ئەي تۆنۈگۈن مەزلۇم ئىكەن، بۇگۈن زالىملىق قىلغانلار ئۆزەڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! - (ئۇستاز نۇرىددىن يىلدىز)
2 ئاۋاز قوشقانلار
كۆرۈلۈشى: 1289
يوللانغان چېسلا: 2016-09-10

download
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-11

بۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئامېرىكا بۇلارغا ئىگە چىقماپتىما. بۇ فىلىم اللەدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك، سىياسىتىگە خىزمەت قىلماسلىق كېرەكلىكىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپتۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-11

ئەسلىدە بۇ فىلىم نۇرغۇن ساھەگە رەددىيە بېرىدۇ. ئارقامدا خىتاي بار دەپ ئۆز خەلقىگە مۇناپىقلىق قىلىۋاتقانلار، ئارقامدا ئامېرىكا بار، تۈركىيە بار دەپ ئۆز خەلقىگە نوچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق قىلىۋاتقانلار، قولۇمدا قۇرال بار دەپ ئاجىز، مەزلۇم مۇھاجىرلارنى بوزەك قىلىۋاتقانلار.... ئۆزەڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. تۆنۈگۈنكى مەزلۇم ھالىتىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار. بۇگۈن سىلەرگە كۈچ، نىمەت بەرگەن ئاللاھ ئەتە ئۇ نىمەتنى قۇلۇڭلاردىن تارتىۋىلىشقا قادىردۇر!

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-11
بۇ فىلىم يەنە بىز مەزلۇم ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقتۇق دەپ سايلامدا خەلقنىڭ كۆپلىگەن ئاۋازىغا ئېرىشىپ ھۆكۈمەت قۇرۇپ، كېيىن ھۆكۈمىتىمىزگە مەنپەئەتى بار دەپ مەزلۇم ئۇيغۇرنى خىتايغا ساتماقچى بولغانلارغىمۇ اللەنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپتۇ.
يازغۇچى: مىراس \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-11

بىز ئۇيغۇردا شۇنداق بىر ماقال بار: ئۆتكەن كۈنىڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقىڭنى قۇرۇتما. بۇ ئېسىل فىلىمنى كۆرۈپ شۇ ماقالە ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ھازىر ھەقىقەتەن بەزىلىرىمىز ئازراق قولىمىزغا پۇل كىرسە، كۆزىمىز گۆش كۆرسە ئۆتمۈشىمىزنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىمىز. ئۆتكەندە بىر بۇرادىرىمىز دەرنەك قۇرۇپ، مەدرىسە ئىچىۋاپتىكەن. قارىسام ھاكاۋۇرلۇقتا تېرىسىغا پاتماي قاپتۇ. تېخى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بازاردا يايما ئىچىپ جان باقىدىغان بۇ ئاداشنىڭ قۇرۇۋالغان ئاشۇ كىچىككىنە جەمئىيىتىنىڭ سايىسىدە ئەمەلدار بولۇۋىلىپ، ئۆزىدىن باشقىسىنى ياراتماي، ئاجىزلارنى كەمسىتىپ يۈرۈشلىرى مېنى بەكمۇ ئىچىندۇرغان ئىدى.

يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-09-11

سۆزلىسەڭ گەپ بولىدۇ، سۆزلىمىسەڭ دەرت بولىدۇ دەپ بۇنداق ئىشلار جىققۇ. بۇرۇن ئالمۇتىدا ساقچى تۇتۇۋالمىسۇن دەپ چاشقاننىڭ تۆشۈكىدەك بىر كىچىك ئۆيدە تىترەپ مۆكۈپ ياتقان بۇرادەرلىرىمىز كېيىن تەلىي ئوڭدا كىلىپ ياۋرۇپاغا كەتكەن ئىدى. ھازىر قارىساق ئامىرىكا قۇرۇپ بەرگەن جەمئىيەتلەردە، ياۋورۇپادىكى دېموكىراتچى جەمئىيەتلەردە مەنسەپ تۇتۇپ ئەمەلدار بولۇپتۇ. ئۆتكەندە بىزنىڭ قازاقىستانغا يازلىق تەتىلدە ساياھەتكە كەپتىكەن. كۆرۈشۈپ قالدۇق، قارىسام كىبىر، ھاكاۋۇرلۇق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. مەن ئاچچىقىمغا چىدىماي: نىمانچە گىدىيۋالىسەن ھۇي. چاشقان تۆشۈكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ، دىسەم خىجىل بولۇپ قالدى.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: