلكى بەزى ئىمكانىيەتسىزلىك سەۋەبلەردىن ئاستىلاپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن، ئەمما توختاپ قالمايدۇ. سىلەر ئەزىرانە ۋىسال دوستلىرى بىزگە خەيرلىك دۇئالىرىڭلارنى ئايىماڭلار، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ۋىسال تېخىمۇ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ سىلەر كۈتكەن مۇمىن دوستلارنى سۈيۈندۈرۈش، دۈشمەنلەرنى، ھەسەتخورلارنى ھەسرەتتە قالدۇرۇش، رەببىمىزنى رازى قىلىش مۇراد - ئىقبالىمىزغا يېتىدۇ. ئىنشائاللاھ.

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22

ۋىسال ئاكا مەن سىزدىكى ئىرادە، سەمىمىيەت، پىداكارلىق، جاسارەتكە ئىشىنىمەن. ۋىسال سەھىپىسى سىزنىڭ قولىڭىزدىنلا چىقىپ كەتمەيدىكەن، ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. اللە ياردەمچىڭىز بولسۇن. امين

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22
اللە ۋىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. امين
يازغۇچى: ئىھسان \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22

ۋىسال ئاكا ماۋۇ شېئىر سىزگە ھەسەت قىلىپ يولىڭىزنى توسىماقچى بولغانلارغا كەلسۇن .
 

قىلىۋالدۇق ئ‍ۇنىڭغا دىسە ،
ئ‍ۆزىگىلا قىلىدۇ دەپ قوي .
يامان دىسە كۆزىنى يۇمۇپ ،
تىلىگەننى تاپىدۇ دەپ قوي.
 

ئ‍ۈندىمىدى قىينىساق دىسە ،
ئ‍ىگىسىگە قويۇپتۇ دەپ قوي .
 

ئ‍اقنى قار قىپ ئ‍ازار بەرگەننىڭ،
سورىقىنى بېرىدۇ دەپ قوي .
 

نە كۈنلەردە يۈرگەندۇ دىسە ،
چەكسىز شۈكرى خوشالكەن دەپ قوي .
 

يۈرىكىدە پەقەت بىر نىدا ،
كۆرەرگىمۇ كۆزى يوق دەپ قوي .

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22
ئىھسان ئىنىم رەھمەت كۆڭلىڭىزگە. اللە رازى بولسۇن. ئامين
يازغۇچى: تەكلىماكان ئوغلى (گوللاندىيە) \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-22

پەقەت قەلبىدە نىفاق بولغانلارلا مۇسۇلماننىڭ مۇۋاپپىقىيەتىگە ھەسەت قىلىدۇ، يۈرىگى ئىچىشىدۇ. ۋىسالغا ھەسەت قىلىۋاتقانلار دەل مۇشۇنداق پاسىق كىشىلەردۇر. ۋىسال سەھىپىسى ھازىر چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارماق بىلەن كۆرسەتكىدەك ئىلغار تور بەتلىرى قاتارىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ۋىسال ئاكا يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ھەرگىز توختاپ قالىدىغان، ۋاز كېچىدىغان ئىش بولمىسۇن. ئەگەر ۋىسال تاقىلىپ قالسا، يەنە بىر قېتىم بۇنداق بىر ئادەمنىڭ كۈچى بىلەن بۇنداق ئېسىل خىزمەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەس. بۇنىڭغا ئاللامۇ رازى بولمايدۇ، ئىنساننىڭ ۋىجدانىمۇ رازى بولمايدۇ.

يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-23

ئادەتتە زىدىيەت ئوخشاش ئىشنى قىلىپ بىر- بىردىن خېرىدار تالىشىپ، بازار تالىشىتىن بۇلىدۇ. دەرنەكلەرنىڭ، جامائەتلەرنىڭ زىددىيەتلىرىدىن بۇنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما قاراپ باقسام ۋىسال ھېچكىمدىن نان تالاشمايدىكەن، ھېچكىمنىڭ يەۋاتقان نىنىغا قول ئۇزاتمايدىكەن، ھېچكىمنىڭ مېڭىۋاتقان يولىنى توساپ قويمايدىكەن. نە دەرنىكى بار، نە جامائىتى بار، نە ئىقتىسادىي كۈچى بار ئىكەن. پەقەت بىر قانچە قىز - ئوغۇل مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىر يەرگە كېلىپ پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر كىچىك گۇرۇپپا ئىكەن. شۇنداق تۇرۇپمۇ نېمىشقا بۇنچىلىك توسالغۇلارغا، پىتنىلەرگە دۇچار بۇلىدۇ، ھەيران قالىمەن دىسە. بىزدىكى بۇ كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق كېسىلى قاچانمۇ تۈگەر.

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-23

ۋىسال ئۆزى كىچىك گۇرۇپپا بولغان بىلەن ھىممىتى خېلى چوڭ بولغاچقا، مانا مەن دىگەن خېلى چوڭ جامائەت، جەمئىيەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىدىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بولغاچقا، مۇشۇنداق ھەسەتكە، پىتنىگە دۇچار بۇلىۋاتىدۇ. بىر ئىشنى ئۆزى قىلالماي، باشقىلار قىلسا چىدىماي تاش ئېتىش بىزدىكى ساقايماس مەرەز كىسەللىككەن ئامال يوق. ئاللاھ ۋىسالدىكى بارلىق قىز - ئوغۇل مۇسلىمە، مۇمىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلسۇن، ئۇلارنى شەيتان ۋە شەيتانلىشىپ كەتكەن ئىنسانلارنىڭ شەررىدىن قوغدىسۇن. ئامىن

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-23

ئەسكەرتىش: قېرىنداشلار ۋىسال سەھىپىمىز يولىغا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت. قارىسام بىزنىڭ ۋىسالغا كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، باشقا جامائەتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىنكاسلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. كىم مەيلى نېمە قىلسۇن، قانچىلىك ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك قىلسۇن، ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. مەزلۇمغا زۇلۇم قىلغاننى اللە راۋاج تاپقۇزمايدۇ. اللە ھامان بىر كۈنى ھىسابىنى سورايدۇ. شۇڭا زىددىيەتنى كۆپەيتمەي، نەپرىتىمىزنى ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارىتايلى. بىزگە پەقەت سەۋىر، رەببىمىزنىڭ يولىدا بوشىشىپ قالمايدىغان ئىرادە تىلەپ، خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويساڭلار شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىك بولىدۇ. اللە ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغرىلىق ئىنكاسلار ئېلان قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا جەم قىلسۇن. ئامين

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-24

كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەق بىلگەن يولىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. ھەرگىزمۇ ۋىسالنى توختىتىپ قويىدىغان ئىش بولمىسۇن. ئەگەر توختاپ قالسا ھەسەتخورلارغا بايرام بۇلىدۇ. ماۋۇ شېئىرنى بۇگۈن توردا ئۇچرىتىپ قالدىم. ۋىسالدىكى جاپا چىكىۋاتقان قېرىنداشلارغا ھېسداشلىقىمنى، ۋىسالغا ھەسەت قىلۋاتقانلارغا نەپرىتىمنى بىلدۈرۈپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.
 

ھەسەدخورنىڭ سۈپىتى

يا ئۆزى قىلالمايدۇ،
قىلسا ھېچ تۇرالمايدۇ.
تولغۇنۇپ يىلاندەكلا،
ھەر كۈن ئۇخلىيالمايدۇ.

نەپكە تەلمۈرۈپ ھەردەم،
شۇ ئۈچۈن داۋام بەردەم،
ئۆزگۈرۈپ ھىلى بىردەم،
ئىزدا توختىيالمايدۇ.

قۇللۇققا كۆنۈك شۇنچە،
لەببەي دەيدۇ ياپۇنچە.
ئىسمى تېخى ئىسلامچە،
ئەمما ئوخشىيالمايدۇ.

تەييار تۆھمەت تاشلىرى،
چىرايلىق ئالداشلىرى.
تەرجمە قايناشلىرى،
يېڭىلىق تاپالمايدۇ.

ھەقتە بىز دەپ يەڭ تۈرۈپ،
شۇنچە دەرتنى كۆتۈرۈپ،
دۈشمەنگە بىر تۈكۈرۈپ،
ياكى تاش ئاتالمايدۇ.
ئابدۇرەھىم پاراچ

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: